دىللاردا سەنەم 106-قىسىم

文摘   2025-01-06 21:22   新疆  


  
 aziza  
 
دىللاردا سەنەم 

(رومان)

 ئاپتورى : ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
 دىللاردا سەنەم 1-قىسىم
دىللاردا سەنەم 2-قىسىم
دىللاردا سەنەم 3-قىسىم
دىللاردا سەنەم 4-قىسىم
دىللاردا سەنەم 5-قىسىم
دىللاردا سەنەم 6-قىسىم
دىللاردا سەنەم 7-قىسىم
دىللاردا سەنەم 8-قىسىم
دىللاردا سەنەم 9-قىسىم
دىللاردا سەنەم 10-قىسىم
دىللاردا سەنەم 11-قىسىم
دىللاردا سەنەم 12-قىسىم
دىللاردا سەنەم 13-قىسىم
دىللاردا سەنەم 14-قىسىم
دىللاردا سەنەم 15-قىسىم
دىللاردا سەنەم 16-قىسىم
دىللاردا سەنەم 17-قىسىم
دىللاردا سەنەم 18-قىسىم
دىللاردا سەنەم 19-قىسىم
دىللاردا سەنەم 20-قىسىم
دىللاردا سەنەم 21-قىسىم
دىللاردا سەنەم 22-قىسىم
دىللاردا سەنەم 23-قىسىم
دىللاردا سەنەم 24-قىسىم
دىللاردا سەنەم 25-قىسىم
دىللاردا سەنەم 26-قىسىم
دىللاردا سەنەم 27-قىسىم
دىللاردا سەنەم 28-قىسىم
دىللاردا سەنەم 29-قىسىم
دىللاردا سەنەم 30-قىسىم
دىللاردا سەنەم 31-قىسىم
دىللاردا سەنەم 32-قىسىم
دىللاردا سەنەم 33-قىسىم
دىللاردا سەنەم 34-قىسىم
دىللاردا سەنەم 35-قىسىم
دىللاردا سەنەم 36-قىسىم
دىللاردا سەنەم 37-قىسىم
دىللاردا سەنەم 38-قىسىم
دىللاردا سەنەم 39-قىسىم
دىللاردا سەنەم 40-قىسىم
دىللاردا سەنەم 41-قىسىم
دىللاردا سەنەم 42-قىسىم
دىللاردا سەنەم 43-قىسىم
دىللاردا سەنەم 44-قىسىم
دىللاردا سەنەم 45-قىسىم
دىللاردا سەنەم 46-47-قىسىم
دىللاردا سەنەم 48-قىسىم
دىللاردا سەنەم 49-قىسىم
دىللاردا سەنەم 50-قىسىم
دىللاردا سەنەم 51-قىسىم
دىللاردا سەنەم 52-قىسىم
دىللاردا سەنەم 53-قىسىم
دىللاردا سەنەم 54-قىسىم
دىللاردا سەنەم 55-قىسىم
دىللاردا سەنەم 56-قىسىم
دىللاردا سەنەم 57-قىسىم
دىللاردا سەنەم 58-قىسىم
دىللاردا سەنەم 59-قىسىم
دىللاردا سەنەم 60-قىسىم
دىللاردا سەنەم 61-قىسىم
دىللاردا سەنەم 62-قىسىم
دىللاردا سەنەم 63-قىسىم
دىللاردا سەنەم 64-قىسىم
دىللاردا سەنەم 65-قىسىم
دىللاردا سەنەم 66-قىسىم
دىللاردا سەنەم 67-قىسىم
دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 69-قىسىم
دىللاردا سەنەم 70-قىسىم
دىللاردا سەنەم 71-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 72-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 73-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 74-قىسىم
دىللاردا سەنەم 75-قىسىم
دىللاردا سەنەم 76-قىسىم
دىللاردا سەنەم 77-قىسىم
دىللاردا سەنەم 78-قىسىم
دىللاردا سەنەم 79-قىسىم
دىللاردا سەنەم 80-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 81-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 83-قىسىم
دىللاردا سەنەم 84-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 85-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 86-قىسىم
دىللاردا سەنەم 87-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 88-قىسىم
دىللاردا سەنەم 89-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 91-قىسىم
دىللاردا سەنەم 92-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 93-قىسىم
دىللاردا سەنەم 94-قىسىم
دىللاردا سەنەم 95-قىسىم
دىللاردا سەنەم 96-قىسىم
دىللاردا سەنەم 97-قىسىم
دىللاردا سەنەم 98-قىسىم
دىللاردا سەنەم 99-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 100-قىسىم
دىللاردا سەنەم 101-قىسىم
دىللاردا سەنەم 102-قىسىم
دىللاردا سەنەم 103-قىسىم
دىللاردا سەنەم 104-قىسىم
           

 

ئاۋۇت باي قەسرىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنى يولغا سېلىپ قويۇپ يېرىم كۈندىن كېيىنلا مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۆزىنىڭ قەسرىگە كېلىپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەيدۇللا باي يېقىمسىز تولغاندى. راست گەپنى قىلغاندا ئۇنىڭ ھازىرچە بالىلىرىنى ئۆز ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتى يوق ئىدى، ھەم ھازىرچە بۇنداق بولۇشىنى پەقەتلا خالىمايتتى. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن قەسىرگە كېلىپ بولغاندا «سەن نېمە دەپ كەلدىڭ؟ بۇ يەردىن كەت!» دەپ قوغلىۋەتكىلى بولمىغاندىكىن، «بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولسا قايتىپ كېتەر...» دېگەننى ئويلاپ بەك ئارتۇقچە كىرىشىۋېلىشنىمۇ توغرا كۆرمىدى. ئەمما ئۇنىڭ يەنە بالىلارغا گەپ ئۆگىتىپ قايسىدۇر ئىشلارنى بۇزۇپ قالايمىقانچىلىق تېرىپ يۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، سىرتقا چىقىدىغان ئىشلىرىنى قىلماي قەسىردە تۇرۇپ، ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە كۆز- قۇلاق بولۇپ، شۇ ئۆيگە پات- پات كىرىپ چىقىپ، بالىلاردىن ئەھۋال سوراپ تۇردى. شۇنداق قىلسا مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۆزىدىن ئازراق تەپ تارتىپ بولسىمۇ بالىلارغا قالايمىقان گەپ ئۆگىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى ئۇ. لېكىن بۇ قېتىم ئۇ بالىلارغا ئىش ئۆگەتمەكتە يوق، ئاران تەستە بىر قېتىم كۆرۈشكەن ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتقان بالىلار قۇشقاچتەك ۋىچىرلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇ بۇ ئۆيدىن كەتكەندىن ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى بىر باشتىن سۆزلەپ كېلىپ، دادىسىنىڭ «شەرۋانەمگە ئۆيلىنەتتىم» دەپ مومىسىنىڭ يېنىغا كىرگەنلىكىنى، مومىسىنىڭ بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ قاتتىق ئاچچىقلاپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغىسى ئىمىنتوختى باينىڭمۇ مېيىپ ئوغلىنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ «شۇ بالىغا شەرۋانەمنى ئېلىپ بەرسەم بولاتتى» دەپ تۇرىۋالغانلىقىنى، شۇ قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن ھازىر بۇ ئۆيدە ئېغىر كۆڭۈلسىزلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بالىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مېھرىيار خېنىم بىرياقتىن بۇ ئىشلارغا ھەيران قالسا، يەنە بىرياقتىن غەزەبتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ، بۇ ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتالمايلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا سەيدۇللا باي ئۆيلىنىپ يېڭى ئاغىچا ئالغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز بىر دېدەككە ئۆيلەنمەسلىكى، بولۇپمۇ «ئايسەنەم ئاچامنىڭ ئۆز ئانىسى ئاشۇكەن» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا  ئېلىپ، ئايسەنەم خېنىمغا بۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولۇۋېلىشقا داغدام يول ئېچىپ بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەگەر سەيدۇللا باي ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئۆز ئانىسىغا ئۆيلەنمىسە، ئۇ ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ ئايسەنەم بىلەن ھېچقانداق قانداشلىقى بولمىسا، ھەتتا ئۇنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغان، قىلچە ياقتۇرمايدىغان بىرى بولۇپ چىقسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ناۋادا شۇنىڭغا ئىمكان بولسا سەيدۇللا باي باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلماي، مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىپ قالسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...

شۇ خىياللار بىلەن ئىچىدە مۆڭرەپ كېتىۋاتقان قۇرت- قوڭغۇزلىرىنى بېسىقتۇرۇپ بولالماي ئىچى سىقىلىپ كېتىۋاتقان مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بالىلىرىنىڭ چۇۋۇرلاشلىرى قۇلىقىغا كىرمىگەن ھالدا ئۆزى بىلەن ئۆزى كېڭىشىپ خېلى ئۇزۇن خىيال سۈرىۋالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ:

-بالىلىرىم، مېنىڭ بۇ ئۆيدە قېلىشىمنى، سىلەرگە ھەمراھ بولۇشۇمنى خالامسىلەر؟- دەپ سورىدى.

يېشىغا توشۇپ خېلى ئەقلىنى بىلىپ قالغان بۇ بالىلار ئانىسىنىڭ ئەمدى بۇ ئۆيدە قالالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ھەمراھ بولغۇسى بولسىمۇ پەقەت كېلىپ كۆرۈشۈپلا كېتەلەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن مېھرىيار خېنىمنىڭ ئىچىدە ھەريان قاتراۋاتقان ھىيلە- مىكىرلىرىنى قىلچە بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران بولۇشۇپ بىر- بىرىگە بېقىشىپ تۇرغىنىدا، ئۇ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

-بۈگۈندىن باشلاپ دادامنىڭ ئۆيىگە كەتمەي مۇشۇ يەردە، يېنىڭلاردا قالىمەن، سىلەرگە ھەمراھ بولىمەن، بىللە تاماق يەيمىز، بىللە ئۇخلايمىز، مۇڭدىشىمىز، قانداق، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟- دېدى.

شۇنداق قىلسا بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى بالىلار ئەلۋەتتە بىلمەيتتى. لېكىن ئانىسىنىڭ بۇ ئۆيدە قالسا چوقۇم جەڭگى- جېدەل ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پېتىشمايدىغانلىقىنى، مومىسىنىڭ ئانىسىنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇ سەۋەب يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان جېدەللەرنى مۆلچەرلەپ ھەممە بالىلارنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى. ئەمما ئۇلار ئۆز بالىسى بولغانلىقتىن ئانىسىنى «كەتسىڭىز بولاتتى» دەپمۇ قوغلىيالمايتتى.


(149)


سەيدۇللا باي ئەتىسى ئەتىگەندىمۇ، چۈشتىمۇ مېھرىيار خېنىمنىڭ ئاۋۇت باي قەسرىگە كەتمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن ئۆزىنى بېسىۋالالمايلا قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدىكى، ئەگەر ئۇ كەتمەي بۇ ئۆيدە داۋاملىق تۇرىۋەرسە شۇ كۈندىن باشلاپ بالىلارنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىشكە، ھېلى ئايسەنەم خېنىم بىلەن، ھېلى مومىسى بىلەن، ھېلى خىزمەتكارلار بىلەن چىقىشالماي جېدەل ئويناشقا باشلايتتى. بۇ ئەلۋەتتە مېھرىيار خېنىمنىڭ بالىلارغا ئىش ئۆگەتكەنلىكى، ئۇلارنى گەپدان، تۈرگۈن، يامان بولۇشقا، ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ھېچكىمگە يۈز- خاتىرە قىلماسلىققا، خىزمەتكارلانى توختىماي ئىشقا بۇيرۇپ تۇرۇشقا، ئايسەنەم خېنىم بىلەن مومىسىدىن قورقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۇلارغىمۇ قاش- قاپىقىنىڭ بېزىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ھەمدە توختىماي قوللاپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولاتتى. ئەسلىدىمۇ ياشلىقىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقان، كىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى تۈزۈك بىلىپ كەتمەيدىغان بۇ بالىلار ئانىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭ ھەممە گېپىگە ئىشىنىپ قالاتتى- دە، ئۆزئارا زىددىيەت، ئاداۋەتلەرنى بولۇشىغا تېرىپ، كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئېتەك- ئېتەكلەپ ئۇسىۋالاتتى. ئەگەر سەيدۇللا باي ئۇلارنى يەنە رايىغا قويۇپ بەرسە ئاز كۈندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى جېدەللەرنى ئايرىپ، كۆڭۈل ياساپ تەسەللىي بېرىشكە ئاتايىن ۋاقىت ئاجراتمىسا يەنە بولمايتتى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئەگەر ئۇلار مۇشۇ خىل مىجەزدە چوڭ بولىدىغانلا بولسا ئەتە- ئۆگۈنگىچە خەقكە «ماۋۇ قىزىمنى سىزگە بەرسەم مەيلى، ماۋۇ ئوغلۇمغا قىزىڭىزنى ئېلىپ بېرەي...» دېگەن گەپنى قىلالماي يۈزى سۆرۈن بولۇپ قالاتتى. بۇ ئىشلار بالىلارنىڭ ياخشى لايىقلارنى تېپىپ، ياخشى ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ، ياخشى كېلىن ئەكىرىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن تەقدىردىمۇ، تويدىن كېيىن جۆرىسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلىشى، ئائىلىسىنى مۇكەممەل ئېلىپ ماڭالىشى يەنە تەس ئىدى.

ھەممە ئىشنى شۇ يەرلەرگىچە ئويلاپ كەڭتاشا تەھلىل قىلغان سەيدۇللا باي ئاخىرى مېھرىيار خېنىمنى ئاۋۇت باي قەسرىگە كەتكۈزىۋەتمىسە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئىشتا ياردەم سوراپ ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىردى. بۇ چاغدا سائادەت خېنىممۇ مېھرىيار خېنىمنىڭ كەتكىلى ئۇنىماي تۇرىۋالغانلىقىدىن بىر شۇملۇقنى سېزىپ كۆڭلى پاراكەندە تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خىزمەتكار چىقارتىپ مېھرىيار خېنىمنى ئالدىغا چاقىرتىپ كىردى. قارىسا شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى كۆرۈشمىگەن بۇ سابىق كېلىنىگە خېلىلا ھال كىرىپ قالغان بولۇپ، ھەتتا «سابىق قېيىنئانام ئىدى، زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن بۇرۇن خېلى ياخشى ئۆتكەن، ماڭا بىرمەزگىل ئانا بولغان» دەپ ئويلاپمۇ بولسا لايىقىدا بىر سالاممۇ قىلمايۋاتاتتى. بۇ ھۆرمەتسىزلىكتىن خېلىلا جۇدۇنى ئۆرلىگەن سائادەت خېنىم ئاۋۇت باي ۋە مېھرىزات ئاغىچا خېنىملارنىڭ ئەھۋالىنى سوراش نىيىتىدىنىمۇ يېنىپ، دوقۇسلىغاندەكلا قىلىپ ئۇنىڭغا:

-بۇ ئۇنداق چىرايىمىزنى يىلىم چاپلىشىپ قالغاندەك قىلىپ سەتلەشتۈرۈپ كىرىدىغان ئۆي ئەمەس ئىدى، «شۇنچە ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشمىگەندىكىن ئاز- تولا سېغىنغاندۇ، يادىغىمۇ يەتكەندىمەن، باغرىنى ئېچىپ كۈلۈپ، ئوچۇق- يورۇق سالام قىلىپ چىرايلىقچە كىرەمدىكىن» دەپ ئويلىۋېدىم ئۆزلىرىنى، «ھەركىم ئۆزىدە بارنى بېرىدۇ» دېگەن گەپنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتكەندەك بولدۇم مانا، بوپتۇ، ھېچقىسى يوق، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە سالام قەرزى ھەم يوق، شۇنداق بولغاندىكىن «گەپ يۈزدە ياخشى!» بولۇپ كەتسۇنمۇ مېھرىيار خېنىم؟- دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزىنى ھاقارەتلەنگەندەك ھېس قىلىۋالغان مېھرىيار خېنىم قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە قېيىنئانىسىغا ئازراق يېقىنلاپ:

-ئەپۇ قىلسىلا، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش نىيىتىم يوق ئىدى، بۇ ئۆيدە مەلۇم بىرەيلەننىڭ مېنىڭ ئورنۇمنى ئىگىلىۋېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەقلى- ھۇشۇم جايىدا قالمىدى، ئەسلى بۇ مەن كۆرۈشكە تېگىشلىك ئاقىۋەت ئەمەس ئىدى، ئوغۇللىرى بىلەن يارىشىپ ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالارمىز، بالىلىرىمىزنى بىر ئۆيدە بېقىپ قالارمىز دەپ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتسەم، سىلەردىن ھېچ سادا بولمىغاننىڭ ئۈستىگە مانا ئەمدى نەدىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان تېگى پەس يالاڭتۆشلەرنىڭ قىزى سەيدۇللا بايغا يېڭى ئاغىچا بولۇپ مېنىڭ بۇ ئۆيدىكى ئورنۇمنى ئىگىلەپ كېتىدىغاننىڭ شەپىسى بولىۋاتىدۇ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولماي قالارمىدى؟ شۇ سەۋەبتىن سالامنىمۇ ئۇنتۇپ مۇھىم گەپنى قىلاي دەپ ئالدىراپ قاپتىمەن...

-قېنى ئەمىسە دېسىلە، گەپلىرىنىڭ مۇھىمى نېمە ئىدى؟

كۈتۈلمىگەندە سائادەت خېنىم خۇددى ئاتايىن تەنە قىلغاندەك دوق ئارىلاش سوراق قويۇپ مېھرىيار خېنىمنىڭ گېپىنى تارتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن كېكەچلەپ قېلىپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمىگەن مېھرىيار خېنىم بىردە سابىق قېيىنئانىسىغا، بىردە چىرايلىق ياسالغان تىرناقلىرىغا قاراپ، گەپنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي دىلىغۇل بولۇپ قالدى. دەقىقە شۇ ھالدا تۇرىۋالغاندىن كېيىن دەررۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ:

-ئوغۇللىرى كىچىككىنە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاجرىشىمەن دېسە ئاجرىشىمەن دەپلا مېنى دادامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ بالىلارنى بۇ ئۆيدە ئېلىپ قېلىپ، ھەممىمىزنى سەرگەردان قىلىۋەتتى، ھېلىمۇ ئاز سورۇقچىلىق تارتمىدۇق، ئەمدى بولسىمۇ ئەقلىنى ئىشقا جۇرىغان بولسا ياخشى بولاتتى، سىلى ئانىسى بولغاندىكىن بىزنى ئەپلەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارىنى تۈگەتكەن بولسىلا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، مەن ھەم شۇنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئۆزلىرىگە دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ گەپ ئىدى، شۇڭا ئاتايىن دادامنىڭ قەسرىدىن كېلىپ، سەيدۇللا بايغا بۇ ھەقتە گەپ قىلالماي ئەيمىنىپ، شۇنداقلا قايتىپ كېتەي دېسەم تېخى كۆڭلۈم ئۇنىماي، تۆنۈگۈندىن بېرى بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالغىنىم ئىدى، بولسا كەتمىگەن بولسام، مۇشۇ كېلىشىمدىلا بۇ ئۆينىڭ ئاغىچا خېنىمى بولۇپ داۋاملىق مۇشۇ يەردە قالغان بولسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم... - دېدى.

-ئوھوي! گەپ دېگەن ئېغىزلىرىدىن يىپقا ماجان تىزغاندەك چىقىدىغان بولۇپ كېتىپتىغۇ مېھرىيار خېنىم! ئۇنتۇپ قالمىسىلا، سىلى ئەينى ۋاقىتتا جالداقلىرىنى چېلىپ، ھەممە ئىشنى تەتۈرسىگە ئۆرۈپلا ئىككىنچى ياراشمايدىغان بولۇپ كەتكەن بۇ ئۆيدىن، ئەمدى مۇنداق دەپ كېلىپ ئولتۇرىۋالسىلا ئىش قاملاشمايدۇ قارىسىلا، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قاراپ باقسىلا، ماۋۇ ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز سەيدۇللا باينىڭ يېڭى ئاغىچىسى بولىدۇ، پەقەت ئوتتۇرىدا بىر توي مۇراسىمىلا كەم، بۇنىمۇ پات يېقىندا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇ بالىلارنىڭ يېڭى ئانىسى، بۇ ئۆينىڭ يېڭى ئايال خوجايىنى بولىدۇ.

سائادەت خېنىمنىڭ تولىمۇ ئېنىق ئېيتىلغان بۇ گەپلىرى مېھرىيار  خېنىمنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ شۇ چاغدا دىققەت قىلدىكى، كاتتا قەسىرلەرنىڭ دۆلەتمەن ئاغىچىلىرىدەك ئېسىل ياسىنىۋالغان شەرۋانەم قۇلاقلىرىغا يەتكۈچە ئالتۇن جابدۇقلارنى تاقىغان ھالدا ناز- كەرەشمە بىلەن تۆردە قېتىپ ئولتۇراتتى... (89-باب تۈگىدى)


-90باب

يەكپاي كەشنىڭمۇ خېرىدارى بار


(150)


14 ياشلىق ئايمەمەت مەكتەپكە ئوقۇغىلى كەتكەن يېرىدىن بىمەھەل قايتىپ كېلىپ، دادىسىغا ئىنتايىن غەلىتە، ئاڭلىسا ھەم ئادەم خوش بولىدىغان، ھەم كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى.

ئايمەمەتنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈن دەرس ئارىلىقىدىكى ئارام مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوغلى نۇركامىل بايۋەتچە كارىدوردا تۇرۇپ پاراڭلىشىپ قاپتۇدەك. ئۇ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ پارىڭىنى ئەسلەپ بېرىۋېتىپ دادىسىغا مۇنداق دېدى:

-ئىلگىرى ئايسەنەم ئاچام بىلەن ئايچېھرە ئاچاممۇ شۇ ئادەمنىڭ قولىدا ئوقۇغانكەنغۇ؟ شۇ چاغلاردا نۇركامىل ئاكاممۇ ئىككى ئاچام بىلەن بىللە ئوقۇغانكەن ھەم ئۇ ئوغۇلنىڭ ئاشۇ چاغدىن باشلاپ ئايچېھرە ئاچامغا كۆڭلى باركەنمىش، لېكىن ئۇ چاغلاردا ئايچېھرە ئاچام 13 ياشتا بولغاچقا، تېخى توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەچكە، گەرچەن نۇركامىل ئاكام ئۆزىمۇ 16 ياشقا كىرىپ ئايچېھرە ئاچامدىن ئۈچ ياش چوڭ بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا بالا ھېسابلانغاچقا، بۇ كۆڭۈل ئىشى ھەم توي ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىغانىكەن، نۇركامىل ئاكام «ئايچېھرە توي قىلىش يېشىغا يەتكۈچە داۋاملىق ئوقۇپ تۇرسا، يېشىمىز توشقاندىن كېيىن ئەلچىلىك ھەققىدە چوڭلارغا ئېغىز ئاچسام...» دەپ ئويلاپ يۈرگەن بولسىمۇ بىر يىلدىن كېيىنلا ئاچام ئوقۇشتىن توختاپ قاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاچامنى ھېچ يەردە ئۇچراتماپتۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن سىرتتا «سەيدۇللا باينىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، ئىككىنچى قىزى ئايچېھرەنىڭ يۈزى كۆيۈپ قېلىپ چىرايى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كېتىپتىمىش» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بوپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن ئايچېھرە ئاچامنى كۆرۈپ كېلىشنى ئۆتۈنگەندە ئۇلار «ئوغۇل بالا دېگەن ئۇنداق ئىشقا ئۆزى بېرىپ يۈرسە سەت تۇرىدۇ، ساڭا ۋاكالىتەن بىز كۆرۈپ كېلەيلى» دېيىشىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالدۇرۇپ ئۆزلىرى ئاچامنى كۆرگىلى كەپتىمىش. ئاتا- ئانىسى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئاچامنى يوقلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاچامنىڭ قانداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئوغلىغا ئۆز ئەينى دەپ بېرىپتۇ، گەرچە ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن ئاچامغا بولغان مەيلى سۇسلىشىپ قالمىغانلىقتىن ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ، ئويلاپ تۇرۇپتىمىش. بىر يىلنىڭ ئالدىدا ھېيتلاپ كېتىش باھانىسى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ئاچام بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاچام ئۆيدىن تالاغا چىقمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەپتۇ.

       


aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章