ئاڭلانغان ۋاراڭ چۇرۇڭ بىلەن سىڭلىمغا ئەگىشىپ پەسكە چۈشتۈم. دەرۋازا ئالدىغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىۋالغان بولۇپ ئوتتۇرىسىدا دادام يەردە ئولتۇراتتى.
_ قىزىم ماڭا قارىمىدى..ئۆزى مۇشۇ ئېسىل داچىدا ئولتۇرىدۇ.. لېكىن مەندەك دادىسىغا قارىمايدۇ..پۇل تېپىۋېلىپ مېنى تاشلىۋەتتى..
ئالدىمغا يۈگۈرۈپ بېرىپ كىشىلەر ئارىسىدا كىردىم.
_ مانا. مۇشۇ شۇ..مۇشۇ مېنىڭ قىزىم..ئۇ ماڭا قارىمىدى..ياخشى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ مېنى ئىچىگىمۇ كىرگۈزمەيدۇ..نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا كەلدىم..لېكىن ئىشىكىنىمۇ ئېچىپ بەرمىدى..
دادامنىڭ قولىدىن تارتتىم.
_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ، نېمىشقا بۇيەردە ئولتۇرىسەن..
_ سەن كىرگۈزمىگەندىن كېيىن ئولتۇردۇم..قانداق؟! سەن باقمىغاندىن كېيىن ئولتۇردۇم..
_ مەن نەدە سېنى باقمىدىم..ئورنۇڭدىن تۇرە.._ دادامنى تۇرغۇزغاندىن كېيىن كىيىملىرىنى قاقتىم. ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئادەملەر بىزنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.
_ قانداق باشقىلار كۆرگەندە ئەمدى ماڭا ئىگە بولاي دەۋاتامسەن.. مانا خالايىق مۇشۇ شۇ..مۇشۇ مېنىڭ قىزىم.. ماڭا قارىمىغان قىزىم.. مېنىڭ ۋاپاسىز قىزىم شۇ..
_ ماڭ. ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى..
دادامنى تارتىپ ئۆيگە ئېلىپ كىردىم. سىڭلىم دادامنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى.
_ چاي ئىچىڭ تاغا..
_ بۇ ياق ئاپاڭنىڭ قىزىغۇ..ئاپاڭنىڭ قىزىنى باقىسەن، مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن كارىڭ يوق شۇنداقمۇ؟!
_ سەن چىقىپ بالىلارغا ھەمراھ بول..
سىڭلىمنى ئۈستىگە چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن دادامنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردۇم.
_ چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشىڭ كېرەكمۇ؟! چوقۇم مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكۈپ توختايسەن شۇنداقمۇ؟!
_ داداڭ بولۇپ ساقىلىم بىلەن نەچچە قېتىم ئالدىڭغا كەلدىم..بىر قېتىممۇ ماڭا ياردەم قىلمىدىڭ..مۇشۇنداق چوڭ ئۆيۈڭ، شۇنداق پۇلۇڭ تۇرۇپ ماڭا قاراپمۇ قويمىدىڭ.. بۇنداق قىلساڭ تاپقان دۇنيارىڭ ساڭا سىڭمەيدۇ..
_ بۇ مال دۇنيانى سەن ماڭا تېپىشىپ بەرگەنمۇ؟ نېمىشقا مېنىڭ مال دۇنيارىم بىلەن قالىسەن..
_ ياتقىمۇ يات ياردەم قىلىدۇ. بىز شۇنداق قىيىنچلىقتا قالدۇق..لېكىن سەن قاراپ قويمىدىڭ، توردا بىكارلىق مال تارقىتىدىكەنسەن..ئاپاڭنىڭ قىزىنى باقىدىكەنسەن..نېمىشقا ماڭا قارىمايسەن..
_ ئالدىنقى قېتىم سەن كەتكەندىن كېيىن بۇرۇنقى يولدىشىمغا تېلىفون ئۇرۇپ ئۇ پۇلنى ئالمايدىغان قىلدىمغۇ.. مەن ھېلىمۇ سىلەرنى تاشلاپ قويمىدىم..
_ ئايالىمنىڭ كېسىلى ئېغىر. ئوغلۇمنىڭ ئىشلىرى تېخى كاسات..بىزگە پۇل بېرىپ تۇر..
_ نېمىشقا؟ نېمىشقا ئاپامنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ئايالنىڭ كېسىلىنى مەن بېقىشىم كېرەك..نېمىشقا مەندىن تارتىۋالغان مېھىرنى بەرگەن ئوغلۇڭنىمۇ مەن باقىمەن..نېمىشقا؟
_ چۈنكى سەن مېنىڭ قىزىم..تومۇرۇڭدا ئاققىنى مېنىڭ قېنىم..
_ سەن ماڭا قاراپ باقمىدىڭ، بىر قېتىممۇ ئىگە بولۇپ باقمىدىڭ..نېمىشقا قىزىڭ بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈنلا سىلەرگە مەن قارىشىم كېرەك..
_ چۈنكى سەن بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيسەن..تۇققاندارچىلىق دېگەن مۇشۇنداق نەرسە..
_ بۇ ئۆيدىن كەت. ساڭا بېرىدىغان پۇلۇم يوق.. ئايالىڭ بىلەن بالاڭنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق..
_ ئەمىسە ئاۋۇ قىزنىمۇ كەتكۈزىۋەت..ئۇمۇ سېنىڭ ئاپاڭنىڭ قىزىغۇ..
_ ئاپام ھېچ بولمىسا ماڭا بىر مەزگىل ئىگە بولدى، مومام ئاپامنىڭ ئاپىسى..ئۇنىڭ قىزىمۇ ماڭا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلدى..شۇڭا ئۇنى كەتكۈزىۋەتمەيمەن. مېنىڭ تاللىشىمغا ئارلاشما..
_ ئىنىڭمۇ ساڭا قىزىڭنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بەردىغۇ..نېمىشقا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن..
_ سەن بىلەن تالاشقۇم يوق..ماڭا تەنبىھ بېرىمەن دەپ كۈچىمە..
_ بولىدۇ. ئەمىسە مەن كۈندە كېلىمەن.. قاچان سەن پۇل بەرگۈچە كېلىمەن..
پورتمالىمدىن مىڭ يۈەن ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.
_ مەن مال كىرگۈزدۈم پۇل كۆپ يوق..مۇشۇنى بېرەي، ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تۇرغىن..
_ ھاھا،_ دادام تەنە ئارىلاش كۈلدى،_ بۇ نېمىگە يېتىدۇ.. كىمنى كۆزگە ئىلمايسەن..
_ يەتمىسە ئۆزۈڭ ئامال قىپ، باللىرىڭ بىلەن ئايالىڭ بارغۇ..شۇلار ئامال قىلسۇن..
_ كۆزۈڭنىڭ كىچىكىلىكىنى قارا، بىر شىركىتىڭ ئۆيۈڭ بار، توردا مال سېتىۋاتقان ئادەم تۇرۇپ ئۆز داداڭدىن پۇلنى قىسىپ كەتكىنىڭنى..مەندىن قىزغانغان پۇللىرىڭ بىر كۈنى چېچىلىپ تۈگەيدۇ..
_ مېنى قارغايمەن دېمە.. سېنىڭ مېنى قارغاش، ئاغرىنىش ھوقۇقۇڭ يوق..
_ بوپتۇ. قولۇڭدىكى ماللارنى سېتىپ قالغان پۇللارنى تەييار قىلىپ قوي..مەن يەنە كېلىمەن..
دادام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دەرۋازىنى تاقىدىم. سافاغا كېلىپ ئېتىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم. مەڭگۈ بىرگە ماڭالمايدىغان بىزلەرنى زورلاپ باغلاپ تۇرغان تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆچ بولۇپ كېتىپ باراتتىم.
_ ئاچا، سېنى خىجىل قىلىپ قويغان بولسام، باشقا يەرگە بېرىپ تۇرايمۇ؟!_ دېدى سىڭلىم مۆرەمنى تۇتۇپ.
_ ياق. بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق..
_ مېنى يېنىڭدا تۇرغۇزمىغان بولساڭ بەلكى داداڭ ساڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلماستى، ھەممىنى قىلغان مەن..
_ سېنى مەن رازى بولۇپ يېنىمدا تۇرغۇزدۇم.. ئۇنداق دېمە..
_ تۈنۈگۈن ئاكام تېلىفون ئۇرۇپتۇ..نېمىشقا داۋاملىق ئاچامنىڭ يېنىدا تۇرىسەن يولدىشىڭ نېمە دەيدۇ ئۆيگە قايتىپ كەت دەيدۇ..ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم..
_ تۇرمۇش ئادەمنى ئەجەپمۇ قىينايدىكەن..پۇل تاپسام بۇ ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتەمدىكىن دەپتىكەنمەن..ئويلىمىغان يەردىن ئەسلىدىكىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى..
تېلىفونۇم تۇيۇقسىز سايرىدى. يولدىشىمنىڭ نومۇرى ئىدى.
_ نېمىش بولدى؟ بەك قالايمىقانچىلىققۇ...
_ سىز نەدىن بىلدىڭىز؟
_ تورغا تارقىلىپ كېتىپتۇ، شۇڭا تېلىفون ئۇرۇشۇم، باراي دېسەم شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ قالدى..
_ بىلدىم. ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ يولغا سەپ قويدۇم. ئەنسىرىمەڭ..
سىن قانالنى ئېچىپ دادامنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى باشقىلارغا مېنى يامان قىلىپ دېگەن گەپلىرىنى كۆردۈم. ئاستىغا نۇرغۇن ناچار ئىنكاسلار چۈشكەنىدى.
«بۇ ئايال بەكلا پەس ئايالكەن. ئۆزىنىڭ دادىسىنى خورلاپ پۇل تاپقىنىنىڭ نېمە پايدىسى»
« بۇرۇن بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى تاشلىماقچى بولغىنىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىغانتى، ئارقىدىكى فىلىملىرىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ئۆچ بوپ كەتتىم»
« تۇرمۇشى نېمانچە مۇرەككەپ ئايال بۇ، پاتپاتلا قىزىق نۇقتىغا چىقىپ تۇرىدىكەن دېسە»
«ئۆز دادىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان بالا مەڭگۈ كۆكلىمەيدۇ»
«ئالدىنقى قېتىم تويىدا ئايلىنىپ قالغىنىنى كۆرگەنتىم. ئەسلى مۇشۇنداق ناچار بولغاچقا تويمۇ نېسىپ بولماپتىكەن. خوپ بوپتۇ»
_ ھاھا..يەنە داڭلىق چولپان بوپتىمەن مانا.. مەڭگۈ تور دۇنياسىدىن يوقاپ كېتەلمەيۋاتىمەن..
_ بۇلار سۆزلەۋېرىدۇ ئاچا..بۇلارنىڭ كۆزى قارغۇ، ھەقىقەتنى مەڭگۈ كۆرمەيدۇ..
_ مەن مىڭ تىرىشساممۇ ياخشى بولالمايدىغان ئوخشايمەن. بەك چارچاپ كېتىۋاتىمەن..
دەرۋازا چېكىلىپ سىڭلىم ئارقىسىدىن كىرگەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنى كۆردۈم.
_ ھەدە، توردىكى ھېلىقى بوۋاي سىزنىڭ دادىڭىزمۇ؟
_ شۇنداق.. مېنىڭ دادام..سىزمۇ كۆرۈپسىزدە..
_ ھەئە،بايا كەلگۈچە كۆردۈم. لېكىن مەن سىزگە ئىشىنىمەن..سىز ئۇنداق رەھىمسىز ئادەم ئەمەس..
_ رەھمەت. بىر ئادەم بولسىمۇ ماڭا ئىشىنىدىكەن..
قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن غەمدە ئولتۇرۇپ كەتتىم.
بىردەمدىن كېيىن دەرۋازا قوڭغۇرىقى يەنە سايرىدى.
_ بۈگۈن زادى نېمىش بولدى؟ نېمانچە كۆپ ئادەم بۇ..
سىڭلىم كۆرسىتىش كۆزنىكىگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى.
_ نېمىش بولدى؟ كىمكەن..
ئاستا بېرىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئاپامنىڭ ئوغلىنى كۆردۈم.
_ ئاكام كەپتۇ ئاچا..قانداق قىلىمەن..
_ سەن قورقما..بۇ ئىش بەرىبىر ئاشكارلىناتتى. ئاۋال ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقايلى..سەن ئۈستىگە چىقىپ كەت مەن پاراڭلىشاي..
دەرۋازىنى ئېچىش بۇيرۇقى بىلەن ئۇ چاچراپ ئۆيگە كىردى.
_ سىڭلىم قېنى؟ ئۇ قېنى؟
_ ئۇكام، ئۆيۈمگە تۇنجى كېلىشىڭ. كېلىپلا قاخشىماي، ئاۋال ئولتۇر..
_ ئۇ ئاجرىشىپ كېتىپتۇغۇ.. نېمىشقا ماڭا دېمەيسىلەر..
_ بۇ ئىشلار بەك مۇرەككەپ، ئاۋال ئولتۇر، تەپسىلى پاراڭلىشايلى..
_ ئۇنى چىقىرىپ بەر..مەن ئۆيگە ئەپ كېتىمەن..
_ ئۇنداق قىلما..ئاۋال چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا..
_ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام يولدىشى بىز ئاجرىشىپ كەتكىلى خېلى بولدى دەيدۇ..نېمىشقا؟ نېمىشقا ئاجرىشىدۇ..
_ بەزى ئىشلارنى ساڭا دېيىش ئەپسىز ئۇكام..
_ ھەممىنى قىلغان سەن. سەن سىڭلىمنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ ئاجراشتۇرىۋەتتىڭ..
_ مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن. بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق..
_ ئۆزۈڭ ئاجرىشىپ، سىڭلىمنىڭمۇ كاللىسىنى يۇيۇپ ئۆزۈڭگە قوشىۋالاي دەپ شۇنداق قىلدىڭ..سىڭلىم ساڭا قوشۇلسا سوداڭغا پايدىسى بولىدۇ.. شۇنداقمۇ؟!
_ مېنى بۇنداق خاتا چۈشەنمە..مەن ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنى خالىمايتتىم..
_ قارىسام ئۇنى فىلىمگە چىقىرىپسەن..ھاھا..ئۇ يېنىڭدا تۇرسا ئادەم ئىشلىتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.. بىر كىشىلىك مائاشنى ئاسراپ قالىسەن شۇنداقمۇ؟
_ ماڭا بۇنداق قارا چاپلىما..يولدىشى ئۇنى ئۆيدە تۇرغۇزمىدى..داداڭلار سېنىڭكىدە تۇرىۋېتىپتۇ..شۇڭا مەن يېنىمغا ئەكېلىۋالدىم..ئاقكۆڭلۈمنى بۇنداق قارا قىلىۋەتمە..
_ سەن بىزگە ئۆچ. سەن ئۇنداق ياخشى ئايال ئەمەس..سىڭلىمنى قەستلەي دەپ شۇنداق قىلدىڭ..
_ بولدى قىل ئاكا. نېمانداق قىلىسەن. ئاچام بولمىغان بولسا مەن بۇ كۈنلەرنى تەستە ئۆتكۈزەتتىم. ئاچام مېنى يېنىغا ئەكېلىپ تۇغۇتۇمغا قارىدى. مېنىڭ قوللاپ تىجارەت يولىغا باشلىدى..
ئاكىسى ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇردى.
_ ھۇ نومۇسسىز..نېمىشلارنى قىلىپ يۈردۈڭ..يولدىشىڭدىن ئاڭلىمىغان بولسام بىلمەسكەنمەن..
_ ئاكا، ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمە بولامدۇ، مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن بېرى ھېچقانداق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىدىم..ئۇ ماڭا قارا چاپلاپتۇ..
_ ئۇنداق قىلمىساڭ ئاجرىشىپ نېمە قىلاتتى..
_ مەن سېنىڭ سىڭلىڭغۇ، نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماڭا ئىشەنمەيسەن؟!
_ ساڭا مەن خېلى كۆپ قېتىم ئىشەنگەن. بىرىنچى قېتىم ھېلىقى مەينەت بىلەن ئارلاشتىڭ. ئىككىنچى قېتىم يەنە كەچلىك كۇلۇبتا باشقىلار بىلەن ئارلاشتىڭ..مۇشۇنداق ئىشلىرىڭ بولمىغان بولسا يولدىشىڭمۇ مېنىڭ ئاغزىمنى ئېتىپ قويمىغان بولاتتى..ئۆزۈڭ مۇشۇنداق ياشىغاچقا بىزنىڭ تىلىمىز كېسىك بولدى..
_ مەن ئۆزگەردىم ئاكا..شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن ئۆزگەردىم. لېكىن ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ يولدىشىمغا مېنى يامان قىلدى..ماڭا ئىشەن بولامدۇ..
ئاكىسى ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى.
_ ماڭ كېتىمىز..بۇ يەردە تۇرمايسەن.. بۇ يەردە تۇرساڭ ئاياللىقىڭنى ئۇنتۇپ، پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ كېتىدىكەنسەن..ئەمدى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرمايسەن..
_ ئۆيىمىز ئىجارىدە. سېنىڭكىگە بېرىپ تۇرسام يەڭگەمنىڭ ئالدىدا خىجىل بوپ قالىدىكەنمەن..داداممۇ سېنىڭكىدە تۇرسا..
_ ئۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن..بۇنىڭ يېنىغا تۇرمايسەن..بولمىسا سېنى يامان يولغا باشلايدۇ..
ئاچچىقتا كۈلۈپ كەتتىم.
_ ھاھا.. مەن يامان يولغا باشلىغان بولسام ئۇنى ئېلىپ كەت..ئۆزۈڭ ياخشى يولدا ماڭغۇز..
سىڭلىم قولۇمغا ئېسىلدى.
_ ئاچا. ئۇنداق دېمە. مەن سېنىڭ يېنىڭدا قالىمەن..مەن سەن بىلەن بىللە ياشايمەن..
_ مەن بىلەن كەتمىسەڭ بۇ دۇنيادا ئاكام بار دەپ ئويلىما.._ دېدى ئاكىسى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ.
_ كەتكىن. مېنىڭ ھېچقانداق ئادەمگە يامانلىق ئېلىپ كەلگۈم يوق..
_ ساقلاپ تۇر. نەرسىلىرىمنى ئەپ چۈشەي..
سىڭلىم ياتاق ئۆيىگە كىرىپ نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ياشلىرى توختىماي قۇيۇلىۋاتاتتى.
_ يىغلىما..ئاكاڭ بىلەن كەتسەڭ مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن..
_ جېنىم ئاچا..ئاكامنى كەچۈرگىن. يولدىشىم ئۇنىڭغا سېنى يامان كۆرسەتكەن ئوخشايدۇ..
_ ھېچقىسى يوق. مەن يامان بولۇشقا كۆنۈپ قالدىم..ھازىر باشقىلارنىڭ مېنى ھەر نېمە دېيىشىدىن قورقمايمەن..
سىڭلىم قولۇمنى تۇتتى.
_ سەن بولغاچقا بۇ كۈنلەرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋاتقانتىم.. كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ قالغانتىم..
_ مەن يەنە بار..ئەنسىرىمە، ئارلىقتا كەلسەڭ ئىشىكىم يەنە ساڭا ئوچۇق..
سىڭلىم مېنى قۇچاغلىدى.
_ رەھمەت، مېنى يامان يولدىن قايتۇرغىنىڭغا، بالام ئىككىمىزنى قوينۇڭغا ئالغىنىڭغا رەھمەت ئاچا..
_ بولدى، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلما..بولمىسا ساڭا قىيماي قالىمەن..
_ سېنى چوقۇم كۆرگىلى كېلىمەن ئاچا..
سىڭلىمنىڭ قىزىنى قولۇمغا ئالدىم.
_ ئاپىڭىزنى ياخشى قوغداڭ قىزىم..يىغلىسا ياشلىرىنى سۈرتۈڭ..
بالا ماڭا قاراپ يۈزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
سىڭلىم قىزىم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن چامىدىنىنى كۆتۈرۈپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى.
_ نەرسىلىرىڭگە ياخشى قارىدىڭمۇ، باشقا نەرسەڭ قالمىغاندۇ.. نەرسەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ بۇ ئۆيگە كەلسەڭ مەن يول قويمايمەن..
_ قالمىدى. ھېچنېمەم قالمىدى.. ھەممىنى ئالدىم..
_ ماڭايلى..
_ خوش ئاچا. ئۆزۈڭنى ئاسرا.._ سىڭلىم يىغلىغىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم. مۇشۇ دەقىقىدە دۇنيا ماڭا ئۆزۈمنىڭ تۇققانسىز غېرىپ ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىۋاتاتتى. مەن نە دادامنىڭ ئائىلىسىگە نە ئاپامنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ئەمەس ئىدىم. نە دادامنىڭ باللىرى بىلەن، نە ئاپامنىڭ باللىرى بىلەن تۇققان ئەمەس ئىدىم.