ئاياللار ھىيلىسى 105-قىسىم

文摘   2024-12-31 20:45   新疆  



 aziza  
 
 ئاياللار ھىيلىسى 

(رومان)

 ئاپتورى :    تاھىرجان يۈسۈپ
ئاياللار  ھىيلىسى 1-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 2-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 3-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 4-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 5-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 6-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 7-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 8-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 9-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 10-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 11-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 12-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 13-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 14-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 15-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 16-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 17-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 18-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 19-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 20-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 21-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 22-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 23-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 24-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 25-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 26-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 27-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 28-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 29-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 30-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 31-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 32-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 33-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 34-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 35-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 36-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 37-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 38-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 39-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 40-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 41-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 42-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 43-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 44-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 45-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 46-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 47-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 48-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 49-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 50-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 51-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 52-53-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 54-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 55-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 56-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 57-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 58-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 59-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 60-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 61-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 62-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 63-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 64-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 65-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 66-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 67-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 68-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 69-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 70-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 71-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 72-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 73-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 74-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 75-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 76-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 77-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 78-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 79-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 80-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 81-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 82-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 83-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 84-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 85-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 86-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 87-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 88-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 89-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 90-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 91-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 92-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 93-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-95-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 96-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 97-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 98-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 99-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 100-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 101-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 102-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 103-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 104-قىسىم
   سالونىمىزدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ  ئۈندىدار: 2099928447     
 
 

    

 

105-قىسىم 

  

-گەرچە،سىز ماڭا بەرگەن خالتىدىكى ماتىرىيالدا،بۇ زىمىننىڭ ئورنى،پۈتۈن يىشىل شەھەرگە تەسىر كۆرىسىتىدغان ئىستىراتىگىيەلىك سودا مەركىزى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،ئەمما مەن نەچچە كۈندىن بۇيان كۆزەتكەن ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئىرىشكەن نەتىجە بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ،بۇ زىمىننى ئىستىراتىگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرغىنى نىمە؟دەل مۇشۇ زىمىنغا بىر كىلومىتر كىلىدىغان يىشىل شەھەر ساياھەت مەركىزى،گەرچە ھەر قېتىمقى ساياھەت پەسلى يىتىپ كەلگەندا، بۇ كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغاندەك مەنزىرە شەكىللەنسىمۇ،ئەمما شەھرىمىزنىڭ قىش پەسلى سوغاق،ياز پەسلى ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق،ساياھەت قىلىشقا ماس كىلىدىغان ۋاقىت ئۈچ ئايغىمۇ يەتمەيدۇ،قىسقىغىنە ئۈچ ئايدىن كىيىن،بۇ ئورۇن چۆلدەرەپ،مېھمانساراي،دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ،سەككىز ئايدىن ئارتۇق ئارام پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ،مەن ئالاقىدار شەخىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە توردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت مەركىزىدە،مېھمانساراي ۋە يەرلىك يىمەك-ئىچمەكتىن كوچىسىدىن باشقا جايلارنىڭ سودىسىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، بۇنىڭدىن باشقا  ساياھەت مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسكەن،ئۆتكەن يىلى ساياھەت كوچىسىغا يەتتە يۈز مىتىر ئارلىقتا كېلىدىغان بىر چوڭ تىپتىكى ساياھەت-سودا ساراي مېھمانخانا تىپىدىكى سودا مەركىزى پۈتۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ، ئەمما بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يول ئۈستىگە قارايدىغان دۇكان ۋە تۆتىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىدىكى مېھمانخانا رايونىدىن باشقىللىرى ئاساسەن دىگۈدەك تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ،قارىماققا مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن پىلاننى ياخشى تۈزەلمىگەندەك تەسىر بەرگىنى بىلەن،ئەمەلىيەتتە مەيلى لايھىيە،مەيلى پىلان ۋە ياكى قۇرۇلۇشنىڭ زامانىۋىيلىق دەرىجىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسۇن،بۇ تۈردە ھېچقانداق بىر مەسىلە يوق،مەسىلە دەل ئورۇندا، بۇ ئورۇننىڭ ئەۋزەللىكى ساياھەت كوچىسىغا يېقىن، ئەلۋەتتە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرىشىدا مېھمانخانا،يىمەك-ئىچمەك ۋە ساياھەتنى ئاساس قىلىشى كىرەك،ئەمما ساياھەت كوچىسىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىياجدىن ئارتۇق تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلەر يىشىل شەھەرگە زامانىۋىيلىقنى كۆزلەپ ئەمەس،قەدىمىي مەدەنىيەتتىن ھوزۇرلانغىنى كىلىدۇ،شۇنداق بولغاچقا،بۇ سودا مەركىزى ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ،يۇقارقى سودا مەركىزىدىن ئۆرنەك ئېلىپ قارىغاندا،بىزنىڭ خېرىدار بولماقچى بولغان ئورنىمىزنىڭ ئارلىقى تېخىمۇ يىراق،سودا ساراي قۇرۇشىقا يەرلىك ئاممىنى ئويلاشقاندا تېخىمۇ يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئورۇندا قاتناش قىستاڭچىلىقى ئېغىر،ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قۇرغان ھالەتتىمۇ يەرلىككە سېتىپ چىقرىش قىيىن، مېھمانساراي قۇردۇقمۇ دەيلى،سەككىز ئاي پاشا تۇتۇتۇپ يەپ،ئاران نەچچە ئاي خېرىدار كۈتىۋالساقمۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ، ئالدىنقى تۈر قۇرۇلىشى سېتىپ چىقرىلىشتىن ئاۋۋال، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ سېتىپ چىقىرىلغان،ھەتتا بەزى دۇكانلارنى بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساتقان،كىشىلەر بۇئورۇننىڭ ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بەس-بەستە تالىشىپ سېتىۋالغان، ئەمما تىجارەت باشلانغاندىن كىيىن،ئىشلار كۈتمىگەن يەردىن چىققاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن،بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا بىزنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىمىزنىڭمۇ قىزىقتۇرۇش كۈچى بولمايدىغىنى تەبىئىي،شۇڭا سىرتقا سېتىپ چىقرىشتىن ئۈمىد كۈتكىنى بولمايدۇ،بىزنىڭ ھەۋەس قىلىدىغىنىمىز ئىككى ئۈچ ئايلىق ساياھەت پەسلىدىكى  ئادەم دېڭىزى ۋە بۇ زىمىننىڭ شۇ جايغا يېقىن بولغاندىكى  ئەۋزەللىكى،ئالدىنقى تۈرنىڭ سېتىپ چىقرىلىشتىكى داغ-دۇغىسى ۋە تالاش-تارتىش بولۇپ  سېتىلغان دۇكان-سارايلىرى، شۇڭا بۇ زىمىننى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، تۈر تۇرغۇزساق، ماكانىمنىڭ ئىناۋىتى تەبىئىيلا ئۆسىدۇ دىگەن تونۇشقا كىلىمىز، ئەمما ئاقىۋەت ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس، مىسال ئالايلى، ئالدىنقى تۈرنى قۇرۇپ چىققان دىلخاس ئۆي-مۈلۈكچىلىكى،بۇيىل قۇرماقچى بولغان ئىككىنى قارارلىق قۇرلۇش نىمىشقا توختاپ قالدى،غەربىي ئايلانمىدىكى يېڭى تۈرىنىڭ سېتىپ چىقرىلىشى نىمىشقا ئاستا؟ ئۇلار مۇشۇ بىر تۈر ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلدى،بەلكىم يېقىنقى بىرقانچە يىلغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئىزچىل كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، دىمەك مەيلى ئىناۋىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسۇن ۋە ياكى مەبلەغ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن بولسۇن، بۇ زىمىنغا خېرىدار بولۇشتىن جەزمەن ۋاز كىچىشىمىز كېرەك

- پاھ-پاھ، ئاجايىپ سۆزلىۋەتتىڭىزغۇ شەمسىيە قىز، دىمىدىممۇ،سىزدە دادىڭىزنىڭ قېنى بار دەپ،سىدىقمۇ ئەينى چاغدا مۇشۇنداق ئىدى،شۇڭا ئۇ مەبلەغ سالغان ھەرقانداق تۈردىن زىيان چىقىپ باقمىغان،ۋاز كەچكەن ئورۇن ئالغا بېسىپ باقمىغان،تەھلىلىڭىز بەكلا ئىنچىكە،بەكلا ئورۇنلۇق بولدى،ئۇنداقتا دەرھال تۈر بۆلۈمىگە ئۇقتۇرۇش قىلىۋىتەيلى،بۇ تۈرگە خېرىدار بولۇشتىن چىكىنىپ چىقايلى-

- ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ--

-بۇ،نىمە دىگىنىڭىز قىزىم،بىردەم چىكىنىپ چىقمىساق زىيان چىقىدۇ دەيسىز،بىردەم چىكىنىپ چىقىشقا بولمايدۇ دەيسىز، پەقەتلا چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ؟ -

- بۇ تۈرگە خېرىدار بولۇشتىن چوقۇم چىكىنىپ چىقىمىز،ئەمما تېخى ۋاقتى كەلمىدى،تۇرغۇن بەك ھىيلىگەر ئادەم،ئەگەر بىز خىېرىدار چاقىرىش يىغىنى ئېچىلماي تۇرۇپ، بۇنداق  ئاسانلا ۋاز كەچسەك، ئۇ چوقۇم گۇمانلىنىدۇ،بەلكىم ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش بۇ قېتىملىق خىېرىدار بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ چىكىنىپ چىقىشى مۇمكىن،چىكنىپ چىقمىدى دىگەن ھالدىمۇ،بۇ زىمىننى رىقابەتچىسىز ھالدا ئەرزان باھادا قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ-

- ئۇنداقتا، سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز؟

- خېرىدار چاقىرىش يىغىنىغا قاتنىشىمىز،ئەمما شەكىلگىلە قاتنىشىمىز،لايھىيەگە كۈچىمەي،خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ،كىم ئارتۇق قىلىش باسقۇچىدا،باھانى قەستەن ئۆرلىتىمىز،تازا ھالقىلىق باسقۇچقا كەلگەندە،ۋاز كىچىپ،پۇرسەتنى تۇرغۇنغا ئۆتۈنۈپ بىرىمىز،ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى  تۈرگە خېرىدار بولۇش ئارقىلىق،تۇرغۇننىڭ ئىلكىدىكى يىشىل شەھەردە، تەبىئىيلا مەبلەغ قىيىنچىلىقى يۈز بىرىپ،نۇرغۇن نۇقتىلىق تۈرلىرىدە بىراقلا ئىش توختايدۇ،ۋاقتى كەلگەندە بىز، تۇرغۇننىڭ ۋەيران بولۇپ، يىشىل شەھەر گورۇھىنى ئۆتكۈزىۋىتىشىنى ساقلاپ تۇرساقلا ئىش پۈتىدۇ- دىدى شەمسىيە ئىشخانىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى پۈتۈن ئىكرانلىق ئەينەكتىن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ.

- كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇنكەنسىز شەمسىيە،بۇ ئاجايىپ بىر پىلان بولدى-رىشىت ئەپەندى، شەمسىيە تۈزگەن پىلاندىن رازى بولۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتى.
- يەنە بىر ئىش بار رىشىت دادا -دىدى شەمسىيە سەل خىجىل بولغاندەك قىياپەتتە-بۇ گەپنى دىسەم، بەلكىم،مەندىن باشقىچە گۇمان قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،ئەگەر مىنىڭ ماكانىمنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشىۋاتقىنىمغا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز،سۆزۈمنىڭ داۋامىنى  ئېيتاي-

- تارتىنماي ئېيتىۋېرىڭ،باشقىچە قاراشتا بولمايدىغانلىقىمغا كاپالەت بىرەي -

- يالقۇن ساقتا تۈرگە ئالدىنىپ،يىشىل شەھەر تەرەققىيات رايونىدىن زىمىن سېتىۋېلىپ،ۋايران بولۇپ كەتكەن ئىشتىن خەۋىرىڭىز بار بەلكىم-

- ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار، زىمىن سېتىۋېلىپلا قالماي،يەنە تۈر قۇرلۇشى  ئۈچۈن قەرز ئالغان نۇرغۇن مەبلەغلىرىمۇ بىراقلا يوق بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، پۈتۈن يىشىل شەھەردە مۇشۇ غۇلغۇلا-

- يېقىندا قەرزدارلارنىڭ تەلىپى بويىنچە،ئالاقىدار ئورۇنلاش بۇ زىمىننى باھالاپ،ئاشكارا سېتىش ئىلانى چىقارماقچى،ئىشىنىمەندىكى بۇ زىمىننى چەت دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كارخانىلار بۇ زىمىننى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ،تەبىئىيكى بۇنداق بولغاندا،زىمىننىڭ باھاسىمۇ تېخىمۇ تۈۋەن بىكتىلىدۇ،بىز ماكانىمنىڭ نامىدىن شۇ زىمىننى سېتىۋېلىپ،قۇرماقچى بولغان تۈرىمىزنى دەل ئاشۇ ئورۇنغا قۇرايلى-

- نىمە سەۋەبتىن،بۇنداق چەت ئورۇننى ئويلۇشۇپ قالدىڭىز-

- بىز كونا شەھەر رايونىدا تۇرۇپ، نەزەر سالغىنىمىزدا ئورۇن ھەقىقەتەن چەت،ئەمما ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات رايونىغا ئولتۇراقلاشقان شۇنچە كۆپ نوپۇسنى  ئويلاشساق، شۇنچە ئەرزان باھادا سېتىۋالغان بۇ زىمىن كەلگۈسىدە، چوقۇم ماكانىمنىڭ بايلىق خەزىنىسىگە ئايلىنىپلا قالماي،تەرەققىيات رايونىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ،شۇنداق بولغاندا بىز ھەم پۇل تېپىش، ھەم ئىناۋەتكە ئېرىشىش ئارزۇيىمىزغا بىراقلا ئېرىشەلەيمىز-

-نىمىشقا بۇ تۈرنىڭ روناق تېپىپ كىتىدىغانلىقىغا شۇنچە ئىشىنىسىز -

- بۇ خەرىتىگە قاراڭ،مەن دەۋاتقان ئورۇن دەل مۇشۇ يەردە، ئەتراپىدا، پۈتۈپ بولغان ۋە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، چوڭ-كىچىك ئوتتۇز نەچچە ئولتۇراق رايون بار،ھۆكۈمەت بۇيىل مەمۇرىيەت مەركىزى ۋە ئاساسلىق ئىدارە-ئورگانلارنى ئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇ ئەتراپقا يۆتكەپ چىقىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زىمىنغا بىر كىلومىتىر كىلىدىغان ئورۇنغا چوڭ تىپتىكى ماددىي-ئەشيا ۋە ئوبورت باغچىسى قۇرۇلىۋاتىدۇ،دىمەك بۇ يەردە زور كۆلەمدىكى يەرلىك ئىستىمال توپى شەكىللىنىپلا قالماي يەنە،يۇقۇرى سۈپەتلىك  ئاق ياقىلىقلار ئىستىمال توپى، مال چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈشكە قولايلىق مۇھىت يارىتىلىدۇ،ئەگەر بىز مۇشۇنداق ئورۇندا، ئالاھىدە بىر سودا ۋە ئىستىمال مەركىزىنى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلالىساق،دىمەككى يىشىل شەھەرنىڭ كەلگۈسىدىكى بەلگىسى ماكانىنغا مەركەزلىشىدۇ دىگەن گەپ،بۇ پىلاننىڭ دەماللىققا ئۈنۈمى كۈرۈلمەيدىغىنى ئېنىق ،ئەمما ئۇزاققىچە بىزنى باقالىشىدا گەپ يوق-

- قالتىس، قالتىس گەپ بولدى شەمسىيە،سىزگە بىر ئىشنى تاپشۇرسام،ماڭا بىر-بىرىدىن قالتىس، ئىككى پىلاننى تەڭ تاپشۇردىڭىز،دىمەك،مەن سىزنى خاتا تاللىمايلا قالماي،ھەتتا سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزگە سەل قاراپتىمەن،دىگىنىڭىزدەك بولسۇن، بۇتۈرنى قۇرۇپلا قالماي،يەنە ئون يىل، يىگىرمە يىلدىمۇ مودىدىن قالمىغۇدەك،يىشىل شەھەر ۋە ماكانىم دىسە ھەممە ئادەمنىڭ ئىسىگە كەلگۈدەك دەرىجىدە مۇكەممەل ۋە زامانىۋىي قۇرۇپ چىقايلى-دىدى رىشىت ئەپەندى،شەمسىيەنىڭ پىلانلىرىدىن ئىلھاملانغان ھالدا،ئۇنى  ئىتىراپ قىلىپ-ھە، راس! سەل تۇرۇپ،مەن بىلەن بىللە  خىزمەتچى-خادىملار  بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىسىز،مۇراسىم ھەرقايسى  يېڭى تاراتقۇ نومۇرلىرىمىزدا نەق مەيداندىن بىۋاستە  تارقىتىلىدۇ، تەييارلىق قىلىۋېلىڭ-

-بۇنداق مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى رىشىت دادا،مەن بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن،ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا،ناھايىتى تىزلا بۇ باش دىرىكتورلۇق ئورنىغا باشقا بىرسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ،ئۇ چاغدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمامدۇق،ئۇنىڭ  ئۈستىگە سىزنىڭ ئەلقۇتتەك ئوغلىڭىز بار تۇرسا،ئەسلىدىنلا باش دىرىكتورلۇق ئورنى ئۇنىڭ بولسا توغرا بولاتتى-

- ھەي،مىنىڭ بۇنداق بىر ئوغلۇمنىڭ بارلىقىنى كاللىڭىزدىن پەقەتلا چىقىرىۋىتىڭ ئەمدى،مىنىڭ بۇ ئوغلۇمچۇ، سودا ئىشلىرىغا پەقەتلا قىزىقمايدۇ،ئۇ ھازىر چەتئەلدىكى مەلۇم تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ،ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىشنى ئويلاشمىدىڭمۇ دىسەم،ئارامغا چىققاندا سىلەر كىلىپ، مەن بىلەن تۇرۇڭلار،ئەمدى پۇل تاپىمەن دەپ جاپا تارتما،ھازىرغىچە تاپقانلىرىڭ يەتمىسە،مەن سىنى باقاي،مىنىڭ تاپقىنىم سىنى گۈلدەك بېقىشقا يىتىپ ئاشىدۇ دەۋاتىدۇ،جاھاندا شۇنداقمۇ مال-دۇنياغا قىزىقمايدىغان بىغەم ئادەم بولامدۇ دەيمەن،تېخى سەن بۇنداق دىسەڭ، مىنىڭ مال-دۇنيالىرىمغا كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ، دىسەم نىمە دەيدۇ دىمەمسىز،پۇل تاپقاننىڭ نىمە پايدىسى، مىنىڭ سىنىڭ مال-دۇنيارىڭغا قىلچىلىك ئېھتىياجىم يوق،ۋاقتى كەلگەندە يىغۇشتۇرىدىغان يەر تاپالمىساڭ،ئىئانە قىلىۋەتسەڭ ياكى فوندتىن بىرنى قۇرساڭلا بولمىدىمۇ، ئەڭ ياخشىسى فوندتىن بىرنى قۇرۇپ قوي ياكى نوبىلغا ئوخشاش ئالىملارغا مۇكاپات تارقىتىدىغان فوند قۇرساڭمۇ بولىدۇ،شۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئۆلسەڭمۇ، نامىڭ نوبىلغا ئوخشاش مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ،ئەمما مال-دۇنيارىڭنى ھەرگىز مەندەك ئوغلۇڭغا قالدۇرىمەن دىمە،مىنىڭ تەييار مال-دۇنياغا دۈم چۈشۈپ،قەلبىمنى خىرەلەشتۈرۈپ، ئىرادەمنى سۇسلاشتۇرغۇم يوق، مەن ئاللىقاچان ھاياتىمنى ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقاتقا ئاتاپ بولدۇم دەيدۇ،، جاھاندا شۇنداقمۇ بىغەم ھەم مال-دۇنياغا قىزىقمايدىغان ئادەم بولامدۇ دەيمەن- دىدى رىشىت ئەپەندى قاتتىق ئۇھسىنغان ھالدا.

-ئەلقۇت ئىسىل بالا،ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ خاتاسى يوققۇ رىشىت دادا،ئۇنىڭغا پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان ھالدىمۇ،ھاياتىنى  ئەھمىيەتلىك قىلىدىغان ئۆزىگە تەۋە بىر نەتىجىسى بولمىسا،ئوخشاشلا بىكاغا ياشىغان بولمامدۇ،ئەمەلىيەتتە،مەن ئۇنىڭغا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن،كىچىكىمىزدە دائىم بىللە ئوينايتتۇق،شۇ چاغلاردىلا ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك گەپلەرنى قىلاتتى. ھە راس، ئۇ توي قىلدىمۇ؟ -

- مىنىڭ بېشىمنى ئەڭ قاتۇرىۋاتقىنى دەل مۇشۇ ئىش،بۇ بالىنىڭ پەقەتلا توي قىلغۇسى يوق،نەچچە قېتىم، كىلىپ ئۆيلىنىپ كەت،يۇرتنىڭ قىزلىرى ئوخشىمايدۇ،ساڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار بولۇپ، جاپا-مۇشەققىتىڭگە بىللە بولىدۇ،ئۆزۈمنىڭ دەپ تۇرۇپ، خاتىرجەم بىللە ياشايسەن، دەپ سۈيلىدىم، بىراق، مەن توي قىلىشنى ئويلاشمىدىم،ھېچقانداق نەتىجە قازانماي تۇرۇپ، بۇنداق ئالدىراپ توي قىلغۇم يوق دەيدۇ، يېشىڭ قىرىقتىن ئاشتى ساڭا يەنە بالدۇرمۇ، يۇرتتىن ئۆيلەنگۈڭ بولمىسا،ئەگەر تاپقان بىرەرسى بولسا، باشلاپ كەل، قائىدىسىنى قىلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋىتىپ، ئارام تاپاي دىدىم، ئەمما،تاپقىنىم يوق، قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە ۋاقتىم دەيدۇ، ئۇنداقتا شۇنداق دەپ، بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتمەكچىمۇسەن، دىسەم،مەن ئۆمرۈمدە  ئاڭلاپمۇ باقمىغان  بىرمۇنچە ئادەملارنىڭ ئىسمىنى ساناپ،شۇلارمۇ بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمەي ھاياتىنى ئىلىم-پەنگە ئاتاپتىكەن،زۆرۈر كەلسە،مەنمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كىتەرمەن دەيدۇ،ئىشقىلىپ، بۇ بالا ھازىر مىنىڭ ئەڭ چوڭ غىمىمگە ئايلىنىپ قالدى،ئۇخلىسام چۈشۈمدە، ئويغانسام خىيالىمدا شۇ بىر تال ئوغلۇمنىڭ غىمى،ئانىسى ئاغرىق،ئىككىنچىسىنى تۇغۇشقا ئامال بولمىغان، يەنە بىرسى بولغان بولسا، بۇنداق بولۇپ كەتمەيتتى-

- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ رىشىت دادا، بەلكىم ئەلقۇتنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر، توي ئىشى سىز ئالدىرىغانغا بولىدىغان ئىش ئەمەس، كىم بىلىدۇ تېخى، ئۇ تۇيۇقسىزلا بىرسىنى  ئايالىم شۇ دەپ باشلاپ كىلىپ تونۇشتۇرامدۇ-

- ھەي، مۇشۇ بالىنىڭ گىپى چىقسىلا، سۆزلىرىم تۈگىمەيلا قالىدۇ،ۋاقىت قىستاپ قالدى، سىزنىمۇ ئىشىڭىزدىن قويماي،تەييارلىقىڭىزنى قىلىپ،تىزراق جابدۇنۇپ چىقىڭ،يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمى ھېلىلا باشلىنىدۇ -رىشىت ئەپەندى شۇنداق دەپ قوپۇپ، باشلىرىنى چايقىغىنىچە چىقىپ كەتتى،شەمسىيە  تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

- ھۆرمەتلىك رەھبەرلار خېرىدارلار ۋە خىزمەتچى يولداشلار، ھەممىڭلارنىڭ بۈگۈنكى يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمىمىزغا قاتناشقىنىڭلارنى قىزغىن قارشى  ئالىمىز،ئاۋۋال شىركىتىمىزنىڭ باش مۇدىرى رىشىت  ئەپەندىنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلايلى-رىياسەتچىنىڭ ئىلان قىلىشىدىن كىيىن، رىشىت ئەپەندى،مۇنبەرگە چىقىپ سۆز باشلىدى.

-يولداشلار،بۈگۈن سىلەرنى بۇيەرگە چاقىرىپ،بۇ قېتىمقى پالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب،ماكانىم گورۇھىمىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان بوش قالغاچقا، مەن قوشۇمچە ئۆتەپ كىلىۋاتقان باش دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئالاھىدە بىر قىزنى تونۇشتۇرۇش  ئۈچۈن،ئۇ مىنىڭ تۇتۇق قىزىم،ئۇنى ئۆز قىزىمدىنمۇ چارە كۆرىمەن،بۇنىڭدىن كىيىن، ھەممىڭلارنىڭ ئۇنى مىنى كۆرگەن كۆزدە كۆرۈپ،خىزمەت، ھەمكارلىق ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئىتىراپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،ئۇنداقتا چاۋاكلىرىمىز بىلەن، يېڭى باش دىرىكتورىمىزنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى،قېنى شەمسىيە قىزىم، مۇنبەرگە مەرھەمەت-رىشىت  ئەپەندىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن شەمسىيە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ،سۆز باشلىدى.

- ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ، بۈگۈنكى يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭلار  ئۈچۈن، چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،بەلكىم،نۇرغۇنىڭلار مىنى سابىق سىدىق مۇدىرنىڭ قىزى دەپ  تونۇشۇڭلار مۇمكىن، يەنە نۇرغۇنۇڭلار كۆرۈپ باقمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن،مەن يالغۇز قىز،ئاكا-سىڭىل ۋە قېرىنداشلىرىم يوق،ئەمما  سىلەرنى كۆرۈپ، خۇددى ئۆز قېرىنداشلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتقاندەك خۇشال بولۇپ كىتىۋاتقىنىنغا ئىشىنىشىڭلارنى  ئۈمىد قىلىمەن،بۈگۈنكى نەق مەيداندا، ماكانىم گورۇھىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەمكارلاشقۇچى ۋە خېرىدارلىرى،ھەرساھە، ھەر قاتلامدىكى خىزمەتچىللىرى يىغىلغان،ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ مەيدانغا يىغىلغانلارنىڭ ئىچىدە، يۇقۇرى -تۈۋەن، چوڭ-كىچىك، باشلىق -خىزمەتچى، ھەم ئۆز-يات دىگەندەك ئۇقۇملار قەتئىي يوق،ماكانىم گورۇھى بىزنىڭ  ئائىلىمىز ،بىز ھەممىمىز ئورتاق مەقسەتتە ماكانىم گورۇھىغا يىغىلغان قېرىنداشلاربىز،بىز ھەممىمىز ماكانىمدىن مەنپەئەتلىنىمىز،ماكانىم ئارقىلىق گۈللىنىمىز ۋە قۇدرەت تاپىمىز،شۇڭا ئىتتىپاقلىشى ۋە ھەمكارلىشىشتىن باشقا ھېچقانداق چارىمىز يوقكى،بۆلۈنۈشكە،ھەم ئىختىلاپلارغا ھېچقانداق باھانىمىز يوق،كونىلاردا بۆلۈنگەننى بۆرە يەر،ئىتتىپاقلىق كۈچ دىگەن گەپ بار،بىز  پەقەت ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ،. ئورتاق تىرىشساقلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىي جەمىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك جوڭگۇ  ئارزۇسىنى ماكانىمنىڭ  ئەمەلىيتىدە كۆرسىتىپ،دۆلىتىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى  ئۈچۈن، چوقۇم  بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمىز، ماڭا ئەگىشىپ چاقىرىڭلار، ئىتىپاقلىشايلى، ئىتتىپاقلىشايلى، ئىتتىپاقلىشايلى - شەمسىيەنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، زال ئىچىدە گۈلدۈرلىگەن  ئاۋازلار ياڭراۋاتقاندا،يانفوندىكى نەق مەيدان كۆرسىتىشى ئارقىلىق ھەممىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان خانقىزنىڭ  ئىچى لازىدەك ئاچچىق بولۇپ،پارتىلاپ كىتەيلا دەپ قالدى.

- ۋۇ نۇمۇسسىز قانجۇق،ئەجەپ،جاھاندىكى ھەممە ياخشى ئىش سىنىڭلا بولۇپ كىتىدىكەنيا،سەن نىمىشقا ماكانىمنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ قالىسەن،نىمىشقا شۇنچە چوڭ گورۇھنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ كەتكۈدەكسەن، چىدىمىدىم مەن پەقەت چىدىمىدىم- ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ۋاقىراپ-جاقىرەپ، سەرەڭگە قېپىدەك ئۆينى بىراقلا بېشىغا كىيدى.

-ھەسەت قىلما خانقىز،بەخىتنى پۇل بايلىق بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدۇ،يەنەبىر نۇقتىدىن قاراپ باق، شەمسىيەنىڭ ھازىر ئاشۇ باش دىرىكتورلۇق ئورنىدىن باشقا نىمىسى قالدى، يالقۇنمۇ ئۆلۈپ كەتتى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىم، مەن يېنىڭدا بار، باللىرىڭ بار، يەنە نىمە كىرەك ساڭا؟ -

-مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىم دەپ قوي قابىل،ئۇ سىنىڭ ئەبجەق تۇرقۇڭنى نىمە قىلماقچى. ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ ئەجەپ بىر چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك گەپ قىلىسىنا،سەن ئاجراشمىغان بولساڭمىچۇ، ئۇ بەرىبىر سەندىن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولاتتى، ئاجرىشىمەن دىسەڭ، ساڭا ئازراق تارتىشىپمۇ قويمىدىغۇ ئەنە،ياق زادى نىمىشقا شەمسىيەكنىڭلا ئىشى ئوڭ بولىدۇ دەيمەن-

-ئۇنداق ئويلىۋالساڭ ئۆزۈڭنى  ئازابلاشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدۇ بەرىبىر، ئەڭ ياخشىسى قورسىقىڭنى كەڭراق تۇت،شۇنچە چوڭ يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ تاغىسى بولغان ئادەم، دوختۇرخانىدا ئۆلىمەن دەپ ياتسا،كىلىپ، سەندەك تۇغقىنىم يوق دەپ تىللاپ پوسكايتىپ كىتىپتىكەن،تۇيۇقسىزلا ماكانىمغا باش دىرىكتور بولۇپ كەتكىنى قىززىق،كىم بىلىدۇ ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش ھېلىقى رىشىت دىگەن قېرىغا بۇزۇلۇپ بۇ ئورۇنغا ئىرىشتىمۇ تېخى -شۇ تاپتا قابىلنىڭمۇ يۈرىكى رەشىك ئوتىدە كۆيۈپ،شەمسىيەنىڭ ئۆزىدىن ئاجرىشىپلا روناق تېپىپ كىتىشىنى كۆرەلمەيۋاتقاندەك،رىشىت ئەپەندىم تۇنجى قېتىم شەمسىيەنى يوقلاپ كەلگەن نەق مەيداندا ئۆزى بار تۇرۇپمۇ،خىجىل بولماي،ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاۋاتاتتى.

- راس،تاغىسى نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۈزمەكچى بولۇپ قالىدۇ،شەمسىيەك نىمىشقا شۇ قاتالىق تاغىسىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىمەي،ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ماكانىمغا بېرىپ،باش دىرىكتور بولۇپ قالىدۇ،بۇنىڭ ئارقىسىدا سەن ئېيتقانغا ئوخشاش چوقۇم كىشىگە ئېيتقىنى بولمايدىغان بىر ئىش بار،مەن چوقۇم بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقماي قويمايمەن-

- سەن قەيەرنىڭ ساقچىسى ئىدىڭ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقماي قويمايدىغان،ئۆزۈڭنىڭ پوقۇڭنى بىر ئادالىساڭ بولمامدۇ خانقىز؟- دىدى قابىل،خانقىزنىڭ يەنە ئىش تېرىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىپ.

- سەن ئىشىڭنى قىلە،ماڭا ئىش  ئۈگىتىمەن دىمەي،قولىدىن پوق كەلمەيدىغان لامزەللە،مۇنداقبىر ئىزدىنىپ باقسام،يوچۇق چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، شۇ باھانىدا ئۇنىڭ ھېلىقى تاغىسى،ماڭا يىشىل شەھەر گورۇھىدىن بىرەر ھوقۇق بىرىپ قالامدۇ تېخى،شۇنداق بولۇپ قالسا،بىزنىڭمۇ يىشىل شەھەردىن كىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ،بالىلارنى مۇشۇيەردە ئوقۇتۇپ،خاتىرجەم ياشىيالايمىز-

- تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئادەمگە يېقىنلاشقۇچى بولما خانقىز،ئۇ ئادەم بەكلا زەھەرخەندە ئادەمكەن،

-نىمىشقا بۇنداق دەيسەن؟شەمسىيەخاننى تۆت ئېغىز تىللاپ قويغاچقا،شۇنداق دەۋاتامسەن؟-

- ئۇنداق ئەمەس،بىرقانچە  ھەپتە ئاۋۋال، ئۇنىڭ كىلىنى شەمسىيەنى ئىزدەپ كەپتىكەن، تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ  ئادەم توغرىسىدا ئۇنىڭغا بىرمۇنچە شىكايەت قىلدى، ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلارغا ئىگە بولماي ھەيدىۋىتىپتۇدەك،يەنە قېيىنئاتامنىڭ ئاق ساتقان، ئەتكەسچىلىك قىلغان ئىشلىرىنىمۇ بىلىمەن دىگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلدى، دىمەك تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ ئادەمگە يېقىنلاشساڭ،ھامان بىر كۈنى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ،ئۇنداق نەس باسقۇر ئىشلارنى ئويلىماي، ئەڭ ياخشىسى سىڭگەن نېنىڭنى يەپ باللىرىڭنى باق.

- ھە مۇنداق دىگىن، دىمەك،شەمسىيەخاننىڭ مەقسىدى، ماكانىمغا بېرىپ، رىشىت قېرى بىلەن بىرلىشىپ، تاغىسىنى يىقىتىشكەنغۇ شۇ، ماكانىم ھەرقانچە قىلسىمۇ، يىشىل شەھەرگە تەڭلىشەلەمتى، ئەگەر ئۇ تۇرغۇن دىگەن  ئادەمنىڭ شۇنداق  ئىشلىرى بولسا، ھۆكۈمەت ئۇنى جازالىماي، پۇل تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بىرەمتى، ھېچكىم دۈشمىنىنى ياخشى دىمەيدۇ قابىل، سەنمۇ، تېخى تۈنۈگۈنلا شەمسىيەنى ماختاپ شالىڭ ئېقىۋاتاتتى، بۈگۈن قوپۇپ، ئۇنى تىللاۋاتىسەنغۇ ئەنە؟ -

-  ئىشقىلىپ، ئۇ تۇرغۇن مۇدىر دىگەن  ئادەمگە ھەرگىز يېقىنلاشما، يالقۇنغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ تويمىدۇڭمۇ تېخى –

- قانداق قىلىشنى ئۆزۈم ئوبدان بىلىمە لامزەللە، سەن مىنى باشقۇرىمەن دىمەي، شەمسىيەخاننى  ئىزدەپ، ماۋۇ ئۆينىڭ نامىنى بى يۆتكىۋالىدىغان ئىشنى قىلە -دىدى خانقىز، ۋە تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك سورىدى-ھە راس، ھېلىقى خەتنى قانداق قىلدىڭ؟

-تېپىپ، كۆيدۈرىۋەتكەن شۇ كۈنىلا-قابىل بۇرۇندىن خانقىزنىڭ لامزەللە دىيىشلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا،ئۇنىڭغا خانقىزنىڭ تىللاشلىرى ھېچبىر ئېغىر كەلگەندەك قىلمايتتى،بەلكىم بەزى  ئەرلەر ئايالىنىڭ مۇشۇنداق ھاقارەتلىرىگە خۇمار بولۇپ قالسىمۇ كىرەك!ئېھتىمال!

- ئۇنداقتا ياخشى بوپتۇ- خانقىز شۇنداق دەپ قويغاندىن كىيىن، گىرىم سومكىسىنى ئېلىپ،كىلىشتۈرۈپ گىرىمىنى قىلىپ، سىرتقا قاراپ ماڭدى.

- نەگە بارىسەن؟

- چىقىپ، خىزمەت ئىزدەيمەن، شامال يەپ، بوران كىكىرىپ ئولتۇرماسمىز ماۋۇ ئۆيدە – خانقىز قابىلغا قاراپمۇ قويماستىن  ئايىغىنى كىيىپ، ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى، ئۇ راس ئېيتىۋاتتتى، توغرا ئۇ شۇ تاپتا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ يېنىغا بېرىپ  خىزمەت ئىزدىگىنى كىتىۋاتاتتى.


 

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章