دىللاردا سەنەم 103-قىسىم

文摘   2025-01-03 21:03   新疆  


  
 aziza  
 
دىللاردا سەنەم 

(رومان)

 ئاپتورى : ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
 دىللاردا سەنەم 1-قىسىم
دىللاردا سەنەم 2-قىسىم
دىللاردا سەنەم 3-قىسىم
دىللاردا سەنەم 4-قىسىم
دىللاردا سەنەم 5-قىسىم
دىللاردا سەنەم 6-قىسىم
دىللاردا سەنەم 7-قىسىم
دىللاردا سەنەم 8-قىسىم
دىللاردا سەنەم 9-قىسىم
دىللاردا سەنەم 10-قىسىم
دىللاردا سەنەم 11-قىسىم
دىللاردا سەنەم 12-قىسىم
دىللاردا سەنەم 13-قىسىم
دىللاردا سەنەم 14-قىسىم
دىللاردا سەنەم 15-قىسىم
دىللاردا سەنەم 16-قىسىم
دىللاردا سەنەم 17-قىسىم
دىللاردا سەنەم 18-قىسىم
دىللاردا سەنەم 19-قىسىم
دىللاردا سەنەم 20-قىسىم
دىللاردا سەنەم 21-قىسىم
دىللاردا سەنەم 22-قىسىم
دىللاردا سەنەم 23-قىسىم
دىللاردا سەنەم 24-قىسىم
دىللاردا سەنەم 25-قىسىم
دىللاردا سەنەم 26-قىسىم
دىللاردا سەنەم 27-قىسىم
دىللاردا سەنەم 28-قىسىم
دىللاردا سەنەم 29-قىسىم
دىللاردا سەنەم 30-قىسىم
دىللاردا سەنەم 31-قىسىم
دىللاردا سەنەم 32-قىسىم
دىللاردا سەنەم 33-قىسىم
دىللاردا سەنەم 34-قىسىم
دىللاردا سەنەم 35-قىسىم
دىللاردا سەنەم 36-قىسىم
دىللاردا سەنەم 37-قىسىم
دىللاردا سەنەم 38-قىسىم
دىللاردا سەنەم 39-قىسىم
دىللاردا سەنەم 40-قىسىم
دىللاردا سەنەم 41-قىسىم
دىللاردا سەنەم 42-قىسىم
دىللاردا سەنەم 43-قىسىم
دىللاردا سەنەم 44-قىسىم
دىللاردا سەنەم 45-قىسىم
دىللاردا سەنەم 46-47-قىسىم
دىللاردا سەنەم 48-قىسىم
دىللاردا سەنەم 49-قىسىم
دىللاردا سەنەم 50-قىسىم
دىللاردا سەنەم 51-قىسىم
دىللاردا سەنەم 52-قىسىم
دىللاردا سەنەم 53-قىسىم
دىللاردا سەنەم 54-قىسىم
دىللاردا سەنەم 55-قىسىم
دىللاردا سەنەم 56-قىسىم
دىللاردا سەنەم 57-قىسىم
دىللاردا سەنەم 58-قىسىم
دىللاردا سەنەم 59-قىسىم
دىللاردا سەنەم 60-قىسىم
دىللاردا سەنەم 61-قىسىم
دىللاردا سەنەم 62-قىسىم
دىللاردا سەنەم 63-قىسىم
دىللاردا سەنەم 64-قىسىم
دىللاردا سەنەم 65-قىسىم
دىللاردا سەنەم 66-قىسىم
دىللاردا سەنەم 67-قىسىم
دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 69-قىسىم
دىللاردا سەنەم 70-قىسىم
دىللاردا سەنەم 71-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 72-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 73-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 74-قىسىم
دىللاردا سەنەم 75-قىسىم
دىللاردا سەنەم 76-قىسىم
دىللاردا سەنەم 77-قىسىم
دىللاردا سەنەم 78-قىسىم
دىللاردا سەنەم 79-قىسىم
دىللاردا سەنەم 80-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 81-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 83-قىسىم
دىللاردا سەنەم 84-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 85-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 86-قىسىم
دىللاردا سەنەم 87-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 88-قىسىم
دىللاردا سەنەم 89-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 91-قىسىم
دىللاردا سەنەم 92-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 93-قىسىم
دىللاردا سەنەم 94-قىسىم
دىللاردا سەنەم 95-قىسىم
دىللاردا سەنەم 96-قىسىم
دىللاردا سەنەم 97-قىسىم
دىللاردا سەنەم 98-قىسىم
دىللاردا سەنەم 99-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 100-قىسىم
دىللاردا سەنەم 101-قىسىم
دىللاردا سەنەم 102-قىسىم
           

 
  

ئۇنداق ئىش يوق، مەن ئايرىم پاراڭلاشمايمەن، نېمە گەپ بولسا مۇشۇ يەردە دېيىشىمەن. ئۆتكەندە ئىزدەپ كەلگەن چېغىمدىغۇ پۇت- قولۇمنى باغلاپ، ئېغىزىمنى تېڭىپ زۇۋان سۈرگۈزمەي ئەكىرىپ نەچچە كۈن سولاپ قويدۇڭلار، ھازىر قىلساڭلارمۇ يەنە شۇنچىلىك قىلالايسىلەر، بىراق نېمە قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر سەيدۇللا باي چوقۇم ئالدىمغا چىقىپ ماڭا جاۋاب بېرىشى، خوتۇنۇم بىلەن قىزىمنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. نەدىمۇ خەقنىڭ خوتۇن- قىزلىرىنى رۇخسەتسىز ئۆيىگە سولىۋېلىپ سىرتقا چىققۇزمايدىغان ئىش بار؟ يىللاردىن بېرى مېنىڭ بالامنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزى بالا قىلىپ باقتى، يەنە تېخى خوتۇنۇمنى مالاي قىلىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە سالدى، بوپتۇ بۇلارنىڭ ھېسابىنى سورىمىساممۇ بولىدۇ، لېكىن شەرۋانەم بىلەن ئايسەنەمنى چىقىرىپ بەرسۇن، بولمايدىغان بولسا بۇ يەردىن كەتمەي يېتىۋالىمەن، ئادەم باشلاپ كېلىپ جېدەل چىقىرىمەن، قېنى قانداق نېمە قىلالايتتىڭلار؟- دېدى ئېزىز مىسگەرمۇ ئامانەمنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئالدىراپ مۇتتەھەملىك قىلىپ.

-ئەھۋالدىن قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم قوللانغان ئۇسۇلنى قوللانمىسام يەنە بولمىغۇدەك، بۇ يەردە ۋارقىراپ- جارقىراپ بىزنى قورقىتىدىغانغا كىم ئىدىڭ سەن؟ ھۇ يۈز بەرگەننى بىلمەيدىغان لامزەللە، قاراپ تۇر، مەن سېنى بۇ نوچىلىقىڭغا تويغۇزۇپ قويىمەن، ئۇنى تۇتۇپ پۇت- قولىنى باغلاڭلار، ئالدى بىلەن ئېغىزىغا بىر نەرسە كەپلەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ۋارقىراپ- جارقىراپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتمىسۇن!

ئامانەم شۇنداق دەپ يېنىدا تۇرغان ئىككى خىزمەتكارغا بۇيرۇق قىلدى. ئەسلىدە دەرۋازا ئالدىنى سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ تازىلىق قىلغىلى چىققان ئىككى ئوغۇل خىزمەتكار ئامانەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دەرھال ئېزىز مىسگەرنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىدىكى بادام دوپپىسىنى ئېلىپلا قاتلاپ ئۆزىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ، توختىماي ۋالاقلاپ مىتىلداۋاتقان ئېغىزىنى بېسىقتۇرۇپ قويدى. قەمبەر بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا ئامانەم خىزمەتكارلارغا ئېزىز مىسگەرنى ئارقا ھويلىدىكى سامانلىققا ئەكىرىشكە بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزى قەمبەرنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ھېلىقى ئىككى خىزمەتكار پۇت- قولى چۈشەلگەن، ئېغىزىغا دوپپا تىقىلغان ئېزىز مىسگەرنى كۆتۈرۈپ سۆرەپ دېگۈدەك باغ يولىدىن ئېلىپ مېڭىپ ئارقا ھويلىدىكى سامانلىققا ئاپىرىپ سولىدى. شۇ چاغدا ئامانەم ئېرىگە:

-بۇلار مۇشۇ يەردە ئېزىز مىسگەرگە قاراپ تۇرسۇن، بىز ئالدى بىلەن ھۇجرىغا چىقايلى، سىزگە دېمىسەم بولمايدىغان بەكلا مۇھىم ئىش بار،- دېدى.

ئۇلار ئىككى خىزمەتكارىنى ئېزىز مىسگەرگە قارىتىپ قويۇپ ھۇجرىغا يېنىپ چىققاندىن كېيىن، ئامانەم ئۇنىڭغا سەيدۇللا باينىڭ تويغا ئىككى كۈن قالغان كۈنى كەچتە شەرۋانەمنى باش مەھەللىدىن ئېلىپ قېچىپ خەيرۇللا باينىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى، سائادەت خانىمنىڭ ئاچچىقى يېنىپ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلغاندا ئاندىن شەرۋانەمنى قەسىرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇ چاغقىچە خەيرۇللا باي قەسرىدە تۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئېزىز مىسگەر باش مەھەللىدىن شەرۋانەمنى تاپالمىغانلىقتىن شۇڭا ئاچچىقىغا پايلىماي بۇ يەرگە كېلىپ جېدەل چىقارغانلىقىنى، شۇڭا سائادەت خېنىمنىڭ ئاچچىقى يېنىپ بۇ توي ئىشىغا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن ئېزىز مىسگەر بۇ يەردە پەيدا بولۇپ ئىشلارنى ئېلەشتۈرۈپ يۈرسە بولمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشىپ بۇ ئىشلارنى ياخشىلاشقا ياردەمدە بولۇشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قەمبەرنىڭ بېشى ئېلىشىپلا كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئويلىدى، ئەسلىدە سەيدۇللا باينىڭ ئۆزىدىنمۇ يوشۇرىدىغان ئىشلىرى باركەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە بىر قورساق ئاكا- ئۇكىلاردەكلا بولۇپ قالغان سەيدۇللا باينى مۇنداق ئىشلاردا ئۆزىدىن سىر تۇتمايدۇ، دەپلا ئويلايتتى. لېكىن ھازىر ئامانەمدىن ئاڭلىغان گەپ- سۆزلەرگە قارىغاندا ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىغانىدى.

قەمبەر شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلىدە سەيدۇللا بايغا سەل غۇم ساقلاپ قالدى-يۇ، لېكىن قانداقلا بولسا بۇ ئىشلارغا ياردەم قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئامانەمنىڭ گېپىگە كۆندى. ئۇ خەيرۇللا باي قەسرىگە ئادەم ئەۋەتىپ سەيدۇللا باينى چاقىرتىپ كەلدى. ئاندىن ئىككەيلەن يالغۇز قالغاندا ئەتىگەن ئېزىز مىسگەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ نېمە جېدەللەرنى تېرىغانلىقىنى، ئامانەم ئىككىسىنىڭ ئۇنى تۇتۇپ سامانلىققا سولاپ قويغانلىقىنى، سائادەت خېنىم بىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشنى سەيدۇللا باي ئۆزى بىرتەرەپ قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى سامانلىققا باشلاپ باردى. ئەتىگەندە ئېزىز مىسگەرگە قاراپ قالغان ئىككى خىزمەتكار كەتكۈزىۋېتىلگەندىن كېيىن، قەمبەر سامانلىقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆزەتچىلىكتە تۇردى. سەيدۇللا باي سامانلىققا كىرىپ كېتىپ ئېزىز مىسگەر بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىدىغان بولدى. بىراق ئۇ كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىنلا ئۈنلۈك ۋارقىراپ:

-سەن ئەقلىڭگە پوق يەپ قاپسەن، گەپنىڭ توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي، شەرۋانەممۇ، ئايسەنەممۇ مانا مېنىڭ! ئۇلار مېنىڭ قىزىم ۋە مېنىڭ خوتۇنۇم، گېپىڭ بارمۇ؟...- دېدى.



سەيدۇللا باي باھايىدىن بايۋەتچىنىڭ ئۆزىنىڭ گېلەمخانىسىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرنى ئايسەنەم خېنىمغا يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقماقچى بولدى. شۇ چاغدا ئايسەنەم خېنىم كۆزلىرىدىن تارام ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ دادىسىغا:

-دادا، مەن بۇ ئادەملەردىن بەكلا سەسكىنىپ كەتتىم، سىلى مېنى ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسىلا، مەن ئۇلارنى كۆرۈشنىمۇ، ئۇلار ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايمەن، ئىمكان بولسا بۇ يەردىن كەتسەم، ھېچكىم بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان يەرلەرگە كەتكەن بولسام بەكلا ياخشى بولاتتى،- دېدى.

-ئۇنداق دېمەڭ قىزىم، كېتىشكە تېگىشلىك بولسا ئۇلار كېتىدۇ، ھەرگىز سىز ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇ خەقلەردىن بىزار، مۇمكىن بولسا ئۇلار بىلەن ھەرگىزمۇ كۆرۈشۈپ قالمىساق، پەقەتلا دىدارلىشىپ قالمىساق ياخشى بولاتتى، لېكىن بۇ ئىنسانچىلىقتا ئاندا- ساندا كۆرۈشۈپمۇ قالىدىكەنمىز، قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان ئىشلارغا لايىقىدا يۈزلىنىپ قويايلى قىزىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ گېلەمخانىغا پەقەتلا بارماي يۈرسىڭىزمۇ ياخشى بولمايدۇ، ئۆيدە ئولتۇرىۋەرسىڭىز زېرىكىپ قالىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېلەمخانىدىكى نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىڭىزغا مۇھتاج، سىز بارغىلى ئۇنىماي تۇرىۋالسىڭىز مەن بىر قانىتىمدىن ئايرىلىپ قالىمەن، مېنىڭچە مۇنداق قىلايلى، ئالدى بىلەن مەن بېرىپ ئۇ بالا بىلەن سۆزلىشىپ بىزنىڭ گېلەمخانىدا ئىشلىمەي ئۆيىگە كېتىدىغانغا ماقۇل قىلاي. ئۇ كەتكەندىن كېيىن سىز ئىلگىرىكىدەكلا گېلەمخانىغا قايتىپ ئۆز ئىشلىرىڭىز بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، قانداق، شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟- دېدى سەيدۇللا باي ئايسەنەم خېنىمغا تەسەللىي بېرىپ.

مەسلىھەت شۇنىڭغا تايىن تاپقاندىن كېيىن سەيدۇللا باي ئايسەنەم خېنىمنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز گېلەمخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بىراق ئىشلار ھە دېگەندە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولماي، ئارىدىكى سۆھبەت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوبدانلا يېرىم قىلدى. چۈنكى باھايىدىن بايۋەتچىمۇ ئانىسى ماھىبەدەر خېنىمغا ئوخشاشلا جاھىل بولۇپ، خۇددى ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك «مۇشۇ يەردە ئىشلەيمەن، كەتمەيمەن» دەپ چىڭ تۇرىۋېلىپ، سەيدۇللا باينىڭ بېشىنى خېلى ئاغرىتتى. ئۇنىڭ بۇ گېلەمخانىدا ئىشلەشنى تاللاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ سەيدۇللا بايغا ئىنتايىن ئايدىڭ بولغاچقا، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۇنى كەتكۈزىۋەتمىسە يەنە بولمايتتى. شۇڭا سەيدۇللا باي ئۇنىڭ يۈزىنى ئاياپمۇ، «تالا- تۈزدە گەپ بولۇپ قالارمۇ؟» دەپ ئەنسىرەپمۇ ئولتۇرماي، نەق گەپنىلا قىلىپ ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئاللىقاچان دانىيار بايۋەتچە بىلەن بېشى باغلاپ قويۇلغانلىقىنى، بالىلارنىڭ يېشى توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە دەرھال تويىنى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، ھازىر ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ توي تەييارلىقلىرى ئۈستىدە جىددىي كېڭىشىۋاتقانلىقىنى، باھايىدىن بايۋەتچىنىڭ بۇ يەردىن كەتكىلى ئۇنىماي يىللارچە يېتىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىشلارنى چۇۋۇپ ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ توي ئىشىنىڭ تۇغقاندارچىلىق يۈزىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئىككى بالىنىڭ بىر- بىرىگە مەيلى بولغانلىقتىن، تويلىشىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ يىللاردىن بىرى ئۆزىگە تالاي باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىپ كېلىۋاتقان، تۇغقاندارچىلىقنىڭ قىلچە يۈز- خاتىرىسىنى قىلمىغان ماھىبەدەر ئاغىچا خېنىم بىلەن قۇدا بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئانىسى سائادەت خېنىمنىڭمۇ ئۇ ئامراق نەۋرىسىنى ماھىبەدەر خېنىمنىڭ قەسرىگە كېلىنلىككە بېرىشكە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ھەر ئىككەيلەننىڭ قارارىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان باھايىدىن بايۋەتچىنىڭ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ جەمئىيەتتە يامان ئاتىقى بارلىقىنى، يۇقىرى قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ ئۇنىڭدىن بىزار ئىكەنلىكىنى، تۆۋەن قاتلامدىكى ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك ھەممەيلەننىڭ بىردەك ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلىقىنى، ئاۋۇت باي ۋە مېھرىزات ئاغىچا خېنىملارنىڭ ئابرويى تۈپەيلىدىن ئالدىدا قول باغلاپ خوش- خوشلاپ تۇرغىنى بىلەن، كەينىدىن ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ تىللايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. ئەمما ئۆزىنىڭ توي ئىشىغا كەلگەندىمۇ ئانىسىنىڭ بۇ قاتارلىق يامان ئاتاقلىرىنىڭ شۇ قەدەر چوڭ رول ئويناپ، بەخت يولىنى توسۇپ قويىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بىرياقتىن ئازابلانسا، يەنە بىرياقتىن ئانىسىغا بولغان نارازىلىقى، ئاچچىقى ھەسسىلەپ ئاۋۇدى. دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرۇپ سەيدۇللا بايغا يالۋۇرۇپ سەمىمىيىتىنى نائۈمىد قويماسلىق، ئايسەنەم خېنىمغا بولغان كۆڭلىنى قوبۇل قىلىش، ئەگەر ئۆزىنى كۈيئوغۇل قىلىۋېلىشنى خالايدىغانلا بولسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئات- ئېشەك ئورنىدا خىزمىتىنى قىلىپ، بۇ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خېلى ياخشى ئىپادە بىلدۈرۈپ باقتى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ گېپى سەيدۇللا بايغا ياقمىدى، شۇ ئان باينىڭ چىرايى ئۆزگەردى ۋە قىلچە ئاياپ ئولتۇرماستىن:

-مېنىڭ قەسىرىمدە ئات- ئېشەك كەم ئەمەس، قانداق ئىشلىتىمەن دېسەم شۇنداق ئىشلىتەلەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىك بىر ئادەمنى ئات- ئېشەك ئورنىدا ئىشلىتىشكە ئېھتىياجىم يوق. مەن قىزلىرىمنى ئات- ئېشەك بولۇشنى خالايدىغانلارغا ئەمەس، قىزلىرىمنى مەلىكە ئورنىدا كۆرۈپ ئۆزى شاھزادە بولالايدىغانلارغا بېرىمەن، ئەمدى ئارتۇقچە سۆزلەشمەيلى، بېرىپ ئانىلىرىغا مەندىن سالام ئېيتىپ قويسىلا، ئايسەنەم خېنىمنى ئالىدىغان خىياللىرىدىن ۋاز كەچسىلە، بۇ ھەقتە يەنە باشقا يەرلەردە گەپ- سۆزلەر چىقىپ قالسا رەنجىپ قالىمەن، بۇ ھەم سىلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالسۇن، ئامان بولسىلا ئوغلۇم!- دېدى- دە، پېشىنى قاققان پېتى كەينىگە بۇرۇلۇپ گېلەمخانىدىن يېنىپ چىقىپ، دەرۋازا ئالدىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان قەمبەرگە مۇنداق دېدى،- باھايىدىن ئىسىملىك ماۋۇ يىگىت ئەتىدىن باشلاپ كەلمىسۇن، ماھىبەدەر خېنىمنىڭ ھېلىغۇ بالا- چاقىلىرى ئىكەن، ئىت- مۈشۈكلىرىمۇ بوسۇغامغا يېقىن يولاپ سالمىسۇن!



(145)



ئاياغ مەھەللە، سەيدۇللا باينىڭ قورۇسى.

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەتنۇر ياغاق ئەر- ئايال كېلىپ «قىزىمنى يوشۇرۇپ قويدۇڭلار، ئۇنى چىقىرىپ بېرىڭلار...» دەپ جېدەل قىلىپ سائادەت خېنىمنىڭ كەيپىنى بۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر غەشلىك چۇلغىۋالغانىدى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتەر- ئۆتمەستە ئېزىز مىسگەرنىڭ «شەرۋانەمنى چىقىرىپ بېرىڭلار، ئۇ مېنىڭ خوتۇنۇم، سىلەر قايسى ھوقوقۇڭلار بىلەن مېنىڭ قىزىم ۋە خوتۇنۇمنى قەسىرىڭلارغا سولىۋالاتتىڭلار...» دەپ جېدەل چىقىرىپ يۈرگەنلىكىمۇ قايسىدۇر بىر شۆپۈك ئېغىزنىڭ يەتكۈزۈپ قويۇشى بىلەن سائادەت خېنىمنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. بۇ ئىشتىن كۆڭۈل غەشلىكى نەچچە ھەسسىلەنگەن سائادەت خېنىم ئىشلارنى مۇنداقلا رايىغا قويۇپ بېرىۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە سەيدۇللا باينى ئالدىغا چاقىرتىپ مۇنداق دېدى:

-گاچىمۇ چۆچۈرە يېسە ئىچىدە ساناپ يەيمىش جېنىم بالام، سىلى مېنى «ئانىكام تالاغا چىقالمىغاندىكىن تالادىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپالمايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايلا، ئەمەلىيەتتە كۆپنى كۆرگەن، ھەر ئىشلارنى بىلگۈچىلىكىم بار، قۇلىقىم خېلى ئۇزۇن ئايالمەن. يېقىندىن بېرى بولىۋاتقان ئىشلاردىن قارىغاندا سىلى شەرۋانىخاننى بىرەر يەرگە يوشۇرۇپ  قويغاندەك قىلىلا، بولمىسا مەتنۇر ياغاق ئەر- خوتۇنلارمۇ قىزىنى ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ھېلىقى ئېزىز مىسگەر دەيدىغان ئادەممۇ شەرۋانىخاننى ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۈرمەستى، شۇ چاغدا پەملەپ تۇرسام قىزىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىپ كەلگەن مەتنۇر ياغاقنى باشقۇرغۇچى قەمبەر بىرنېمىلەرنى دەپ يولغا سالدى بولغاي، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن تىللىرى بىركەن، سىلى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىلىپ قوللاپ تۇرىدىكەن، بۇلارنى چۈشەندىم. ھېلىغىچە مەتنۇر ياغاق دېگەنلەرگە قىزىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىپ بولغاندەكمۇ تۇرىدىلا، بولمىسا ئۇلار قايتا كېلىپ سۈرۈشتە قىلىپ جېدەل تېرىشتىن يانمايتتى. شۇلارغا بىرنېمە دەپ ئۇچۇر بەرگەندىكىن ئېرىنمەي ئېزىز مىسگەرگىمۇ بىر ئۇچۇرىنى بېرىۋەتكەن بولسىلا ياخشى بولاركەن، ئۇنداق ئارا كۈندە ئالتە قېتىم دەرۋازىمىزغا كېلىۋېلىپ جېدەل چىقىرىۋەرسە، ماۋۇ بىزلەرگىمۇ يۈز- ئابروي لازىم، يەنە ياشىماي بولمايدۇ جېنىم بالام، ئايسەنەمخاننى قوشقاندا تۆت قىزلىرى بار، ئۇنداق يات باش ئەرلەر بوسۇغىمىزغا كېلىپ «قىزىمنى چىقىرىپ بەر، خوتۇنۇمنى چىقىرىپ بەر...» دەپ جېدەل قىلىپ يۈرسە، بۇ گەپلەر تالاغا تېرىلىپ خەقنىڭ ئېغىز- قۇلاقلىرىدا ئۇچۇپ يۈرسە، ئەتە- ئۆگۈن قىزلارغا لايىق كەلمەي ئۆيدە پەدە بېسىپ ئولتۇرۇپمۇ قالمىسۇن يەنە! ئاڭلىسام شۇ ئادەم ئايسەنەم خېنىمنى «مېنىڭ قىزىم بولىدۇ، شەرۋانىخان ئۇنى تۇغۇپ تاشلىۋېتىپ باقماپتىكەن، ماڭىمۇ قىزىم بارلىقىنى دېمەپتىكەن...» دەپ بىر گەپلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىش تالادا، ئۆزۈم كۆرسەمغۇ ئاياغنىڭ چەمى بىلەن زۇۋانىغا نەچچىنى سالىتىم ھېلىقىنىڭ، راستىنلا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ نەچچە يىللاردىن بېرى ئىزدەپ سۈرۈشتە قىلماي نەلەردە قالغان نېمە ئۇ؟ ئەمدى بولغاندا كېلىپ ھەممىمىزنىڭ يۈزىگە پوق سۈركىمەكچىمىكەن؟ ئۆزلىرى كۆرۈشۈپ ئاۋۇ ساراڭقېتىش دەلتە ئادەم بىلەن، بۇ ئىشلارنى چىرايلىق ھەل قىلىپ تۈگەتسىلە، سىلى تۈگەتمەيدىغان بولسىلىرى، مانىڭدىن كېيىن يەنە تالادا ئېزىپ- تېزىپ «ئايسەنەم خېنىم مېنىڭ بالام ئىدى» دەيدىغان گەپنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان بولسا ئۆزۈم ئادەم بۇيرۇپ بولسىمۇ تاناۋىنى راۋۇرۇس تارتقۇزۇپ، ئىككىنچى نەپەس ئالالمايدىغان قىلىۋېتىمەن.

      

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章