104-قىسىم
ـ خانقىز خانىم،بىز يېقىندا سىزنىڭ ھەم زىيانلانغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىنچە،ئابلىمىت ئىسىملىك قويمىچىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ئىدۇق،ئەمما تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىرىشكەن نەتىجە،سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولماي قالدى-ئەنۋەر سۆزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە تەمكىنلىك بىلەن توختاپ،خانقىزنىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بەردى.
-نىمە نەتىجە،نىمە دەۋاتقانلىرىڭىزنى چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ؟ - خانقىزنىڭ دۇمباق يېرىلغانلىقىنى كۆڭلى تۇيىغاندەك بولۇپ،چىرايى تاتىرىپ،پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى.
-سىز شەمسىيە خانىمنىڭ ئابلىمىتنىڭ شىرىكى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇـئەنۋەر خانقىزنىڭ قەلبىگە قورقۇنۇچ سېلىش مەقسىدىگە يەتكەندىن كىيىن،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-ئەپسۇس،بىز تەكشۈرۈپ ئىرىشكەن نەتىجە ئارقىلىق،سىزنىڭ ئابلىمىتنىڭ شىرىكى ئىكەنلىكىڭىزدىن گۇمان قىلىۋاتىمىز،ھەم شۇنداق دەپ،جەزىملەشتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ،بىز ئابلىمىتنىڭ سەپەر خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆتكەن ئاينىڭ 10.كۈنى كەچتە ئىككىڭلارنىڭ ئوخشاش قېتىملىق ئايروپىلان بىلىتىنىڭ يانمۇيان ئورۇن بىلىتىنى زاكاس قىلىپ شاڭخەيگە بىللە ئۇچقانلىقىڭلارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق،ئابلىمىت شاڭخەيگە بارخاندىن كىيىن ياتاق خاتىرىسى قالدۇرماپتۇ، ئەمما سىز شاڭخەي شەھرى ۋەيتەن رايونىغا يېقىن ئەتراپتىن ياتاق زاكاس قىلىپسىز،گەرچە ئورتاق ياتاق خاتىرىسى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساڭلارمۇ ئەمما،بىز ئالاقىدار تىلكامىرالارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئايدورۇم ۋە ياتاق پائالىيەتلىرىدە بىللە بولغانلىقىڭلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىرىشتۇق،قارىماققا،ئىككىڭلار خۇددى ئاشۇق-مەشۇقلارغىلا ئوخشايدىكەنسىلەر-ئەنۋەر شۇنداق دەپ،خانقىزنىڭ ئالدىغا بىرقانچە پارچە سۈرەتنى تاشلىدى-ئابلىمىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ۋە ئابلىمىتنىڭ قېچىپ كەتكەن ۋاقتىدىكى ئوخشاشلىقلارغا ئاساسەن بىز سىزنى ئۇنىڭ شىرىكى دەپ ھۆكۈم چىقارساق ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمىزغۇ دەيمەن، ھۆرمەتلىك خانقىز خانىم، ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك،بۇ بەلكىم قانۇن سىزگە بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىز سىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايەتلىرىڭىزگە ئىقرار بولۇپ،ئابلىمىتنىڭ قېچىپ كەتكەن جايى، ۋە ئالداپ كىتىلگەن پۇللارنى ۋاقتىدا تاپشۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، بەلكىم ئىقتىسادىى دىلوغا چېتىلىپ قالسام، ئانچە ئېغىر جازالانمەيمەنغۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن،ئەمما بۇ ئىقتىسادى دىلوغا چېتىلدىمۇ،ئەمما ئالدانغان سومما ئىنتايىن كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالداش ۋاقتىسى ئىنتايىن قەبىھ، ھەتتا ئالدانغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىغا قەدەر سەۋەبچى بولدى، شۇڭا جىنايىتىڭىزگە بىرىلىدىغان جازانى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ-
- ماڭا ئۇۋال بولدى،ماڭا ئۇۋۋال قىلىۋاتىسىلەر -خانقىزنىڭ ئەمدى بەرداشلىق بەرگۈچىلىكى قالماي ۋارقىراپ كەتتى.
- قانۇن پاكىتقا ئىشىنىدۇ، ھېچكىمگە ئۇۋۋال قىلمايدۇ،كۆز ئالدىڭىزدا پولاتتەك پاكىت تۇرسىمۇ،يەنە ماڭا ئۇۋۋال بولدى دەۋاتامسىز؟ ئۇنداق بولسا، سىزگە ئۇۋۋال بولغىنىنى ئىسپاتلاپ بىرىڭە قېنى-دىدى ئەنۋەرمۇ خانقىزغا ماس ھالدا سۈرلۈك تۈس ئېلىپ.
- سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي؟ -دىدى خانقىز تۇيۇقسىز بىر ئامال تاپقاندەك،كاللىسىغا كەلگەن ئەقلىدىن ئۆز-ئۆزى سۈيۈنۈپ كىتىپ.
-قېنى سوراڭ؟ -
- قانۇندا تالاغا قارىغان ئاياللارغا شۇنداق ئېغىر جازا بىرەمدۇ؟ -
- ئەگەر يولدىشى تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇۋېلىپ، قوش تويلىشىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئېغىر جازا بىرىدۇ، باشقىللىرىغا زىيانلانغۇچىنىڭ تەلىپى ۋە ئاقىۋەتكە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ-
- ئۇنداقتا مىنى يالقۇن ئاشنا ئوينىدى دەپ، ئەرز قىلدىمۇ؟ ياكى مىنى ئابلىمىت بىلەن ئويناۋاتقان نەق مەيداندا ياتاقتا تۇتۇۋالدىڭلارمۇ؟ - خانقىز ئۆزىنى ئاقلاپ چىقىش ئۈچۈن، نۇمۇس تۇيغۇسىنى پەقەتلا چۆرۈپ تاشلىۋەتتى.
- نىمانداق تېتىقسىز گەپ قىلىسىز-ئەنۋەر قاتتىق ۋارقىرىدى.
-مىنى تېتىسىز گەپ قىلىشقا سىز مەجبۇرلاۋاتىسىز ساقچى ئەپەندىم،مەن سىزگە دىدىمغۇ،شەمسىيە دىگەن خوتۇن بىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئابلىمىت دىگەن بۇ ئادەمنى ئىككىمىزنىڭ يېنىغا مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇ ئىككىلىمىزنى ئالداپ كەتتى دەپ،ئۇ يالقۇنغا خۇشامەت قىلىپلا قالماي، ماڭا چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ،كەيپىياتىم جايىدا ئەمەس چاغلاردىن پايدىلىنىپ،ئالداپ يېقىنلىشىپ،مىنىمۇ تەڭ بىخۇدلاشتۇرۇپتۇ،توغرا، مىنىڭ ئابلىمىت بىلەن ئاشنا ئوينىغىنىم راس،شاڭخەيگە ئىككى كۈنلۈك ساياھەتكە بېرىپ كىلىمىز،سىزنى ئوينىتىپ كىلىمەن دىسە،ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بىللە بارغىنىممۇ راست،بۇنىڭدىن ھەتتا يالقۇننىڭمۇ ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بار، ئابلىمىت ئۇنىڭغا شاڭخەيگە زاۋۇت خوجايىنى بىلەن كۆرۈشكىنى بارىمىز دىگەچكە ئۇ مىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ بىللە يولغا سالغان،مەن تاكى ئابلىمىتنى شاڭخەيدە يۈتتۈرۈپ قويغانغا قەدەر ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەن، ئۇ قېچىپ كەتكەندىن كىيىن كىلىپ، يالقۇندىن كەچۈرۈم سورىدۇم، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى دىدىم، ئۇ ئاللىبۇرۇن مىنى كەچۈرىۋىتىپ بولغان، شەمسىيەخاندىن گۇمان قىلغىنىمۇ مەن ئەمەس بەلكى دەل يالقۇن ئۆزى شۇ ئىدى،-
- مۇشۇنداق دەپ،كۆزىڭىزنىڭ ئىككى تامچە يېشىنى تۆكۈپ قويسىڭىزلا تۈگەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ئابلىمىت زادى قەيەردە،زاڭ پۇلنى زادى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويدۇڭلار-
- بولدى،بولدى،ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ-خانقىزنىڭ قويغان ئويۇنلىرىغا ھەتتا ئەنۋەرمۇ ئىشىنىپ قالغىنى تاسلا قالدى، دىمىسىمۇ،ھىيلە-مىكىرگە ئۇستا خانقىزنىڭ قويغان سوئاللىرى ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىدى، ئۇ ئابلىمىتنىڭ شىرىكى بولسا نىمىشقا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقماي، قېچىپ كىلىدۇ؟ئەجەبا ئۇ راستىنلا زاڭ پۇلنى ئالمىغان بولسا،ئۇ نىمىشقا ئابلىمىت بىلەن بىرلىشىپ، يالقۇننىڭ مال-مۈلكىنى قويۇۋىتىشى كىرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يالقۇننىڭ ئايالى تۇرسا،ئۇنىڭ مال-دۇنياسى دىمەك،خانقىزنىڭمۇ مال-دۇنياسى تۇرسا،ئۇ يەنە نىمىشقا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ،ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى تالان-تاراج قىلغۇدەك؟ئەجەبا شەمسىيە بۇرۇنقى ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قەستەن ئابلىمىتنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئىشلارنى بىر قوللۇق پىلانلىغانمىدۇ؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس،ئەنۋەر ،ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ دىسە ئىشىنىشى مۇمكىن،ئەمما شەمسىيەنى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ دىسە،ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ؟-ئەنۋەر ئۆز خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزىمۇ ئەندىكىپ كەتتى.
-ئېغىزى-ئېغىزىڭىزغا تەگمەي،شەمسىيە خانىمنى ئابلىمىتنى سېتىۋېلىپ،بىزنى قاقتى-سوقتى قىلدى دەۋاتىسىز،بۇنىڭغا بىرەر ئىسپاتىڭىز بارمۇ؟قانۇن دەلىل-ئىسپاتسىز ھېچقانداق ئادەمنى قالايمىقان ئەيىبلىمەيدۇ، ئەگەر سىزدە شۇنىڭغا دائىر ئىسپات بولسا،بىز ھازىرلا سىز دىگەندەك،شەمسىيە خانىمنى چاقىرىپ سۆھبەتلىشىمىز-
- سىلەر ساقچى تۇرۇپ،شۇ ئىسپاتنى تاپماي نىمىش قىلىسىلەر،مىنىڭ ئىسپات تاپالايدىغان ئىشىم بولسا،بۇ ساقچىلىق خىزمىتى سىزگە ئاشمايتى بىلىپ قويۇڭ،بىز بۇياندىن ۋەيران بولغۇچە،ئۇ ئۇياندىن بېيىپ كەتتىغۇ،ئەجەبا مۇشۇمۇ گۇمانلىنىشىڭلارغا يەتمەمدىكەن؟ -
- بولىدۇ،بىز شەمسىيە خانىمنىڭ مەبلەغلىرىنىۇ كىلىش مەنبەسى ۋە ئابلىمىتنىڭ تىلفون خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاپ چىقىمىز، ئەگەر ئىشلار سىز دىگەندەك بولماي قالسا،ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاپ،نام-شەرەپ ھوقۇقىغا دەخىلى تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىڭىزنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالالامسىز-
- ۋۇيەي،خۇددى ئۇنىڭ ئېرىدەكلا گەپ قىلىۋاتىسىزغۇ ساقچى ئەپەندىم،جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىش، مىنىڭ ئەمەس،سىزنىڭ ئىشىڭىز، گۇمانلىق ئادەمنى بوش قويۇۋىتىپ،مۇھىم ئىشقا تەسىر يەتكۈزسىڭىز بۇنىڭ مەسئۇلىيتىدىن چىقالامتىڭىز ئەمىسە،سىزگە دىسەم،سىز پۈتۈنلەي ھېسىياتىڭىز ھەم شەخسى تۇيغۇڭىز بويىنچە ئىش قىلىۋاتىسىز،-خانقىز شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى-باشقا ئىش بولمىسا،ئەمىسە مەن كەتسەم بولار،بۇيەردە يەنە بىردەم تۇرسام، شەمسىيە دىگەن خوتۇندىن گۇمانلاندىڭ دەپ مىنى نەچچىنى ئۇرىۋىتىدىغان ئوخشايسىز-
-كەتسىڭىز بولىدۇ،ئاۋۋال بۇ ماتىرىياللارغا قول قويۇۋىتىڭ، قول قويۇشتىن ئاۋۋال ئوبدان ئويلۇنۇڭ،مەن باياتىن ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك،بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىشىڭىز ئۈچۈن بىرىلگەن بىر قېتىملىق پۇرسەت،مۇشۇ ماتىرىيالغا قول قويۇپ، بۇيەردىن چىقىپ كەتسىڭىزلا،سىز بۇ پۇرسەتتىن رەسمىي ۋاز كەچكەن بولىسىز-
- نىمە پۇرسەت،نىمە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشكەن ئۇ،جىق گەپ قىلماي،ئەكىلىڭە ماتىرىيالىڭىزنى، قورسۇقۇمنىڭ ئاغرىقى يوق، تاۋۇز يىيىشتىن قورقمايمەن،يوغان گەپنىچۇ،مىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ھېساباتىمنى تەكشۈرۈپ بېقىپ، ئاندىن قىلسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز،ۋاقتى كەلگەندە تېخى مەن سىزنى نام-شەرەپ ھوقۇقۇمغا كۆپ قېتىم دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ، ئەرز قىلامدىم تېخى-خانقىز شۇنداق دەپ ئەنۋەر كۆرسەتكەن ئورۇنغا ئىمزا قويۇۋەتكەندىن كىيىن،كەينىگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىدا، باياتىن بۇيەرگە كەلگەندىكى جىددىيلىكلەردىن ئەسەرمۇ يوق،خۇددى ئۆزىدە ھېچقانداق بىر خاتالىق يوقتەك،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىرايىغا تىپىپ تۇراتتى.
بەلكىم،خانقىزنىڭ دەل،يالغان سۆزلىگەنسىرى خۇددى ئۆزىنىڭ دەۋاتقانلىرى پۈتۈنلەي ھەقىقەتتەك ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تېشىپ كىتىدىغان مۇشۇ تەرىپى،يالقۇن بىلەن قابىلنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان بولسا كىرەك،ئۇنىڭ ھاياتلىق مىزانىدا ھېچقاچان راس ۋە يالغان دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۇنىڭغا نىسبەتەن يالغان بىلەن راسنىڭمۇ،ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق، پەقەت، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىقلا بولىدىكەن،يالغانمۇ چوقۇم راستقا ئايلىنىشى،ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىزلا بولىدىكەن، تۆھمەتلەرمۇ چوقۇم ھەقىقەتتىن غالىب كىلىشى كىرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ ھېچكىشىمگە يۈز قىلماي، ھېچكىمنى ئاياپ ئولتۇرماي،ھېچقانداق ئاقىۋەت بىلەن ئويلاشماي،يالغاننى سۆزلەيتتى،تۆھمەتنى توقۇيتتى.يالغاننى سۆزلىگەنسېرى خۇددى ئۆزىنىڭ توغرىدەك تېخىمۇ كۈچلىنىپ كىتەتتى.
- ئۇنى بۇنداقلا ئۇزىتىۋەتسەڭلار،بىزنىڭ قەرزىمىزگە كىم ئىگە بولىدۇ؟ئاۋۋال بىرسىڭلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ،قەرزگە مەن ئىگە دەپ بىر نەردە يېزىپ بىرىڭلار،بولمىسا،بۇ جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ، خىيالىڭلارنى خام چاغلىماڭلار -بىر كۈنلۈك تەييارلىقتىن كىيىن،ئەتىسى ئەتىگەن شەمسيە،يالقۇننى ئۇزىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا،بىر توپ قەرزدارلار يوپۇرۇلۇپ كىلىپ،جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا جان-جەھلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلدى، دىمەك،يالقۇن ئاللىقاچان ئۆلگەن بولسىمۇ، ھايات ۋاقتىدىكى خاتالىقلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى.خانقىز دىگەن ھىيلىگەر دەل مۇشۇنداق ئاقىۋەتنىڭ يۈزبىرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغانلىقى ئۈچۈن،ھەتتا ئەڭ ئاددى ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشتىنمۇ باش تارتىپ، يالقۇننىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋېلىش ئۈچۈنمۇ كەلمىدى.
-يولداشلار،سىلەرنىڭ ھازىرقى ھېسىياتىڭلارنى ئوبدان چۈشىنىمەن،ئەمما قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنىمۇ چوقۇم، ئوبدان ئويلۇشۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،سىلەرنىڭ جەسەتنى ۋاقتىدا ئۇزاتقىنى قويماي ئېسىلىۋالغان قىلمىشىڭلار بەلكىم جەسەتنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى،شۇ ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن جەسەتنى خورلاش قىلمىشى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن،قانۇن ھەرقانداق شەكىلدىكى جەسەتنى خورلاش قىلمىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ، قانۇندا ئۆلگۈچىنىڭ قانۇن بويىنچە دەپنە قىلىنىش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا، سىلەرنىڭ ئۆز ئالدىڭلارغا قەرز سۈيلەش قىلمىشىڭلارمۇ قانۇنغا قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قەرز تۆلەشكە مەجبۇرلاش ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق،شەمسىيە خانىم،ئۆلگۈچىدىن ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن،ئۇنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ قەرزىنى تۆلەش مەجبۇرىيتى ئەسلا يوق،ئۇ بۈگۈن پەقەت ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغىنى ئۈچۈنلا،سابىق يولدىشىنىڭ جەسىدىنى ئۇزىتىۋاتىدۇ،بالىلارغا كەلسەك، ئۇلار تېخى كىچىك،قانۇندا ئېنىق قىلىپ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەرزىنى تۆلەش مەجبۇرىيتى يوق دەپ بىكىتىلگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار،ئۇنداق مەجبۇرىيتى بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا تېخىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى قانداق دەۋا تەلىپىڭلار بولسا، قانۇن بويىنچە ھەل قىلىڭلار، قانۇن تۆلەشكە تىگىشلىك بولسا چوقۇم تۆلەشقە بۇيرۇيدۇ، قانۇن ئامال قىلالمىغان ئىشلارنى سىلەرنىڭمۇ مەجبۇرلاشقا ھوقۇقۇڭلار يوق-شەمسىيە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ تۇرىۋىدى،ئەنۋەر كىلىپ،ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.
-سىز كىم؟بۇيەردە بىزگە لىكسىيە سۆزلەيدىغانغا نىمە سالاھىيتىڭىز بار؟باشقىلارنىڭ پۇلىنى بىرىش ئېغىر كىلىپ،بىنادىن ئۆزىنى ئېتىۋالسىلا،ھەممە ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگەمدىكەن،بىزمۇ ئۇ پۇللارنى ئاساندا تاپمىغان،ئۇ ئۆلىۋالغان بولسا،بىزمۇ ئۆلىۋېلىشنى بىلىمىز-
- شۇنداق،ئۆلىۋالسىلا تۈگەمدىكەن،مەنمۇ بۇنداق جاندىن تويۇپ كەتتىم،كۈندە بانكىدىن قەرز سۈيلەپ كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالىمەن،ئۆي دەيكۈەن،ماشنا دەيكۈەن،ئۈستى-ئۈستىلەپ قەرز،ئۆلسىلا تۈگەيدىغان،باللىرىمىزغا قالمايدىغان ئىش بولسا،مەنمۇ ئۆلىۋالاي ئۇنداق بولسا -بىر قەرزدارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن يەنە بىر قەرزدار ۋاقىراپ يىغلاپ،بىراقلا جاھاننى بېشىغا كىيدى.
-يولداشلار،ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار،ھاياتلىق بەكلا قىممەتلىك،ئۇنىڭدىن كىچىمەن دەپلا كەچكىنى بولماس، مەن شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسىدىن بولىمەن، ھازىر سابىق يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئالدىنىپ كىتىش دىلوسىنى تەپسىلى تەكشۈرىۋاتىمىز،ئالاقىدار ئورۇنلار، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى زىمىن ۋە مال-مۈلۈكلەرنى باھالاۋاتىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىلەرنىڭ زىينىڭلارنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ئەمما بۇيەردە داۋاملىق جىدەل-ماجىرا قىلساڭلار،ئائىلەڭلەردىكىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كىلىشتىن باشقا ئاقىۋەت چىقرالمايسىلەر خالاس-ئەنۋەرنىڭ كىملىكىنى ئاڭلاپ،غۇلغۇلا قىلىۋاتقانلارمۇ سەل بوشاپ تىمتاسلىققا چۆكتى.
- كۆپچىلىك، مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي-ئەنۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىشى بىلەن شەمسىيەمۇ ئازراق غەيرەتكە كىلىپ، ئېغىز ئاچتى-خۇددى يۇقۇردا ئەنۋەر ئەپەندىم ئېيتىپ ئۆتكەندەك،ھازىر مىنىڭ يالقۇن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق بولسىمۇ، بۇرۇنقى ئەر-خوتۇنچىلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپلا،ئايالكىشى بولساممۇ، ئۇنى ئۇزىتىش ئىشلىرىنى باش بولۇپ قىلىۋاتىمەن،ھەممىڭلارنىڭ دەردىڭلارنى چۈشنىمەن، ئەمما بۇ دەرت جىدەل قىلىپلا ھەل قىلغىنى بولىدىغان دەرت ئەمەس، مەن ئەينى چاغدا ، ئاتمىش پىڭفاڭلىق سەرەڭگە قېپىدەك كونا ئۆيدىن باشقا ھېچنىمە ئالماي يالقۇندىن ئاجراشقان،ئىشەنمىسەڭلار تەكشۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ئەگەر ئاشۇ ئاتمىش پىڭفاڭلىق ئۆي بىلەن سىلەرنىڭ دەردىڭلار ھەل بولۇپ كىتىدىغان بولسا، مەن ئۇ ئۆينى سىلەرگە بىرەي،ئەمما ئۇ ئاتمىش پىڭفاڭلىق ئۆيمۇ بۇنچە چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ، شۇڭا بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان ئىشىمىز، ئۇرۇش-جىدەل قىلىش،ئەمەس، بەلكى ئورتاق پىكىرلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر،ئەنۋەر ئەپەندىم توغرا ئېيتتى، بىز ھازىر بار كۈچىمىز بىلەن قىلىدىغان ئىش، قانۇننىڭ قويمىچىلارنى تېپىپ، بالدۇرراق قانۇن تورىغا چۈشۈرىشى ئۈچۈن ياردەملىشىش ۋە كۈچىمىزنىڭ بارىچە زىياننى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈشتۇر، شۇڭا ھەممىمىز ئىتپاقلىشايلى، بۇنداق دىسەم،مىنى باللىرىنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرىۋاتىدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما ھەممىڭلار بىلىسىلەر، مىنىڭ باللىرىم كىچىك، ئەلۋەتتە ئۇلار چوڭ بولۇپ، پۇل تېپىپ، سىلەردىن ياخشى كۈن كۆرسە، ھەتتاكى دادىسىنىڭ قەرزىنى تۆلىيەلىگۈدەك كۈنلەرگە ئىرىشسە، قانداشلىقتىن تانغىنى بولمايدۇ، مەن ئۇلارغا تاپىلايمەن، چوقۇم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەمما بۈگۈن ئۆزۈڭلارنىمۇ، بىزنىمۇ تەڭلىكتە قويىدىغان پايدىسىز جىدەللەرنى قىلمىغان بولساڭلار -
- ھەي، سىز بۇنداق دەۋاتقان يەردە بىزدە نىمە ئامال،
- ھەي - شەمسىيەنىڭ سۆزى تۈگەپ،بىردەملىك ھەي،ھەيلەردىن كىيىن، ئەتراپ بىردەملىك تىمتاسلىققا چۆمۈپ، ئادەملەر يالقۇننىڭ جەسىدىنىڭ مۇراسىم مەيدانىغا بېرىشىغا يول ئاچتى.
- بۈگۈن سىزگە كۆپ رەھمەت - دىدى شەمسىيە ئىشلار ئاياقلاشقاندىن كىيىن، پۈتۈن بىركۈن ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ، ئېغىرىنى يىنىك قىلغان ئەنۋەرگە، مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ.
- ھېچقىسى يوق، يالقۇن ئىككىمىز بۇرۇن ياخشى ئۆتكەن، ئۇنىڭسىزمۇ بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم-
- بىرەر كۈنى ۋاقتىڭىز بولسا،بالىلارنى ئېلىپ چىقسىڭىز، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي،يېقىندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىزگە رەھمەت ئېيتقىنىم بولۇپ قالسۇن، ئۇنىڭسىزمۇ ئايالىڭىز كەتكەندىن كىيىن ھال سورايدىغان يولۇممۇ بار ئىدى-
-سىرتقىما!
- نىمە بولمامتى؟
- ياقەي، مىنىڭ، مىنىڭ- دۇدۇقلاپ قالدى ئەنۋەر-مىنىڭ سىز ئەتكەن پىتىرمانتىنى يەنە بىر قېتىم يىگۈم بار ئىدى،بىر قېتىم يالقۇن باشلاپ بارغاندا ئىتىپ بەرگەنتىڭىز، پىتىرمانتىنى بەك ئوخشىتىدىكەنسىز، خۇددى ئايالىمغا ئوخشاشلا،باللىرىممۇ شۇ تەمنى بەكلا سېغىندى، مۇمكىن بولسا...
- ھە، چاتاق يوق،ئىتىپ بىرەي، ئەگەر بالىلار ئامىراق بولسا، بىرەركۈنى بوش ۋاقىت چىققاندا باشلاپ كىلىڭ،- ئەنۋەر بىلەن شەمسىيەنىڭ خۇددى كونا تونۇشلاردەك پارىڭى تۈگىمەي،مۇڭدىشىپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇرغان مۇراتنىڭ ئىچى پۇشۇشقا باشلىدى،ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا شۇنچە ھېكايە سۆزلەپ،ئاران دىگەندە شەمسىيە بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەندە، ئەنۋەرنىڭ بۇ پۇرسەتنى يوق قىلىۋىتىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى.
-سىدىق ئاكا، ئەنۋەر ئاكامنىڭ ئايالى يوقمۇ؟ - ئۇ ئەندىشىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ،قايتاشىىدا سىدىقتىن سورىدى.
-ئايالى دەمسەن،ئۇنىڭدىن ھەرگىز بۇنداق سوراپ قالما جۇمۇ، يارىسىنى تاتىلاپ قالىسەن بىكا،ئۇنىڭ ئايالى يېقىندا ئۆلۈپ كىتىپتۇ-
- ھە! -مۇراتنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى،نىمىشقا؟ زادى نىمىشقا تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك،ئۇ نىمىش قىلماقچى بولسا، نىمىنى خالىسا، شۇ ئىشقا بىر توسالغۇ پەيدا قىلىپ تۇرىدىغاندۇ؟ -ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، باياتىنقى شەمسىيە بىلەن ئەنۋەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىتراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان مەستخۇشلارچە قاراشلىرى پەيدا بولۇپ قەلبى ئازابتىن ئاچچىق تولغاندى.
ئۇنىڭ ئەندىشىللىرىنى ئاساسسىز قويماسلىق ئۈچۈن،شۇ تاپتا ئەنۋەرمۇ، شەمسىيەمۇ، بىر-بىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى، ئەنۋەرنىڭ خىياللىرىدا شەمسىيە، ۋە ئۇنىڭ باللىرىغا ئانا بولغاندىكى ھالىتى، ئوخىشىتىپ ئىتىلگەن پىتىرمانتا، شەمسىيەنىڭ خىياللىرىدا بولسا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئەرلىك پۇراق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان زەبەردەس ئەر نېرى كەتمەيتتى.
- ئاھ، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن! ماڭا شۇ خىياللار يارىشامدۇ ھەـ! ئەر كىشى دىگەن يالقۇندەك بولىدىغان بولسا، باللىرىم بىلەن بىر ئۆمۈر تەنھا ياشاپ كىتىمەن دىمىگەنمىدىم، ئەمدى بولغاندا، نىمە ئاجراشماي تۇرۇپ،بەڭگىنىڭ خىيالىدەك خىياللارنى قىلىپ يۈرۈيمەن؟ ئەمەلىيرەك بول شەمسىيە، ھەرگىز ئازما، سەن ئازساڭ ھەرگىز بولمايدۇ!
- مەن پەستە، سىرتقا چىقسىڭىز پاراڭلاشساق بولامدۇ-مۇراتتىن كەلگەن تىلفون شەمسىيەنىڭ خىياللىرىنى بۆلدى.
- ئۇكام، ھەممە ئىش چىكىدە بولسۇن، ھەركۈنى كىچىدە چۈشۈپ، سىز بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرسەم، كۆرگەن خەق نىمە دەيدۇ، قايتىپ كىتىڭ، ئەمدى مىنىڭ كەينىمدە يۈرمەڭ، ئاچچىقىم كىلىدۇ بىكا-
- ئەنۋەر ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇـ مۇرات تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سوئالىدىن ئۆزىمۇ ئەندىكىپ كەتتى ۋە ئارقىدىن ئۇلاپلا دەرھال-كەچۈرۈڭ-دىدى.
- مۇشۇمۇ سورايدىغان سوئالمۇ ئەجەبا؟ سىز مىنى قانداق ئويلاپ قالدىڭىز مۇرات، مەن تېخى ئەردىن تولۇق ئاجراشمىدىم، كۆزىڭىزگە كۆرگەنلا ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان شاللاق ئايالدەك كۆرۈنىۋاتامدىم، بۇندىن كىيىن گەپ سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئەمىسە، خەير-خوش، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىم بار -شەمسىيە سوغاقلا تىلفوننى قويۇۋەتتى، ئەمما تىلفوننى قويۇۋەتكەن ھامان مۇراتنىڭ سۇلغۇن ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالىتى كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ،كۆكرەك قەپىزى ئاچچىق تىتىرىگەندەك بولدى. -نىمە دىگەن بىچارە ھە! خۇددى ئانىسىغا تەلمۈرۈپ تۇرغان قوزىچاقتەكلا، ئەپسۇس!
-قانداق شەمسىيە، ئىشلىرىڭىزنى بىرەر قۇر تۈگىتىۋالدىڭىزمۇ؟ ھېلىقى مەن سىزگە تاپشۇرغان ئىشقا قارىتا بىرەر لايھىيە ئويلاشتىڭىزمۇـ ئەتىسى شەمسىيە ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرىشىغىلا، رىشىت ئەپەندى ئۇنى چاقىرىتىپ،قايسى كۈنكى ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سورىدى، ئاندىن، -ۋاقىت قىس، ھەم جىددى شۇڭا ئالدىرىتىپ قويۇۋاتىمەن توغرا چۈشىنىڭ-دەپ قوشۇپ قويدى.
-رىشىت دادا،مەن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم،ھەم ئاخىرى بۇ زىمىندىن ۋاز كىچىپ،يىشىل شەھەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسەك توغرىمىكىن دىگەن تونۇشقا كەلدىم.
- بۇ، بۇ نىمە دىگىنىڭىز شەمسىيە،بۇ ماكانىم گورۇھىمىزنىڭ ئىناۋىتى ھەم كەلگۈسىگە تاقىشىدىغان مۇھىم بىر قېتىملىق خېرىدار بولۇش پۇرسىتى، ئەگەر بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن مۇشۇنداقلا ۋاز كەچسەك، بۇنىڭدىن كىيىن،يىشىل شەھەردە ماكانىمغا ئورۇن قالمايدۇ، ئىناۋەت ھەم پۇرسەتنىڭ ھەممىسى تۇرغۇنغا تەۋە بولۇپ كىتىدۇدە، بۇنىڭدىن كىيىنكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسى سۇسايغا، پۇل بايغا دىگەندەك شۇنىڭغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇنداق دىسەم، ئىچى تارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، يىشىل شەھەر ئەگەر تۇرغۇننىڭ بولمىغان بولسا، مەن بۇئىشقا بۇنچە كۈچىمەيتتىم، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى مەقسىدىمىز تۇرغۇننى يىقىتىش بولغان ئىكەن،ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىناۋىتى ۋە سودا پۇرسىتىنى تارتىۋېلىشىمىز كىرەك، شۇندىلا ئۇنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئىتتىرەلەيمىز-
- رىشىت دادا، مەن سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى چۈشىنىمەن، ھەم ئۆزۈمىنىڭمۇ سىز بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىكەنلىكىمگە كاپالەت بىرەلەيمەن، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى تۇرغۇنغا ئۆتۈنۈپ بىرەيلى دەۋاتىمەن، بۇ ھەقىقەتەن ئۇنى يىقىتىدىغان ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ياخشى پۇرسەت.
-ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتسىڭىزچۇ؟ سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز؟ -
- ئاۋۋال بۇ خەرىتىگە قاراپ باقايلى-دىدى شەمسىيە قايسى كۈنى رىشىت ئەپەندىم، ئۆزىگە بەرگەن ماتىرىيالنىڭ ئارىسىدىكى خەرىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ-