109-قىسىم
-مەن ھازىر بىر چوڭ يىغىندا ئىدىم،سەل تۇرۇپ يىغىندىن قايتقاندا سىزگە تىلفون قايتۇرسام بولامدۇ؟ -
- بولىدۇ، ئەمما قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ ھەدە، سىزگە مەسلىھەت سالمىسام بولمايدىغان بەكمۇ مۇھىم ئىش بار – شەمسىيە شۇنداق دەپلا ئالدىراش تىلفوننى قويۇۋەتتى.
- گۇلنىسا ئاپا،دىگەنلىرىڭىز راستمۇ؟تۇرغۇن مۇدىر راستىنلا سىدىق ئەپەندىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنمۇ؟ -يەنە بىر تەرەپتە،گۇلنىسانىڭ ئەقىل ھوشىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان رەھىمە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى جەزىملەشتۈرمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا سوئال سوراۋاتاتتى.
- مۇشۇ يېشىمدا سىزنى ئالداپ نىمىمۇ قىلارمەن جېنىم قىزىم،ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى راست،تۇرغۇن دىگەن ھايۋان ئۆز ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنى ئۆلتۈرىۋىتىپلا قالماي يەنە شۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان بارلىق شىرىكلىرىنىمۇ ئۆلتۈرىۋەتتى،مەن راخمانمۇ ئۇنىڭ جىنايەتلىرىدىن خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ئويلايمەن، ھەممىنى قىلغان مەن،ئۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك رەزىل ھەم نۇمۇسسىزلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتتۇم، باللىرىمنى شۇ ئۆيدە تۇغدۇم،ئۇلارنى ئاشۇنداق نۇمۇسسىز ھايۋان دادىنىڭ بالىسى بولۇشقا مەجبۇرلىدىم، ئۆزۈمچە ئۇلار ئاتا-ئانا مېھرىگە ئورتاق قېنىپ چوڭ بولسا،كۆڭلى كۆكسى توق، ئىستىقباللىق بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،مەن خاتا ئويلاپتىمەن،ئەسلى باللىرىم ئاشۇ نۇمۇسسىز ھايۋاندىن يىراق بولغان بولسا، ئاندىن خاتىرجەم چوڭ بولار ئىكەن، مەن ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدىم، مەن باللىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن-سالامەتلىكى خېلىلا ئەسلىگە كىلىپ قالغان گۇلنىسا ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللىبۇرۇن ئەسكە ئالغان بولۇپ، ئۇ شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقىنىدا راخمانغا بولغان سېغىنىش ۋە ئېچىنىش قەلبىنى قاماللاپ، يۈرەك -باغرى پارە-پارە بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
-بولدى، يىغلىماڭ ئاپا، بۇ ئىشلاردا سىزنىڭ ھېچقانداق خاتالىقىڭىز يوق،ھەممىسى تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئاشۇ نۇمۇسسىز ھايۋاننىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ نەتىجىسى بىز ئۇنى بۇنداقلا بوش قويۇۋەتمەيلى، چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزايلى ھەدە شۇنىڭدا ئۆلگەنلەرمۇ ئارام تاپىدۇ، ھاياتلارنىمۇ قايتا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ قالغىنى بولىدۇ،شەمسىيە ھەدەم سەل تۇرۇپ تىلفون قايتۇرسا، ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋاللارنى دەپ، ئۇ ئارقىلىق دىلو مەلۇم قىلايلى-
- مەن قورقىمەن قىزىم، تۇرغۇن بەك ھىيلىگەر ھەم ساقتىپەز،ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم مىنى ساراڭ قاتارغا چىقىرىپ،ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن، باللىرىمنى قايتا كۆرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەيمەن، مەن قالغان ئىككى بالامنى ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ قېلىشىم كېرەك-
-بىلەمسىز ئاپا، دەل سىز ئۇنىڭدىن ئىزچىل قورقۇپ، ئۈنىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۈتۈپ كەلگەچكىلا، ئۇ قىلچىلىك ھېيىقماستىن سىزگە قايتا-قايتا زىيانكەشلىك قىلالىغان، ئەگەر يەنە داۋاملىق باللىرىم ئۈچۈن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ياشىسىڭىز، ئۇ داۋاملىق سىزگە ھەم باللىرىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئۇ چاغدا ۋاقتى كەلگەندە سىز يەنە بىر قېتىم چوڭ ئوغلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئايرىلىشلارغا دۇچ كەلمەيسىز دەپ ئېيتقىنى بولمايدۇ، سىز بىر ئانا، چوقۇم قەيسەر بولۇشىڭىز كىرەك،قايتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىڭلارنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ نابۇت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل دەل، تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئادەمنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزۇش-رەھىمە سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەس يادىدا، خۇددى ئەينى چاغدىكى نۇمۇسسىز دادىسىغا ئوخشاش رەزىل تۇرغۇن مۇدىرنىڭ جاجىسىنى بىرىشتىن باشقىسى يوق ئىدى.
- بىراق قولۇمدا ھېچقانداق ئىسپات بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەكلا قۇۋ، چوقۇن پۇلىغا تايىنىپ، گۇۋاھچى ۋە يالغان پاكىت سېتىۋېلىپ، مىنى يالغانچى قىلىدۇ، باللىرىمدىن پايدىلىنىپ ماڭا تەھدىت سېلىپ، ئاقىۋەت جىمى خاتالىقنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئۇنىڭدا باللىرىغا نىسبەتەن ئازراقمۇ، كۈيۈم ۋە مېھرى-مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە يوق،كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مەن ئۇنى پاش قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققان كۈنىلا ئۇ قىلچىلىك كىچىكتۈرمەستىن ئىككى بالامنىڭ بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىمەن دەپ ماڭا تەھدىت سالىدۇ، ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان، ھەر قېتىم ئەمدىلا غەيرەتكە كەلگەن چاغلىرىمنىڭ ئۇنىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەن ئىدىم، ئۇ بەكلا رەھىمسىز ھەم باغرى تاش، مەن ئۇنىڭ ئىككى بالامغىمۇ ئاكىسىغا زىيانكەشلىك قىلغاندەك زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن-گۇلنىسا ئېغىزىدا تۇرغۇن مۇدىرنى قاتىل دەپ ئەيىبلەپ ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگىنى بىلەن، ئۇزۇن يىللىق ئىزىلىش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراشتىن شەكىللەنگە قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمە يەنىلا كۈچ كۆرسىتىپ تۇرىۋاتاتتى.
- ئانام توغرا دەيدۇ،-رەھىمە يەنە نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى ئىدىيۇ ئەمما، گۇلنىسا بىلەن رەھىمەنى يوقلاپ كەلگەن ئىبراھىم ئۇ تېخى سۆز باشلىماستىنلا، ئۇنى سۆزلىگىنى قويماستىن سۆز باشلىدى-يېپىق قازان يەنىلا يېپىق پېتىچە قالغىنى ياخشى،بۇ ئىشلار ئاشكارلانسا يالغۇز دادام بىلەنلە كەتمەيدۇ، پۈتكۈل يىشىل شەھەر گورۇھى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىز دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ، شىركەتلەرنىڭ پاي-چىكى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ،ھەتتا دادامنىڭ قەبىھ جىنايىتى ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىشىمۇ مۇمكىن،يالغۇز بۇلارلا ئەمەس،بىز نىمىلا دىگەن بىلەن ئاشۇ تۇرغۇن دىگەن ئادەمنىڭ بالىسى، ئەگەر ئۇنىڭ نۇمۇسسىزلىقلىرى ئاشكارلانسا، بىز بۇنىڭدىن كىيىن قانداق باش كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز، تومۇرىمىزدا ئۇنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان تۇرسا، كىم بىزدەك قەبىھ قاتىلنىڭ باللىرىنى ئارىغا ئېلىپ ياشاشنى خالايدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي رەھىمە، بۇ سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىز بولۇپ قالسۇن، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان بولسىڭىز –
- ئىنتايىن ئەپسۇس، بۇ قېتىم مەن سىزگە ھەرگىز ماقۇل دىيەلمەيمەن ئىبراھىم بايۋەتچە، مەن نىمىشقا سىزنىڭ يۈز-ئابرويىڭىزنى دەپلا شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، رەزىل قاتىلنى قانات ئاستىمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرغۇدەكمەن،خۈدىكىڭىز بولمىسا خەقنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن نىمە كارىڭىز، سىزگە دىسەم ئىبراھىم بايۋەتچە، سىز ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەمەس بەلكى دادىڭىزنىڭ مال دۇنياسى ۋە يىشىل شەھەر گورۇھىدەك بايلىق خەزىنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتىسىز، ئەجەبا سىزنىڭ جېنىڭىز جان، سىزنىڭ ئابرويىڭىز ئابروي ئىناۋەت، باشقىلارنىڭ جېنى، ئىگىلىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەمدىكەن،ئۇنداقتا سابىق تاغىڭىز سىدىق ئەپەندىنىڭ قان تەرى نىمىگە ھېساب، بىئەجەل كەتكەن ھاياتى نىمىگە ھېساب، نەۋرە ئاچىڭىز شەمسىيەنىڭ ھېسىياتىنى ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇ ئاتا-ئانسىىدىن بىراقلا ئايرىلغاندا قانداق بولۇپ كەتكەن بولغىيدى، ئەجەبا ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى شۇنچە ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟ دادىڭىز بولغۇنى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قاتىلىنى يوشۇرۇپ قالسىڭىز، ئۇنىڭغا يەنە يۈز كىلەلەمسىز؟ -
- مىنىڭ ھازىر بۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك كاللام يوق رەھىمە،مەن ئاللىبۇرن دادام بىلەن ئالاقەمنى ئۈزۈپ بولدۇم، بۇنىڭدىن كىيىن،چوقۇم ئۆزۈمگە تايىنىپ ياشايمەن،مىنىڭ ئويلاۋاتقىنىم دەل سىدىق تاغامنىڭ قان تەرى بولغان يىشىل شەھەر گورۇھى،ۋە جەمەتىمىزنىڭ ئابروي-ئىناۋىتى،سىدىق تاغام بۇلارغا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى، ئويلاپ بېقىڭ، دادامنىڭ يىشىل شەھەرنىڭ بايرىقى ئاستىدا قىلغان جىنايەتلىرى پاش بولغاندىن كىيىن، بىرىنچى بولۇپ زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يىشىل شەھەرگورۇھى ۋە جەمىتىمىزنىڭ ئابروي ئىناۋىتى، دادام ئاللىبۇرۇن قېرىپ ھالىدىن كەتتى، ئۇ ئانامنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپلا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، بولمىسا ئۇ بۇرۇنقى جىنايەتلىرىدىن خېلى بۇرۇنلا قول ئۈزۈپ بولغان، ئەگەر ئانام ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىققا ۋەدە بەرسىلا، ئۇمۇ ئانامغا قايتا چېقىلمايدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئىشلارنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا قويۇپ بىرەيلى، ناۋادا راسلا دادامنىڭ پىشانىسىدە كۆرىدىغان كۈنى رەسۋا بڭولۇش بولسا، سىز ئاشكارلىمىغان ھالدىمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ،سەتچىلىكىمىز ئائىلىمىزدىكىلەر ئارقىلىق سىرتقا يېيىلىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ مەينەتچىلىكىنى ئېچىپ،ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشىپ يۈرسەك،يەنە بۇ ھاياتتا ياشىغۇدەك يۈزىمىز ھەم باھانىمىز قالامدۇ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر سەتچىلىك بولامدۇ؟
- ئىبرايىم توغرا دەيدۇ، رەھىمە قىزىم،ئۇنى ئەرز قىلىپ تىگىشلىك جازاغا تارتقۇزغىنىنغا راخمان ئوغلۇم قايتىپ كەلمەيدۇ، مەن قالغان باللىرىم ئۈچۈن ئويلاشمىسام بولمايدۇ،ئۇ ھايۋان قېرىدى، يەنە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈشى نامەلۇم، ئۇ بەرىبىر ئۆلىدۇ، ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ تاپقان تەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى باللىرىمغا قالىدۇ، يالغۇز مال-دۇنيالىرىلا ئەمەس،ئۇ يىغقان خەلقنىڭ باھاسى ۋە ئابروي-ئىناۋەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ناۋادا ئۇنىڭ مەينەت ئىشلىرى ئاشكارلانسا، باللىرىم شۇ ھايۋاننىڭ بالىسىمەن دەپ قانداق باش كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ئوغۇل ھەم بويتاق تۇرسا، كىم ئۇلارغا ئىشنىپ قىز بىرىشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ سىزگە ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغانلىرىمدا بىلىۋالغان ئىشلار، ھېچقانداق ماددىي ئسپاتىم يوق،سىزدىن ئۆتۈنەي، مىنىڭ جۆيلۈپ دىگەنلىرىمنى ئاڭلىمىغان بولۇۋېلىڭ، شەمسىيەگىمۇ ئېيتىپ يۈرمەڭ، بولامدۇ؟ - ئىبرايىم سۆزلىگەنچە گۇلنىسا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرىدەك ھېس قىلماقتا ئىدى،ئىبرايىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ باياتىن رەھىمەگە ئېيتقان سۆزلىرىدە 180گىرادۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇمۇ بۇرۇنقى ئەقىلسىز چاغلىرىغا قايتىپ،تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئۆزىگە ۋە باللىرىغا قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنى نىرۋىسىدىن ئاداشتۇرۇپ، روھىي كىسەل دورىللىرىنى نورنىدىن ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئاستا زەھەر بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىرىنى ئۇنتۇپ، باللىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دادىسى بولغان تۇرغۇن دىگەن ھايۋاننىڭ جىنايەتلىرىنى داۋاملىق يوشۇرۇشنى قارار قىلىپ قالدى.
-ماقۇل، گۇلنىسا ئاپا، سىز شۇنداق ئويلاشقان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا مىنىڭ باشقا گىپىم يوق، سىز بۇرۇنمۇ باللىرىم ئۈچۈن دەپ ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئىرىشكەن كۈنىڭىز مانا شۇ،يەنە باللىرىم ئۈچۈن دەپ يول قويۇپ، يەنە بىر راخمان پاجىئەسى چىقمىسىلا بولاتتىغۇ؟- رەھىمە، ئانا بالا ئىككىسىگە ئەمدى نىمىلا دىگەن بىلەن كار قىلماس ھالغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ، ئەمدى ئۇلار بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى-ھازىر سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزمۇ ئاللىبۇرۇن ئەسلىگە كىلىپ بولدى، ئەمدى مىنىڭ داۋاملىق سىزگە ھەمرا بولۇپ تۇرىشىمنىڭمۇ ھاجىى قالمىدى،شۇڭا مەن قايتىپ كىتەي،بۇنىڭدىن كىيىن ھەرھالدا ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىپراق ياشاسىز –
- ماڭا قېيداۋاتامسىز رەھىمە -ئىبراھىم ئائىلىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىيۇ،ئەمما شۇ سەۋەبتىن رەھىمەنى يوقۇتۇپ قويۇشنى تېخىمۇ خالىمايتتى.
- قېيدىمىدىم، دىمىسىمۇ شۇنداققۇ،مەن ۋەزىپەمنى ئاللىبۇرۇن ئادا قىلىپ بولدۇم-
- ئۇنداق قىلماڭ رەھىمە، سىز ئۈچۈن ھازىر ھەممىدىن بىخەتەر جاي دەل مۇشۇشۇ، ناۋادا سىز يىشىل شەھەرگە قايتىپلا قالسىڭىز، ئېنىقكى دادام سىزنى ھەرگىز ئارامىڭىزدا ياشىغىنى قويمايدۇ، مەن ئۇنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشدىن قورقىمەن-
- ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنسىزيۇ، نىمىشقا، ئۇنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىپ ھەممىمىزنى ئازادە ياشايدىغان مۇھىتقا ئىگە قىلمايسىز؟ ئەجەبا بىز قاچانغۇچە دادىڭىزنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ، مۆكۈنۈپ ياشايمىز؟ ئانىڭىزنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قىغۇسى بارنى قىلىپ، بارغۇسى بار يەرگە بېرىپ، خاتىرجەن ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغۇڭىز يوقمۇ؟ ئەجەبا ئۇ تاكى تۇرغۇن مۇدىر ياكى ئۆزى ئۆلگۈچە مۇشۇنداق مۈكۈنۈپ ياشامدۇ؟مۇشۇنداق بېسىم ئىچىدە ياشاپ، ئۇ توككىدە تۇرغۇن مۇدىردىن بالدۇر كىتىپ قالسا قانداق قىلىسىز-رەھىمە ئىبراھىمغا دەيدىغان سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گۇلنىسانىڭ قوللىرىنى تۇتتتى-مەن سىزدىن رەنجىمىدىم ئاپا، ھەم سىزنىڭمڭ مەندىن رەنجىنەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن سىزنى خۇددى ئۆز ئانامغا ئوخشاش ياخشى كۆرىمەن جېنىم ئاپا، شۇڭا داۋاملىق يېنىڭىزدا تۇرسام، سىزگە چىدىماي، سىلەر خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا ئەمدى ماڭا رۇخسەت قىلىڭ –
-سىزمۇ كەتسىڭىز، مەن بۇيەردە يالغۇز قانداق قىلىمەن جېنىم قىزىم،بىزگە بىر مەزگىل ۋاقىت بىرىڭ،ئويلۇنۇپ بېقىپ، كاللىمىزدىن ئۆتسە، سىز دىگەندەك قىلايلى بولامدۇ؟ -
- ئۇنداق قىلالمايمەن ئاپا، ئەمما ۋاقتىم چىقسىلا سىزنى يوقلاپ كىلىمەن –
-ئاپا، بولدى، ئۇنىڭ كەتكۈسى بولسا كەتكىنى قويايلى،ھېلىمۇ ئۇنىڭغا بەكلا كۆپ قەرزدار بولۇپ كەتتۇق، مىنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە داۋاملىق قەرزدارلىق تۇيغۇسىنى يۈدۈپ ياشىغۇم يوق، - ئىبرايىم رەھىمەنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەتتى،باياتىنقى سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدى،شۇڭا ئۇ ئوڭايسىز ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،ئامالسىز ئۇنىڭ كىتىشىگە ماقۇل بولدى-سىزنى مەن ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي-
-،سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىڭىز ھاجەتسىز،مىنى يىشىل شەھەرگە ئالغاچ كەتسىڭىزلا كۇپايە -شۇنداق قىلىپ، رەھىمە، ئىبرايىمنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماستىن، يىشىل شەھەردىكى بۇرۇنقى ئادرىسىغىلا كۆچۈپ كەلدى، ئۇ تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ قەبىھ جىنايەتچىنى گۇلنىسا ۋە ئىبرايىمغا تايىنىپ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، قەستەن بۇرۇنقى ئادرىسىغا قايتىپ كىلىپ، تۇرغۇن مۇدىرنى ئۆزىگە قول سېلىشقا مەجبۇرلاپ، شۇ ئارقىلىق ئىسپات توپلىماقچى ئىدى.
- ياخشىمۇسىز سىڭلىم،بۈگۈن پۈتۈن بىركۈن راسلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،مەن ھازىر ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، بۈگۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشقان شۇڭا ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتۇ- شەمسىيە غەلىبە تەنتەنىسىگە چۈمۈلۈپ، خۇشاللىقتىن ئەس ھوشىنى يوقۇتۇپ، رىشىت ئەپەندىم ۋە باشقا خادىملار بىلەن غەلبىسىنى تەبرىكلەش بىلەنلا بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن رەھىمەگە تىلفون قايتۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، يېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان چېغىدا ئاندىن يادىغا ئالدى.
-ھېچقىسى يوق ھەدە، سىزگە دەيدىغان مۇھىم سۆزۈممۇ ئاللىقاچان يوق بولدى-
- ئاۋازىڭىز تازا ياخشى ئەمەس تۇرىدۇ، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ سىڭلىم، گۇلنىسا ئاپامغا بىر ئىش بولدىمۇ يە، مەن يوقلاپ باراي دەپ نەچچە قېتىم تەييارلىق قىلدىم، ئەمما ئادرىسنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، ئىبراھىمدىن سورىسام، ئىزىمغا ئادەم چۈشۈشىدىن ئەنسىرەپ، بارماي تۇرۇڭ ھەدە دەپ تۇرىۋالدى شۇڭا-
- ئەنسىرىمەڭ ھەدە، گۇلنىسا ھەدەمنىڭ سالامەتلىكى ئاللىبۇرۇن ئەسلىگە كەلدى،-
-، ئۇنداقتا بەكلا ياخشى بوپتىغۇ،ئۇ راخمان ھەم تۇرغۇن توغرىسدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلىدىمۇ-
- ئازىراق ئەسلىيەلىدى ھەدە، ئەمما ئۇ يەنىلا ئاشۇ زوراۋان ئىرىگە تارتىشىدىغان ئوخشايدۇ، قانۇنغا ئېيتىشنى خالىمايدىكەن،قارىغاندا ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدىسى بەكلا چوڭقۇر بولسا كىرەك-
- ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، بەلكىم بەكلا قورقۇپ كەتكەندۇ، ۋە ياكى تازا تولۇق ئەسلىيەلمەيۋاتقاندۇ، ئەسلىگە كەلگەن بولسا ياخشى بوپتۇ، يەنە بىر ئاز ساقلاپ باقايلى –
- ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، مەن قايتىپ كەلدىم،مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتۈڭ ھەدە-
- بىرەر ئىشقا تەۋەككۇل قىلمايۋاتقانسز سىڭلىم، مىنى ئەنسىرەتمەڭ-
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىنى بولمايدۇ، مەندىن ئەنسىرىمەي، ياخشى ياشاڭ ھەدە، كەچ بولۇپ كەتتى، ۋاقتىدا ئارام ئېلىڭ- رەھىمە تۇرغۇننىڭ شەمسىيەنىڭ دادىسىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىشىنى دەۋەتكىنى تاس-تاس قالدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇنچە ئېغىر ئازابقا بەرداشلىق بىرەلمەي قېلىشى ھەتتا پاكىتسىز ھالدا بۇ گەپلەرنى ئېيتسا دەماللىققا ئىشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۈنىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىپ، خوشلۇشۇپلا تىلفوننى قويۇۋەتتى.
ئەمدىلەتىن ئەسلىگە كىلىۋاتقان گۇلنىسانىڭ خىياللىرى تولىمۇ زىدىيەتلىك ئىدى،راخماننىڭ ھېلىقى كۈنى كىچىدىكى ئامالسىز ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتتى،ئۆزىنىڭ راخمان ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش توغرىسىدىكى ۋەدىللىرى قۇلاق تۈۋىدە توختىماي ياڭرايتتى،ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك ئازاب ئوقۇبەت ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراش داۋامىدا شەكىللەنگەن تەشۋىشلىنىش كىسىلى،ئۇنىڭ جۈرئەتكە كىلىپ،تۇرغۇن مۇدىر بىلەن ئېلىشىشىغا توسالغۇ بولۇپ تۇراتتى،بۇ توسالغۇغا،ئىبراھىمنىڭ ئائىلە ۋە ئىناۋەت توغرىسىدىكى سۆزلىرى قوشۇلۇپ،ئۆزىنىڭ تۇرغۇن مۇدىرنى پاش قىلغاندىن كىيىنكى،يىشىل شەھەر گورۇھى ۋە تۇرغۇن مۇدىر جەمەتىنىڭ پۈتۈن يىشىل شەھەردىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان ئاقىۋىتى،باللىرىنىڭ نەگىلا بارسا،كەينىدىن مىش-مىش گەپلەرنىڭ يامىراپ،بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ كىتىۋاتقان تۇرقى،ھەتتا ئاللىبۇرۇن كىتىپ قالغان ئوغلى راخمان توغرىسىدىكى ھەرخىل ھىكايىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىغا كىلىۋېلىپ، بۇ توسالغۇنى تېخىدىنمۇ قېلىنلاشتۇرماقتا ئىدى،زادى قانداق قىلىش كىرەك،تۇرغۇن دىگەن ئادەمنى مۇشۇنداقلا بوش قويۇۋىتىپ،قىلغان ئەتكەنلىرىگە قىلچىلىك پۇشايمان قىلماي كىتىشىگە يول قويۇش كىرەكمۇ؟ئەجەبا ئۇنى مۇشۇنداقلا بوش قويۇۋەتسە،باشقا باللىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ دەپ ئېيتقىنى بولامدۇ؟بىراق،تۇرغۇن مۇدىرنى مۇشۇنداقلا يىقىتىدىغان بولسا،گۇلنىسا باللىرى ئۈچۈن زادى نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟ئۇلارغا ۋەيران بولغان يىشىل شەھەر گورۇھىنى قايتا قۇرۇپ بىرەلەمدۇ،دادىسىنىڭ رەسۋالىقى سەۋەبىدىن ئىگىلگەن باشلىرىنى قايتا تۈزلەپ قويالامدۇ؟-ئۇ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە،ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ۋە قورقۇنچاق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى،ئۇ ئۆز -ئۆزىگە -ھەي گۇلنىسا،ھەي گۇلنىسا،سىنىڭ ئانا بولۇشقا سالاھىيتىڭ توشامدۇ؟- دەپ پىچىرلاپ،ئېچىنىشلىق نالە قىلدى،بىراق ئۇ شۇنىڭغا سەل قارىغان ئىدىكى ئۇنىڭ نالىسى كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز ئىدى،دەل مۇشۇ مەن ئامالسىز دەپ، ئۆزىنى بىچارە ھېس قىلىپ قىلىنغان نالىلەر،ئۇنىڭ ھەم باللىرىنىڭ بۈگۈنكى بەخىتسىزلىكىنىڭ ھەقىقى مەنبەسى ئىدى،ئەگەر ئۇ ئازراق كۈچلۈك بولغان بولسا،ئازىراق قەيسەر بولغان بولسا،يىغلاشنىڭ نالە قىلىشنىڭ ئورنىغا،داداڭلار بولمىسا،مانا مەندەك ئاناڭلار بار باللىرىم،دىيەلىگۈدەك بولغان بولسا،ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك ئامالسىزلىق ئىچىدە نالە قىلىپ يۈرمەس بولغىيتى بەلكىم!ئاھ!گۇلنىسا،جۈرئەتسىزلىكىڭ سەۋەبىدىن يەنە قانچىلىك ئېغىر زىيانلارنى تارتىدىغانلىقىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى!
-قابىل ئەپەندىم،قانداق ئەھۋالىڭىز،ئايالىڭىز خانقىز خانىم ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا،ئۇنى تۇتقۇن قىلىندى دەپ پەرەز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئەگەر ئايالىڭىزنى ھايات قالسۇن دىسىڭىز ئەتە ئەتىگەن سائەت 8دىن بۇرۇن چوقۇم،تۇرغۇن ئەپەندىمنىڭ خانىمى گۇلنىسا خانىمنىڭ يوشۇرۇنغان ئادىرىسىنى بىزگە تەمىنلەپ بىرىشىڭىز كىرەك،ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى قەتئىي ئويلاشماڭ،ناۋادا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قالسىڭىزلا ئايالىڭىزنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىغا بىز كىپىل بولالمايمىز -شۇ كۈنى كېچە،تۇرغۇن مۇدىر بىلەن خانقىز،تۇرغۇن مۇدىرنىڭ مەخپىي داچىسىدا،تۈنۈگۈن چالا قالغانلىرىنى تولۇقلاۋاتقان چاغلىرىدا،قابىل تۇرغۇن مۇدىر ئورۇنلاشتۇرغان ئادەمدىن كەلگەن تىلفوننى تاپشۇرىۋالدى.
-،ئايالىمنى نىمە قىلدىڭلار،ئۇنى نىمىشقا تۇتقۇن قىلىۋالىسىلەر،مەن گۇلنىسا خانىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى راسلا بىلمەيمەن،نىمىشقا مەن بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش ئۈچۈن،مىنىڭ ئايالىمنى تۇتقۇن قىلىۋالىسىلەر- خانقىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىكىشتىنمۇ يانمايدىغان ساداقەتمەن قۇل قابىل،خۇددى خانقىز پەرەز قىلغاندەكلا،ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ،ئەنسىرەپ،ئۆزىنى بېسىۋالالمايلا قالدى.
- بىلەمسىز،بىلمەمسىز،بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق،ئەمما سائەت 8دىن بۇرۇن چوقۇم ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تېپىپ،بىزگە ئېيتىپ بىرىشىڭىز كىرەك،مە سىزگە چاق-چاق قىلمىدىم- تىلفون قويۇۋىتىلدى،تۈنۈگۈن بىر كىچە ئۆيگە قايتمىغان خانقىز بىلەن، ئاخشامدىن بۇيان تولا تىلفون قىلىپ ئالاقىلىشالماي بىر كىچىنى يۈرىكىنى سانسىز قۇرۇت غاجىلاۋاتقاندەك كۈندەشلىك ئازابىدا ئۆتكۈزگەن قابىل خانقىزنى ھېچقاچان تۇتقۇن قىلىندى دىگەن ئوينى كاللىسىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.ئۇ ئۆز قۇلقى بىلەن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىدا،خانقىزنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى، شۇ تاپتا ئۇ گۇلنىسانىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلسە ئىدى،ھېچقانداق ئاقىۋەت بىلەن ئويلاشماستىن،چوقۇم ئۇنى سېتىۋىتىش بەدىلىگە سۈيۈملۈكى خانقىز خانىمنى يېنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن بولاتتى،بىراق ئۇ راسلا گۇلنىسانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ چوقۇم ھېلىقى تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئوغرىنىڭ قىلغان ئىشى، بىۋاستە ئۇنى ئىزدەپ بېرىشى كىرەكمۇيا؟ ياق، ئۇنداق قىلىدىغان بولسا،ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قېلىپ، ئادەمنى چىقرىپ بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ، ئېنىق ئېيتتىغۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قالساڭ،ئايالىڭنى ئىككىنچى كۆرەلمەيسەن دەپ؟ئاھ! جېنىم خانقىز، شۇ تاپتا نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانسەن، قايسى قاراڭغۇ ئۆيلەردە قانداق ئورۇندۇقلارغا باغلىنىپ، قانچىلىك خورلۇقلارنى تارتىۋاتقانسەن! -بۇ يۇمشاقباش ئەر، نىمە دىگەن نەمۇنىلىك ھەم كۈيۈمچان ھە، ئۇ ئايالىنىڭ پۇلنى دەپ، قېرى بۇزۇق بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى قىلچىلىك سەزمەستىن، ئۇنىڭ ئورۇدۇقلارغا باغلىنىپ، ئېغىزىغا لۆڭگە تىقىلغان، قاپقاراڭغۇ ئۆيدە، قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىراي دىسىمۇ، پىلاستىر بىلەن تېڭىۋىتىلگەن ئېغىزىنى ئېچىشقا ئامالسىز، قاتتىق قورقۇۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يىغلاپ كەتتى، ناۋادا ئۇ شۇ تاپتا سۈيۈملۈكى خانقىز خانىمنىڭ تۇرغۇن مۇدىر دىگەن قېرى بۇزۇقنىڭ قوينىدا ياتقانلىقىنى بىلسە ئىدى،ھالى قانچىلىك بەتتەر بولۇپ كىتەر بولغىيدى!
-توغرا، شەمسىيە دىگەن خوتۇن، چوقۇم ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭغا تىلفون ئۇرۇپ سوراپ باقاي؟ياق، ئۇنىڭ غورۇرى بەكلا كۈچلۈك ئايال، بىلسىمۇ، ماڭا دەپ بىرىشى ناتايىن،ئۇنداقتا قانداق قىلىشىم كىرەك؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئازراق بېسىم ئىشلىتىپ، ئېيتىپ بىرىشكە مەجبۇرلاي، ئۇ چوقۇم ئۇ خوتۇننىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدۇ، -شۇنداق قىلىپ، ئاخماق، دۆت، ئەقىلسىز، نۇمۇسسىز قابىل،سۈيۈملۈك بۇزۇق ئايالى خانقىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،شۇ يېرىم كىچىدىن ئاشقان چاغدا، ھېچنىمە بىلەن ھېسابلاشماستىن، شەمسىيەنى گۇلنىسانىق قەيەردىلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماڭدى.