كىرىسلودا ئولتۇرغان ئادىل ئەپەندى ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ قىزنى يىنىك قۇچاقلىدى :
- بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس قوزام، تەقدىر بىزنى ئەخمەق قىلدى .
ئۇلار شاھيار ماشىنىغا چىقىپ بۇ يەردىن ئايرىلغانغا قەدەر قاراپ تۇرۇشتى .
- لالە، شاھيار سىزدىن ھىلىقى ماتىريالنى سورىدىما ؟
- ھەئە، مەن ئۇنى يەنە ئالدىدىم، دادا، مەن بەك شەخسىيەتچىلىك قىلدىممۇ قانداق ؟
- ئۇنداق ئەمەس قىزىم، بۇ ئىشتا مەنمۇ ئەيىپلىك، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كىسەللىك خاتىرىسىنى سىز ماڭا بەرگەندە ئۇنىڭ مىڭە غول ھۈجەيرىللىرى تىخى ھاياتكەنتۇق، مەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كىچىككىنە ئوپراتسىيەگە مىڭە ئوپراتسىيەسىنى قىتىپ قىلغان . لالە ھەيران بولۇپ دادىسىغا تىكىلدى :
- بۇ، بۇ قانداق ئىش ؟ سىز ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى مىڭە ئوپراتسىيەسىدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شەكىل تۈزەش ساھەسىگە كىرگەن، قانداقسىگە مىڭە
ئوپراتسىيەسىگە قاتنىشىسىز ؟ دادا، سىز نىمىشقا بۇ ئىشنى ئەمدى ماڭا دەيسىز ؟ ئادىل ئەپەندى ئىغىر خۇرسىنىپ گىپىنى باشلىدى :
- ئەينى چاغدا ئۇنى ئىلىپ كەلگەن دىۋىزىيە ھەربى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەلچىسى ئۇنىڭ شىنجاڭدا ھادىسسىگە ئۇچراپ گەنسۇ ئۆلكىسىگە ئىپ كىلىنگەنلىكىنى، كىيىن مىڭە ئوپراتسىيەسىدە ئازراق چاتاق چىققاچقا گۇاڭجۇغا ئىپ كىلىنگەنلىكىنى ئىيتقان ، ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىدى، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۆسمە ۋە مىڭە كىسەللىكلىرى دوختۇرى ۋاڭ دوختۇر مىنى ئالاھىدە كىسەلنىڭ ئىشى توغىرلىق چاقىرتىپتىكەن، ئەسلىدە ھادىسسىگە ئۇچىرىغان يىگىت شىنجاڭلىق بولغاچقا، ئۇ مىللەت ۋە قان ئارلاشمىسى توغرىسىدا مەندىن مەسلىھەت سورىماقچى بوپتىكەن، مەن بىمارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كىيىن ۋاڭ دوختۇر بىلەن ئۇنى ئىچكى داۋالاش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشتىم، ئۇنىڭ يەنە سول پۇتى ئىغىر يارلانغان بولۇپ، ئەھۋالى ئىنتايىن ئىغىر ئىكەنتۇق، بىز زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالدۇق ، كىيىن ئۇنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كەلگەندە مەن ئۇنى شەكىل تۈزىتىشكە سىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلدىم ، سىز ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدىڭىز، بۇ جەرياندا ئىككىڭلارمۇ خىلى چىقىشىپ قالغانتىڭلار، مەن سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى بىلىمەن، ئادەتتە يىگىتلەر بىلەن ئانچە چىقىشالمايسىز ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بۇ يىگىتنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم ، شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدە مەن دوختۇرخانا باشلىقىڭلار ئەي دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۈز قىسمىدىكى ئىچكى يارىغا نىسبەتەن داۋالاش خاراكتىرىدىكى كىچىك ئوپراتسىيە قىلغان، گەرچە بالدۇر پىنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ئەي دوختۇر شاھيارنىڭ باشقا داۋالاش ئىشلىرىدا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئوپراتسىيەگە قاتنىشىشىمغا قوشۇلغان، ئەمىلىيەتتە بۇ ئاساسلىقى مىڭە ئوپراتسىيەسى ئىدى، مەن بۇ ئوپراتسىيەنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەي دوختۇرغا ئازراق بىھۇشلاندۇرۇش دورىسى ئىچۈرىۋەتكەن، ئۇ ئوپراتسىيە جەريانىدا تۇيۇقسىز ئايلىنىپ قالدى، ئامالسىز ئوپراتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ماڭا قالدى، شۇڭا مەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ شاھيارنىڭ مىڭە توقۇلمىللىرىنىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ تاشلىدىم ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بەزى خاتىرىللىرى پۈتۈنلەي كاللىسىدىن يۇيۇلۇپ كىتەتتى، ئوپراتسىيە ئاياغلاشقاندىن كىيىن شۇنچىلىك جىددىيلەشتىم ، گەرچە شاھيارغا يۈز كىلەلمىگۈدەك ئىش قىلغان بولساممۇ سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن ئىچىمدە ئامالسىز خۇشال بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم ، ئوپراتسىيە خاتىرىللىرى ۋە باشقا كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشلەرنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ قويغان ، كىيىنكى تاشقى جاراھەت ئوپراتسىيەسىنى سىز قىلدىڭىز، ئۇ ساقايغاندىن كىيىن خاتىرىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، لىكىن سىزنىڭ ئىللىق مۇئامىلىڭىز ۋە كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىڭىز بىلەن سىلەر مۇھەببەتلىشىپ قالدىڭلار، مەن بارلىق داۋالاش خاتىرىللىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن يۇشۇرۇن كۆيدۈرىۋەتكەن، ھەتتا مىڭە ئوپراتسىيە خاتىرىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە… ئادىل پۇشايمان ئارلاش كۆزلىرىنى لالەگە تىكتى .
- دادا، ئەمىلىيەتتە مەنمۇ شاھيارنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىپ مىنى تاشلاپ كىتىشىدىن قورقاتتىم، ئۇنىڭ شەكىل تۈزەش ۋە باشقا داۋالاش خاتىرىللىرىنى مەن دوختۇرخانا باشلىقىدىن ئىلىۋالغان، مەقسىدىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھيارنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كەلسە بۇ ماتىرياللارنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىش ئىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىدە ئەمدى ئۈمىد يوق ئوخشايدۇ، بىراق شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن بىرى ئۇنىڭ باشقىچە بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، سىزچە…
- مەنمۇ ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ، ئەكبەر ئالدىنقى ئايدا تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ، ئۇ شاھيارنىڭ ئىشلىرىنى مەندىن سورىدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە، شاھيار ئۆزى تونۇيدىغان بىرسىگە بەكلا ئوخشايدىكەن، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەكبەرگە يالغان سۆزلىگەن ، قارىغاندا شاھيارمۇ بەزى ئىشلارنى ھىس قىلغان بولسا كىرەك ، بايا مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرگىلى ياش بىر يىگىت كەپتىكەن دەپ قويدۇم .
- دادا، ئەگەر شاھيارنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كىپ قالسا ئۇ مىنى تاشلاپ كىتەرمۇ ؟ سىز قىلغان ئىشلارنى شاھيار بىلىپ قالسا ئۇ چوقۇم بىزدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ . لالە كۆز ياشلىرىنى مارجان كەبى تۆكتى، ئادىل پۇشايمان ئارلاش ئىغىر-ئىغىر تىنىپ :
- ھەممىنى قىلغان مەن، ئەينى چاغدا ئويلاشمايلا خاتا ئوپراتسىيە قىلمىغان بولسام بۇنداق دەككە-دۈككىدە ياشاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى، دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوق، قارىغاندا ئەكبەر ئۇنى تونىسا كىرەك .
- دادا ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ بولمىسا بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى شاھيارغا ئىيتايلى . ئادىل سىنجى كۆزلىرىنى دىرىزە سىرتىغا تىكتى :
- ياق ياق، بۇ ئىشنى بىۋاستە شاھيارغا ئىيتىشقا بولمايدۇ، مىنىڭچە ئەكبەرنىڭ ئۇنىڭدىن گۇمانلىشى سەل غەلىتە تۇرىدۇ ، بىز يەنىلا بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، شاھيارنىڭ ئەسلى سالاھىيتىنى ئىنىقلايلى، ئاندىن بۇ ئىشنىڭ ئىغىر-يىنىكلىك سالمىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىيتساقمۇ بولىدۇ .
لالە دادىسىنىڭ پىكىرىنى قوللىدى، بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىن تۆكىلىۋاتقان ئازاپلىق ياشلىرى يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلماقتا…
شاھيار يولدا كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدى :
- مەن زادى كىم ؟ مىنىڭچە ئادىل تاغام بىلەن لالە مەندىن بىر ئىشنى يۇشۇرىۋاتىدۇ ، نىمىشقا بەزى ئىشلار غۇۋا ئىسىمگە كىلىپ يەنە غايىپ بوپ كىتىدۇ ؟ بولۇپمۇ بىر قىزنىڭ سىماسى . ئۇ بىردىنلا ئادىلەنى يادىغا ئالدى :
- ئۇنى بۇرۇن تونۇيدىغان بولغۇيمىدىم ؟ يەنە ئابىدەمۇ بار ؟ ئۇلار ماڭا بەكلا تونۇش بىلىنىۋاتىدۇ، نىمىشقا ئۇلارنىڭ سىماسى خاتىرەمدە شۇنچىلىك خىرە ؟
شاھيار ئەينى چاغدا ھادىسسىگە ئۇچىرىغان چاغدىكى مۇھىم ئىش ئىسىدە قالغان بولۇپ، ئۇ دەل كىچىدىكى ئايلانما داۋان ئەتراپىدا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنا ئىدى .
- توغرا، ھىلىقى سىرىق چاچ، ئۇ مىنى قەستلىگەن، ئۇ زادى نىمىشقا مىنى قەستلەيدۇ ؟ نىمىشقا بۇ ئىش شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە ؟
ئەمىلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا شاھيارغا تىلفۇن قىلغان ئادەم دەل شۇ بولۇپ، شاھيار شەھەر سىرتىدىكى ئايلانما داۋانغا كەلگەندە تۇيۇقسىز قارشى تەرەپتىن كەلگەن يۈك ماشىنىسى شوپۇرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ماشىنىنى تۇيۇقسىز توختىتىپ شاھيارغا تىلفۇن قىلغان .
- سولتەك، ئاخىرى كەلدىڭ ، ئەمدى ئۆلۈمۈڭنى كۈت ! ھاھاھا…
شاھيارنىڭ خاتىرىسىدە ئاشۇ ماشىنا ئىچىدىكى غۇۋا چىراغ يورىقىدا كۆزىگە روشەن كۆرۈنگەن، سىرىق چاچ، قىسماق كۆز ئەر گەدىلەنگەن، تۇيۇقسىز قارشى تەرەپتىكى كۈچلۈك چىراق نۇرى ھەم كۈچلۈك ماشىنا سىگىنالىدىن قاچۇرۇلغان ماشىنا ياردىن چۈشۈپ كەتتى، شاھيارنىڭ ئاشۇ سىرىق چاچنىڭ مەسخىرىلىك چىرايى بىلەن ياردىن چۈشۈپ كەتكەن خاتىرىسى ئىنىق ئىسىدە قالغان، بىراق ئۆزىنىڭ كىم ؟ سىرىق چاچ بىلەن قانداق ئاداۋىتى بار ؟ بۇ مەسىلە يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن قاراڭغۇ ئىدى .
- مەن زادى كىم ؟ سىرىق چاچ نىمىشقا مىنى قەستلەيدۇ ؟
بۇ مەسىلە ھەر ۋاقىت ئۇ خاتىرىسىنى ئەسلەشكە تىرىشىدىغان چاغدا كاللىسىدا قالدۇرۇلغان بىردىن-بىر ئىسپات .
شاھيار ئۈرۈمچىدىكى بارلىق كوچىلارنى ئايلىنىپ چىقتى، دەرۋەقە بەزى جايلار ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك يىقىملىق ھەم تونۇش، لىكىن بۇ يەرگە قاچان، قانداق سەۋەپ بىلەن كەلگەن ؟ دىگەندەك ئىشلار خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلگەن . شاھيار ئۆزىنى قەستلىگەن قاتىلنى تىپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيتىنى ئىنىقلاشقا مۇھتاج ، گەرچە بۇ مەزگىللىك داۋالاشنىڭ ئانچە دىگەندەك ئۈنىمى بولمىغان بولسىمۇ، بەزى خاتىرىلەر غۇۋا ئۇنىڭ ئىسىگە كىلىپ يەنە غايىپ بولاتتى .
بەختىيار ئادىلەنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ ئۆزى ئىشى بارلىقىنى ئىيتىپ كىتىپ قالدى، ئادىلە بەختىيارنىڭ ماشىنىسىنىڭ قارىسى يۈتكەندە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قۇياشتەك نۇر چىچىپ تۇرغان كۈزىتىش چىرىقىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ قورۇ ئىچىگە ماڭدى، تۇيۇقسىز كەينى تەرەپتىن بىرىلگەن ماشىنىنىڭ سىگىنالى ئۇنى چۆچىتىۋەتتى، ئۇ ئارقىسىغا قاراپ يول لىۋىگە توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىنى كۆردى .
- شاھيار ! ئادىلە ھەيران بولۇپ تۇرىشىغا شاھيار ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى .
- ئادىلە، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ شاھيارنىڭ سۇلغۇن چىرايىدىكى غەمكىنلىك ئادىلەنىڭ چىرايىنى كۆرۈش بىلەن غايىپ بولغان ئىدى .
- ياخشى، بۇ كىچىدە كىپ قاپسىزغۇ ؟ مىنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمۇ ؟
- ياقەي، سىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دەپ، يىقىندىن بۇيان خىزمەت ئىشى بىلەن سىزنى يوقلاپ كىلەلمىدىم، بۈگۈن دەم ئىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىزنى كۆرۈپ ئۆتەي دەپ كىلىۋىدىم .
- رەھمەت سىزگە، بىراق قارىسام يىقىندىن بۇيان سەل ئورۇقلاپ قالغاندەك تۇرىسىز، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- ياقەي، ئەگەر خالىسىڭىز بىردەم پاراڭلىشايلى ، سىرتنى ئايلانساقمۇ ياكى ئۆيىڭىزگە كىرىپ پاراڭلاشساقمۇ بولىۋىرىدۇ .
ئادىلە سىرتلاردا يۈرسە بىرەر تونۇش-بىلىش ئۇچراپ قىلىپ ئۆزى ئۈستىدە سۆز-چۆچەك بولىشىنى خالىمايتى، ئۇ بۇ ناتونۇش ئەرنى ئۆيگە باشلاشنىمۇ توغرا تاپمىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى چۈشكۈن كەيپىياتىدا بىرەرسى بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقا مۇھتاجلىقىنى ھىس قىلىپ بىشىنى لىڭشىتتى :
- ماقۇل، ئەمسە ئۆيۈمگە كىرىپ پاراڭلىشايلى .
ئادىلە ئەتراپقا بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئالدىراپ قورۇ ئىچىگە ماڭدى .
شاھيارمۇ ئۇنىڭ نىمىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە ئەتراپقا قاراپ قويدىدە، ئادىلەدىن سەل ئارلىق قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىنا ئىچىگە كىردى، ئادىلە ئىشىكنى ئىچىپ شاھيارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى :
- بەك ئۇزۇن پاراڭلاشمايلى ، سىزمۇ بىلىسىز، مەن يىقىندا توي قىلماقچى ، باشقىلارنىڭ ئارقامدىن گەپ تىپىشىنى خالىمايمەن .
- بۇنى بىلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنى گەپكە قويمايمەن .
ئۇلار كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى، ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپ :
- مەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقاي، سىز نىمە ئىچىسىز ؟
- بولدى، ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرىۋىلىڭ .
ئادىلە بىشىنى لىڭشىتىپ ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى، شاھيار ئۆي ئىچىگە بىرەر قۇر نەزەر تاشلاپ، ئادىلەنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى سەل قالايمىقاندەك ھىس قىلدى، چۈنكى مىھمانخانا سەل قالايمىقان بولۇپ، ئىشىك تۈۋىدىكى ئاياغلار ئاياغ ئىشكاۋىدا بولماستىن، قالايمىقان يەردە ئوڭدا-دۈمدە ياتاتتى، مىھمانخانىدىلا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشخانىدا تىخى يۇيۇلمىغان قاچىلار سۇ جۈمىكى ئاستىدىكى ئوقۇردا دۆۋلىنىپ تۇراتتى . ئادىلە ئۆي ئىچى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتىدە، مىھمانخانىغا چىقىپ ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا قاراپ :
- كەچۈرۈڭ، ئۆي سەل قالايمىقان ، مەن يىغىشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا…
- ھىچقىسى يوق، ۋاقىت چىققاندا يىغىشتۇرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ . شاھيار سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى .
- نىمە ئىچىسىز ؟ ئىچىملىكمۇ ياكى چاي دەملەيمۇ ؟
- ئەمسە چاي ئىچەيلى، مەن چاي ئىچىشكە ئامراق .
ئادىلە ئاشخانا تەرەپكە كىرىپ كىتىپ خىلى ھايال بولۇپ، بىر چەينەك قىنىق دەملەنگەن قىززىق چاي بىلەن ئىككى رومكىنى ئىلىپ چىقتى، چاينىڭ خۇش پۇرىقى شاھيارنىڭ دىمىقىنى غىدىقلىدى .
- بۇ نىمە چاي ؟ پۇرىقى بەك كۈچلۈككەن . ئادىلە ئىستاكانغا ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چايدىن قۇيغاچ :
- بۇ ياۋا گۈل چىيىغا ئازراق دورا-دەرمەك قىتىلغان چاي، بۇنداق چاي شەھەردە تىپىلمايدۇ، بۇنى ئاپام مەن ئاغرىپ قالغاندا يىزىدىن ئالغاچ كەپتىكەن، تىخى تۈزۈك ئىچىپ باقمىغاچقا تۈگىمىگەن .
شاھيار بىر يۇتۇم ئوتلاپ :
- تەمى بولىدىكەن، دىدى بىشىنى رازىمەنلىك بىلەن لىڭشىتىپ .
- ئاپىڭىزنىڭ چاي ياساشقا خىلى ئىپى باردەك قىلىدۇ، بۇنداق چاينى ئىچىپ باقماپتىكەنمەن .
- شۇنداق ، ئاپام بۇرۇن چايزارلىقتا ئىشلىگەن، ھازىر ياشىنىپ قالغاچقا ئۆيدە ئانچە-مۇنچە چاي ياساپ قويىدۇ .
- ئۆيىڭىز قەيەردە ؟ سىز ئۈرۈمچىلىك ئەمەسما ؟ ئادىلە چاينى قۇيۇپ كىرىسلوغا جايلىشىپ ئولتۇردى :
- ياق، مەن قەشقەردىن، ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە ئوقىغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ لايىقىم بىلەن ئۈرۈمچىگە خىزمەت ئىزدەپ چىققان . ئادىلە چوڭقۇر بىرنى تىنىپ قويدى :
- بىراق… ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇڭ باسقان كۆزلىرى ئەينەك ئۈستەلدىكى بىر مودا ژورنىلىغا چۈشتى .
- ئاخىرىچۇ ؟ سىلەر ئايرىلىپ كەتتىڭلارما ؟ شاھيار ئادىلەدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇراتتى، ئادىلە بىشىنى يىنىك چايقىدى :
- ياق ، ئۇ، ئۇ قاتناش ھادىسسىدە ئۆلۈپ كەتتىب.
- نىمەب؟ قاتناش ھادىسسى ؟
شاھيارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا يوغىناپ ئادىلەگە تىكىلگەن كۆزلىرى خىرەلىشىپ كەتتى، ئادىلە ئۇنىڭ بىنورمال ئىپادىسىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدى :
- نىمىگە ھەيران قالدىڭىز ؟ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىككى يىلچە بولاي دەپ قالدى، ھازىر ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دىدىم .
- سىز، سىزدە ئۇنىڭ رەسىمى بارمۇ ؟
شاھيار ئۆز ھۆكىمىگە ئاساسەن بىۋاستىلا ئادىلەدىن ئىلگىرىكى لايىقىنىڭ رەسىمىنى سورىدى، ئادىلەمۇ ئانچە ھەيران قالمىغاندەك بىشىنى لىڭشىتتى :
- ئىككىمىز بىللە چۈشكەن سۈرەت بار، لىكىن ئۇ سۈرەتلەرنى كۆزۈمدىن يىراق تۇرسۇن دەپ كىچىك ساندۇققا سىلىپ قۇلۇپ بىسىۋەتكەن، خىلى ۋاقىتلار بولدى، ئۇ رەسىملەرنى قايتا ئىلىپ كۆرۈپ باقمىدىم .
- قارىغاندا ئىلگىرىكى لايىقىڭىزنى ھازىرغىچە ئۇنتىيالماپسىز، مەن ھىكايىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم ، ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز لايىقىڭىز بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتنى بەكلا كۆرۈپ باققۇم بار . ئادىلە سۇس جىلمىيىپ قويدى :
- ئەمدى مەن ئۈچۈن ئەھمىيتى يوق، سىزگە كۆرسەتسەم بولىدۇ ، بىراق ئۇ ساندۇقنى قايتا ئىچىشنى خالىمايمەن، شۇڭا بۇ ئىشتا مىنى تەڭقىسلىقتا قويمىسىڭىز ؟
شاھيار بىردىنلا لاسسىدە بوپ قالدى، بىراق ئۇ ئادىلەنىڭ گۇمانلانماسلىقى ئۈچۈن چاندۇرماي كۈلۈپ قويدى .
- ھە راست، سىز قاچان توي قىلىسىز ؟ لالە دوختۇر ياخشى تۇرىۋاتقاندۇ ؟ ئادىلە شاھيارنىڭ يىرىملاپ قالغان ئىستاكانىغا چاينى لىقلىغاچ سورىدى .
- بىز خىلى ياخشى ئۆتىۋاتىمىز، توي ئىشىمىزمۇ پۈتەي دەپ قالدى ، بەلكىم بىرەر ئايلارغا قالماي توي خىتى ئىلىشىمىز مۇمكىن .
- ھە، ياخشى بوپتۇ، قارىسام لايىقىڭىز ھەم قابىلىيەتلىك ھەم ئاقكۆڭۈل قىزكەن، ئۇنى قەدىرلەڭ .
- ھە رەھمەت .
شاھيار سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى، شۇ تاپتا شاھيارنىڭ كاللىسىدا ئادىلەنىڭ لايىقى توغرىسىدىكى ئىشلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قاتناش ھادىسسىگە ئۇچراش ئەھۋالى بىلەن سىلىشتۇرما قىلىۋاتقان ئىدى .
- نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟ تۇيۇقسىز ئادىلەنىڭ ئاۋازىدىن چۆچىگەن شاھيار دۇدۇقلاپ :
- ھە، مەن، مەن ھىلىقى… ھە، سىز لايىقىڭىز ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ جەسىدىنى كۆرگەنمىدىڭىز ؟ ئادىلە سەل ھەيران بولۇپ :
- سىز نىمىشقا مىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىمغا بۇنچە قىزىقىپ سورايسىز ؟ شاھيار چاندۇرماستىن كۈلۈمسىرەپ :
- ھە، مەنمۇ قاتناش ھادىسسىدە يارلانغان، شۇڭا لايىقىڭىزنىڭ ھادىسسىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا سەل قىزىقىپ سوراپ قويدۇم .
- ھە شۇنداقمۇ ؟ ئەينى چاغدا ساقچىلار شەھەر سىرتىدىكى تىك ياردىن دىلمۇراتنىڭ جەسىدىنى تاپالماپتىكەن، بىراق ماشىنا پۈتۈنلەي پارتىلاشتا كۆيۈپ كەتكەچكە، ياردىن پەقەت ئۇنىڭ بىر تال پۇت سۆڭىكى، كىملىك ۋە بەزى شەخسىي بويۇملىرى تىپىلغان، ساقچىلار دىلمۇراتنى پارتىلاشتا كۆيۈپ ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم چىقاردى، لىكىن، لىكىن مەن… ئادىلە بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئالدى :
- مەن ئۇنى ھاياتتەكلا ھىس قىلىمەن، ئۇ ئۆلمىدى، بىراق تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھىچقانداق ئىز-دىرىكىمۇ يوق، شۇڭا، شۇڭا مەنمۇ تەقدىرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم .
ئادىلە يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن ئىتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، شاھيار ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى غۇۋا ھىس قىلغاندەك بولدى .
- ئادىلە بولدى يىغلىماڭ ، بۇرۇنقى ئىشلارنى سوراپ كۆڭۈل يارىڭىزنى تاتىلاپ قويدۇم .
شاھيار ئادىلەگە يىقىنراق سۈرۈلۈپ ئۇنى ئۆزىگە تارتتى، ئادىلەمۇ ھىچ قارشىلىقسىزلا شاھيارغا ئۆزىنى ئىتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .
- بولدى، مەن ھەممىنى بىلدىم ، ئەمدى ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممە ئىشلار ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىدۇ . شاھيارنىڭ كاللىسىدا بەزى خاتىرىلەر غۇۋا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى .
- توغرا، دەل مۇشۇنداق ھىس تۇيغۇ، ئادىلە، ئادىلە ئۇ…
شاھيار ئۆز ھۆكىمىنى جەزىملەشتۈرىۋاتقاندەك ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى كۈچەپ ھىدلىدى، ئادىلە تولا يىغلاۋىرىپ شاھيارنىڭ قۇچىقىدىلا ئۇخلاپ قالدى، شاھيار بىر ھازا ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كۆتۈرۈپ ھوجىرىسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى . كىچە سائەت ئون بىردىن ئاشقان بولۇپ، شاھيارنىڭ يەلكىسىنىمۇ بىر خىل ھارغىنلىق باسقاندەك مۈرىللىرى ئاغرىپ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ ئۇچقۇنلىرى ئولاشتى، ئۇ ئادىلەنىڭ پىشانىسىگە بوشقىنە سۆيۈپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى .
قاراڭغۇ كوچىلاردا شاھيار خىيال باسقان مۇڭ كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىككىنىچە كىتىپ باراتتى ، ئۇ ئادىلەنى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بارلىق خاتىرىللىرىنى ئەسلەشكە تىرىشاتتى . شاھيار ئۆيىگە قايرىلىدىغان يول دوقمۇشىغا كەلگەندە ، تۇيۇقسىز قايرىلما يولدىن چىققان كۈچلۈك ماشىنا سىگىنالى بىلەن ئۇنىڭ دىققىتى چىچىلىپ، قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ، ماشىنا يان تەرەپتىكى گۈللۈكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ گۈللۈك ئوتتۇرىسىدىكى يوغان تاش ھەيكەلگە بىرىپ ئۈستى، شاھيارنىڭ بىشى سىلكىنىپ ھوشىدىن كەتتى . جىمجىت تىمتاسلىققا تولغان كوچىلاردا ساقچى ماشىنىللىرى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىللىرىنىڭ ئەنسىز سىگىنالى قاياقتىندۇر پەيدا بولدى .
شاھيار ھايال قالماي دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىندى، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مىڭە قىسمىنىڭ سىلكىنىپ ئازراق زەخمىلەنگەنلىكىنى ساقچىلارغا ئىيتتى، پىشانە قىسمى ئازراق يارلانغان بولۇپ، داۋالاشتىن كىيىن ئادەتتىكى كىسەلخانىغا يۆتكىدى، شاھيار تىخىچە ھوشسىز ئىدى .
لالە بىلەن ئادىل ئەپەندى بۇ ئىشتىن خەۋەر تىپىپ كىچىلەپ دوختۇرخانىغا كەلدى، ئادىل ئەپەندى ۋە لالە دوختۇردىن شاھيارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، لالە شاھيارنى كۆرگىلى ئۇ ئورۇنلاشقان ياتاققا كىرىپ كەلدى ، لالە پىشانىسى تىڭىلغان شاھيارنىڭ مىسكىن چىرايىغا قاراپ كۆڭلى بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلىغىنىچە جىمجىت ئولتۇردى :
- شاھيار، بىز قايتىپ كەلگەندىن بۇيان غەلىتە ئىشلار ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بىرىۋاتىدۇ ، يەنىلا گۇاڭجۇدا تۇرغان ۋاقتىمىز ياخشىكەنتۇق، نىمىشقىمۇ قايتىپ كەلگەندىمىز ؟ پۇشايمان، ئۆكىنىش ئارىسىدا تىڭىرقاپ قالغان ئويچان كۆزلەردىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى .
- ئا ئادىلە، مىنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار، ياق ياق ! …
تۇيۇقسىز شاھيارنىڭ جۆيلۈشلىرى لالەنىڭ دىققىتىنى تارتتى :
- شاھيار، شاھيار كۆزىڭىزنى ئىچىڭ !
لالە شاھيارنىڭ ماڭلىيىدىن ۋە بويۇن تەرەپلىرىدىن تەپچىپ چىققان تەرلەرنى قولى بىلەن ئاستا سۈرتتى، شاھيار بىشىنى قالايمىقان چايقاپ توختىماي جۆيلىۋاتاتتى :
- ياق، ئۇنداق قىلما، ياق، مەن ئۆلسەم بولمايدۇ ، ئا ئادىلە…
لالە ئۇنىڭ قىينىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سەل جىددىيلىشىپ، سومكىسىدىكى يۇمشاق قولياغلىقنى ھۆلدەپ، شاھيارنىڭ بويۇنلىرى ھەم پىشانىسىدىكى قارا تەرلەرنى سۈرتتى .
- شاھيار، سىزگە نىمە بولدى ؟ مىنى قورقۇتماڭ، كۆزىڭىزنى ئىچىڭ .
مۇزدەك تەگكەن قولياغلىقنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شاھيار لاپپىدە كۆزىنى ئاچتى ، ئۇ لالەگە قاراپ كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئالدى .
- كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىزما ؟ مىنى بەك قورقىتىۋەتتىڭىز .
شاھيار بىر ھازادىن كىيىن ئىسىنى يىغىپ يىنىدا ئولتۇرغان لالەگە باشقىچە نەزەردە تىكىلدى ، بۇ خىل يات نەزەردە تىكىلىشلەر لالەنىڭ كۆڭلىگە گۇمان ئەندىزىللىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شاھيارنىڭ ئالقىنىنى سىقىمدىغىنىچە كۆزلىرىگە تىكىلدى :
- نىمە بولدىڭىز ؟ مىنى تونۇمايۋاتامسىز ؟ مەن لالە .