112-قىسىم
-ئۇ بۇرۇن تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنى ئىككى كۈن بوپتۇ،ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ قوشنىسىغا تاپىلاپ قويۇپتىكەنمەن،ئۇ قايتىپ كەلسە خەۋەرسىز قالماي دەپ.
- قايتىپ كەلگىنى راس بولغان ئىكەن،ئۇنداقتا ۋاقىتنى كىچىكتۈرمەي دەرھال ئاپىرىپ سوراق قىل،ئۆتكەن قېتىمقىدەك ساناتورىيەڭگە ئاپىرىۋېلىپ ئىبراھىمنى قىچقىرىپ كىلىدىغان ئىشنى قىلما جۇمۇ باتۇر،بۇ قېتىم مەيلى قانداق قىلىپ بولمىسۇن،گۇلنىسانى چوقۇم تېپىپ چىق،مەن تۇرسۇننى ئەۋەتەي،ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئىپى بار،ئۇ ساڭا ياردەملەشسە چاتاق چىقمايدۇ-
- ماقۇل مۇدىر،بۇ رۇقىيە دىگەننىغۇ تۇتۇپ كىلىش ئاسان،ئەمما زۇۋانغا كەلتۈرۈش بەكلا تەس نىمىكەن ئەمەسمۇ،ئۆتكەن قېتىم،تۇغماسلىقنىڭ ئوكۇلىنى ئۇرىۋىتىمەن دەۋاتساممۇ،قىلچىلىك قورقۇپ قالمىدى-
-ئۇنىڭغا بالاڭنى تاپتۇق،ئۇ بىزنىڭ قولىمىزدا،دەپ ئېيت،ئۇ چوقۇم ئېغىز ئاچىدۇ-
-بىراق مۇدىر،بىز تېخى ئۇنىڭ بالىسىنى تاپالمىغان تۇرساق-
-نىمانداق كالۋا نىمە سەن،تاپالمىغان بولساڭمۇ تاپتىم دىيىشنى بىلمەمسەن؟ گۇلنىسانىڭ خەۋىرىنى بەرسەڭ ئاندىن بالاڭنى كۆرسىتىمەن دىسەڭ،ئۇ سىنى ئېتىۋىتەمتى؟ كاللاڭنى قاچان ئىشلىتەرسەن باتۇر-
ماقۇل مۇدىر،شۇنداق قىلاي،كاللامغۇ بەكلا ئىشلەيتتى مىنىڭ،بىراق ئادەم تۇتقۇن قىلىش،ئېغىز ئاچۇرۇش دەيدىغان بۇنداق چوڭ ئىشلارنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغاچقا، تەجرىبەم كەمچىل كىلىدىكەن شۇ –
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ،دەرھال ئىشنى باشلا،بۇ قېتىم گۇلنىسانى نەدىن بولمىسۇن تېپىپ كەل-
-شوپۇر ئۇكام،سىزنى بۈگۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرەيلى،قايتىپ تازا بىر ئارام ئېلىۋېلىڭ ھە،ماشنىنى مەن ھەيدەي-
- ياق،ھەرگىز بولمايدۇ،مەن شەمسىيە دىرىكتورنىڭ شەخسى شوپۇرى،ئۇ مۇشۇ ماشنىغىلا ئولتۇرىدىكەن،مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىم كىرەك، رولنى قالايمىقان ئادەملەرگە تۇتقۇزۇپ قويالمايمەن-شەمسىيە بىلەن ئەلقۇت بارىدىغان جايلارن پىلانلاپ بولالماي، ماشنىغا چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئويلىشىدىغانغا دىيىشىپ،ماشنىغا چىقىپ بولۇپلا ئەلقۇتنى شوپۇرنى كەتكۈزىۋەتكۈسى كىلىپ ئېغىز ئېچىۋىدى،مۇرات خۇددى ئۇنىڭ باشقىچە مەقسىدىنى سىزىپ قالغاندەكلا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلىۋەتتى.
- بۇ شوپۇر ساڭا نىمە دىگەن سادىق شەمسىيە،قارىغاندا،سىز ئۆزۈڭ ئېيتمىساڭ، ئۇ ھەرگىز رولنى ماڭا بەرمەيدىغان چېغى- ئەلقۇت مۇراتنىڭ سۆزلىرىنى ئېغىر ئالماي ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن سۈيۈنگەندەك قىلاتتى.
- بۇ بىزنىڭ باش لىدىرنىڭ بەگزادىسى ئەلقۇت ئەپەندى بولىدۇ،بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،شۇڭا مىنىڭ بىخەتەرلىكىمدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، شۇڭا خاتىرجەم قايتىپ ئارامىڭىزنى ئېلىۋىرىڭ -دىدى شەمسىيە ئەلقۇتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماستىن.
- بەگزادىسى دەپ قويۇڭ شەمسىيە دىرىكتور، ئەسلىدە سىزنىڭ بەگزادىلەرنىڭ ئالدىدا يۇۋاشلاپ قالىدىغان خۇيىڭىز باركەندە –
- ئۇنداققۇ ئەمەس،سەل كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى شۇ-
- ئۇكام،قارىسام سەن شوپۇرلۇقىڭنى ياخشى قىلماي دىرىكتورىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىسەن -ئەلقۇت گەپكە ئارلاشتى.
-نىمە شوپۇر دىرىكتورنى ياخشى كۆرسە بولمامدىكەن-مۇرات ئۇنىڭ سۆزىنى قاپ بەلدىنلا ئۈزىۋەتتى.
-مەن تېخى ئۇنداق دىمىدىمغۇ،سۆزۈمنى نىمىشقا تۈگىگىچە ئاڭلاپ باقمايسەن، مىنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىم بويىنچە ئېيتقاندا ئادەملەر باي-كەمبەغەل،ياكى كەسىپكە قاراپ يۇقۇرى -تۈۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ،ھەرقانداق كىشىگە باراۋەر قاراپ ئادەتلەنگەنمەن،ئەلۋەتتە دىرىكتورۇڭنى ياخشى كۆرسەڭ بولىدۇ،كىمنى ياخشى كۆرۈش بۇ سىنىڭ ھوقۇقۇڭ ھەم ئەركىنلىكىڭ،ئەمما قارشى تەرەپنىڭمۇ سىنى ياخشى كۆرۈش ياكى ياخشى كۆرمەسلىك ھوقۇقى بار ھەم شۇنىڭدەك،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تاللاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىش ھوقۇقىمۇ بولىدۇ،سەن شوپۇرلۇقۇڭنى قىلماي كەچكىچە كەينىدىن پايلاپ يۈرۈپ،ئۇنىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى تارتىۋالساڭ،بىز بۇنى قانداقمۇ ياخشى كۆرۈش دەيمىز،بىلەمسەن،بۇ دىگەن سېپى ئۆزىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تاللىشىغا توسالغۇ بولغانلىق،سۆيگۈ -مۇھەببەت ھەم ياخشى كۆرۈش ھەرگىزمۇ زورلاپ تاڭغىنى بولىدىغان،ياكى يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ئىرىشكىنى بولىدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس،شۇڭا ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ،قارشى تەرەپنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىل،كىمنى سۈيۈش ئەركىنلىكىنى ئۇنىڭغا بىرىپ،ئارتۇقچىلىقىڭنى ھېس قىلدۇرغان ئاساستا ئەركىن قوغلاش،ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشقا ۋە ئۆزۈڭنى ئازابلاشقا ئىسراپ قىلغان ۋاقتىڭنى ئۆزۈڭنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلىشقا ئىشلەت،بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشى مۇھەببىتىڭنى ئىپادىلەش ئۇسۇلۇڭ بولۇشى مۇمكىن،گەپلىرىمنى چۈشەنگەن بولساڭ،ھەم ئىتىراپ قىلساڭ،ماشنىدىن چۈشۈپ قالساڭ بولىدۇ-
-مەن،بۇ مەن -مۇرات ئەلقۇتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولماسلىققا باھانە تاپالماي نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى ئۇقالمايلا قالدى.
- ۋەي شەمسىيە ئاچا،قانداق ئەھۋالىڭىز،مەن تۇرغۇن مۇدىرغا مۇناسىۋەتلىك، بىر چوڭ ئىشقا تەۋەككۇل قىلىۋاتىمەن،ھازىر بۇرۇنقى ئۆيۈمدە،پەرىزىمچە بىرقانچە كۈنگە قالماي، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئادەملىرى مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ،ناۋادا،مەن مەقسىدىمگە يىتەلمەي بىرەر خەتەرگە ئۇچراپ قالسام،مىنى شۇ ئادەمدىن سۈرۈشتە قىلساڭلار تاپالايسىلەر،ئەگەر مەقسەتكە يىتىپ قالسام،بۇ قېتىم ئۇ ئادەمنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزىمەن-مۇرات نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا،شەمسىيەگە رەھىمەدىن تۇيۇقسىز كەلگەن تىلفون ئۇنى بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
- نىمە دەيدىغانسىز سىڭلىم،ھېچكىمگە مەسلىھەتمۇ سالماي بۇنچە چوڭ ئىشقا تەۋەككۈل قىلغىنىڭىز نىمىسى،بۇنداق دىسىڭىز،مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم، مۇنداق بولسۇن،بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سىزنى ئىزدەپ باراي،نىمىش قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ماڭا ئېيتىڭ،بىز بىللە مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلايلى بولامدۇ؟
-سىزگە قىلىدىغانغا ئىش چىقتى مۇرات،ئۈندىدارىڭىزغا بىر ئادرىسنى يوللاپ بىرىمەن،سىز بېرىپ،شۇ ئۆينى كۈزىتىڭ،ئەگەر بىنورمال ئەھۋالنى بايقىسىڭىز دەرھال ماڭا خەۋەر قىلىڭ بولامدۇ؟-
مۇرات ئۈندىمىدى.
- بولىدۇ،شۇنچىلىك ئىشتا بولسىمۇ ماڭا ئىھتىياجىڭىز چۈشكەن بولسا،بۇمۇ مىنىڭ شەرىپىم-مۇرات باياتىنقى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلغىنىغا خۇشال بولۇپ،ناھايىتى ئاسانلا ماقۇل دەۋەتتى.ئۇنىڭ ماقۇل دىيىشىدىكى ھەقىقى سەۋەب ئەمەلىيەتتە بۇ ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش تۇرغۇن مۇدىر بىلەن يوشۇرۇن ئېلىشماقچى بولۇۋاتقان بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەقسىدىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى ئىدى.
-قەيەرگە بارغۇڭ بار شەمسىيە؟ -
-ماڭا نەگە بارساق ئوخشاش،سىز دىگەن مىھمان،ئىختيارىڭىز بويىنچە ھەيدەڭ-گەرچە مۇراتنى رۇقىيەنىڭ يېنىغا يولغا سېلىۋەتكەن بولسىمۇ،ئەمما شەمسىيە،يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ راھەت بولالمايۋاتاتتى.شۇڭا ئۇ ئەلقۇتنىڭ سورىغان سوئالىغىمۇ سۇسلا جاۋاب بەردى.
-ھېلىقى قىزدىن ئەنسىرەۋاتامسەن شەمسىيە؟ ئۇ كىم،ئۇنى مەن تونۇمامدىم،ئۇ ئېلىشماقچى بولغان ئادەم تاغاڭ تۇرغۇن ئەمەستۇ؟- ئەلقۇت چاق-چاقلىرىنىڭ شەمسىيەگە تېتىمايۋاتقانلىقىنى سىزىپ،گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى.
-ئۇ قىز بىلەن تونۇشقىنى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى،سىز ئۇنى تونۇمايسىز،توغرا ئۇنىڭ ئېلىشماقچى بولۇۋاتقىنى تاغام تۇرغۇن شۇ-
-تاغاڭ ئىككىڭلارغا ئورتاق دۈشمەن ئەمەستۇ؟-
-شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ؟
- قانداق بولۇپ شۇنداق بولۇپ قالدى،دادامدىنمۇ شۇ توغرىسىدا ئازراق گەپ ئاڭلاپ قالدىم،تاغاڭنىغۇ كىچىكىمىزدىمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس دەپ بىلەتتىم-
-ئۇ دادامنىڭ كەينىدىن تىغ ئۇرۇپ،ئۇنى ۋەيران قىلىۋىتىپ،يىشىل شەھەر گورۇھىنى ئىگەللىۋاپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپتىم،ئۇنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ئەلقۇت ئاكا،باياتىنقى قىزنىڭ ئەمەلىيەتتە تاغام بىلەن ھېچقانداق ئۆچ ئاداۋىتى يوق ئىدى،تاغام گۇلنىسا ھەدەمگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاندا،ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ،بۇ ئىشلارغا چېتىلىپ قاپتۇ،ئۆزى ئاقكۆڭۈل غورۇرلۇق قىزكەن ناھەقچىلىككە چىدىماي تاغام بىلەن ئېلىشماقچى بولغان چېغى،تاغامنى چۈشىنىمەن ئۇ دۈشمىنىگە يۈزلەنگەندە يىرىتقۇچلارغا ئوخشاپ قالىدۇ،ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭ قولىدا يارىدار بولمىسىكەن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن-
-شوپۇرۇڭنى ئەۋەتتىڭغۇ ئەنە،بىر ئىش بولسا ئۇ ساڭا خەۋەر قىلىدۇ،ئاتايىتەن كەلگەن چېغىمدا قانغۇدەك بىر پاراڭلىشىۋالايلى،كونا مەھەللىگە بارايلى،كونا ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا بىر چوڭ كۆل بار ئىدى،ئۇ ھازىرمۇ بارمۇ؟
- ھېلىقى قىشلىقى ھەممە بالىلار توپلىشىپ، چانا تېيلىيدىغان كۆلنى دەمسىز ئاكا-
- شۇنداق،ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇ كۆلنىڭ يازلىق مەنزىرىسى بەكلا گۈزەل بولۇپ كىتىدىغانتى،كونا مەھەللىنى ئايلانغاچ،شۇ كۆلنى بىر كۆرۈپ كىلەيلىمىكىن دەيمەن، چەتەلدىكى ۋاقىتلىرىمدا ئەڭ كۆپ ئەسلىگىنىم سەن ھەم ئاشۇ كونا مەھەللىمىز بولدى-
- نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ئەلقۇت ئاكا،قانداقسىگە مەن بولۇپ قالىمەن،مەنغۇ ئۇ كۆلگە بېرىپ باقمىغىنى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى،ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن،بىر قېتىم بارسام،شۇ پېتىچە تۇرۇپتىكەن، خاتالاشمىسام، ھازىرمۇ جايىدا بارغۇ دەيمەن،شەھەر رايونى كونا مەھەلە تەرەپكە كەڭىرىمەي،ساي تەرەپكە قاراپ كەڭرىگەچكە كونا مەھەلە شۇ پېتىچە ساقلىنىپ قالدى.
-ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،كونا مەھەللىنىڭ چېقىلىپ كەتكەن بولۇشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم،ئاخىرى كېچە-كۈندۈز سېغىنغانلىرىم بىلەن ۋىسال تاپىدىغان بولدۇم- ئەلقۇت ئېغىر كىچىك تىنىىۋەتكەندىن كىيىن،ماشنىسىنى ھەيدىگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-سەندىن يۇشۇرمايمەن شەمسىيە، مىنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كىلىشىمدىكى ئاساسىي مەقسەت دەل سەن، دادامدىن بىرەر قۇر بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاپ، بەكلا ئېچىندىم،گەرچە دادامدىن بىرەر قۇر خەۋەر تاپقان بولساممۇ، ئەمما،يۈز بەرگەن ئىشلارنى يەنىلا ئۆز ئېغىزىڭدىن ئاڭلىغۇم بار، ساڭا ياخشى قىلمىغىنىمنى بىلىمەن، سىنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قالغانلىقىڭنى ئاڭلاپ، تۇنجى بولۇپ ئەيىبلىگەن ئادەم، دەل، مەن ئۆزۈم بولدۇم،ئەينى چاغدا ئوقۇش ۋە ئارزۇ بىلەن بولۇپ كەتمەي، ساڭا كۆڭۈل بۆلگەن بولسام، بەلكىم سەنمۇ بۇنچە كۆپ كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەس بولغىيدىڭ، ئەسلىدە ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇش ۋە بەخىت ئاتا قىلىش ئويۇم بار ئىدى، بىراق ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىم كاللامنى قايمۇقتۇرۇپ، سىنى ئەستىن چىقىرىشىمغا سەۋەبچى بولدى، ھەممىگە مەن ئەيىبلىكمەن، مىنى كەچۈر- ئەلقۇتنىڭ شەمسىيەنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ ئەكسىنچە، ئۇنىڭدىن رەنجىگەن بولماستىن،ئۇ كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەيىبكار ھېسابلىشى، شەمسىيەنىڭ قەلبىدىكى ياتسىراش تۇيغۇلىرىنىڭ ئورنىغا بىر ئىللىق ئېقىننى باشلاپ كىرگەندەك بولدى.
-ئەلقۇت ئاكا، مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنىڭ سىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ ھەممىسى مىنىڭ خاتا تاللىشىم سەۋەبلىك كىلىپ چىققان ئاقىۋەتقۇ ئاخىر بۇلارنىڭ سىز بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوققۇ؟ شۇڭا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ
-قانداقمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن شەمسىيە، چوڭلارنىڭ بىزنىڭ توي ئىشىمىزنى بالا ۋاقتىمىزدىلا دىيىشىپ قويغىنى ئەمەلىيەتقۇ؟ بەلكىم ئىسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا كىرەك،مەن ساڭا، مىنى ساقلا، مەن قايتىپ كىلىپ سەن بىلەن تۇرمۇش قۇرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، ئەمما ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،ئەگەر مەن ۋەدەمدە تۇرۇپ، ۋاقتىدا قايتىپ كەلگەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئىگە بولغان بولسام، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈر بەرمەيتتى-
- ئۇنداق دىمەڭ، ئەلقۇت ئاكا، چوڭلار دىيشكەن ئىش دىگەن چوڭلار ديىشكەن ئىش، ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئۇ باشقا بىر ئىش،نەدىمۇ بالىلىقتىكى ھېسىيات ۋە ۋەدىلەرنى ھەقىقى دەپ ئېيتقىنى بولسۇن، مەن سىزدىن ھېچقاچان ئاغرىنىپ باقمىدىم-
،-دىمەك سەن ئۈچۈن، بىزنىڭ بالىلىقتىكى مۇناسىۋىتىمىز، ئۇ پەقەت كىچىكلىك قىلغانلىق ھەم قارىغۇلارچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق مەجبۇرىي ھەرىكەت ئىكەندە،ئۇنداقتا ئەگەر مەن ئەينى چاغدا چەتەلدىن قايتىپ كىلىپ،سەن بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلغان بولسام،چوڭلار ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇش پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالغان بولسا،سەن بۇ توينى يەنىلا رەت قىلامتىڭ –
-مەن پۈتۈنلەي شۇنداق دىيەلمەيمەن، بەلكىم چوڭلار ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالغان بولسا، مەنمۇ دادامغا قارشى چىقىشقا ئامالسىز، بۇ تويغا قوشۇلۇشۇم مۇمكىن ئىدى، ئەلقۇت ئاكا، بۇ ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ۋە ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدىكەن،بەخىتلىك بولىمەن دەپ چوقۇم بەخىتلىك بولغىنى بولمىغىنىدەك، تاللىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭلا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كىتىشىمۇ ناتايىنكەن، ھاياتىمىزدىكى خۇشاللىقلار ھەمىشە كۈتۈلمىگەنلىكلەرگە باغلىنىپ كىلىدىكەن، خۇددى شۇنىڭدەك بەخىتسىزلىكلەرمۇ بىز ئويلىمىغان يەردىن چىقىدىكەن، شۇڭا مىنىڭچە سىزنىڭمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ئېچىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ، مۇنداق بولمىغان بولسا، مۇنداق بولارمىدىكىن دەپ ئۆكۈنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىز ئوقۇشنى خالىغاچقا ئوقۇدىڭىز، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى ياراتتىڭىز، مەن يالقۇننى تاللاپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدىم،بىر مەزگىل بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلەندىم، ئەمما ئاقىۋەت كۈتۈلمىگەن بەخىتسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، مەيلى مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن بەخىت ياكى بەخىتسىزلىكلەر بولسۇن، ئازاب ۋە خۇشاللىقلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى،مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدىن ئاغرىنمايمەن، چۈنكى شۇلار بولغاچقىلا مەن بولغان،ئوخشاشلا، مەيلى سىز بولۇڭ ياكى ماڭا خىيانەت قىلىپ تۈگىمەس كۈلپەتلەرنى سالغان ئاشۇ ئىنسانلار بولسۇن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەدىرلەيمەن، سىز مىنىڭ بالىلىقىمغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەلقۇت ئاكا، سىز بولغاچقىلا مەندە ئۈگۈنۈش ئىستىكى پەيدا بولغان، سىز بولغاچقىلا مىنىڭ بالىلىقىمدا ئارزۇ بولغان، باشقا ئادەملەرمۇ شۇنىڭدەكلا مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى مىنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەتنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەبچى بولسا، يەنە بەزىللىرى ئادەملەرنى پەرق ئىتىشىمگە ۋە چۈشۈنۈشۈمگە يىتەكچى بولدى، بەزىللىرى ماڭا كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادىمىيلىك توغرىسىدا ئۈلگە بولسا، بەزىللىرى ماڭا ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى مۇرەككەپلىكنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغا قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ بەردى، قىسقىسى مەن ھاياتىم ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشتىم، مىنىڭ ھاياتىم ئەتراپىمدىكىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىدى، مۇللاشتى، ۋە گۈزەللەشتى،گەپلىرىمنى يىغىنچاقلىسام ئەلقۇت ئاكا، ماڭا بېشىغا قىسمەت كەپتۇ دەپ ئېچىنىشىڭىزنىڭ، ئىچ ئاغرىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مىنى پەقەت بالىلىقىمىزدىكى دوستۇم دەپ بىلسىڭىزلا كۇپايە-
ئاران شۇلىما شەمسىيە؟مەن پەقەت بالىلىقىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن دوستۇڭلىما،مەندىن تەسەللىي ئىزدىمەمسەن،ئۈمىد كۈتمەمسەن. -شەمسىيە سۆزلىرىنى تۈگەتكەندە ئەلقۇت خۇددى ئۇنى تونۇيالمايۋاتقاندەكلا قاراپ تۇراتتى-چوڭ بوپسەن شەمسىيە،راسلا كۆپ پىششىپ يىتىلىپسەن، بەلكىم دىگەنلىرىڭ توغرىدۇر، مىنىڭ قەلبىمدە پەقەت بالىلىقىمىزدىكى ئاشۇ ئۆزى قىلالمايدىغان جىمى ئىشلىرىدا ماڭا تايىنىدىغان شەمسىيەلا بولسا كىرەك، سىنىڭ تەپەككۇرۇڭنىڭ تاۋلىنىپ، يېشىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە پىششىپ يىتىلگەنلىكىڭدەك ئەمەلىيەتكە سەل قاراپتىمەن، كەچۈرگىن، ئەمدىدىن باشلاپ، ساڭا چوڭلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلاي *
-مەن ئۇنداق دىمىدىمغۇ ئەلقۇت ئاكا،ئېيتتىمغۇ، باللىقىمدىكى مۇناسىۋىتىمىزنى قەدىرلەيمەن دەپ،مەن سىزنىڭ يەنىلا بالىلىقىمىزدىكى ئەلقۇت ئاكام بولۇشىڭىزنى خالايمەن-
- ئەمما مەن خالىمايمەن شەمسىيە،ئەمدى ئېغىز ئاچقانكەنمەن داۋامىنىمۇ دەۋىتەي،دادام ساڭا ئېيتقاندەك، مەن تېخى تۈنۈگۈنلا پۈتۈن ھاياتىنى بويتاق پېتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆمرىنى ئىلىم -پەن ئۈچۈن ئاتاشقا تەييارلىنىپ بولغان بىر بىلىم پەرۋانىسى ئىدىم، بىراق دادامدىن سىنىڭ تۇرمۇشۇڭ توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ، بۇ ئارزۇلىرىمدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولدى، ئەسلى بىلسەم، مەن ئاشۇ بالىلىقىمىزدىلا سەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، غايە قىلىپ تىكلەپ بولغان ئىكەنمەن،شۇ چاغلاردا ياشلىق قىلىپ،بىر ئۆمۈر بويتاق پېتى ياشىغان تەتقىقاتچى ئالىملارنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىۋېلىپ، خوتۇن ئالسام، بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقات يولۇمغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، شۇڭا كەسپىمدىن بىر نەتىجە چىقارمىغۇچە توي قىلمايمەن دەپ، كۆڭلۈمگە پۈكۈۋاپتىكەنمەن، ئەينى چاغدا، دادام سىنىڭ توي قىلماقچى بولۇۋاتقىنىڭنى، سەن بىلەن توي قىلغۇم بولسا، يۇرتقا قايتىپ، يۈز-تۇرانە كۆرىشىپ، ئىشلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىۋىتىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتقان چېغدا، كۆڭلۈمدىكى بۇ غايەم مىنى، توختىماي قايتماسلىققا ئەسكەرتىپ، سۈكۈتنى تاللىشىمغا سەۋەبچى بولغان ئىدى، بىراق سىنىڭ تويۇڭ بولغاندىن كىيىن ھېس قىلدىمكى، ئەسلى مەن سىنى چىن يۈرىكىمدىن سۈيىدىكەنمەن، سەنسىز ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچبىر مەنىسى يوقكەن، بىر مەزگىل قاتتىق ئازابلاندىم، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويدۇم، ھەتتا ئۆزۈم مېھمان سۆيگەن يارىن تويىدا دىگەن ناخشىنى خېلى بىر چاغلارغىچە ئاڭلاپ يۈردۈم، كىيىن ئارزۇيۇم مىنى قايتا ئويغاتتى،ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم، يەنە شۇ غايەم ئۈچۈن تىرىشتىم،ئىشەنسەڭ شەمسىيە، تاكى دادامدىن سىنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قالغانلىقىڭنى ئاڭلىغان شۇ كۈنگە قەدەر، مىنىڭ كاللامدا توي قىلىش دەيدىغان ئۇقۇم پۈتۈنلەي مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ئىدى، دادامدىن شۇلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، قەلبىمدە قايتىدىن توي قىلىش، ھەم شۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كىيىن بولسىمۇ، ساڭا يار-يۈلەك بولۇش ئىستىكى پەيدا بولدى،شۇڭا دەرھال بىلەت زاكاس قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىم،بەلكىم مەقسىدىمنى بىرەر قۇر چۈشۈنۈپ بولدۇڭ، ھەقىقەتەن شۇنداق، بۇ قېتىم مەن سەن بىلەن توي قىلىپ، سىنى ھەم باللىرىڭنى ئېلىپ، قەلبىڭ جاراھەتلەنگەن بۇ جايدىن ئېلىپ كەتمەكچى-
- ئەلقۇت ئاكا، سىز ئارتۇق ئويلىۋاپسىز، بۇرۇن بىر مەزگىل راسلا سىز ئويلىغاندەك قاتتىق چۈشكۈنلەشكەن ھەم ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلىرىم بولغان،ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس، مەن ئورنۇندىن دەس تۇردۇم،تومۇرۇمدا ئاللىقچان ھاياتقا بولغان قايناق مۇھەببەت كۈۋەجەپ ئېقىۋاتىدۇ، شۇڭا قىممەتلىك ئارزۇلىرىڭىزدىن ۋاز كىچىپ مىنى قۇتۇلدۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، گەرچە سىز ياشتا مەندىن چوڭراق بولغىنىڭىز بىلەن، تېخى توي قىلمىغان بويتاق يىگىتسىز، مەندەك ئىككى بالىسى بار، ئىككى ئەردىن چىققان تول ئايالنى ئالمىسىڭىزمۇ،توي قىلىمەنلا دىسىڭىز، سىزگە ياخشى قىزلار چوقۇم ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئەمەلگە ئاشمايدىغان بۇنداق ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كىچىڭ-
- شەمسىيە ھەرگىز بۇنداق دىمە، مىنىڭ ئارزۇيۇمغا كەلسەك، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئاكتىپ ھەم پاسسىپ تەرىپى بولغىنىدەك،مەن يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بويتاق ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ ئارزۇيۇمدىمۇ ئىنتايىن چوڭ يوچۇقنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم، مەن بىر ئۆمۈر ھاياتىمنى ئىلىم پەن ئۈچۈن ئاتىغىنىم ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغۋار تۆھپە يارىتىش دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما بۇ ئويلىغىنىم ئېغىر دەرىجىدە خاتاكەن، ئىنسانىيەت قانداق داۋاملىشىدۇ، دەل ئائىلە ئارقىلىق ئەمەسمۇ؟ مەن يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى زادى قانچىلىك؟ مەن بۇ چەكلىك ھاياتىمدا قانداقمۇ چەكسىز بولغان ئىلىم -پەن دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ،پۈتكۈل تەتقىقاتلىرىمنى تاماملاپ ئىنسانىيەتكە مەڭگۈلۈك بەخىت يارىتالايمەن؟ مەيلى ئىنسانىيەت، مەيلى ئىلىم -پەن، مەيلى تەتقىقات بولسۇن، ھەممىسى ئىزباسارغا مۇھتاج، مەنمۇ ھەم شۇ، قىلىۋاتقان ئاشۇ خىزمەتلىرىمگە مىنىڭ ئىزىمدىن بېسىپ ماڭىدىغان ھەقىقى بىر ئىزباسارغا مۇھتاجكەنمەن، شۇڭا ئەسلى توي قىلغىنىم توغرىكەن-
- مەن بۇ ياشقا كەلگەندە بەلكىم سىزگە ئىزباسار تۇغۇپ بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن ئەلقۇت ئاكا –
- ئىزباسار تۇغۇپ بىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئىككى پەرزەنتىڭىز ماڭا ئىزباسار بولۇشقا يىتىپ ئاشمامدۇ؟ ماڭا مەن قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغان ياش، توي قىلمىغان، بالىسى يوق خوتۇن لازىم ئەمەس، ماڭا ھەقىقى كىرەك بولغىنى دەل سەندەك،ماڭا پىششىق ھەم تۇرمۇشقا پىششىق ئايال،ئۇنداق ئەندىشىلىك خىياللارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئويلىما، سىنىڭ باللىرىڭ مىنىڭمۇ بالام، ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپ، چەتئەلدە بىللە ئوقۇتايلى، مەن ئۇ يەردە نۇرغۇن ئالىم ھەم تەتقىقاتچىلارنى تونۇيمەن،ماڭا ئىشەنسەڭ، بالىلار چەتەلدە تېخىمۇ ياخشى مائارىپ ۋە تەربىيەلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ، قەلبىڭدە نۇرغۇن ئازابلىق ئۆتمۈشلەرنى قالدۇرغان بۇ شەھەردىن كەتسەڭ، ساڭا ھەم باللىرىڭغىمۇ ياخشى، سەنمۇ بىلىسەن، شۇنچىۋالا ئىشلاردىن كىيىن، بالىلارنىڭ قەلبىدە جاراھەت قالمايدۇ دىگىنى بولمايدۇ، ئۇلار داۋاملىق بۇ شەھەردە ياشاۋەرسە، ئاشۇ قاباھەتلىك ئۆتمۈشلەرنى ئۇنتۇلۇپ كىتەلمەي، پىسخىكىسىغا ئېغىر تەسىرى بولىدۇ، سەنمۇ شۇ ئېغىزدا دىمەك ئاسان، ئەمەلىيەتتە قىلماق تەس، تونۇش مۇھىت، تونۇش ئەسلىمە، تونۇش ئادەملەر، ھەركۈنى شۇلار بىلەنلا ياشىساڭ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، يېڭى ھاياتنى باشلىشىڭ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ سىنى ھازىرلا جاۋاب بىرىسەن ھەم چوقۇم شۇنداق قىل دەپ مەجبۇرلىمايمەن شەمسىيە، ئەلۋەتتە ئاخىردا قارار قىلىش ھوقۇقى يەنىلا سەندە بولىدۇ، ئەمما مەن سىنىڭ ساڭا ھەم ماڭا ياخشى بولغان قارارنى چىقىرىشىڭنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن -شەمسىيە ئەلقۇتنىڭ سۆزلىرىگە نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەيلا قالدى، دىمىسىمۇ، ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھېچبىر خاتاسى يوق ئىدى، قانداقبىر ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىمنى مائارىپى تەرەققىي قىلغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى قىسمىنى باللىرى ئۈچۈن ياشاشنى قارار قىلىپ بولغان شەمسىيەدەك ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ-دە!
-ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنى كۆرسەتمەي كەلگەن، چەتەلدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ، شۇ جايدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، يىشىل شەھەرلىكلەرنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، داڭلىق ماكانىم گورۇھىنىڭ بايۋەتچىسى ئەلقۇت رىشىت يېقىندا چەتەلدىن قايتىپ كەلدى، ئۇنداقتا ئەلقۇت دوكتۇرنىڭ تۇيۇقسىز ۋەتەنگە قايتىپ كىلىشىدىكى سەۋەب زادى نىمىدۇ؟ ئۇنىڭ ماكانىمنىڭ ئىزباسار مەسلىسى ۋە يېقىندا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان باش دىرىكتور بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟ مەن ھازىر پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەلقۇت بەگزادى بىلەن ئۇچرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەلىسەم، چوقۇم ئۇنىڭ قايتىپ كىلىش سەۋەبىنى كۆپچىلىككە ئاشكارلاپ بىرىمەن، ئەگەر سەۋەبىگە قىزىققان بولساڭلار دىقىتىڭلار داۋاملىق مەندە بولسۇن، ماڭا ئەگىشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، بولمىسا نەتىجىسىنى كۆرەلمەي ئارماندا قالىسىلەر - شەمسىيە بىلەن ئەلقۇت كونا مەھەلىنى ساياھەت قىلىۋاتقىنىدا،خانقىز دوۋيىندا سەيلە قىلغاچ تاساددىبىي ھالدا، ھەممە ئىشقا ئارلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، جىمى ئادەمنىڭ قوڭىنى بىرەر قېتىمدىن كوچىلاپ بېقىشقا قىزىقىشى بار، قىززىق نۇقتا ھەۋەسكارى مەلۇم جۇبۇنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك كۆڭلى يايراپلا كەتتى.
-ئاھ، خانقىز، قەلبىڭدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادەڭ كەلدى، ئاخىرى تۇرغۇن دىگەن قېرى ئەبلەختىن قۇتۇلىدىغان بولدۇڭ-ئۇ ھەتتا بۇ خوش-خەۋەردىن ھاياجانلىنىپ ۋاقىرىۋەتتى