دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
-ئۇ ئىشلارغۇ ياخشى بوپتىكەن، لېكىن ئوغلۇم، شەرۋانىخاننى تاشپولاتقا لايىق كۆرمەسلىكىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىنىلىرى سەيدۇللانىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار ئىكەن، نەچچە ئايدىن بېرى «شەرۋانەمگە ئۆيلەنسەم بولاتتى» دەپ مەن بىلەن جېدەللىشىۋاتىدۇ، بۇنى ھەتتا پۈتۈن قەسىر كىشىلىرىمۇ بىلىپ كەتتى، شۇ تۇرقىدا شەرۋانىخاننى ئۆز ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەرسىلىرى خەق بىزنى پوقىدا كۆمەر؟ ھېچ بىلمىدىم، نېمىشقا ھەممىڭلار ئۇدۇللۇق بېرىپ شەرۋانىخانغا كۆڭۈل بېرىپ قالىدىغانسىلەر؟- دېدى.
كەچلىك غىزادىن كېيىن پېشايۋان ئاستىغا قويۇلغان كات سۇپىدا يانپاشلاپ يېتىپ خىيال سۈرىۋاتقان سەيدۇللا باي ئايسەنەم خېنىمنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى، بۇ ئۈچ قىزنىڭ كۈلكىسى بولۇپ، ئۇلار ئايسەنەم خېنىم، ئايچېھرە خېنىم ۋە ئايتۇرسۇن خېنىملار ئىدى.
بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىغان سەيدۇللا باينىڭ ۋۇجۇدىغا ئىللىققىنە بىر سېزىم تاراپ ئۆتكەندەك بولدى. شۇ دەقىقىدە ئۇ ئويلاپ قالدى، ئەگەر ئايسەنەمدىن باشقا بالىلارنىڭ ئانىسى مېھرىيار خېنىم بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇلار ھەر ۋاقىت مانا مۇشۇنداق كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ، بۇ ئۆينى گۈللەرگە پۈركىگەن بولاتتى. مانا ھېلىھەممۇ بۇ ئىشنىڭ پەرقى شۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، مېھرىيار خېنىم قەسىردە بولسا ئىشلار باشقىچە، بولمىسا يەنە باشقىچە ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەگەر ئۇ قەسىردە بار بولسا بالىلار مۇنداق كۈلكە- چاقچاق قىلىپ قەسىر ھويلىسىنى بېشىغا كىيىش تۈگۈل، ھەتتا بىر- بىرىنى ئىزدەپ ئۆزئارا ھۇجرىلىرىغىمۇ كىرىپ چىقىشالمايتتى. بالىلار، بولۇپمۇ ئۇ ئۆزى تۇغقان بالىلار ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك قورقاتتىكى، ئايسەنەم خېنىم بىلەن بېرىش- كېلىش قىلغىنىنى بىلسىلا بىر ئاماللارنى قىلىپ چېقىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ دېمىگەنلىرى قالمايتتى. مانا ھازىر مېھرىيار خېنىم قەسىردە ئەمەس، يەنە كېلىپ سەيدۇللا باي ئۇنى ئاۋۇت باينىڭ قەسرىگە ئاپىرىپ قويۇپ مۇناسىۋىتىنى تەلتۆكۈس ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدىكى «ئاغىچا خېنىم» دېگەن ئىسىممۇ بىراقلا «خېنىم» غا قىسقىراپ، ئەمدى ئۇنىڭ بويتاقلىقىغا قايتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ قالغانىدى. ئالدىنقى قېتىم مېھرىيار خېنىم ئاجرىشىپ ئاۋۇت باي قەسرىگە كەتكەندىمۇ بۇ ئۆيدە قالغان بالىلار ئايسەنەم خېنىم بىلەن تېز ۋاقىت ئىچىدىلا ئىچەكىشىپ، ئىجىل بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇ قايتىپ كەلگەندە يەنىلا ئانىسىدىن قورقۇپ ھېچ بىرى ئايسەنەم خېنىم بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە پېتىنالمىدى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى بالىلارنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، مۇنداق كۈلۈشۈپ چاقچاقلاشقىنىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن بۇ قەسىردە مانا تۇيۇقسىز باش باھاردا كاككۇك كەلگەندەكلا يېقىملىق كۈلكىلەر جاراڭلاپ، ھەممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىغان باشقىلارمۇ، ھەتتا سائادەت خېنىممۇ شۇ قەدەر مەمنۇنلۇققا تولغان بولسا كېرەك...
سەيدۇللا باي شۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مېھرىيار خېنىمنىڭ ئەلچى باشلاپ خەيرۇللا باي قەسرىگە بارغان كۈندىكى ھېلىقى ئىشلارنى كۆز ئالدىدىن بىر- بىرلەپ ئۆتكۈزدى، ئۇ ئىشلار مۇنداق بولغان ئىدى.
خەيرۇللا باي ئۆز قەسرىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن خىزمەتكارىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران بولغان ھالدا ئاكىسى سەيدۇللا باينى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز قەسرىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇلار يېتىپ بارغاندا ھەقىقەتەن مېھرىيار خېنىم باشلاپ بارغان سېمىز- سېمىز ئاياللار مېھمانخانا ئۆينى چۆرىدىشىپ ھال تارتىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، تۇرقىدىن گويا كىمدۇر بىرلىرى مەجبۇرلاپ سۆرەپ ئەكەلگەندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلچى بولۇپ كەلگەندەك ئەمەس، قانداقتۇر بىر ئىشلار ئۈچۈن جېدەل تېرىپ ھېساب ئالغىلى كەلگەندەكلا قىلاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرقى ئەلپازىنى كۆرۈپلا ئەرۋاھى ئۇچقان خەيرۇللا باي ھەممەيلەن بىلەن قىسقىلا سالاملاشقاندىن كېيىن، بەھرىيە ئاغىچىنى ئىزدەپ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقتى. بۇ چاغدا بەھرىيە ئاغىچا قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كېتىۋاتقان بولۇپ، خىزمەتكارلارنى چاي دەملەپ مىھمانلارغا داستىخان سېلىشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزى خەيرۇللا باينىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تاشقىرىقى ئۆيدە جىممىدە ئولتۇرغان ئىدى. خوتۇنىنىڭ ئوزايىغا قاراپلا كەيپىياتىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن خەيرۇللا باي ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ ھەم مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىشقا، ھەممە گەپنى ئۆزى دەيدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ پەقەت «بالىنىڭ دادىسى قانداق قارار چىقارسا مەن شۇنىڭغا بويسۇنىمەن» دەپلا جىم ئولتۇرۇۋېلىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى مېھمانلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتتى.
ئاكا- ئىنى ئىككەيلەن يولدا كەلگۈچە بۇ ئىشلارغا ئالاقىدار قانداق قارار چىقىرىپ، مېھرىيار خېنىمنىڭ ئەلچىلىرىنى نېمىلەرنى دەپ رەت قىلىشنى پۈتۈشىۋالغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە پىكىر قارشىلىقى چىقمايتتى. شۇڭا ئىككىلىسى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ ساھىبخانلىقنى باشلىۋەتتى.
داستىخان سېلىنىپ چاي قۇيۇلغاندىن كېيىن مېھمانلار مەزەگە تەكلىپ قىلىندى. شۇ چاغدا ئاۋۇت باينىڭ خوتۇنى، مېھرىيار خېنىم ۋە ماھىبەدەر خېنىملارنىڭ ئانىسى مېھرىزات ئاغىچا خېنىم سۆز باشلاپ، ئايچېھرە خېنىمنى دانىيار بايۋەتچىگە قوشۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەلچىلىك ئېيتىپ كەلگەنلىكىنى، سەيدۇللا باينىڭ ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئۆز دادىسى تۇرۇپ، بالىلار توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالسىمۇ بۇ ئىشنى بىلمىگەنگە سېلىپ خىيالىدا يوق يۈرىۋەرگەنلىكتىن، ئامالنىڭ يوقىدىن ئۆزى جەمەتىدىكى تۇغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ تەرەپكە قەدەم ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئارىدا تېخى ئادەم ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋە ياكى قانچە بىغەم، قانچە دىتسىز بولسىمۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ بويىغا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۆيلەش ۋە ياتلىق قىلىشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم بۇرچ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ ئۆتۈشنىمۇ ئۇنتۇمىدى. مېھرىزات ئاغىچا خېنىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن، ئەمما ئۇنى مۇشۇنداق دېيىشكە مېھرىيار خېنىمنىڭ كۈشكۈرتكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن سەيدۇللا باي چاندۇرماي يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ خوش- خوشلاپ، «سىلىنىڭ راست!» دەپ ئولتۇردى. ئارقىدىن مېھمانلار بىر- ئىككى ئېغىزدىن گەپ قىلىپ، ھۇجۇم نىشانىنى خەيرۇللا بايغا يۆتكىدى ۋە ئۇنى بۇ توي ئىشىغا ماقۇل بولۇشقا قىستىدى. ھامان مۇشۇنداق بىر قىستاشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئېنىق بىر جاۋاب بەرمەي تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەن خەيرۇللا بايمۇ بايا يولدا كەلگۈچە بۇ ئىشلار خۇسۇسىدا ئاللىقاچان ئاكىسى بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپ پەگادا ئۆرە تۇردى ۋە قول باغلاپ يەڭگىل ئىگىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-نېمە دېگەن تېتىقسىز جاۋاب بۇ؟ قۇدىلىقنى قوبۇل كۆرىمىز دەيدىلا، يەنە ئارقىدىنلا «ئايچېھرە خېنىمنى ئەمەس، ئايسەنەم خېنىمنى...» دېگەنلىرى نېمىسى؟ بايا ئانىكامنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىغان بولسىلىرى مەن قايتا سەمىلىرىگە سېلىپ قوياي، بىز ئايسەنەم خېنىم ھەققىدە ئەمەس، ئايچېھرە خېنىم ھەققىدە سۆزلەپ ئەلچىلىككە كەلدۇق، تولا ئۇچرىمىغانغا سالام سورىمىغانغا جاۋاب قىلماي، ئايچېھرە خېنىم ھەققىدە سۆزلىسىلە!
كۈتۈلمىگەندە ماھىبەدەر خېنىم ئەنە شۇنداق جالدىقىنى چېلىپ، خەيرۇللا باينىڭ گېپىنى بۆلۈپ كۆزلىرىنى چەكچەيتتى. ئاياللار ئارىسىدىن ھامان بىرسىنىڭ ئۆكتە قوپۇپ چوڭ سۆزلەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن ئاكا- ئۇكىلارمۇ بۇ ھەقتە ئاللىقاچان مەسلىھەتلىشىپ بولۇشقان ئىدى. شۇڭا سەيدۇللا باي تەمكىنلىك بىلەن سۆزگە نۆۋەت ئېلىپ:
-چىڭقالمىسىلا خانىم، ھەر ئىش بولسا چىرايلىقچە سۆزلىشەيلى، ئەسلى بۇ قېتىمقى ئەلچىلىك بىزنىڭ نۆۋىتىمىز ئىدى، لېكىن بىز بۇ ئىشقا تەمشەلگىچە ئۆزلىرى ئالدىن كېلىشىۋېلىپ بىزنىڭ ماڭار يولىمىزنى ئېتىپ قويۇپتىلا، شۇنداقتىمۇ مەيلى، ئەمما چىرايلىقچە مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرايلى. بايا خەيرۇللا ئىنىم دەپ ئۆتكىنىگە ئوخشاش دانىيار بايۋەتچىنىڭ چوڭ قىزىمىز ئايسەنەم خېنىمغا مەيلى بار ئىكەن، بۇنى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئېتىراپ قىلغان، دانىيار ئوغلىمىز شۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن بىزمۇ «بىرسى خالاپ، يەنە بىرسى خالىمايدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن يەنە» دېگەننى نەزەردە تۇتۇپ ئايسەنەم قىزىمىزدىنمۇ سورىغانىدۇق، ھەر ئىككى بالىنىڭ بىر- بىرىگە مەيلى بار ئىكەن، بىر ئۆيدە بولۇپ قېلىشنى ئەلۋەتتە خالايدىكەن، پەقەت ياش مەسىلىسى بولغانلىقتىن بىر- ئىككى يىل توختاپ ئاندىن تويغا تۇتۇش قىلايلى، دەپ توختاپ قېلىشقانىدۇق. قىز ئىگىسى بىلەن ئوغۇل ئىگىسى شۇ مەسلىھەتكە كېلىشىپ تۇرۇشقان مەزگىلىمىزدە ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ كېلىشىپتىلا، بۇ ئىنىم ئىككىمىز ئىككى بالىنىڭ كۆڭۈل رايىغا بېقىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق قارار قىلغان ئىشلار، شۇڭا بۇنى بۇزۇپ چۇۋۇپ قايتىدىن تۈزەيتتۇق دەپ يۈرمەيلى. ئايچېھرە خېنىمغىمۇ ئۆز لايىقىدا نامزات چىقىپ قالار، ئۇ ئايسەنەم خېنىمدىن بىر ياش كىچىك، شۇڭا ئاۋۋال ئاچىسىنىڭ توي ئىشىنى بىرياقلىق قىلىۋېتىپ، ئاندىن سىڭلىسىنىڭكىنى ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىز،- دېدى.
-ئۇ ئاچىسى بىلەن كىمنىڭ كارى؟ «يىپ بىلەن كېۋەزنىڭ ئىشى يوق» دەپ ئاڭلىمىغانمۇ ئۆزلىرى؟ ئەتىدىن كەچكىچە شۇ ئايسەنەم خېنىمنىڭ غېمىنى يېمىسىلىمۇ ھازىر ئاچىسىنى لايىق كۆرىدىغان باشقا كىشىلەر بار، ئەمما سىڭلىسىنىڭ يۈزى كۆيۈپ كېتىپ شۇ ھالدا بىچارە بولۇپ ئۆيدىن تالاغا چىقالماي ئولتۇرىدۇ، ئۇنى ئۆزى خالىغان بىرەرسىگە ياتلىق قىلساق يامان كەتمەس؟ بىرياقتا باھايىدىن ئوغلۇم ئايسەنەم خېنىمغا ئاشىق- بىقارار بولۇپ شۇنىڭ ئەتراپىدىن كېتەلمەي يۈرىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويساق گۈل- گۈلىگە كەلگەن ئاشىق- مەشۇقلاردىن بولاتتى، ئاندىن دانىيار بايۋەتچىگە ئايچېھرە خېنىمنى لايىق كۆرسەك، مانا بىر ئوبدان قاملىشىپ قالمامدۇ؟ ئالمىقى يوق، سالمىقى يوق، شۇنداق دەل كەلگەن ئىشلارنى بىر تاياقتا چۇۋۇۋېتىپ، ئاندىن قام كەلمەيدىغانلىرىنى ئوڭشايمىز دەپ جاپا تارتقانلىرى نېمىسى؟ ئۇ ئايسەنەم دېگەننى دانىيارغا جۈپلەپ قويغانلىرى بىلەن، ئايسەنەمنىڭ ئىشقىدا ئۆلگىلىۋاتقان باھايىدىن ئوغلۇم قانداق قىلىدۇ؟ دانىيارنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ تۈتەۋاتقان ئايچېھرە خېنىم قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئىككى بالىنىڭ دەردىنىمۇ ئويلاشماي بولماس؟- دېدى ماھىبەدەر خېنىم خۇددى شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقتەك، بىر قولىنىڭ ئالقىنىنى يەنە بىر قولىنىڭ دۈمبىسىگە پاقىلدىتىپ ئۇرۇپ.
-يەنە كېلىپ ئاغزى- ئاغزىلىرىغا تەگمەي «ئاچىسى، ئاچىسى...» دەپ كەتتىلە، ئۇ ئايسەنەم خېنىم ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئاچىسى ئەمەس كۆرسىلە! تالادىن ئەكىرىپ بېقىۋالغان بىر بالىنى مەن ھېچقاچان «مېنىڭ قىزىم» دەپ ئېتىراپ قىلىپ باقمىدىم. ماڭا نىسبەتەن بالىنىڭ چوڭى ئايچېھرە خېنىم، ئاچا بولسىمۇ ئاشۇ بولىدۇ، مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ ئۇششاق سۆزلەپ ئولتۇرماي، بىز ما ئۆيگە دانىيار بىلەن ئايچېھرەنىڭ گېپىنى قىلىشقىلى كەلدۇق، مۇشۇ ھەقتە سۆزلىسىلە،- دېدى مېھرىيار خېنىممۇ يېنىدىكى بىر توپ ئايالنىڭ قوللىشى ۋە سۈر- ھەيۋىسىدىن چەكسىز ئىشەنچكە تولۇپ.