ئاياللار ھىيلىسى 110-قىسىم

文摘   2025-01-05 20:25   新疆  



 aziza  
 
 ئاياللار ھىيلىسى 

(رومان)

 ئاپتورى :    تاھىرجان يۈسۈپ
ئاياللار  ھىيلىسى 1-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 2-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 3-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 4-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 5-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 6-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 7-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 8-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 9-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 10-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 11-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 12-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 13-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 14-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 15-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 16-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 17-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 18-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 19-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 20-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 21-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 22-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 23-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 24-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 25-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 26-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 27-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 28-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 29-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 30-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 31-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 32-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 33-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 34-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 35-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 36-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 37-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 38-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 39-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 40-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 41-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 42-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 43-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 44-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 45-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 46-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 47-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 48-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 49-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 50-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 51-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 52-53-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 54-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 55-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 56-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 57-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 58-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 59-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 60-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 61-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 62-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 63-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 64-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 65-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 66-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 67-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 68-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 69-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 70-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 71-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 72-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 73-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 74-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 75-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 76-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 77-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 78-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 79-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 80-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 81-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 82-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 83-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 84-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 85-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 86-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 87-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 88-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 89-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 90-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 91-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 92-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 93-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-95-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 96-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 97-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 98-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 99-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 100-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 101-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 102-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 103-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 104-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 105-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 106-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 107-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 108-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 109-قىسىم
   سالونىمىزدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ  ئۈندىدار: 2099928447     


    

 

109-قىسىم 

 -كىم؟-قابىل تىلفون قىلسا شەمسىيەنى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ،ئۇدۇل ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپلا كىلىپ، ئىشىىكنى ئۇرىۋىدى، ئاللىقاچان كۆزى ئۇيقۇغا ئىلنىشپ بولغان شەمسىيە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپ چاقىردى.

-مەن، بۇ مەن شەمسىيە - قابىل ئاۋازىغا قەستەن بىچارە تۈس بەردى.

- يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا نىمە بولۇپسىز؟ مىنى ئىزدەيدىغان بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز بارمىدى؟ -شەمسىيەگە قابىلنىڭ يېرىم كىچىدە كىلىشى،بىنورمال تۇيۇلۇپ ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپ يەنە سورىدى، ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ قايسى كۈندىكى نۇمۇسسىزلىقىدىن كىيىن،يەنە يۈزىنى پولودەك قىلىپ يېرىم كىچىدە كىلەلىگىنىگە قارىغاندا، بۇ ھەرگىز ياخشىلىقتىن دىرەك بەرمەيتتى.

-سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئىشىكنى ئېچىڭ،بەك جىددى،ھايات-مامات مەسلىسىگە چېتىلىدىغان ئىش بولغاچقا ئامالسىز سىزنى ئىزدەپ كەلدىم-قابىل، شەمسىيەنىڭ دەمال ئىشىكنى ئاچمىغىنىغا قاراپ،ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىدىن پايدىلانماقچى بولدى.

- ھايات-مامات مەسلىسى؟سىزگە بىرەر ئىش بولغان بولسا، نىمىشقا خانقىزنى ئىزدەپ بارماي، مىنى ئىزدەپ كەلدىڭىز؟

- خانقىزنى ئىزدىسەممۇ پايدىسى يوق،ھەم ئۇنى ئىزدىيەلمەيمەن،ماڭا ھېچئىش بولمىدى، باشقا بىرسىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىش ئالدىدا، شۇڭا سىزدىن ياردەم سوراپ كەلدىم-

- بالىلارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ئايسىمادىن چاتاق چىقتىمۇ يە-شەمسىيەنىڭ كۆز ئالدىغا ئاللىبۇرۇن ئۆز باللىرىدەك كۆرۈپ مېھرى چۈشۈپ قالغان قابىلنىڭ قىزلىرى كەلدى.

- شۇنداقراق دىسەكمۇ بولىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي ئىشىكنى ئېچىڭ-شەمسىيە بالىلارغا خەتەر كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتى.

- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي شەمسىيە، بىزنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ-قابىل ئىشىك ئېچىلىپ،ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋىتىپ، شەمسىيەنىڭ ئالدىغىلا تىز چۆكۈپ، ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى.

- زادى نىمىش بولدى، سىز بۇنچىۋالا بولۇپ كەتكۈدەك،نىمىش بولسا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سۆزلەڭ،بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق- ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا تۆكۈلىدۇ دىيىشىدىكەن،شۇڭىمۇ ئەركىشىنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنمە دىگەن سۆزمۇ بار،ئەمما بۇ دۇنيادا  ئەركىشىنىڭ كۆز يېشىغا  ئالدانمايدىغان ئايال بارمۇ؟ شەمسىيەمۇ قابىلنىڭ كۆز يېشىغا ئالدىنىپ،ئۆتكەن-  كەچكەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ باغرى پاختىدەك  يۇمشاپ كەتتى.

-خانقىزنى تۇرغۇن دىگەن ئوغرى  تۇتقۇن قىلىۋاپتۇ،گۇلنىسانىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ئۇنى تاپقاندا ئاندىن قويۇۋىتىمەن دەۋاتىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇشۇ بىر قېتىم، پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا ماڭا ياردەم قىلىڭ بولامدۇ؟ -

-خانقىزنى تۇرغۇن تۇتقۇن قىلىۋالسا نىمىشقا ساقچىلارنى ئىزدىمەي مىنى ئىزدەپ كەلدىڭىز،  مىنىڭ ئۇ تاغام بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلمەمتىڭىز، سىزنىڭچە مەن ئۇنى خانقىزنى قويۇۋەت دىسەملا قويۇۋىتەرمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە ياردەم قىلشىم مۇمكىن، ئەمما خانقىزغا ياردەم قىلىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس،سىز قانداقسىگە مىنى خانقىزغا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئىشىنىپ، ئىزدەپ كىلىشكە جۈرئەت قىلالىدىڭىز؟ -خانقىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا شەمسىيەنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كىلىپ،قابىلغا بولغان ھېسداشلىقلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتىپ ئۆزىنى بېسىۋالالماي سۆزلەپلا كەتتى.

-خانقىزغا ئۆچ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، بىراق، ئۇ دىگەن مىنىڭ خوتۇنۇم، باللىرىمنىڭ ئانىسى، شۇڭا مەن ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقمىسام بولمايدۇ،مەن بۈگۈن سىزدىن خانقىز ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ تۇرغۇن مۇدىرغا يالۋۇرۇپ بېقىڭ دەپ ئۆتۈنگىنى كەلمىدىم، ماڭا گۇلنىسا دىگەن ئايالنىڭ قەيەردىلىكىنى  ئېيتىپ بىرىڭ، شۇنداق قىلساقلا ئۇ خانقىزنى چوقۇم قويۇۋىتىدۇ-

- ساراڭ بولدىڭىزما قابىل،ھېلىغۇ مەن گۇلنىسا ھەدەمنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر راستىنلا بىلگەن ھالدىمۇ،تۇرغۇنغا ئۇنىڭ قەيەردىلىكى دەپ بىرىشىم مۇمكىنمۇ؟ سىز قانداقسىگە مىنى خانقىز دىگەن بۇزۇقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۇلنىسا ھەدەمنى سېتىۋىتىدۇ دەپ ئىشىنىپ قايتىپ كەلدىڭىز؟ بۇ ئىشەنچنى سىزگە زادى كىم بەردى قابىل، كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ، سىز بۇنداق رەزىل ئادەم ئەمەستىڭىز، يېقىندىن بۇيان نېمىشلار بولۇۋاتىدۇ سىزگە؟ ئەجەبا خانقىزنىڭ بۇزۇق جېنى جان، گۇلنىسا ھەدەمنىڭ جېنى جان ئەمەسمىكەن؟ -

- مىنىڭ گۇلنىسا دىگەن ئايالنىڭ جېنىنى، ئاقىۋىتىنى ئويلۇشۇپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتىم يوق، ئەتە ئەتىگەن 8دىن بۇرۇن خانقىزنى ئىزدەپ تاپمىسام، ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىكەنمەن، شۇڭا مەيلى نىملا قىلىپ بولمىسۇن، چوقۇم ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىم كىرەك، گۇلنىسا دىگەن ئاشۇ تۇرغۇن دىگەن ئادەمنىڭ ئايالىكەنغۇ، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ ئۆز ئايالىنى ئۆلتۈرىۋەتمەس، بەلكىم شۇ خوتۇننىڭ ئۆزىدىنمۇ ئۆتكەن يىرى باردۇر، ئىرىگە سادىق، ۋادار بولماي ھە دىسە ئىرى بىلەن قارشىلاشمىغان بولسا، تۇرغۇن دىگەن ئادەممۇ بىكادىن ئۇنى خارلاپ يۈرمەستى، خەقنىڭ ئائىلىسىنىك ئىچكى ئىشىغا ئاراشماي، خوتۇنىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بىرىپ، ئۆز تۇرمۇشىمىزغا ئىگە بولۇپ ياشىساق بولىدىغۇ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي شەمسىيە، ماڭا ئۇ ئايالنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بىرىڭ، مەنمۇ سىزگە نۇرغۇن ياخىشىلىقلارنى قىلغان،خانقىزغا ھەرقانچە ئۆچ بولسىڭىزمۇ، مىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ ئېيتىپ بىرىڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي -

- سىز خانقىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا شۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتتىڭىزمۇ قابىل، سىز نىمانداق دۆت، ئىككى دولىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق كاللىڭىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئىشلەتسىڭىز نىمە بولىدۇ؟ سىز خانقىزنىڭ كەينىگە كىرىپ يالغۇز غورۇرىڭىزنىلا يوقۇتۇپ قالماي، يەنە ئەقىل -ھوشىڭىزنىمۇ پۈتۈنلەي يوقۇتۇپسىز، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ تېخى قايسى كۈنى تۇرغۇن مۇدىر ئۈچۈن، ئارخىپ ئوغۇرلاپ بەرگەن بىر ئايال، قانداقسىگە بۈگۈن ئۇ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ،بىلسىڭىز خانقىز تۇرغۇن مۇدىر بىلەن بىرلىشىپ، سىزنى ئالداۋاتىدۇ، ئۇ سىزنىڭ گۇلنىسا ھەدەمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، ھەر  ئاماللارنى قىلىپ مەن ئارقىلىق ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سىزگە ئېنىقلىتىپ چىقماقچى،چوپچوڭ ئەر بولۇپ قالغاندىمۇ، كاللىڭىزنى ئازراق ئىشلىتىشنى بىلمەي، خانقىزنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ يۈرسىڭىز، بۇنىڭدىن كىيىن، باللىرىڭىزنى قانداق باقىسىز، ئۇنداق قىلماڭ قابىل، قايتىپ كىتىپ، خانقىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سىزنى ئىزدىشىنى ساقلاڭ، ماڭا ئىشىنىڭ سىز دىگەن مۆھلەتتىن ئۆتكۈزىۋەتسىڭىزمۇ، خانقىزغا ھېچچىش بولمايدۇ، ئۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن، يەنە قېلىن يۈزىنى سۆرەپ،ساق-سالامەت نۇمۇس قىلماي كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ- شەمسىيە خۇددى ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك تەھلىل قىلىۋاتاتتى.

- ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان قىلىنمىغانلىقىنى سىز نىمە بىلىسىز شەمسىيە،پۈتۈن بىركۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم،ئەگۈر ئۇ تۇتقۇن قىلىنمىغان بولسا،نىمىشقا پۈتۈن بىركۈن تىلفوننى ئالالمايدۇ،سىزنىڭ گۇمانخورلۇقىڭىز ھەددىدىن ئېشىپتۇ،خانقىـزنى ئۆچ كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن،ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر سۆز سىزگە رىياكسىيە قىلىدىغانلا بوپتۇ،ئەگەر مەن مۇشۇنداقلا قايتىپ كىتىپ،ئەتە ئەتىگەن ئىشلار سىز دىگەندەك بولماي،خانقىزغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا،بۇنىڭغا سىز مەسئۇل بولالامسىز؟-بىراق شەمسىيە ھەرقانچە ئورۇنلۇق تەھلىل قىلسىمۇ،خانقىزدىن ئەنسىرەپ جىددىيلىكتىن تېخىمۇ تەتۈرلەشكەن قابىلغا ئۇنىڭ سۆزلىرى قىلچىلىكمۇ تەسىر قىلالمىغان ئىدى.

-مەن نىمىشقا ئۇنىڭغا مەسئۇل بولاتتىم،نۇمۇس قىلماي مىنى خانقىز ئۈچۈن مەسئۇل بولىسەن دەۋاتامسىز؟خانقىز مىنىڭ دۈشمىنىمنىڭمۇ دۈشمىنى كەبى ئۆچ-ئاداۋىتىمىز يۈز قېتىم ياشىساقمۇ تۈگىمىگۈدەك ئېغىر تۇرسا،مەن نىمە ئۈچۈن،ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغۇدەكمەن،ئويناپ سۆزلىسىڭىزمۇ ئويلاپ سۆزلەڭ قابىل ئەپەندى،ئۇ سىزنىڭ سۈيۈملۈك رەقىبىڭىز بولغىنى بىلەن،مىنىڭ ئەشەددىي رەقىبىم جۇمۇ-

-مەسئۇل بولالمىغان ئىكەنسىز ئۇنداقتا ماڭا چوقۇم گۇلنىسانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشىڭىز كىرەك-

- بىلمەيمەن،بىلسەممۇ ھەرگىز ئېيتىپ بەرمەيمەن،خانقىز بۇزۇقنى دەپ،گۇلنىسا ھەدەمگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن،قانداق قىلالايسىز؟

- قانداق قىلاتتىم،مانا،مۇنداق قىلىمەن -قابىل شۇنداق دەپلا،تەتۈر تەستەك بىلەن شەمسىيەنى بىرنى ئۇرۇپلا يىقىتىۋەتتى- مەن سىنى خانقىزنى بۇزۇق دىمە دىسەم،بۇزۇق دەيسەنيا تېخى،يەنە بۇزۇق دىگىنە،يەنە بۇزۇق دىگىنە -قابىل شۇ تاپتا ئەقلى -ھوشىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولۇپ،خانقىزغا بولغان ئەسەبىي ئاشىقلىق ئۇنى نىمە قىلىۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە شەمسىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا توختىماي  ئۈندەۋاتاتتى.

- ئاپامنى قويۇۋەت،ئەسكى ئەبلەخ،سەن بەك ئەسكىكەنسەن،تېخى سىنى دادام دەپ يۈرۈپتىمەن،سەن ھايۋاندىنمۇ بەتتەركەنسەن،ئانامغا يۈزسىزلىك قىلغاننى ئاز دەپ ئۇنى ئۇرىۋاتىسەنغۇ-بايىدىن بۇيان ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇرغان لالە بىلەن قابىل يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ،بىرسى قابىلنىڭ پاچىقىغا ئېسىلسا،يەنە بىر ئۇنىڭ قولىنى قاتتىق چىشلىۋىدى،قابىل جان ئاچچىقىدا ۋايجان دەپ ۋارقىرىغىنىچە ھەر ئىككىلىىسىنى سىلكىپلا ئىتتىرىۋەتتى-مىنىڭ ساڭا چېقىلغۇم يوق شەمسىيە،ئەسلى سەن بىلەن چىرايلىق ئايرىلغاندىن كىيىن،چىرايلىق ئۆتۈپ كىتەرمىز دەپ ئويلىغان بىراق،سەن  مىنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىڭچىلىك كۆرمەي،ئازراقمۇ مەنسىتىپ قويماي،مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىسەن، ئەمدى بەرىبىر سىنى ئۇرۇپ ئەسكى ئاتىلىپ بولدۇم،ھەرقانچە قىلساممۇ، ساڭا قايتا ياخشى بولالىشىم ناتايىن،ساڭا دىسەم،مەن ئۈچۈن خانقىز راسلا بەك مۇھىم،خۇددى سەن ئېيتقاندەكلا،ئۇنىڭ ئۈچۈن،ئەقلى -ھوشۇمنى تامامەن يوقاتقۇدەك دەرىجىدە مۇھىم،ئىلگىرى سەن بىلەن بىللە ياشىشىم ھەم كەينىڭدىن سوكۇلداپ يۈرىشىممۇ پەقەت ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇش ۋە يالقۇندىن ئۆچ ئېلىشلا ئۈچۈن،ماڭا خانقىز بولمىسا بولمايدۇ،مەن بىلىق بولسام ئۇ سۇ،مەن دەرەخ بولسام ئۇ ئوكسىگىن،گەپنى ئېنىق دەپ قوياي،بۈگۈن يا گۇلنىسانىڭ قەيەردىلىكىنى ماڭا دەپ بىرىسەن،ياكى ئىككى بالاڭدىن بىرسىنى مەن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كىتىمەن -

- ھەددىڭ ئەمەس - شەمسىيە ئورنىدىن دەس تۇردى،ئۇ باشقىچە كۈچلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى،-كۆڭلۈڭدە سەن مىنى يېڭەلەيمەن دەپ قالدىڭمۇ؟ئەركىشى بولغىنىڭ ئۈچۈنلا مىنى يەڭەلەمتىڭ،سىنىڭ پەقەت ئۇسقىنىڭلا ئەركىشى قابىل،قارا كۈچۈڭ بىلەن سۇنۇق غورۇرۇڭدىن باشقا نىمەڭ بار؟سەندەك ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئىنجىمارۇق ئەرگە تېتىغۇچىلىكىم بار مىنىڭ،ساقچى چاقىرىشتىن ئاۋۋال چىرايلىقچە ئۆيۈمدىن چىقىپ كەت،بولمىسا،بۈگۈن ساڭا  قىلچىلىك يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن، ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى مېھرى-مۇھەببەت ۋە يۈز-خاتىرىنىمۇ ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۆلتۈرىۋەتتىڭ قابىل، ئەمدى ساڭا بولغان قەرزدارلىق تۇيغۇلۇرۇمنىمۇ قەلبىمدىن چىقرىپ تاشلاپ،قارا يەرگە كۆمۈۋەتتىم.

- ۋاي-ۋۇي، پاھ-پۇھ، كىمدۇ بۇ، -قابىل شۇنداق دەپلا شەمسىيەنىڭ قولىدىكى تىلفونىنى تارتىپ ئېلىپلا دەسسەپ چېقىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ گېلىدىن كاپلا قىلىپ بوغدى،-مۇشۇنچىلىك ھالىڭغىما شەمسىيە، سەن ھەرقانچە نوچى بولۇپ كەتسەڭمۇ، بەرىبىر خوتۇنكىشى، ماڭا تەڭ كىلەلەيمەن دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ تېخى،  سەتلەشمەيلى، چىرايلىقچە گۇلنىسانىڭ ئورنىنى تاپشۇر-

-، ئاپامنى  قويۇۋەت –

- ئاپامنى قويۇۋەت ۋۇ ھايۋان -بارخان بىلەن لالە شەمسىيەگە قوشۇلۇپ قابىلغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى، لالە چاققانلىق قىلىپ،بېرىپلا ئىشىكنى ئېچىۋەتتى.

- ئەمدى قىلە نوچىلىقنى – ئەسلىدە لالە قابىل كىلىپ، جىدەل چىقىرۋاتقاندىلا، ئاللىبۇرۇن ئەنۋەرگە تىلفون ئۇرىۋەتكەن بولۇپ،ئەنۋەر تىلفوننى قوبۇل قىلىپلا، ئالدىرپ ماشنا ھەيدەپ شەمسىيەنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا قابىلنىڭ ئىككى قولىدىن قايرىپلا، ئولتۇرغۇزۇپ قويدى-ئايال كىشىگە نوچىلىق قىلغان قوللىرىڭنى سۇندۇرىۋىتەيمۇ؟ سەن كىمتىڭ، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىلىپ، پاراكەندە قىلىدىغانغا –

-سەن كىم؟ نىمىشقا ئۈسۈپ كىرىپلا ماڭا ھۇجۇم قىلىسەن، قولۇمنى قويۇۋەت، ئۇ دىگەن مىنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنۇم،بۇ دىگەن بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، سىنىڭ ئارلىشىدىغان ھوقۇقۇڭ يوق-دىدى قابىل ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ كۆرەلمىگەچكە، قايرىلغان قولىنىڭ قاتتىق ئاغرىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ۋايجانلىغاچ.

-بۇرۇنقى خوتۇنۇم دەپ قوي،ھېلىغۇ بۇرۇنقى خوتۇنۇڭكەن ھازىرقى خوتۇنۇڭ بولغان ھالدىمۇ، ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىدىغانغا ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ يوق بىلىپ قوي، ھەقىقەتەن ئەسكىدىن قورقۇپ، يۇۋاشنى بوزەك قىلىمەن دەيدىغان نۇمۇسسىز ئوغرىكەنسەن، بۇرۇنقى خوتۇنۇڭ خەق بىلەن سورۇنمۇ-سورۇن ئولتۇرۇپ،پۇل-بايلىق ئۈچۈن تىنىنى سېتىپ يۈرگەنلىرىدە،مىت قىلماي يۈزۈڭنى قېلىن قىلىپ يۈرەتتىڭ،ئەجەپ ھۆرمىتىڭنى قىلىپ، ۋاي قابىل دەپ قويغىنىغا ھەددىڭدىن ئېشىپ ئۇرۇپ كىتىپسىنا نۇمۇس قىلماي-

- سەن كىم، مىنى سوتلايدىغانغا كىمتىڭ سەن، 

- مەن دىگەن ساقچى، دەل سەندەك ئادەملەرنىڭ نوقۇلىسىنى تارتىدىغان ئادەم، قانداق ئەمدى دەيدىغان باشقا سۆزۈڭ بارمۇ؟

-يامانكەنسەن شەمسىيە،ئاجراشماي تۇرۇپ، ساقچىنىمۇ ئاشنا تۇتۇپ ئۆزۈڭگە قارىتىپ بوپسەن، خانقىزنىڭ دىگەنلىرى راسكەن،سەن بەك پەسكەش ئايالكەنسەن –

- ئېغىزىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى قارا بۇ ھايۋاننىڭ، ئىشىنەمسەن، ئەگەر ساقچى بولمىغان بولسام، ھازىرلا ئېغىزى-بۇرنىڭنى تۈزلىۋەتكەن بولاتتىم سىنىڭ،ھېلىھەممۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ،زوراۋانلىق قىلغىنىڭ ئۈچۈنلا نىمە قىلىۋەتسەممۇ ھېچقانداق سورىقى كەلمەيدۇ بىلىپ قال،مەن سىنى توپ ئىتىپ،تىپىپ قاتلىۋىتىشتىن ئاۋال چىرايلىقچە ئۆزۈڭنى سوراپ، مەن بىلەن ماڭ -ئەنۋەر شۇنداق دەپ، قابىلنىڭ قولىغا كويزا سالدى-سىزمۇ مەن بىلەن بىللە مېڭىڭ شەمسىيە،سىزنىڭ گۇۋاھلىقىڭىز لازىم، بۇ ئەبلەخ بۈگۈن قىلغانلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ-

-مىنى قويۇۋىتىش،مەن خانقىزنى قۇتقازمىسام بولمايدۇ، مەن ئايالىمنى قۇتۇلدۇرىمەن، مىنى قويۇۋىتىش -قابىل شۇ ھالدىمۇ، يەنە قەدىرلىكى خانقىز ئۈچۈن، قەھرىمانلىق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتاتتى.

-پاھ-پاھ، ماۋۇ قەھرىمانلىقنى كۆرۈڭ،خاتىرجەم بول، بۇزۇق ئايالىڭنى چوقۇم قۇتقۇزىسەن، ئالدىرىماي تۇر-ئەنۋەر توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان  قابىلنى باسماداپ دىگەندەك مەجبۇرى ماشنىغا چىقىرىپ،كويزىلىغاندىن كىيىن، شەمسىيەنى ياندىكى ئورۇندۇققا چىقىرىپ ئېلىپ ماڭدى.

-كاللاڭ ئىشلەمدۇ سىنىڭ؟تۇرغۇن مۇدىر دىگەن كىم،ئۇ شۇنچە چوڭ يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ باش مۇدىر تۇرسا،ئۇنىڭغا ئىناۋەت ئەلۋەتتە قاندىنمۇ مۇھىم،شۇنداق تۇرۇپ،ئۇ قانداقمۇ،سىنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئەرزىمەس جېنىنى دەپ،ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى بەربات قىلغۇدەك،ناۋادا ئۇ راستىنلا ساڭا تەھدىت سېلىش تىلفونى ئۇرغان بولسا،ئايالىڭنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەل ساقچىغا مەلۇم قىلىش،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ئايالىڭغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيلا قالماي،يەنە ئۆزلىكىدىن ئۇنى قويۇۋىتىدۇ-ئەنۋەر قابىلنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن كيىىن ئىشلاردىن بىرەرقۇر خەۋەر تېپىپ،ئۇنىڭ ئاخماقلىقىغا چېچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى،دىمىسىمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى،ئەگەر ھەقىقەتەن خانقىز ئۇ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھالدىمۇ،قابىل ساقچىغا مەلۇم قىلسىلا،تۇرۇغۇن مۇدىر چوقۇم ئاقىۋەتتىن ئەنسىرەپ،زىيان-زەخمەتسىز ھالدا ئادەمنى قويۇۋىتەتتى.

-ھۆرمەتلىك تۇرغۇن مۇدىر ئەپەندىم،يېرىم كىچىدىن  ئاشقاندا سىزنى ئاۋارە قىلدۇق،باياتىن بىرەيلەننىڭ،ئايالىمنى تۇتقۇن قىلۋالدى دەپ ئۈستىڭىزدىن قىلغان شىكايىتىنى تاپشۇرىۋالدۇق،شۇڭا سىزدىن مۇشۇ توغرىسىدا ئىگىلەيدىغان ئىشلار بار ئىدى- ئەنۋەر قابىلنى خاتىرجەم قىلغاندىن كىيىن،تۇرغۇن مۇدىرغا تىلفون ئۇلىدى.

- يەنە نىمە تۇتقۇن قىلىش دىلوسىكەن ئۇ،ئەجەپ مەن بىلەن قېرىشىپلا قالدىڭلارغۇ؟ئەمدى خوتۇنىنى تاپالمىغانلارمۇ تۇرغۇن مۇدىر تۇتقۇن قىلىۋالدى دەپ ئىزدىگىنى تۇرسا،مەن بۇنىڭدىن كىيىن،يىشىل شەھەردە يەنە ياشامدىم ياقمۇ؟-تۇرغۇن مۇدىر خانقىز بىلەن ئىشلىرىنى تۈگىتىپ،ئىرماش،چىرماش بولۇپ،كۆزلىرى ئۇيقۇغا يامىشىپ تۇرىشىغا كەلگەن تىلفوننى ئېلىپلا،دەماللىق خانقىزنى تۇتقۇن قىلغىنى ئىسىدە يوق چېچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى.

- مۇدىر ئەپەندى،ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ،يېرىم كىچىدىن ئاشقان چاغدا،تىلفون ئۇرۇپ،سىزنى مالال قىلغۇمىز يوق،ئەمما دەرت ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ،دىلونى پاش قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز،شۇڭا سىزنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇربىز،قابىل ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئەرز ئېيتىپ كىلىشىچە،ئۇ ئايالى خانقىزنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىق توغرىسىدىكى بىر تەھدىت تىلفونىنى تاپشۇرىۋاپتۇدەك، تىلفون ئۇرغان كىشىنىڭ تەلىپى،ئايالىڭىز گۇلنسا خانىمنىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلىشكەن-

-ئايالىمنىڭ ئورنىنى سوراپ تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلغۇچىنى مەن دەپ گۇمانلانساڭلار قانداق بولىدۇ،مەن سىلەرگە بىرەر قېتىم،ئايالىمنى يۈتۈپ كەتتى،ئۇنى تېپىپ بىرىڭلار دەپ بارمىغاندىمەن،ئايالىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن،بالنىستتىن چىقىپ،ھازىر ئوغلۇم ئىبراھىم بىلەن سىرتتا ئارام ئېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى مەن ئۇ قابىل دىگەندىن سورىمىساممۇ ئوبدان بىلىمەن،سورايدىغان باشقا سوئالىڭلار بولمىسا،ئەمىسە مەن تىلفوننى قويۇۋەتتىم خەير-خوش -تۇرغۇن مۇدىر مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،ئەنۋەرنى ئېغىز ئاچۇرمايلا تىلفوننى قويۇۋەتتى.

-قېنى تىلفون قىلساقلا ئادەمنى  قويۇپ بىرىدۇ دىمىگەنمىدىڭىز، ئۇ ئادەم خانقىز دىگەن ئايالنى مەن كۆرمىدىم دەۋاتسا،ئەمدى خانقىزغا بىر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىمەن-قابىل ھە دىگەندىلا ئەنۋەر تىلفوننى قويۇۋەتمەي تۇرۇپ قاخشاشنى باشلىۋەتتى.

- ئالدىرىماي تۇرمامسەن ئۆپكىسى يوق،ئەتىگىچە ئايالىڭ چوقۇم ئۆز ئايىغى بىلەن مېڭىپ كىلىدۇ، باياتىن ساڭا تەھدىت سېلىپ ئۇرغان نومۇر قايسى –

- مانا ماۋۇ شۇ، ئۈستىدىن سانىغاندا ئىككىنچىسى-

- ۋەي، بۇ گوڭئەن ئىدارىسى، سىز باياتىن مۇشۇ نومۇرنىڭ ئىگىسىگە ئايالىڭنى تۇتقۇن قىلۋالدىم دىگەن مەزمۇندا تىلفون ئۇرۇپتىكەنسىز، بىز ئىزدەپ بارامدۇق، ياكى ئۆزىڭىز ئايىغىڭىز بىلەن مېڭىپ كىلەمسىز؟ -

- ياق، مەن  ھېچكىمگە ئۇنداق  دەپ تىلفون ئۇرمىدۇم،مۇشۇ نومۇرغا تىلفون ئۇرغىنىم راس، ئەمما خاتا ئۇرۇپ قاپتىكەنمەن، شۇڭا خاتا ئورۇپتىمەن دەپ چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ تىلفوننى قويۇۋەتكەن ئىدىم-

-يالغان سۆزلىمىگىنىڭىزنى جەزىملەشتۈرەمسىز؟

-جەزىملەشتۈرىمەن-

-ئۇنداقتا بىر سائەتكىچە خانقىز خانىمنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنداق بولمايدىكەن، سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى ئېنىقلاپ چىقىپ، دىلو تۇرغۇزۇپ تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز –

- ئۇ خانقىزنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ،سىز بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتتىڭىز -قابىل ئەنۋەر يەنە بىر قېتىملىق تىلفوننى قويۇۋەتكەندىن كىيىن، ئوخشاشلا چىچاڭشىپ كەتتى.

-ھاياجانلانماي ساقلاپ تۇر، يىشىل بۆك ئەپەندىم، ئايالىڭ ئۇزۇنغا قالمايلا ساڭا تىلفون ئۇرىدۇ.

- ۋەي، ھەي قابىل دىگەن ئەقلى يوق ساراڭ، بىردەم يوقاپ كەتسەم، نىمە ساقچىخانىمۇ ساقچىخانا بېرىپ، سازايى قىلىپ يۈردۈڭ، مەن سىنىڭ بىر نىمەڭتىم،يوقاپ كەتسەم ئىزدەپ يۈرىدىغانغا، غىتىڭنى غىت قىسساڭ بوممامدۇ دەيمەن،مىنى تاپالمىغىنىڭ ئۈچۈن، قەستەن يالغاننى توقۇپ، ئەرز قىلىپ بېرىپ تاپالايمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭ دىگىنە،گاھ خالىسام، دىبادا ئوينايمەن، گاھ خالىسام جۇبادا،گاھ خالىسام،مۇدىر بىلەن ئوينايمەن، گاھ خالىسام دوختۇر بىلەن، سىنىڭ مەن بىلەن بىر ئىگىس ئاچىلىق مۇناسىۋىتىڭ بولمىغاندىكىن، غىتىڭنى قىسىپ يۈر، ماڭا ئارلاشماي، بىلدىڭمۇ، لىڭتاسما -دىگەندەكلا ئارىدىن يېرىم سائەتمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ، خانقىز قابىلغا قايتۇرۇپ تىلفون ئۇرۇپ، ئۇنىڭ سەن نەدە، قانداقراق دەپ سورىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمەستىن، ئېغىزىدىن پوق-سۈيدۈك ئاققۇزۇپ تىللاپ بولۇپلا تىلفوننى قويۇۋەتتى.

بىچارە قابىل، شەمسىيە بىلەن ئەنۋەرنىڭ ئالدىدىلا رەسۋا بولغىنىدىن نۇمۇس قىلىپ، ئاسمانغا چىقىپ كىتەي دىسە، ئاسمان ئىگىز زىمىنغا كىرىپ كىتەي دىسە يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ، نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي داڭ قاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى.

- يەنە دەيدىغان باشقا گىپىڭ بارمۇ؟ -دىدى ئەنۋەر قابىلنىڭ زۇۋانىنىڭ بىراقلا تۇتۇلغانلىقىغا قاراپ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ.

- يوق، پەقەت شەمسىيەنىڭ مىنى كەچۈرىۋىتىشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن -دىدى قابىل ئىنتايىن بوش ئاۋازدا يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

- كەچۈرىۋىتىش،كۆڭلۈڭدە سىنىڭ قىلمىشلىرىڭنى يەنە كەچۈرىۋەتكىنى بولىدىكەندە، يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا باشقىلار ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىشىڭنىڭ ئۆزىلا سىنىڭ نەچچە يىل يېتىپ چىقىشىڭغا يىتىپ ئاشىدۇ، بۇنىڭغا،ئۇنى ئۇرغان، بالىلارنى قورقۇتۇپ تەھدىت سالغان زوراۋانلىقلىرىڭ قوشۇلغا، زادى قانداق ئاقىۋەتكە قالارسەن، ئەمدى كىىچكتىڭ قابىل، ھەممىنى ئۆزۈڭنىڭ دۆتلۈكۈڭ، ۋە كۆڭلۈڭنىڭ پەسلىكىڭدىن كۆر، جىنايەت نەق مەيدانىدا تۇتۇلدۇڭ،ئەتىگىچە دىلو تۇرغۇزۇپ،ئېنىقلاپ بولغاندىن كىيىن، تەپتىش تەرەپنىڭ تەھقىقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز، ساڭا يۈز خاتىرە قىلىشنىڭ قىلچىلىك ئورنى قالمىدى-

-ئۇنداق قىلماڭلار، مىنىڭ ئۇششاق باللىرىم بار،مەن يوق بولۇپ قالسام ئۇلارغا قارايدىغان ئادەم يوق، مەن ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىمىسمۇ، باللىرىمغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن-

- جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق شۇئار توۋلايدۇ، ياشانغان ئانام  بار، باللىرىم ئۇششاق دىيىشىپ، نىمىشقا جىنايەت ئۆتكۈزىشتىن ئاۋۋال باللىرىنىڭ ئۇششاقلىقى ۋە ياشانغان ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ، كىچىكتىڭ قابىل، ئەسلىدە شۇلارنى بالدۇرراق ئويلۇشۇڭ كىرەك ئىدى-ئەنۋەر شۇنداق دەپ، شەمسىيەگە قانداق دىدىم دىگەندەك نەزەردە قاراپ قويدى.

- گەپ قىلىڭچۇ شەمسىيە، سىز ئايسىماغا ھەم باللىرىمغا بەك ئامىراق ئىدىڭىزغۇ؟ سىز ئوبدان بىلىسىز، ئەگەر مەن بولمىسام،خانقىزنىڭ باللىرىم بىلەن قەتئىي كارى بولمايدۇ، ئۇلار ھەقىقى تىرىك يىتىمغا ئايلىنىپ قالىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي، باللىرىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىڭ، مەن خانقىزنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا قايمۇقۇپتىمەن،مەن نىمە بولسام مەيلى،ئەمما باللىرىمغا ئۇۋۋال بولۇپ قالىدۇ-قابىل توغرا دەۋاتاتتى، ئۇ ئۆزىگە كىلىدىغان جازادىن ئەمەس، باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرەۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەندىشىسىدە ئەلۋەتتە باللىرىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەمما ئەك ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا خانقىز ئىدى، ئۇ خانقىزنىڭ ئۆزىگە نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى يۈزتۇرانە سوراپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا ئۇ شۇ پەيتلەردىمۇ، خانقىزنىڭ ئامالسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تىللىغانلىقىدەك باھانىلەر بىلەن ئۇنى ئاقلاپ،شەمسىيەدىن  ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاش  ئۈچۈن پۇرسەت تەلەپ قىلىپ يېلىنىۋاتاتتى.

- سىزگە ھەيرانمەن قابىل،ھەرقانچە سەۋدا، مەجنۇن، ئاشىق بولسىڭىزمۇ، ئازىراق بولسىمۇ غورۇرىڭىزنى ساقلاپ قالمامسىز؟ غورۇرىڭىز بىلەن سۆيمىگەن سۆيگۈڭىزدە، قەدىر-قىممىتىڭىز، ئىززەت-ھۆرمىتىڭىز نىمە قىلسۇن؟ باللىرىڭىزنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىكەنسىزيۇ، يەنە نىمىشقا ئۇلارنىڭ خانقىز دىگەن ئالۋاستنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دىققەي قىلمايسىز؟ ئەجەبا سىزنى، ھەتتا باللىرىڭىزنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان ئاشۇ ئايال، سىزنىڭ شۇنچىۋالا قوغداپ كىتىشىڭىزگە ئەرزىمدۇ،مەن باياتىن سىزگە دىمىگەنمىدىم، ئۇ ئايال ئۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ،ئۇ تۇرغۇن بىلەن بىرلىشىپ سىزنى ئالداۋاتىدۇ دەپ،قارىڭە، ئۇ  ئېلىۋەتكەن تىرنىقىچىلىكمۇ كۆرمەي، سىزدىن بىردەمدە يۈز ئۆرۈپ بولدى، بىلسىڭىز، ئۇنىڭ سىزنى قىلچىلىك كۆزگە ئىلىپمۇ قويماي، خەقنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، مال-دۇنيا ئۈچۈن بۇزۇقچىلىك قىلىپ يۈرىشىگە، پۈتۈنلەي سىزنىڭ مۇشۇ كالۋالىقىڭىز ھەم غورۇرسىزلارچە ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى ئاتىۋىتىشىڭىز سەۋەبچى -شەمسىيە سۆزلىگەنچە قابىل ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، خوتۇن كىشىدەك ئىسەدەپ يىغلاپ بۇرۇن-باشلىرى چۇۋۇلۇپلا كەتتى.


 

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章