111-قىسىم
-بولدى،ئەمدى سۆزلىمەڭ شەمسىيە،مىنىڭ خانقىزغا بولغان رىشتىمنى،يالقۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئاشنىدارچىلىق بىلەن سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ،مەن ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن،شۇڭا،ئۇنىڭ مىنى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ،يەنىلا ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيدىكەنمەن،بۇنداق ھېسىياتنى سىز ھەرگىز چۈشەنمەيسىز،نىمە ئۇ غورۇر دىگەن ئۇ مىنىڭ ھاياتىم،ماقۇل، ئەگەر مىنى راسلا كەچۈرىۋەتكىڭىز بولمىسا مەيلى، مىنى ئەرز قىلىڭ،ئەمما،بۇنىڭدىن كىيىن،خانقىز بىلەن ئېچىشماڭ،ئۇ ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ،مەن سۆيگەن ئايال،مەن ئۇنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈشكە ئاجىز كەلدىم،شۇڭا ئۇ ئاشۇنداق قەدىرسىلەرچە ياشىدى،ئەگەر مەن كىرەككە كەلگۈدەك ئەر بولغان بولسام،ئۇ ھەرگىز بۇنداق بولۇپ قالمايتتى،ھەممىسى مىنىڭ يارىماسلىقىمدىن بولغان،شۇڭا مىنى جازالاڭ،خانقىزنى باللىرىم بىلەن تىنىچ ياشىغىنى قويۇڭ-
- ھا، ھا، ھا -شەمسىيە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، شۇ تاپتا ئۇ كۆز ئالدىدىكى مۇنۇ ئادەمنىڭ ئاتالمىش سۆيگۈسىدىن تەسىرلىنىشىنى ياكى غەزەپلىىنىشنى بىلەلمەيلا قالدى-ئەسلى سىزنى چۆچۈتۈش ئۈچۈن ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ،باللىرىڭىزنى ئەكىلىپ بېقىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمدى قارىسام، سىزنى چۆچۈتكىنى بولمىغۇدەك، شۇڭا بۇ نىيتىمدىن يېنىۋالدىم،سىزنى ئەرز قىلمايمەن،قايتىپ چىقىپ،خانقىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن، سىزگە يەنە قانداق يۈزسىزلىكلەرنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ،كۈندە مىڭ قېتىم ئۆلۈڭ، باللىرىڭىزنىڭ بەختى-ئىستىقبالىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن نابۇت قىلىۋەتكىنىڭىز ئۈچۈن ئازابلىنىڭ،مانا بۇ سىزگە تىگىشلىك جازا، قېنى كۆرەرمىز،ئاتالمىش ئۇلۇغۋار سۆيگۈلىرىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولاركىن - شەمسىيە نەپرەتلىك نەزەردە قابىلغا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى،ئۇنىڭ ئازابلانماسلىقى،نەپرەتلەنمەسلىكى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ گەرچە قابىلنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمىگەن ھالەتتىمۇ،ئۇ ئۇنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئۈچۈن،ئۆزىگە شۇنچىۋالا ھاقارەت ۋە زوراۋانلىقلارنى راۋا كۆرگەن تۇرسا، ھەتتا خانقىزنىڭ ئالدىدا يۇقۇرىراق ئاۋازدا گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ لامزەللە، شەمسىيەگە ھۆكۈرەپ،بەئەينى بىر يىرىتقۇچقا ئايلىنىۋالغان تۇرسا، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى،ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئۈمىد بىرىپ،كەينىدىن نۇمۇسسىزلارچە، پەسكەشلەرچە، يۈزسىزلارچە، ھۇجۇم قىلغان تۇرسا، بۇنداق ئادەمدىن نەپرەتلەنمەسلىككە،ئۆزىنىڭ ھاياتىدا يۈزبىرىۋاتقان، بۇ تەڭسىز مۇئامىلىلەردىن قەلبى ئاغرىماسلىققا،ئۇنىڭ يەنە ئامالى بارمۇ؟
- ئۇنى راستىنلا ئەرز قىلمامسىز؟ -دىدى ئەنۋەر شەمسىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ.
-ئەرز قىلمايمەن،ئۇ ھېلىھەممۇ قەدىرلىك سابىق ئايالىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشرىسىنى كۆرۈپ يەتمەستىن،ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيمەن دەۋاتسا،مەن يەنە قانداقمۇ،ئۇنىڭ شەرتىگە ماقۇل بولۇپ، ئۇنى ئەرز قىلالايمەن، ئۇنى ئەرز قىلماي قويۇۋىتىشىم،ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ جازا،ماڭا ئايان،خانقىز ھەرگىز بۇنداقلا جىم يۈرمەيدۇ،ئۇ قابىلنى تۇغۇلغىنىغا تويغۇزىدىغان كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا، قېنى ئۇ شۇ چاغدا يەنە،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا باشقا ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىتىشلىرىگە چىداپ تۇرالامدىكەنكىن؟
-بۇ ئويلىغىنىڭىزمۇ توغرا،ئەمما دۈشمىنىڭىزنى مۇشۇنداقلا قويۇۋەتسىڭىز،ئۇنىڭ سىزگە يەنە خەتەر يەتكۈزىشىدىن قورقمامسىز؟ -
-قورقمايمەن، قابىل مىنىڭ رەقىبىم ئەمەس، ھەم رەقىبىم بولۇشقىمۇ سالاھىيتى توشمايدۇ، ئۇنىڭدا توشقاننىڭكىچىلىكمۇ يۈرەك يوق، ماكا كىلىدىغان خىيىم-خەتەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خانقىز تەرەپتىن كىلىدۇ،ئەكسىنچە مەن قابىل ئارقىلىق خانقىز تەرەپتىن كىلىدىغان خىيىم-خەتەرلەرنى ئالدىن سىزىۋالالايمەن،قايسى كۈنىدىكى لايھىيە ئوغۇرلاش ئىشى، بۈگۈنكى خانقىزنىڭ تۇتقۇن قىلىمنىشى،بۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشىدە قابىلنىڭ ھەسىسى يوق، قابىل ئىش قاملاشتۇرالايدىغان ئەركىشى ئەمەس،ئۇ ھاياجانلىنىش ۋە قورقۇنچاقلىتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى كىيىنكى پىلانلىرىم ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدۇم-
- كىيىنكى پىلانلىرىڭىز-دىدى ئەنۋەر ھەيرانلىق ئىلكىدە قايتۇرۇپ سوراپ-سىزنىڭ تېخى كىيىنكى پىلانلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟ -
- ئەلۋەتتە بار، پات ئارىدا بىلىپ قالىسىز -شەمسىيە سىرلىق ھالدا شۇنداق دەپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
- ھەر ھالدا، ئۆزىڭىزگە چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ، ھەرقانداق مەسىلە بولسا، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلايلى-
-بىلىشىمچە قانۇن پاكىت ھەم ئىسپاتنى ئاساس قىلىدىغۇ ساقچى ئەپەندىم،قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ، جەزمەن ئىسپات توپلىشىم كىرەكتۇ، ئىسپات ھەم پاكىت ئېلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە قىسمەن پىلانلارغا ئىېھتىياجىم بار -
- ئۇنداق بولسا بوپتۇ، سىز ئەقىللىق ئايال، مەن سىزنىڭ مەسلىلەرنى ئەتراپلىق ھەل قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن-
- دەل ۋاقتىدا كىلىپ، مىنى قۇتۇلدۇرىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت،ئەگەر سىز ۋاقتىدا يىتىپ كەلمىگەن بولسىڭىز،قانداقمۇ قىلار بولغىيتىم،-
- ھېچقىسى يوق،سىزگە ياردەم قىلالىغىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن،بۇنىڭدىن كىيىن، قانداق خەتەرگە ئۇچرىسىڭىز مىنى تارتىنماي ئىزدەڭ-
-قانداق خەتەرگە ئۇچىرىسام سىزنى ئىزدەمدىم؟ سىز ماڭا قوغدىغىچىلىق قىلسىڭىز، خەلقنى كىم قوغدايدۇ،خىزمىتىڭىزنى قانداق قىلىسىز؟
-سىزمۇ ئاشۇ خەلقنىڭ ئىچىدىكى بىر خەلق، شۇڭا سىزنى قوغداشمۇ مىنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى،-ئەنۋەر سەل ھاياجانلىنىپ قالدى بولغاي چىرايى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى-ئەگەر سىز ماقۇل دىسىڭىز بىر ئۆمۈر سىزنى قوغداپ ئۆتسەم دەيمەن-
-سىز، نىمە دەۋاتىسىز؟ -شەمسىيە بۇ تۇيۇقسىزلىققا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي، ئەنۋەرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنەلمەيۋاتقاندەك قايتا سورىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەيمۇ قالمىغان ئىدى،بەلكىم، ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ ئەڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان سۆزى، يېنىڭدا مەن بار، مەن سىنى قوغدايمەندىن ئىبارەت بولسا كىرەك، ھەرقانچە قەيسەر ئايالمۇ، كۆرۈنۈشكە شۇنچە قەيسەر ھە جاسارەتلىك كۆرۈنگىنى بىلەن،ئىچكى دۇنياسىدا، ئۆزىگە يۆلەنچۈك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئاسراپ، قوغدايدىغان بىر ئەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ، ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ،ئۆزىڭىز ئەڭ قىممەتلىك! دىگەندەك سۆزلەر ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئېيتىلىدىغان تەسەللىي سۆزلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەرسىز ياشاش، ئاياللار ئۈچۈن قىلىش ئەڭ تەس ئىش بولسا كىرەك،بەلكىم!
كۈندۈزى روھلۇق كۆرۈنۈپ،بالا بېقىپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىم چىقىپ،ئەرلەر قىلاممايدىغان ئىشلارنى قىلىپ،ئەرلەردىنمۇ قەيسەر ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى قاراڭغۇ كىچىلەرگە يالغۇز يۈزلىنىش،تۈن قاراڭغۇسى جاھانغا يېيىلىپ، جىمى ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۇلارنى قىينايدىغىنى يالغۇزلۇق،كەڭرى گۈرەنلىرى بىلەن ئۆزىنى قوينىغا ئېلىپ، خاتىرجەملىق تۇيغۇسى بەخىش ئىتىش ئارقىلىق شىرىن ئۇيقۇغا يىتەكلەيدىغان قەدىناسىنىڭ بولماسلىقىدۇر،ئەرلەرنىڭ دۇنياسىدا، شان-شۆھرەت، پۇل-بايلىق ئەڭ قىممەتلىك ئارزۇ بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئاياللارنىڭ پۈتكۈل دۇنياسى ئۇنىڭ ئىرى ۋە ئائىلىسىدۇر، شەمسىيەمۇ ئوخشاش بىر ئايال تۇرسا،ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەنۋەردەك بىر ئەرنىڭ ھاياتىغا يۆلەنچۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلماي تۇرالىسۇن!ئەمما كەينى-كەينىدىن ئىككى ئەردىن بۇرنىغا يىگەن ئازابلىق قىسمەتلىرى،ئەتراپىدىكى باشقا نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاش، خەق نىمە دەپ قالار دەپ ئەنسىرەشلىرى،ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىتىراپ قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ تۇراتتى.
- ھېچ-ھېچنىمە، مىنى كەچۈرۈڭ!شەمسىيە، مەن مەن -ئەنۋەر شۇنداق دەپ ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى بۇزماقچى بولدىيۇ، ئەمما تۇيۇقسىز ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن يۈرەك سۆزىنىڭ ۋەزنى ئېغىر كىلىپ، سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي دۇدۇقلاپ كەتتى-مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي-
-بولدى،ئۆزۈم تاكسى توسۇپ كىتەي،سىز بېرىپ باللىرىڭىزغا قاراپ بېقىڭ،ھېلىمۇ كىچىدىن بۇيان ئۇلارنى يالغۇز قويدىڭىز،تاڭ سۈزۈلەي دەپتۇ،ئۇيغۇنۇپ، سىزنىڭ يوقلىقىڭىزنى كۆرسە قورقۇپ كەتمىسۇن يەنە-شەمسىيە ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ئارزۇدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن،ئەنۋەرنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ تۇرىۋالدى.
- ئۇنداق بولمايدۇ،باللىرىم بۇنداق ئىشلارغا ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ كەتتى،، چوڭ قىزىم نازىنۇر خېلى ئىش ئۇققىدەك بولدى،ئۇ ئۇكىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ-
-شۇنداقتىمۇ،بالا ئەمەسمۇ،مىنىڭ تاكسى توسۇپ قايتقۇم بار -
-، باياتىنقى سۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟
- بەلكىم شۇنداقتۇ.
- ئەسلىدە باياتىن ئۇ سۆزنى سىزگە ئېيتىش مەقسىدىم يوق ئىدى،بىراق ئېغىزىمدىن تۇيۇقسىزلا چىقىپ كەتتى،سىزگە خاتا دەپ قاپتىمەن دەپ يالغان سۆزلەپ،ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتكۈم يوق، بۇنداق قىلىش مىنىڭ خارەكتىرىمغا تازا ماس كەلمەيدۇ،بەلكىم تۈزلىكىمدىن بولسا كىرەك، ئەزەلدىن،كۆڭلۈمدە نىمە ئويلىغان بولسام، ئاسانلا تىلىمغا چىقىپ كىتىدىغان مىجەزىم بار، مىنى قانداق ئويلاپ قالسىڭىز مەيلى شەمسىيە،ئېغىزدىن چىققان گەپتىن يېنىۋالغان ئەركىشى ئەر ھېسابلانمايدۇ،ئايالىمدىن يېڭىلا ئايرىلىپ قالغان چاغلاردا، بىر ئۆمۈر توي قىلماي، باللىرىمنى بېقىپ بويتاق ئۆتۈپ كىتىمەن دىگەن ئويۇم بار ئىدى، بۇ بىرسى ئايالىمنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىرى باللىرىمنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ باقىدىغان ئايالنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دىگەن قارىشىم سەۋەبلىك ئىدى، بىراق سىزنى ئۇچراتقاندىن بۇيان،مىنىڭ بۇ قارىشىمدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى،ئەزەلدىن ئاياللارنى ئاسانلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان،ئايالىنى ئۇياقتىن ئۇزىتىپ،بۇياقتىن باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلىۋالىدىغان ئەرلەردىن نەپرەتلىنەتتىم، نەدىمۇ تۈنگۈن بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ،بۈگۈن يەنە بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئىش بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر شاللاقلىق دەپ ئويلايتتىم،ئەمما ئۆزۈمگە كەلگەندە ھېس قىلدىمكى، بەزى ئىشلار، بەزى تۇيغۇلار ھاياتىمىزدا تولىمۇ تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىكەن، مەن سىزنى ھەقىقەتەن ئايالىمغا ئوخشىتىپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم،سىزنى باللىرىمنىڭ ئانىسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە، باللىرىڭىزغا دادا بولۇش مىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى،سىزنىڭ دەماللىققا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن،ئەمما مەن سىزنىڭ باللىرىم ھەم بىزنىڭ كىيىنكى بەخىتىمىز ئىكەنلىكىڭىزگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن، مىنى ھەم باللىرىمنى ئۈمىدسىز قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن-
- بۇ تەلىپىڭىز ھەم تۇيۇقسىز بولدى، ھەم چەكتىن ئېشىپ كەتتى ئەنۋەر،مىنىڭ ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق، تۇرمۇشتىن يەتكۈچە ئازار يەپ، قەلبى-پارە-پارە بولغان ئايالمەن،ئەمدى مىنىڭ يەنە قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇپ، توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس،ئاۋالقى تۇرمۇشۇمدا،باللىرىم بەكلا پارەكەندە بولۇپ،كىچىك تۇرۇپلا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ كەتتى، ھاياتىمنىڭ كىيىنكى قىسمىنى باللىرىمنى بېقىپ تەربىيەلەشكە قارىتىپ،ئۇلارنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلسامكەن دەيمەن،مىنى چوڭ بىلىپ، ھەم ماڭا ئىشىنىپ شۇنچىلىك ئويلىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت،ئەمما مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن، سىزگە ئۈمىد بەرگۈم يوق،بۇنىڭدىن كىيىن،ئامال بار ئاز ئالاقىلىشايلى،سىزگە بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن،ئەمما بىر ۋاق تاماقنىڭ سىزگە ئۈمىد بىرىپ قويمىسىكەن دەيمەن،مەن ياخشىسى تاكسى توسۇپ كىتەي،بىرقانچە كۈن ئىچىدە باللىرىڭىزنى ئېلىپ، بىزنىڭكىگە كىلىڭ، ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋەتكەندىن كىيىن،ئامال بار مۇھىم ئىش بولمىسا قايتا ئالاقىلاشمايلى-
-، ئۇنداق دىمەڭ شەمسىيە، مىنىڭ سىزگە ئېغىز ئاچمىقىم ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس،بۇنداق ئاسانلا مىنى رەت قىلىۋەتمەڭ، بىلىمەن مەن بۇ گەپلەرنى تۇيۇقسىزلا ئېيتىۋەتتىم،ئەسلى سىزگە ۋاقىت كىرەك، مەن بۇ ۋاقىتنى سىزگە بىرىشنى خالايمەن،باللىرىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇلارغا بەخىتلىك ھەم خاتىرجەم ياشايدىغان ئائىلە قۇرۇپ بىرىشكە ۋەدە بىرىمەن-
-بۇرۇنقىللىرىمۇ شۇنداق ۋەدە بەرگەن،بىراق ئاقىۋەت نىمە بولدى،مەن تېخى يېڭىلا ئەردىن ئاجراشتىم، بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇدەك زېھنىممۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تىگىدىن ياخشى ئايال ئەمەس ئوخشايمەن، قابىل نىمە دىدى بىلەمسىز؟ سەن ياخشى ئايال ئەمەس، ساڭا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشىدا ساڭا ھەۋەس قىلغان بىلەن، ناھايىتى تىزلا سەندىن بىزار بولۇپ كىتىدۇ، ھېچقانداق ئەركىشىنىڭ سەندەك بىلەرمەن ئۆز بېشىمچى خوتۇنغا ھاجىتى يوق دەيدۇ، دىمىسىمۇ راسلا شۇنداق بولسا كىرەك،ئاۋۋال يالقۇن،ئاندىن قابىل،ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى باشلىغاندا مىنى ماختىغان،ھەۋەس قىلغان،بىراق ئاقىۋەت ئىكلىلىسى مەندىن سەسكىنىپ،خانقىزنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى،بەلكىم مەن ئەرلەرگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولالايدىغان ئاياللارنىڭ تىپىدىن بولمىسام كىرەك،بولدى بۇ گەپلەرنى دىيىشىپ ئولتۇرمايلى،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن، قايتىپ كىتەيلى، تاڭ ئېتىپ كەتتى. –
-نىمىشقا ماس كەلمەيدىكەنسىز شەمسىيە -ئەنۋەر ئىختيارسىزلا شەمسىيەنىڭ قولىنى ھېچ بولمىسا-مىنى نىمىشقا ئۇلارغا ئوخشىتىسىز،ئادەم، ئادەمگە قانداقمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىسۇن، مىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بۇرۇنقى ئايالىمغا بولغان پوزىتسىيەمدىن كۆرسىڭىز بولىدىغۇ-
- قولۇمنى قويۇۋىتىڭ-شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ قولىنى سىلكىپ چۈشۈرىۋەتتى-ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن بۇرۇن يالقۇن بىلەن سورۇنداش ئىىكەنلىكىڭىزنى ئېيتقانتىڭىزغۇ، سىزمۇ ئوخشاش ئەركىشى تۇرسىڭىز، ئۇلاردىن نىمە پەرقىڭىز بار، بۇرۇنقى ئايالىڭىزغا قىلغانلىرىڭىزنى مىننەت قىلىۋاتىسىزغۇ مانا-شەمسىيە شۇنداق دەپ ئىتتىك يول بويىغا چىقىپ، قولىنى كۆتۈردى-تاكسى..
-شەمسىيە،مەن ھەم باللىرىمنىڭ بەختى، باللىرىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئويلۇنۇپ بېقىڭ-ئەنۋەر شەمسىيەنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىمىدى،ئەسلى ئۇنىڭ خاراكتىرى بويىنچە بولغاندا، شەمسىيەگە بۇنچىۋالا كۆپ گەپ قىلىپ چۈشەندۈرىشىنىڭ ئورنى يوق ئىدى،ئۇ بۈگۈن ئۆزىگە نىمىش بولغانلىقىنى، قايسى جاسارەت ۋە كۈچ-قۇچىتى بىلەن شەمسىيەگە يۇقارقى سۆزلەرنى ئېيتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيلا قالدى، ئەمما گەرچە بۇ سۆزلەر سەل بالدۇر ئېيتىلغان بولسىمۇ ئۇ شەمسىيەگە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.
-ئۇنىڭغا سەل قوپال تىگىپ قويدۇممۇ قانداق؟ -شەمسىيە تاكسىغا چىقىپ بولۇپ تۇيۇقسىزلا ئويلىنىپ قالدى،ئەمەلىيەتتە ئەنۋەرنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېيتىشىنىڭ ئاسانغا چۈشمىگەنلىكى ئۇنىڭغىمۇ ئايان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئۇنىڭدىمۇ ئەنۋەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئورنىدا بۇ بولۇپ قالسىچۇ، دىگەنچىلىك ئارزۇ-ئىستەكلەر بولۇپ باقمىغانمۇ ئەمەس، شۇنداق تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇنچە قوپال تىگىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟بىر ئايال ئۈچۈن، سىزنى بىر ئۆمۈر قوغدايمەن دەيدىغان بىر ئادەمنىڭ بولۇشىمۇ بىر بەخىت ئىدىغۇ ئاخىر!
- شەمسىيە،بۇ راستىنلا سەنمۇ؟ھەممىلا ئادەم كەينىگە قاراپ ماڭسا، سەن بارغانسېرى رەڭ تۈزۈپ، ياشىرىپ كىتىپسەن جۇمۇ! – بىر كىچىنى ئۇيقۇسىز دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن شەمسىيە، تېخى يېڭى دىرىكتور بولۇپلا رۇخسەت سوراشنى لايىق كۆرمەي شىركەتكە بېرىپ، ئەمدىلا ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرىشىغا،رىشىت مۇدىر،چىكە-چاچلىرى چۈشۈپ بېشىنىڭ ئالدىدا چاچ قالماي پىشانىسى ئېچىلىپ قالغان،كۆزەينەكلىك،قارىماققىلا شەمسىيەدىن خېلىلا چوڭ كۆرۈنىدىغان ئوتتۇراياش بىر ئادەمنى باشلاپ كىرىۋىدى،ئۇنىڭ ھە دىگەندىلا سەن دەپ سۆز باشلىشىغا كۆنەلمىگەن شەمسىيە ھودۇقۇپ نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىنى ئۇقالمايلا قالدى.
- شەمسىيە قىزىم،بۇ،مىنىڭ ئوغلۇم ئەلقۇت بولىدۇ،ئۇ تۈنۈگۈن كەچ قايتىپ كەلگەن،بۈگۈن ئەتىگەندىلا شەمسىيە بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ دەپ مەندىن ئەگىشىپ كەلدى،ئۇنى ئۇنى تونۇيالماي قالدىڭىزمۇ قانداق؟-رىشىت ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرىشى شەمسىيەنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
-ھە،ئەلقۇت،ئۇنى بۇنچە تىز شىركەتكە كىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن شۇڭا –
- ھېچقىسى يوق، تونۇماسلىقىڭنىمۇ توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، بارلىقىمنى خىزمەت ئۈچۈن ئاتىۋىتىپ، ئۆزۈمنى كۈتۈشكىمۇ تۈزۈكرەك ۋاقىت ئاجرىتالمىغاندىكىن يېشىمدىن بالدۇر قېرىپ كەتتىم،بەلكىم مىنى دادامنىڭ دوستىمىكىن دەپ قالدىڭغۇ دەيمەن-
- ئۇنداق ئەمەس، نەدىكى گەپنى قىلمىڭە ئەلقۇت ئاكا شۇنداق ياش تۇرمامسىز مانا –
- ئەلقۇت ئاكا دىگەن سۆزنى سىنىڭ تىلىڭدىن ئاڭلىسا نىمە دىگەن يېقىملىق ھە، -شەمسىيە ئەلقۇتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى.
- چوپچوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ تېخىچە بالىلىقىڭنى تاشلىماي كەلگىنىڭنى قارا،قارىغىنە شەمسىيە قىزىم خىجىل بولۇپ كەتتى. –
-مەن راس گەپنى دەۋاتقان تۇرسام،خىجىل بولۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ئۇنداق تاۋى نازۇكلۇق قىلساڭ بولمايدۇ جۇمۇ شەمسىيە-شەمسىيە ئەلقۇتنىڭ بۇرۇنقىدەك ئوچۇق،يورۇق ھەم تارتىنىش يوق،ئويلىغىنىنى ئۇدۇل ئېيتىدىغان مىجەزىگە ھەۋەس قىلىپمۇ قالدى،ئۇنىڭ خاراكتىرىنى نامايەن قىلىشى داۋامىدا،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەلقۇت ئاكىسىغا خاس تەرەپلىرىنى ھازىرقى بالدۇر قېرىغان چىرايىدىن بىر-بىرلەپ تېپىپ،قوراشتۇرۇپ،ئۇنى ھەقىقى تونۇدى.
- دادا،مەن ئاران بىر قايتىپ كەلگەندە،بۈگۈن بىركۈن بۇ باش دىرىكتورنىڭ ماڭا ھەمرا بولۇپ ئايلىنىپ،يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانسەن-
- قارا-قارا ۋاپاسىزلىقىنى بۇنىڭ،كۆرۈشمىگىنى شۇنچە ئۇزۇن بولغان تۇرۇپ،دادا،ساڭا ئوبدانراق ھەمراھ بولۇپ،ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزىۋالاي دىمەي،بىر بىكار ئوننى بىكار قىپتۇ دەپ،باش دىرىكتورۇڭغا رۇخسەت بەر دەۋاتقىننى قارا بۇنىڭ – رىشىت ئەپەندىم گەرچە ئەلقۇتتىن قېيدىغاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن زوقلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
- ئەلقۇت ئاكا،مىنىڭ نۇرغۇن ئالدىراش خىزمەتلىرىم بار،قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىۋىتىپ،كەچتە بالدۇرراق بېرىپ باللىرىمغا ھەمرا بولمىسام بولمايدۇ،ماڭا رۇخسەي قىلغان بولسىڭىز،سىزگە باشقا كۈنى پۇرسەت بولسا..-
- ھەددىڭدىن ئاشما جۇمۇ شەمسىيە،مەن جاھاننىڭ ئۇ چىتىدىن كەلدىم،ئازراق يۈز بەرمىسەڭ بولماس،كەچتە باللىرىڭنىڭ يېنىغا بىللە بارايلى،سىنىڭ باللىرىڭنىمۇ بەكلا كۆرۈپ باققۇم بار،سىنىڭ بالىلىقىڭغا ئوخشا، شاتىراق ماڭقىلارمۇ ئەمەسمۇ!
- شەمسىيە قىزىم،ئالدىراش خىزمەتلەردىن بىرەر قۇر قۇتۇلدۇق،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئايلاندۇرۇپ كىلىڭ،ياشلارنىڭ ياقتۇرىدىغىنى ياشلارغا ئايان،مەن بۇ ئوغلۇمنىڭ ئاتايىتەن كەلگەندە زىرىكىپ قېلىپ،كىيىنكى قېتىم كەلگىنى ئۇنىماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن،ماڭا ياردەم قىلغىنىڭىز بولسۇن-شەمسىيەنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرغىنىغا قاراپ،رىشىت ئەپەندى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇنى قايىل قىلدى.
-قەدىرلىكىم،سىزگە ئېيتىدىغان بىر گىپىم بار ئىدى،دىسەم بولارمۇ؟-بارلىق كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ،تۇرغۇن مۇدىرنى ئاللىبۇرۇن ئۆزۈمدىن ئاجرىيالماس قىلىپ بولدۇم دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەن خانقىز،ئەتىسى ئەتىگەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋىتىپ، لايدەك يېتىپ ئۇخلاپ چۈشكە يېقىن ئورنىدىن تۇرغان تۇرغۇن مۇدىرغا ئەركىلەپ سۈيىنى چىقرىپ تۇرۇپ نازلاندى.
- ئېيتقۇدەك بولسا ئېيت،ئېيتقۇدەك بولمىسا ئېيتمىساڭمۇ بولىدۇ،ئېيتايمۇ ئېيتمايمۇ دەيدىغان گەپنى ئەڭ ياخشىسى ئېيتما-خانقىزدەك ئاياللاردىن نۇرغۇنى بىلەن ئويناپ،تالايلىرىنىڭ كەشىنى توغۇرلاپ بولغان تۇرغۇن مۇدىر ئۇ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىپ بولغاچقا،ئۇنى قاتتىق سىلكىۋەتتى.
-ئەمەلىيەتتە بۇ دىمىسەم بولمايدىغان گەپ ئىدى سۈيۈملۈكۈم-خانقىزنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، تەستە قولغا چۈشۈرگەن بايلىق خەزىنىسىنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى كەلمەي قايتىدىن چاپلاشتى.
-دىگۈدەك بولسا دىمەمسەن قېنى-
- سۈيۈملۈكىڭىز ئاشىقىڭىز، ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ھەيدەيدىغانغا ماشىنا يوق،بەكلا قىينىلىپ قېلىۋاتىدۇ،سىزمۇ مىنىڭ ھېلىقى قابىل دىگەن بۇرۇنقى ئىرىم بىلەن بىللە تۇرۇشۇمنى خالىمايدىغانسىز،ئەلۋەتتە ئۆزۈمگە تەۋە باش تىققۇدەك بىر ئۆيۈم بولغان بولسا،ئۇ لامزەللىدىنمۇ بىر قۇتۇلسام،مىنى قاچان سېغىنسىڭىز تەق بولۇپ تۇرسام،ياخشى ئەمەسمۇ؟ئاخشامدىن بۇيان كۈچىنى كۆرسەتكەن ئون سەككىز ياشلىق يىگىتلەردەك جاسارىتىڭىزگە ئاشىق بولۇپ كەتسەم،خالىغاندا سىزنى كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن،-
- بىر ئاخشاملىقىڭغا ھەم ئۆي ھەم ماشىنا تەلەپ قىلىۋاتامسەن تېخى،سەن بىر ئالتۇن بىلەن ئۈنچە مەرىۋايىتتىن قوراشتۇرۇلغان خورۇستال چوكان ئەمەس،ئوتتۇز ئەرنىڭ قوينىدىن چىققان قېرى خوتۇن جۇمۇ بىلىپ قوي،مەن تۇرغۇن مۇدىرچۇ،سەندەك يۈزى قېلىن خوتۇنلاردىن كۇرمۇڭنى كۆرگەنمەن، ئۇنداق سېغىنسام،سېغىنىپ كەتسەملىرىڭگە دەسسەيدىغان ئەبگا ئەمەسمەن،-بىراق تۇرغۇن مۇدىر دىگەن قاقۋاش خانقىزنى بۇنچە ئاسان مۇرادىغا يەتكۈزىدىغاندەك قىلمايتتى.
- ئۆي بولمىسا،ماشنا بولسىمۇ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،دىگەنلىرىڭىزنى ھەممىنى قىلىۋاتىمەنغۇ،لايھىيەنىمۇ ئوغۇرلاپ كەلدىم، گۇلنىسا خانىمنىڭ بار جايىنىمۇ چوقۇم تېپىپ چىقىمەن-
- بەك مەلۇم قىلمايدۇ يەي،چوقۇم دامىمغا چۈشىدۇيەي دەۋاتقانتىڭ،ئاخشاملا ساقچىخانىغا بېرىپتىغۇ ئەنە،نۇمۇس قىلماي تېخى مەندىن ھەق تەلەپ قىلىۋاتامسەن،ئاۋۋال گۇلنىسانىڭ قەيەردىلىكىنى تېپىپ چىق قالغان گەپنى ئاندىن دىيىشىمەن سەن بىلەن، بوپتۇ، تۇرسۇنغا تاپىلاپ قوياي ساڭا، 20.30مىڭلىق ماشنىدىن بىرنى ئېلىپ بەرسۇن، ئۆيگە تېىخى بالدۇرلىق قىلىسەن، ئۇنى كىيىنچە دىيىشەيلى-
-ئاران20-30مىڭلىقما، شۇ قاتارلىق يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ باش لىدىرىنىڭ ئاشىقى 20.30مىڭلىق ماشنا ھەيدەپ يۈرسە، سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سەت ئەمەسمۇ؟
- سەن تېخى ئۆزۈڭنى مىنىڭ ئاشىقىم دەۋاتامسەن خانقىز، ساڭا دەپ قوياي، مەن تۇرغۇن مۇدىر بۇ ھاياتىمدا تالاي ئاياللار بىلەن ئويناپ باققان، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرسىگىمۇ ئاشىق بولۇپ قالغىنىم يوق، ئۆزۈڭنى ئاسماندىكى ئاي چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن، جاھاندا ئايال زاتى قالماي يالغۇز سەنلا قالساڭمۇ،ساڭا ئاشىق بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس، مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم پۇل، پەقەت پۇلۇم بولسىلا، سەندەك قوتو خوتۇنلار بىلەن خالىسام ئويناپ، خالىغانچە ئالماشتۇرالايمەن،پۇلۇملا بولىدىكەن ماڭا ھەرگىز خوتۇن كىشى كام بولمايدۇ، ئەزەلدىن خوتۇن كىشىگە ئېزىپ باققان ھەم ئالدىنىپ باققان ئادەم ئەمەسمەن بىلىپ قوي،گىپىڭ تۈگىگەن بولسا، ئىشىڭ تۈگىدى يوقالساڭ بولىدۇ، گۇلنىسانىڭ ئۇچۇرىنى تاپالمىساڭ،ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنمىسەڭمۇ بولىدۇ – خانقىز ھېچقاچان تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ ئادەمنى بۇنچىۋالا قاقۋاش ۋە ھىيلىگەر دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ چىشلىرى قېرىشىپ، ئۇنداق قوتو ماشناڭنى چىكەڭگە تاڭ دەۋىتىپ، كەينىگە قارىماي كەتكۈسى بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ شەمسىيەگە تاقابىل تۇرۇش، ۋە يىشىل شەھەردە جان بېقىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدى، نىمىلا دىگەن بىلەن خانقىزغا ئوخشاش قارا-قۇمچاق ئادەتتىكى ئايالنىڭ بەدەن ھىيلىسى ۋە قۇرلۇقلىرىغا ئاسانلا ئالدىنىپ كىتىدىغان يالقۇن بىلەن قابىلدەك يىشىل بۆكلەر قەدەمدە بىر ئۇچراۋەرمەيدۇدە.
- خاپا بولمىڭا جېنىم، بەرمىسىڭىز بەرمەيمەن دىسىڭىزلا بولىدىغۇ، مەن پەقەت ئىككىمىزنى ئويلاپلا شۇنداق دىگەن سىز خالىمىسىڭىز دىمىگەن بولساملا بولدىغۇ،بولىدۇ ماڭا سوۋغا قىلغان ماشنىڭىزغا رەھمەت، ئۇنى چوقۇم قەدىرلەپ ھەيدەيمەن، ئاددىي بولسىمۇ قىممەتلىك، سىز ماڭا تۇنجى قېتىم سوۋغا قىلغان سوۋغا ئەمەسمۇ-ئۇ شۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن، يەنە قايتىدىن نازلىنىپ، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئاپپاق ساقال باسقان قوتۇر يۈزلىرىگە كۆڭلى ئېلىشماي تۇرۇپ سۆيدى.
- ۋەي، تۇرغۇن مۇدىر، گۇلنىسا خانىم ھەققىدە يېڭى خەۋەر بار، مەن رەھىمە دىگەن قانجۇقنى تاپتىم – تۇرغۇن مۇدىرنىڭ تۇيۇقسىز سايرىغان تىلفونى خانقىزنى توختاتتى،تۇرغۇن مۇدىر ئۇنى ئىتتىرىۋىتىپ قوبۇل قىلىش كونۇپكىسىنى باستى،تىلفون باتۇردىن كەلگەن ئىدى.