107-قىسىم
- بۇ دىگىنىڭمىغۇ توغرا جېنىم،ئەمما بىر تەرەپنىڭلا گىپىگە ئىشىنىپ كەتكىنى بولمايدۇ،بەلكىم ئۇ گۇلنىسا دىگەن ئايالمۇ بەك ياخشى ئايالمۇ ئەمەستۇ،تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئەپەندىمنىڭمۇ ئۆزىگە تەس يەلىرى باردۇر،ئىشقىلىپ نىمىلا بولسۇن، بىز ئۇ گۇلنىسانىڭ نەدىلىكىنى يوشۇرۇپ بەرسەك،ماۋۇ ماڭا ياردەم قىپتىكەن دەپ،مىڭ كوي پۇلنى قولىمىزغا تۇتقۇزمايدۇ،ئەمما تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئادەمگە ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرسەك بىر مىليون يۈەن بىرىدۇ،بۇ ئىشنىڭ ھېچبىر خىجىل بولغۇدەك ياكى يۈز كىلەلمىگۈدەك يىرىمۇ يوققۇ،بەرىبىر ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىز ئېيتىپ بەرمىسەكمۇ،شۇنچىۋالا يىشىل شەھەر گورۇھىنى باشلاپ مېڭىۋاتقان شۇقاتالىق تۇرغۇن مۇدىر ئۈچۈن ئۇ ساراڭ خوتۇننى تېپىش بىردەمچىلىكلا ئىشقۇ،بەلكىم،شەمسىيەنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندۇ،جىيەن قىزى تۇرۇپ، قىلچىلىك يۈز قىمماستىن رىقابەتچىسىنىڭ شىركىتىگە باش دىرىكتور بولۇۋالسا،ئەلۋەتتە ئەندىشە قىلىدۇدە، بولدى، بۇ ئىشلار بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمىسۇن، بىز پەقەت ئالىدىغىنىمىزنى ئېلىپ، يۇرتىمىزغا تىنىچ-ئامان كىتىۋالساقلا بولدى،بىلسەڭ ئېيتىپ بەر،بىلمىسەڭ ھېچقىسى يوق،-دىدى خانقىز قابىلنى يەنە زورلاۋەرسە،ئاۋۋال تاپىلىغان ئىشنىمۇ قىلمايمەن دەپلا جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ،ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى كىيىنكى قېتىملارغا قالدۇرۇپ قويۇپ تۇرۇش ئۈچۈن.
-ۋەي،مۇرات، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ -
- مەن ياخشى، سىزچۇ شەمسىيە ئە دېرىكتور- تۇيۇقسىزلا شەمسىيەدىن كەلگەن تىلفوننى تاپشۇرۋالغان مۇرات،ھاياجاندىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى، ئۇ شەمسىيەنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىغۇسى بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ خاپا بولۇشىدىن قورقۇپ،ئارقىسىغا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، دىرىكتورنى قوشۇپ قويدى، چۈنكى ئۇمۇ چۈشتىن بۇرۇنقى بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ رەسمىي يۇسۇندا ماكانىمنىڭ باش دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى.
- مەن ياخشى،سىزگە خىزمەت ئىشىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدىم،ئوقۇش تارىخىڭىز ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرىشىڭىزنى يوللاپ بىرەمسىز؟،-
- مىنىڭ ئوقۇش تارىخىم يوق،باشلانغۇچنى تولۇق ئوقۇغان، تولۇقسىزنى تېخى پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا مەكتەپتىن قاچقانلىقىم ئۈچۈن،تولۇقسىزنىڭ دىپلومىنى قولۇمغا ئالالمىغان،ئەمما دۆلەت تىلىنى ياخشى سۆزلەيمەن،خەت ئوقۇيالايمەن-دىدى مۇرات تۇيۇقسىزلا خىجىللىق ھېس قىلىپ، تولىمۇ تۈۋەن ئاۋازدا.
- ھە، مۇنداق دەڭ،يېقىندا يېڭى تۈرنىڭ سېتىپ چىقىرىش بۆلۈمىگە خادىم قوبۇل قىلماقچىكەن،ئەمما ئوقۇش تارىخى چوقۇم مەخسۇس كۇرۇس ۋە تولۇق كورۇس بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بۇ خىزمەت سىزگە ماس كەلمىگۈدەك، مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي-دىدى شەمسىيە مۇراتنىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن سۆز ئېچىپ، ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ.
-مەنغۇ ئۇنداق چوڭ خىزمەتلەردىن ئۈمىد كۈتمىگەن،پەقەت سىزنىڭ شوپۇرىڭىز بولساملا كۇپايە ئىدى، ھەقىچان شىركەتتىن سىزگە چوقۇم شوپۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدىغاندۇ، مىنى شوپۇرىڭىز قىلىۋېلىڭ بولامدۇ-دىدى مۇرات كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ، چۈنكى ئۇ پەقەت شەمسىيەنىڭ شوپۇرى بولغاندىلا ئۇنىڭغا داۋاملىق ھەمرا بولۇش ۋە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئارزۇسىغا يىتەلەيتتى.
- بۇ، بۇ، قانداق بولار، بۇنى مەن يەنە ئويلۇنۇپ باقاي-
- ئويلىنىپ بولغاندىن كىيىن،ياق دىيىشىڭىزدىن بەكلد قورقۇمەن،ماڭا ھازىرلا ماقۇل دەڭ،بولامدۇ؟مۇئاشىم يۇقۇرى بولمىسىمۇ بولىدۇ،پەقەت ياتاق تاماقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىزنىڭ شەخسى شوپۇرىڭىز قىلىپ قويسىلا بولىدۇ-
بۇنى مەن ئورۇنلاشتۇرسام بولىدۇ - شەمسىيە مۇراتنىڭ يېلىنىش ئىچىدىكى ئامالسىز ئاۋازىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى-بىراق،مىنىڭ مەيدانىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز پەقەت ئاچا-ئۇكا،دىركتور ۋە شوپۇر مۇناسىۋىتىدىلا كۇپايىلىنىدۇ،ئارتۇق يېقىنلىشىش ئويىدا بولۇشىڭىزغا رۇخسەت يوق،ئەگەر بۇنىڭدىن باشقىچە مەقسىدىڭىز بولسا،ئەڭ ياخشىسى باشقا جايدىن خىزمەت تاپقىنىڭىز ياخشى-
-خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ھەرگىز سىز خالىمايدىغان ئىشنى سىزدىن تەلەپ قىلمايمەن،پەقەت شوپۇرىڭىز بولۇپ،بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلساملا بولدى-مۇراتنىڭ ئاۋازىدا ئازىراق ئۈمىد پەيدا بولدى، دىمەك ئۇ ئەمدى ھەركۈنى شەمسىيەنى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭ نەگە بېرىپ،كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،ئوغۇرلۇقچە ماراپ يۈرمىسىمۇ بولاتتى،ئۇنى قاچانلا كۆرگۈسى بولسا شۇ چاغدا ئوچۇق ئاشكارا كۆرەلەيتتى،بۇ مۇرات ئۈچۈن،نەقەدەر زور بەخىت ھە!مۇراتنىڭ قەلبى ئۆز دادىسى تەرىپىدىن بىر قېتىم ئۆلتۈرۈلگەندىلا قەلبى ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان،شۇ چاغدىن تارتىپ ئۇنىڭ روھىيتى خۇددى تەم سەزگۈسىنى يوقاتقان بىمارغا ئوخشاش،ئازابقىمۇ خۇشاللىقلارغىمۇ ھاياجانلانماس بولغان، ئۇ شەمسىيەنى ئۇچراتقاندىن كىيىن قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتى،ھىجراننىڭ،ۋىسالنىڭ،ئازاب ۋە خۇشاللىقنىڭ تەمىنى قايتىدىن ھېس قىلدى،شۇڭا ئۇنىڭ تىرىكلىكى ئۈچۈن،شەمسىيەنىڭ ئۆز ھاياتىدا داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشىغا ئېھتىياجلىق ئىدى.
- ئەجەبا مەندىن قۇتۇلۇشقا شۇنچە ئالدىراپ كەتكەنمىدىڭىز شەمسىيە- كەچقۇرۇن شەمسىيە ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرىشىغا خانقىزنىڭ ئالداپ سىلاشلىرى بىلەن، ماكانىم گورۇھىنىڭ خېرىدار چاقىرىش يىغىنىغا تەييارلىغان لايھىيەسىنى ئوغۇرلىغىنى كەلگەن قابىل ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ،شەمسىيەنىڭ ئىشخانىسىغا كىرەلمەي خېلى ئاۋارە بولۇپ،كىچىك قىزىنى كىرگۈزۈپ يۈرۈپ دىگەندەك مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ،قاخشاپ سۆزلەپلا كەتتى-توغرا،ھازىر سىز دىگەن كاتتا ئەرباب،ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورى تۇرسىڭىز،مەندەك يالاڭتۆش بۇرۇنقى ئىرىڭىزنى كۆزگە ئىلامتىڭىز،ئەلۋەتتە مەندەك بىكا تەلەتنى يېنىڭىزدا ئېلىپ قالسىڭىز،ھەشەمەتلىك ھاياتىڭىزغا چىۋىن چىچىپ قويغاندەك بىئارام بولىسىزدە
-خانقىز خانىمغا قايتىدىن ئىرىشكەندىن كىيىن ،تېخىدىنمۇ گەپدان بولۇپ كىتىپسىز ھە، قابىل،سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقۇدۇ دەپ،يالغۇز ئۇنىڭ گەپدانلىقىنىلا ئەمەس،سەۋەنلىكلەرنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ،ئاغرىنىدىغان خۇي-پەيلىنىمۇ خېلى ئۈگىنىپ قالغاندەك قىلىسىز-
- خانقىزنىڭ گىپىنى قىلماڭ شەمسىيە،ئۇ مىنى ئالداپتۇ،مەن شۇ تاپتا،ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ،سىزدىن شۇنچە ئاسان ئاجرىشىپ كەتكىنىم ئۈچۈن قاتتىق پۇشايماندىمەن-دىدى قابىل گەرچە بۇ گەپلەرنى تازا دىيىشنى خالىمىسىمۇ،مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن زورىغا بوينىنى تۈۋەن قىلىپ،خانقىزنىڭ ئۈگەتكىنى بويىنچە قىلىشقا تىرىشىپ.
- مەن بۇرۇن يالقۇن توغرىسىدا مەن بىلەن جىدەللەشكەن چېغىڭىزدىلا سىزگە ئېيتقان،مەن تۈكۈرىۋەتكەن تۈكۈرۈكنى قايتا ئېغىــزىمغا ئالمايمەن،چىۋىن چىچىپ قويغان ئاشنى،كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ تۇرۇپ ئىچمەيمەن دەپ،سىز مەن ئۈچۈن ئەمدى،ئاللىبۇرۇن چىۋىن چىچىپ قويغان ئاشقا ئايلىنىپ بولغان ئادەم،ماڭا بۇلارنى دەپ،نىمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم،ئەمما،شۇنى بىلىپ قېلىڭكى،بىزگە ئەمدى ئىككىنچىگە قەتئىي ئورۇن يوق-
- سەندىن ئاران ئاجرىشىۋالدىم،قايتا كۆرەرگە كۆزۈم يوق دىمەكچىمۇ؟- دىدى قابىل،خانقىزنىڭ ئۈگەتكەنلىرىنى دەمال ئىسىدىن چىقىرىپ،ئۆزىنى بېسىۋالالماي.
-قابىل ئەپەندى،توغرا،ئىلگىرى سىزنى شۇنداق چوڭ بىلگەن،ھۆرمەت قىلغان چاغلىرىم بولغان،چۈنكى ئۇ چاغلاردا مىنىڭ كۆز ئالدىمدا،خوتۇنى تالاغا قاراپ يۈرسە،پىتىغىمۇ ئالماي يۈرۈيدىغان يۇمشاقباش قابىل ئەمەس،بەلكى ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،باللىرىغا مېھرىبان،ئەدەپ-قائىدىلىك،تىرىشچان ۋە كۈيۈمچان،ئىنسانى پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قابىل بار ئىدى،توغرا سىز ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىـز،بەلكىم مەن ئۆزۈمنى سىزگە بىر ئۆمۈر قەرزدار سانىساممۇ ھەقلىقتۇرسىز،ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ،مىنىڭ كۆز ئالدىمدىكى قابىل،ئەسلىدىن قورقۇپ،يۇۋاشنى بوزەك قىلىدىغان،پوققا چۈشۈپ كەتكەن ئاشنى ئىلغىماي يەيدىغان،پاسكىنا بىلەن پاكىز ئىشلارنى ئارلاشتۇرۇپ قىلىپ،قولىنىمۇ يۇيۇۋەتمەستىن تاماق يەۋېرىدىغان،ئەقلى بۇلغۇنۇپ كەتكەن يۇمشاقباش قابىل،بەلكىم سىز مىنى چوقۇم ئۆزىڭىزدىن مىننەتدار بولۇشى كىرەكتەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما،مەن مىننەتلىك ئاشتىن مىننەتدار بولالمايدىغان ئادەم،سىزگە ھەرقانچە كۆپ قەرزدار بولساممۇ،ئەمما سىزدىن مىننەتدار بولۇشقا ۋە ھۆرمەت قىلىشقا ئامالسىزمەن،سىزنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭىز،خانقىزنىڭ قوينىغا ئىككىنچى قېتىم ئۆزىڭىزنى ئاتقان چېغىڭىزدىلا ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان،ھەيرانمەن،سىز زادى قانداق ئەرسىز؟ شۇنچىۋالا بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ،قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان قاتىل خوتۇنىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىككى ئېغىز گەپنى كەسكىن قىلىپ،باشقۇرالماي،لامزەللە دىگەن تىلنى ئاڭلاپ،كۈچۈكلىنىپ ياشايسىز،ئەمما سىزگە يول قويغان ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭىزنى ھۆرمەت قىلغان مەندەك بىر پەزىلەتلىك ئايالنىڭ ئالدىدا،ئېغىزىڭىزدىن پوق ئېقىتىپ تۇرۇپ،يۈزىڭىزنى قوڭىڭىزغا ئېلىپ تۇرۇپ،نۇمۇسسىزلارچە سۆزلىيەلەيسىز،باللىرىم ئۈچۈن دىگەننى ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمەيسىزيۇ،ئادىمىيلىك،ئەخلاق،ۋە پەزىلەتلىرىنى تامام يوقاتقان خانقىـنى كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ،يەنە باللىرىڭىزغا ئانا قىلىپ بىرەلەيسىز،ئۇنىڭ بىلەن قورقماي بىر ئۆيدە ياشاپ،ئۇنىڭ بۇلغانغان تەنلىرىنى كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ،قۇچاقلاپ ياتالايسىز،ئەسلى بىلسەم،خانقىزنى بۇزغىنى دەل سىز ئىكەنسىز،سىز ئاخىرقى چىكىڭىز،غورۇرىڭىـز، ئەرلىك ئىززىتىڭىز ۋە مەسئۇلىيتىڭىزنى يوقاتقاچقا، خانقىز سىزنى قىلچىلىك كۆزگە ئىلماي ئاشۇ نومۇسسىزلىقلارنى قورقماستىن قىپتىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر سىز ھەقىقى بىر ئەر بولالىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ قولىغا قارىماي ئەرلەرگە خاس ياشاپ، مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلالىغان بولسىڭىز، مەيدانىڭىز كەسكىن ھالدا مۇھەببەت -نەپرىتىڭىز ئېنىق ھالدا توغرا بىلەن خاتانى، پاكىز بىلەن پاسكىنىنى ئېنىق ئايرىپ ياشىغان بولسىڭىز، خانقىزمۇ سىزدەك بىر ئەرنىڭ ئاخىرقى چىكىگە چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، سىزدەك قالتىس ئىرىدىن پەخىرلىنىپ،قانائەت بىلەن ياشىغان بولاتتى،ئۆزىڭىز ئاقكۆڭۈل، كىشىگە يامانلىق ئويلىمايسىز، ئەمما خانقىزنى ئاجايىپ چوڭ بىلىسىز، ئۇنى قاتتىق ياخشى كۆرىسىز، ئۇنىڭسىز يالغۇز ياشاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز،شۇڭا ئۆزىڭىزگە قىلچە ئىشەنچىڭىز يوق، خانقىزدىن ئايرىلسىڭىز ئۆلىدىغاندەك پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭغا باغلاپ ياشايسىز، ئەجەبا بۇ يارامسىزلىقىڭىز ئۈچۈن كىمدىن ئاغرىنماقچىسىز؟ مەندىنمۇ؟ سىزنىڭ بۈگۈن نىمە مەقسەتتە كەلگىنىڭىـز ماڭا نامەلۇم، ئەمما مەن سىز تەلەپ قىلغان نەرسىنى بىرەلمەيمەن،ياكى سىزنى مەقسىدىڭىزگە قەتئىي يەتكۈزەلمەيمەن،مىنىڭ قىلىپ بىرەلەيدىغىنىم چەكلىك ھەم ۋاقىتلىق،ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپ يارىماسلىقىڭىزغا تاپقان باھانىڭىزمۇ،سىزنى پەقەت ۋاقىتلىقلا ئازادىلىككە ئىرىشتۈرەلايدۇ، قايتىپ كىتىڭ قايتىپ، قانداق ياشاش توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىڭ، خانقىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قىزىقمايمەن، ھەم خانقىـزدىن پەقەت ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن، كىم بىلەن ياشاش، كىمنى ياخشى كۆرۈش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز، ئەزەلدىن سىزنى مىنى ياخشى كۆرسىكەن دەيدىغان ئۈمىدمۇ كۈتمىدىم، ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن، مەيلى نىمە ئىش بولسۇن،مەندىن ئاغرىنماڭ، مىنى ئىــزدەپ كەلمەڭ، يارىماسلىقىڭىزنىڭ باھانىسىنى ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئىتتىرمەي مەزمۇت ياشاشقا تىرىشىڭ-
-بولدى بەس، ئەمدى سۆزلىمەڭ-شەمسىيەنىڭ سۆزلىرى گەرچە ھەقىقەت بولسىمۇ، قابىلنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكى قالمىدى-ئۆزىڭىزچە، سىز بەك چوڭ ئادەم ئوخشىمامسىز؟ كۆڭلىڭىزدە مىنى راسلا سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ كەلدى دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟ ئەگەر خانقىز ماڭا يالۋۇرمىغان بولسا، مىنىڭ سىزنىڭ بۇ سۈرۈن تەلەتىڭىزنى ئىككىنچى رەت كۆزلىرىمگە كۆرسەتكۈم يوق ئىدى، بىراق خانقىز تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا ئامالسىز ئالدىڭىزغا كەلدىم،ئۇ ئەسلىدە سىلەرنىڭ ئەتىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىغا تەييارلىغان لايھىيەرىڭلارنى ئوغۇرلۇقچە قولغا چۈشۈرۈپ ئەكىلىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئويلاپ باقسام، مەندەك بىر بىجىرىم ئەرگە بۇنداق قىلىقلار ياراشمايدىكەن، ياخشى، ئۆزىڭىز ئېيتتىڭىز، سىز ھەقىقەتەن ماڭا كۆپ قەرزدار، قەرز بولغان ئىكەنسىز، قەرزنى قايتۇرىشىڭىز بەرھەق،ئۆتكەن قېتىم سىزنى دەپ جېنىمدىن ئايرىلغىنى تاس قالغىنىمنىڭ قەرزىنى قايتۇردىڭىز، بۇ قېتىم،سىزنى مۇنچىدا، ئۆيىڭىزدە قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىرىم ئۈچۈن، قەرز قايتۇدۇپ، لايھىيەنى ماڭا بىرىڭ، خانقىز ماڭا ۋەدە بەردى، بۇ لايھبيەنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەرسەملا، ئۇزۇنغا قالماي،بىز بىللە يۇرتقا قايتىپ كىتىمىز، شۇنىڭدا سىز خانقىزدىنمۇ، مەندەك يۇمشاقباش ئەردىنمۇ قۇتۇلۇپ، خاتىرجەم ياشىيالايسىز، بەرمەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىزمۇ مەيلى، بۇنىڭغا مىنىڭ ئامالىم يوق، نارازى بولساممۇ ئىچىمدە بىلىپ، چىرايلىقچە قايتىپ كىتىمەن-
-دىمەك، خانقىز ئۈچۈن، مىنى سېتىۋەتكىنى كەپسىزدە، پەرەز قىلىپ باقايلى، خاتالاشمىسام، خانقىز خانىم ئاللىبۇرۇن تاغام تۇرغۇننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ سادىق چاكىرىغا ئايلىنىپ بولدى، ئۇ بۇ لايھىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى توغرىمۇ؟ -
- بۇنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ تۇرغۇن دىگەن ئادەمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتمىدى، پەقەت پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ،مەن بۇلارغا قىزىقمايمەن، ماڭا كىرەك بولغىنى، خانقىز ۋە ئائىلەم، ئۇنى يۇرتقا ئېلىپ كىتىشكە قايىل قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىللىرى بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ياشايدىغان مۇھىتقا ئېرىشىش-
- سىزنىڭچە ئىشلار ھەقىقەتەن سىز ئويلىغاندەكمىدۇ؟ خانقىز راسلا تۇرغۇن مۇدىر بىلەن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمىغانمىدۇ ۋە ياكى ئۇنداق قىلىش ئويى پەقەتلا يوقمىدۇ؟ سىز مەندىكى لايھىيەنى ئوغۇرلاپ ئاپىرىپ بەرسىڭىزلا، ئۇ راسلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ، سىز بىلەن بىللە چىرايلىقچە يۇرتقا قايتىپ كىتەرمۇ؟ سىز ئۇنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ ئۇ ئەينى چاغدا يالقۇنغىمۇ مال-دۇنيا ئۈچۈن يېقىنلاشقان، بىراق ئۇ ئېرىشكەنسېرى تېخىمۇ چوڭىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى، ئاقىۋەت ئۆزىنىمۇ، سىزنىمۇ، يالقۇننىمۇ تەڭ نابۇت قىلدى، يالقۇننى بەك ئوبدان چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ ئاچچىقى يامان بولغان بىلەن،قەھرى بار زەھرى يوق، ساددا ھەم دۆت، ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك،شۇڭا خانقىزنىڭ بۇرنىدىن يىتىلەپ مېڭىشى ئاسان، تۇرغۇن مىنىڭ تاغام،مەن كىچىكىمدىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ماڭا تېخىمۇ نەك ئايان،خانقىز بىلسە، بۇ قېتىم بارسا كەلمەس قەدەمنى بېسىۋاتىدۇ، تۇرغۇن شەھۋەتپەرەس، رەزىل، باغرى تاش، گۇمانخور ئادەم،خانقىز ئۇنىڭ كۆزىنى بويايمەن دەپ بولغۇچە،ئۆزى جېنىدىن جۇدا بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، سىز ھەم باللىرىڭىز ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قوياي،خانقىزغا ئىشەنمەڭ، ئۇنىڭ مەقسىدى باشقا، ئۇ چوقۇم بۇ بىر قېتىم بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ،بۇ پەقەت ئۇنىك كىيىنكى قەدىمى ئۈچۈن تاشلانغان يەمچۈك،، تۇرغۇنمۇ بۇنداق ئاسانلا قاپقانغا چۈشىدىغان ئادەم ئەمەس، خانقىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنى ئۈچۈن چوقۇم، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدۇ، تېخىمۇ چوڭ ئازابقا قالماي ھەم سۈيۈملۈك خوتۇنىڭىز خانقىزنى زىيانغا ئۇچراتماي دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ۋاقتىدا توسۇپ قېلىڭ،بۇ مىنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشىم خالاس، ئاڭلىمىساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىىڭلار –
- شۇنداق دەپ، باھانە كۆرسىتىۋاتقانسىز تايىنلىق، ياكى خانقىزنىڭ تۇرغۇن بىلەن بىرلىشىۋېلىپ،شىرىن خىياللىرىڭىزنى بىتچىن قىلىشىدىن قورقۇۋاتامسىز؟
- ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق- شەمسىيە شۇنداق دىگەچ، تارتمىسىنى ئېچىپ، ئەتىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىغا تەييارلىغان ماتىرىيالدىن بىر نۇسقا ئېلىپ، قابىلغا تۇتقازدى-مانا بۇ ئەتىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىنىڭ لايھىيە كۆپەيتىلمىسى،بۇ سىز دىگەندەك قەرزگە ھېساب بولسۇن، يۇقارقى ئەسكەرتىشلىرىم، ئىلگىرىكى دوستلۇقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، كەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كىچىككىنە غورۇرىڭىز بولسا، مىنىڭ ماكانىم شىركىتىدە داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇشۇم، ۋە خانقىزنىڭ ئىككىمىزدىن گۇمان قىلىپ، يەنە مىنى ئاۋارە قىلماسلىقى ئۈچۈن، مىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ماتىرىيالنى سىزگە بەرگەنلىكىمنى ئۇنىڭغا ئېيتماڭ، بۇرۇنقى پىلان بويىنچە ئوغۇرلۇقچە قولغا چۈشۈردۈم دىسىڭىزلا كۇپايە، قالغان ئىشلارنى ئۆزىڭىز ئوبدان ئويلۇنۇپ ئاندىن قارار چىقىرارسىز، ئۇنداق بولسا ئۇزاتمىدىم، كىيىنكى قېتىم كۆرۈشمەسلىكىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن – شەمسبيە قابىلغا ئىشىكنى ئىشارە قىلىپ، ئۇنى ئۇزىتىشقا ھازىرلاندى.
- سىزگە بىر گەپ قىلاي، ئاڭلاشنى خالامسىز؟ -دىدى قابىل قىزىنى كۆتۈرۈپ، چىقىپ كىتىشكە ھازىرلانغاچ.
-قېنى ئېيتىڭ قۇلقۇم سىزدە –
-نىمىشقا سىزگە ئۇچرىغانلىكى ئەرلەر سىزدىن شۇنچە تىزلا بىزار بولىدۇ بىلەمسىز ـ دىدى قابىل ۋە شەمسىيە ئاڭقىرالماي، نىمە دىمەكچى دەپ دولىنى قىسىپ قويغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-سىز ئاجايىپ بىلەرمەن،خۇددى قارشى تەرىپىڭىزدىكى ئادەمنى بەش قولدەك چۈشىنىدىغاندەك، ئۇنى قىلچىلىك ئاياپ قويماستىن ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ تاشلايسىز، نىمىنى ياقتۇرىشى، نىمىگە ئۆچلىكى، ھەتتا نىمە ئويلاۋاتقانلىرىدىن تارتىپ بىلىۋالىسىز، بىلەمسىز، بىز ئەرلەرگىمۇ ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان بىر بوشلۇق كىرەك، سىز بىزنى ئالدىسىڭىز، بىزگە يالغان سۆزلىسىڭىزمۇ تامامەن بولۇۋېرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ سىزنى ئالدىشىمىزغا، سىزگە يالغان سۆزلەش ئارقىلىق خۇشاللىق بەخىش ئىتىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ قالتىسلىقىمىزنى نامايەن قىلىشىمىـغا ۋاقىت بىرىشىڭىز كىرەك، بىـز ئەرلەرمۇ ئىتىراپ قىلىشقا مۇھتاج، بىزدىن ئاجىز ئاياللارنىڭ ئەركىلەشلىرى،، يالغاندىن بولسىمۇ، بىجارە ھەم ئامالسىز ھالغا چۈشۈپ قىېلىشلىرىغا مۇھتاج، ھېچقانداق مۇھىتتا ھېچقاچان ئەرلەرگە قىلچىلىك ئېھتىياجى چۈشمەيدغان، ھەمىشە كىشىنىڭ قەلبىدىكىنى تېپىۋالىدىغان سىزدەك ئايال بېشىدا جەلپكار كۆرۈنۈپ، كىشى مەيلىنى ئۆزىگە ئاسان تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن، بارا-بارا ئادەمنى بىزار قىلىپ،كۆڭۈلنى بەكلا ئېلىشتۇرىۋىتدىكەن، توغرا خانقىز يالغانچى، ساقتىپەز، ھىيلە-مىكىرگە ئۇستا، ئەمما ئۇ مىنى قانداق قىلىپ، ئۆزىگە قارىتىشنى، مەندىن پايدىلىنىشنى بىلىدۇ، شۇڭا مەن ئۇنىق ئەسكىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىيالمايمەن-قابىل سۆزىنى تۈگىتىپ بولۇپ، شەمسىيەنىڭ سۆزلىشىنىمۇ كۈتمەستىن ئىشىكنى جاڭڭىدە قىلىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى. شەمسىيە تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك مىدىرىيالماي تۇرۇپ قالدى.بۇ ئەر زادى نىمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟ ئەجەبا، خوتۇنى باشقا ئەرلەر بىلەن كۆز ئالدىدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرسە، غورۇرى مىتتىدە قىلىپ قويمايدىغان،ئىززەت-ئابروي، ئىناۋەت، ۋە بەخىت ئىستىقباللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر بۇزۇق خوتۇن ئۈچۈن دوغا تىكىپ ئىنتايىن بىچارە ھالدا ياشاۋاتقان مۇشۇ ئەرگىمۇ يارىمىغۇدەك دەرىجىدە شۇنچىۋالا دىتسىز ھەم كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئايالمۇ؟ ئەگەر شەمسىيە بۇ گەپلەرنى يالقۇندىن ئەمدىلا ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ چاغلاردا ئاڭلىغان بولسا ئىدى، بەلكىم يەنە بىر قېتىم ئۆز ھايتىغا قەست قىلىش ئۈچۈن قول سالغان بولاتتى، بىراق بۇ قېتىم قەتئىي ئۇنداق خىيالنى قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا تاۋىلىنىپ، پىششىپ يىتىلىپ، ئۆزىگە خاس ئىرادە ۋە تەپەككۇر يولىنى ھاسىل قىلغان ئىدى،قابىل ۋە يالقۇندىن ئىبارەت ئىككى ئەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ خانقىزنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىنىڭ، قانداقتۇر ئۇنىڭ يارىماسلىقىدىن ۋە ياكى ئايال بولۇشنى قاملاشتۇرالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشكە ۋە جاراھەتكە تولغان بالىقىنى باغرىغا تېڭىپ ياشاپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەن، ۋە شۇنداق ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ تاللىشىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كىيىنكى تاللاشلىرىغا ئۆزىگە خاس تەپەككۇر يول يولى بىلەن يۈزلىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى.
- شەمسىيە قىزىم، تېخىچە قايتماپسىزغۇ؟ - رىشىت ئەپەندىمنىڭ ئىشىكنى چەكمەيلا تۇيۇقسىزلا كىرىپ كىلىشى شەمسىيەنى چۆچۈتۈپ خىيالدىن ئويغاتتى.
- ھە، ئازراق ئىشلار بىلەن ھايال قالدىم، ھازىر قايتاي دەپ تۇرغان ئىدىم-
- بىللە قايتايلى،ئاۋۋال سىزنى ئاپىرىۋىتىپ، ئاندىن بىز قايتايلى، شوپۇر پەستە ساقلاپ قالدى، يۈرۈڭ!
- ماقۇل رىشىت دادا -شەمسىيە پەلتويىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ، سومكىسىنى ئېلىپ، رىشىت ئەپەندىمگە ئەگىشىپ، پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ماشنىسىغا چىقتى.
- ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىگە سىزگە شوپۇر ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشنى تاپىلاپ قويدۇم،ئەتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى مۇمكىن-دىدى رىشىت ئەپەندى، ماشنىغا چىققاندىن كىيىن- شوپۇرنى ئۆزۈم تاللىسام بولامدۇ؟ مىنىڭ ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بىر دوستۇم بار ئىدى- شەمسىيە مۇراتنى ئىسىگە ئالدى.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇ دوستىڭىز بىخەتەرمۇ؟ -رىشىت ئەپەندى بىر ئىشتىن ئازراق ئەندىشە قىلىپ قالغاندەك تۇراتتى.
- مۇتلەق بىخەتەر، ئەمەلىيەتتە ئۇ مەندىن كىچىك، يالقۇن ئۆلۈپ كەتكەن نەق مەيداندا لالە ئىككىمىزنى قۇتۇلدۇرىۋالغان، ئەخلاقىغا گەپ كەتمەيدۇ-شەمسىيە رىشىت ئەپەندىنىك نىمىدىن ئەنسىراۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالدى.
-ھە راس، قايسى كۈنى ئەلقۇتنىڭ پارىڭىنى قىلىشقان ئىدۇق ئەمەسمۇ؟ قۇلقى قىززىپ قالدىمۇ ئۇ گۇينىڭ، باياتىن تىلفون قىلىپ، تۇيۇقسىزلا سىزنى سوراپ قالدى،بېشىڭىزغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن بىرەر قۇر خەۋەردار قىلىۋىدىم،بەك ئېچىنىپ كەتتى، ھەممىدىن غەلىتە يىرى قايسى دىمەمسىز؟ شۇنچە يىلدىن بۇيان، شۇنچىۋالا زورلىساممۇ قايتىپ كەلگىنى ئۇنىمىغان ئۇ سولتەك، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپلا، ئۆزىچە يۇرتقا قايتقۇسى كىلىپ قاپتۇ، ئەتە ئەتىگەننىڭ ئايروپىلانىدا ئۇچقۇدەك، ئۇ سىزنى ھەم بالىلقىڭلارنى تېخى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، ئېغىزى-ئېغىزىغد تەگمەي بالىلىقىڭلاردىكى كەچمىشلىرىڭلارنى سۆزلەپ، شەمسىيە بەك غەيرەتلىك، جاسارەتلىك قىز ئىدى، ئەگەر ئەينى چاغدا چەتئەلدىكى ئوقۇشنى تاللىمىغان بولسام، چوقۇم ئۇنى قوغلاشقان بولاتتىم دەۋاتىدۇ، بۇ سولتەكنى جىنسى يۆنىلىشىدە مەسىلە بارمىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم، ئۇنىڭدىمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن قىزىقىش بارلىقىنى ئاڭلاپ،بىرخىل خاتىرجام بولۇپ قالدىم،بۇ ئۇنىڭ، ئايال كىشى ھەم مۇھەببەت توغرىسىدىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتقان سۆزىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم -رىشىت ئەپەندى قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى، شەمسىيە، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەندەك، نىمە دىيىشىنى ئويلۇشۇپ بولالماي تۇرغىنىدا، ماشىنا ئۇ ئولتۇرىدىغان ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ، ئۇنى بۇ خىجىلل قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
- بۇنىڭ ماكانىم گورۇھىنىڭ ئەتىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا ئېلان قىلىدىغان پىلان لايھىيەسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ مەن سىزگە بۇرۇنمۇ ئېيتقان مەن مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان ئادەم، ئەگەر بۇ لايھىيە يالغان بولۇپ قالسا، زىياننى تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولمايدۇ، ئۇ چاغدا مەنمۇ سىزگە قىلچىلىك يۈز خاتىرە قىلىپ، ئولتۇرمايمەن- تۇرغۇن مۇدىر خانقىز ئېلىپ كەلگەن لايھىيەنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، خۇشاللىقتىن ئېغىزى يۇمۇملايلا قالغان بولسىمۇ، ئەمما چاندۇرماستىن خانقىزغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرۇپ، بۇ دوكىلاتنىڭ ئىشەنىچىلىكلىك دەرىجىسىنى سىناپ باقماقچى بولدى.
- مۇدىر ئەپەندى، بۇ دوكىلاتنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىگە كاللام بىلەن جاۋابكار بولىمەن، ئاندىن سىز ماڭا تاپشۇرغان ئىككىنچى ۋەزىپە توغرىسىدا يەنە بىر ئالاھىدە نەتىجىگە ئىرىشتىم، گۇلنىسا خانىمنىڭ يوقاپ كىتىش ۋەقەسىگە شەمسىيە چېتىلىقلىقلا بولۇپ قالماي، يەنە بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىكەن، بۇ مىنىڭ بۇرۇنقى يولدۇشۇم، شەمسىيەنىڭ يېقىندا ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىىشى قابىل يەتكۈزگەن مۇتلەق ئىشەنچىلىك خەۋەر، - خانقىز قەستەن شەمسىيەنى گۇلنىسا ۋەقەسىدىكى باش جىنايەتچى قىلىپ كۆرسىتىپ، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولى بىلەن ئۇنى جايلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پاراڭ تىمىسىنى يەنە شەمسىيەگە ئەكىلىپ مەركەزلەشتۈردى.