ئاياللار ھىيلىسى 113-قىسىم

文摘   2025-01-08 20:54   新疆  



 aziza  
 
 ئاياللار ھىيلىسى 

(رومان)

 ئاپتورى :    تاھىرجان يۈسۈپ
ئاياللار  ھىيلىسى 1-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 2-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 3-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 4-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 5-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 6-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 7-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 8-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 9-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 10-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 11-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 12-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 13-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 14-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 15-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 16-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 17-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 18-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 19-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 20-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 21-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 22-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 23-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 24-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 25-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 26-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 27-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 28-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 29-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 30-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 31-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 32-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 33-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 34-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 35-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 36-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 37-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 38-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 39-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 40-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 41-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 42-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 43-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 44-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 45-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 46-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 47-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 48-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 49-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 50-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 51-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 52-53-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 54-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 55-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 56-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 57-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 58-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 59-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 60-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 61-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 62-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 63-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 64-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 65-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 66-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 67-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 68-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 69-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 70-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 71-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 72-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 73-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 74-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 75-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 76-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 77-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 78-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 79-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 80-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 81-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 82-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 83-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 84-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 85-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 86-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 87-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 88-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 89-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 90-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 91-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 92-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 93-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-95-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 96-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 97-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 98-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 99-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 100-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 101-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 102-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 103-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 104-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 105-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 106-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 107-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 108-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 109-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 110-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 111-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 112-قىسىم
   سالونىمىزدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ  ئۈندىدار: 2099928447     

 
 

    

 

  

ئۇ چوقۇم، شەمسىيە دىگەن خوتۇننىڭ دادىسىنىڭ شىركىتىگە باش دىرىكتور بولۇۋالغىنىغا چىدىماي كەلگەن گەپ،مەن بېشىدىلا گۇمانلانغانتىم زادى،شەمسىيە دىگەن بۇزۇقنى ھېلىقى قېرىغا بۇزۇلدىمىكىن دەپ،ئەگەر ئۇ شۇنىڭغا بۇزۇلمىغان بولسا قانداقسىگە بىر كېچىدىلا شۇنچە چوڭ گورۇھنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ قالاتتى،-خانقىز ئويلىغانسېرى ئەلقۇتنىڭ قايتىپ كىلىشىنىڭ سەۋەبىنى، شەمسىيەنىڭ ماكانىم گورۇھىنى يۈتۈۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەچكە،ھەم بۇ چوڭ گورۇھنىڭ بايۋەتچىسى بىلەن بىرلىشىپ، شەمسىيەنى ماكانىمدىن ھەيدىۋىتىش ھەم ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، چوڭ گورۇھنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋارىسىنىڭ خانىمىغا ئايلىنىش ئىستىكىدە بولۇپ،شىرىن چۈش كۆرۈۋاتاتتى،ـ ئۇنىڭ ئايالى بارمىدۇ؟ ئايالى بولسىمۇ نىمە كارىم؟ بارلىق كارامىتىمنى كۆرسىتىپ بىر كۈچەپ باقمايمەنمۇ؟ ئەينى چاغدا يالقۇننىمۇ شەمسىيەدىن تارتىۋالالىغان تۇرسام،بەلكىم ئازىراق تىرىشىپ باقسام، بۇ بايۋەتچىمۇ مىنىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنغۇ؟ بىراق ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقىلىشارمەن،ئۇنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپالايدىغاندىمەن؟ ئەگەر ئۇنى راسلا ئىندەككە كەلتۈرەلەپ قالسام، نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە! بۇنىڭدىن كىيىن ھېچنىمىدىن غەم قىلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمايتتى،كونىلار نىيتىڭ دۇرۇس بولسا ساڭا بىر ئىشىك ئىتىلسە، مىڭ ئىشىك ئېچىلۇر دىيىشىدىكەن،بەلكىم بۇ ماڭا كەلگەن تەلەيدۇ-ئاھ! قانخور قاتىللارمۇ ئۆزىنى مەن ياخشى ئىدىم، دەپ ئاقلايدىغان ھايات! خانقىزدەك رەزىل ئايالنىڭمۇ  ئايالنىڭمۇ  ئۆزىنى نېيتى دۇرۇس دەپ كىتىشلىرىنى كۆرمەمدىغان!

-ۋەي، خانقىز، سەن نەدە، ماۋۇ ئۆي ھەم بالىلار سىنىڭ كاللاڭدا بارمۇ يوقمۇ؟ -خانقىز شۇنداق شىرىن پىلانلارنى تۈزىۋاتقىنىدا،ساقچىخانىدىن قايتىپ چىققان   قابىلدىن كەلگەن تىلفون ئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرىنى قاپ بەلدىنلا ئۈزىۋەتتى.

- نەدە بولسام سىنىڭ نىمە كارىڭ؟ مىنىڭ نەدە بولۇشۇمنىڭ سەن بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟ تولا ئىچىمنى سىقمىساڭچۇ قابىل، مەن يا سىنىڭ ئەپ قويغان خوتۇنۇڭ بولمىسام، نىمە تولا مىنى باشقۇرىمەن دەپ تۇرىۋالىسەن! ئاجرىشىپ كەتكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ئەجەبا، بەك باشقۇرغۇڭ كىلىپ كەتكەن بولسا بېرىپ ئاۋۇ سۈيۈملۈك ئاشىقىڭ شەمسىيەكنى باشقۇرىۋال، تېخى قايسى كۈنى ۋاي ئۆلىمەن كۈيىمەن دەپ كەينىدە يۈرەتتىڭغۇ شۇنىڭ-خانقىز خىيالىدا ئاللىقاچان ئەلقۇتنىڭ خانىمىغا ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، ھېلىقى ئاتمىش پىڭفاڭلىق ئۆيگە ھاجىتى چۈشىدىغانلىقىنى تامام ئىسىدىن چىقىرىپ، قابىلنى قىلچىلىك ئاياپ ئولتۇرمىدى.

-ئۇنداق قىلما خانقىز، بۇنچە بىشەم بولۇۋالما، تېخى قايسى كۈنىلا پۇشايمان قىلدىم، باللىرىمنى بىللە باققۇم بار دەپ يالۋۇرىۋاتاتتىڭ، بۈگۈن يەنە نىمە بولدى ساڭا، مەن سىنى دەپ بىر كىچىنى ساقچىخانىدا ئۆتكۈزدۈم، ھالىڭ نىمە دەپ سورىماقتا يوق، يەنە ماڭا مۇشۇنداق ئازار بەرسەڭ بولامدۇ؟

- ئوش غوجام، قولۇڭدىن تۆتتال ئىشنى ئوڭشاپ قىلىش كەلمەيدۇ، شەمسىيەكنى ئېغىز ئاچۇرۇپ، ئىشۇ گۇلنىسا دىگەن خوتۇننىڭ نەدىلىكىنى ھازىرغىچە تاپالمىدىڭكى، ماڭا يەنە نىمە چوڭ سۆزلەپ ئەرلىكىڭنى پەش قىلىپ يۈرۈيسەن بۇيەردە -

- شۇ شەمسىيەنى ئېغىز ئاچۇرىمەن دەپ، ساقچىخانىغا كىرىپ قالدىم، كىچىدىن بۇيان شۇ يەردە تاڭ ئاتقۇزدۇم، ئەگەر شەمسىيە ئەرز قىلغان بولسا، نەچچە يىل يېتىپ چىققان بولاتتىم،ئاخشام سىنى تۇتقۇن قىلىۋالدۇق دىۋىدى، شۇ كىچىدە پالاقشىپ چىقىپ، شەمسىيەنىڭ ئۆيىگە باردم، ئاندىن ئاۋۇ پالاكەتچىلىكلەرگە ئۇچرىدۇم، ساڭا زادى نىمىش قىلىپ بەرسەم، ئاندىن رازى بولىسەن خانقىز؟ بۇنداق قىلما،ۋاقتى كەلگەندە پۇل -بايلىقنىڭ قولىدىن ھېچچىش كەلمەيدىكەن، مەن بىلەن بىللە يۇرتقا قايتىپ كەت، تىنىچ تىرىكچىلىكىمىزنى قىلىپ،باللىرىمىزنى باقايلى، نىمە جاپا بۇ، كۈندە دەككە -دۈككە ھەم ئەندىشە ئىچىدە ياشاپ-
- ئوش، ئاڭلاپ بەسەم، يەنە بىر سائەت قۇرۇق سۆزلەيدىغان ئوخشايسەن لامزەللە، سىنىڭچۇ، قولۇڭدىن ئىش كەلمىگەچكە،پۇلنىڭ قولىدىن ھېچچىش كەلمەيدۇ دەپ ئۆزۈڭنى ئالداپ ياشايسەن ئاشۇنداق، سەندە بارمۇ ئاشۇ پۇل؟  يوق بولغاندىكىن تاپالمىغاندىكىن، مەن نىمىش قىلسام، كارىڭ بولماي، سىڭگەن نېنىڭنى يەپ، ئۆيەڭگە چىرىپ ئەسنەپ ياتە ماڭا جۇغۇ-خانقىز شۇنداق دەپلا تىلفوننى قويۇۋەتتى،دىمەك  قابىلنىڭ يۈرەك سۆزلىرى خانقىزغا ئازىراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى، ئۇ شۇنىڭغا سەل قارىغان ئىدىكى، ئاتالمىش سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن،ئىنسان ھاياتى بولۇپمۇ بىر ئەرنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان غورۇرىنىمۇ دەپسەندە قىلىپ ياشىغىنى ئۈچۈن، ئۇ خانقىزغا نىسبەتەن قاچاندا خالىسى ھاجىتى چۈشكەندە ئىزدەيدىغان زاپاس چاققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، دىمەك ھېچقانداق بىر ئەرگە بىكا يېتىش ۋە تىرىشماسلىق ياراشمايدىكەن، ئەرنى ئايالنىڭ ئالدىدا خار قىلمايدىغىنى ئۇنىڭ غورۇرىنى تىكلەيدىغىنى پىشانىسىدىن ئاققان تەر ئارقىلىق تېپىشنى بىلىشى بولسا، ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغىنى مەيدانىنى ساقلاپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن سالاپىتىنى ساقلاشكەن، بىر ئەركىشىنىڭ پۇل تاپالماسلىقىدىكى سەۋەب قانداقتۇر ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭ كەلمەسلىكى ۋە پىشانىسىگە پۇل تاپالمايدىغانلىقىنىڭ پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكى بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئەرلىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەمچىللىكى، قەدىر-قىممىتى ۋە ئىشەنچ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدىغان غورۇر ۋە جاسارەتنىڭ بولماسلىقى ئىكەن. قابىل دەل ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىغا چىق پۈتۈپ، تىرىشماسلىقىغا باھانە ئىزدەپ، يىشىل بۆك كىيىپ تۇرۇپمۇ غورۇرى مىت قىلىپ قويماي، ئۆز-ئۆزىنى دەپسەندە قىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا بۈگۈنكىدەم ئاجىز ھەم بىچارە، مەيدانسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

-سىز نىمانداق كىرسەممۇ، چىقساممۇ مىنى ئەگىپ كىتەلمەي، كەينىمدىن ماراپلا يۈرۈيسىز؟  قىلىدىغان باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ سىزنىڭ؟ - تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئادەملىرىنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ، تەييارلىقسىز قالماسلىق ئۈچۈن، پات-پات دەرىزىدىن قاراپ كۈزىتىۋاتقان رەھىمە، مۇراتنىڭ ئۇيان چۆگىلەپ، بۇيان چۆگىلەپ، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن كىتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزىنى كۈزەتكىنى كەلگەن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئادىمى بولۇشى مۇمكىن دەپ، خاتا گۇمان قىلغاچقا، ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلىپ، ئۆزىگە قول سېلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئاخىرى پەسكە چۈشۈپلا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ سۆزلەپلا كەتتى.

-مەن-مەن، -ئاھ! مۇراتنىڭ كۆزلىرى رەھىمەنىڭ غورۇر ۋە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، ئۇ ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تىللىرى كالۋالاشتى،ئەجەبا بۇ زادى قانداق تۇيغۇ، مۇراتنىڭ يۈرىكى نىمىشقا بۇنچە تىز سوقۇپ كىتىدىغاندۇ، ئۇ نىمىشقا تىترەيدۇ، نىمىشقا يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك قىززىپ كىتىدۇ، نىمىشقا تىللىرى كالۋالىشىپ توختاپ قالىدۇ؟ مۇرات ئۆزىدە يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ئۆزىمۇ تولىمۇ ھەيران قالدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قىزلارغا يۈزلەنگەندە مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ بېقىشى ئىدى، ئۇ شەمسىيە بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭدىكى ئىللىقلىق ۋە مېھرىبان چىرايغا مەپتۇن بولۇپ قالغان، تەبىئىيلا ئاشۇ مېھرىگە ئىرىشىش ۋە مېھرىبان چىراينى ھەركۈنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىزدىگەن، ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايلىرىنى كۈلدۈرۈپ بەخىت ئاتا قىلىشنى ئارزۇ قىلغان، بىراق جىددىيلەشمىگەن، يۈرىكى تىز سوقمىغان، يۈزلىرىمۇ ئوت ئالغاندەك قىززىپ كەتمىگەن!-بۇ مۇھەببەت ئەمەس مۇرات، ھامان بىر كۈنى سىزنىڭ ماڭا بولغان تۇيغۇڭىزنىڭ ئانىڭىزغا بولغان ئىنتىزارلىقتىن شەكىللەنگەن مەپتۇن بولۇپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز! - ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە شەمسىيەنىڭ ھېلىقى كۈندىكى سۆزلىرى ياڭرىدى. ھە! ئەسلىدە ئۇنىڭ  دىگەنلىرى راسكەندە،ئۇنىڭ شەمسىيەگە بولغان تۇيغۇلىرى ئانا مېھرىگەئىنتىزار قەلبىدىن كەلگەن چاڭقاقلىق،ھەم ئانىسىغا بولغان قەرزدارلىق تۇيغۇسىدىن يەڭگىللەشكە بولغان ئىنتىزارلىقنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنكەندە! ئەسلى سۈيۈش، بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش مۇنداق  بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟

-مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن؟ سىز كىم؟ مىنى ئىزدەيدىغان نىمە ئىشىڭىز بار؟ نىمىشقا دەرىزەمنى ماراپ كىتەلمەيسىز؟ -رەھىمەنىڭ يەنە بىر قېتىم قوپال سىلكىشى بىلەن مۇرات ھوشىغا كىلىپ،خىيالدىن كۆزىنى ئاچتى.

-مەن، مەن، شەمسىيە ھەدەم -مۇراتنىڭ جىددىيلىكى تېخىچە پەسەيمىگەندەك قىلاتتى.

- ھە ئەسلىدە شەمسىيە ھەدەم،مەندىن ئەنسىرەپ سىزنى ئەۋەتىپتىكەندە،نىمانداق تىلىڭىزنى چايناپ تۇرىسىز، باياتىنلا شۇنداق دىمەي، مۇشۇ قورقۇنچاق ئەپتىڭىز بىلەن، مىنى قوغدىماقچىمىدىڭىز تېخى، قايتىپ كىتىڭ، ھېلى تۇرغۇنىڭ  ئادەملىرى كەلسە، سىزنى قوغدامدىم، ئۆزۈمنى قوغدامدىم؟ قايسى بىرىگە يىتىشىمەن مەن؟ -

-ھە شۇنداق، مىنى شەمسىيە ھەدەم ئەۋەتكەن، شۇ باياتىن بەكلا تۇيۇقسىز بولغاچقا، جىددىيلىشىپ قالدىم، بولمىسا مەن بۇنداق قورقۇنچاق ئەمەستىم-مۇراتنىڭ پۇت-قولىغا سەل جان پەيدا بولدى.

-بولدى ياخشى كۆڭلىڭىز تىگىل بولدى، ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كىتىڭ-

- قايتىپ كەتمەيمەن، شەمسىيە ھەدەم مىنى سىزنى قوغداشقا ئەۋەتكەن ئىكەن، جېنىم كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ، ھەرگىز كەتمەيمەن-مۇرات ئۆزىنىڭ ئۆزلىكىدىن  شەمسىيە دىگەن ئىسىمغا ئۆزلىكىدىن ھەدەم دىگەن سۆزنى قوشۇپ ئېيتىۋاتقىنىنىمۇ تۇيىمايلا قالدى، دىمەك ئۇ رەھىمەنىڭ كۆرگەن شۇ دەقىقىدىلا شەمسىيەگە بولغان ئاشىىقلىقى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى.

-ۋاي-ۋۇي، رەھىمە خانقىز بۇيەردە مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئالدىراشكەنغۇ-ئۇلار شۇنداق تالاش -تارتىش قىلىپ تۇرغىنىدا بىر بولكىۋاي ماشنا ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ توختاپ، باتۇر چاپارمەنلىرىنى  ئەگەشتۈرۈپ، ماشنىدىن چۈشۈپ كەلدى-چىرايلىقچە بىز بىلەن مېڭىڭ، شۇنىڭداق قىلسىڭىز، بەلكىم ماۋۇ ئاشىقىڭىزنى ئامان قويۇشىمىز مۇمكىن،-دىدى باتۇر رەھىمەگە يېقىنلىشىپ خۇددى پىچىرلاۋاتقاندەك يۇمشاق ئاۋازدا،ئاندىن ئادەملىرىگە قاراپ،رەھىمەنى ئىشارە قىلىپ- ئۇنى ماشنىغا بېسىڭلار - دىدى

-ھەددىڭ ئەمەس،قېنى ئۇنى ئېلىپ كىتىپ بېقىشە،كۈپكۈندۈزدە،قانۇن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمىيەتتە ھېچبىر ھېيىقماستىن تىرىك بىر ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ ماڭىدىغانغا ھەرقايسىڭنىڭ بېشىڭ ئونمىتى-

- ئەڭ ياخشىسى،سەن ئوشۇق ئىشقا ئارلاشما يىگىت،بۇ قىز بىلەن بىزنىڭ قىلىشمىساق بولمايدىغان كونا ھېساۋاتىمىز بار،قارىغاندا بۇ قىزنىڭ قانچىلىك قۇۋ ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسەن؟سەن ئۇنىڭ ئايالى بار ئەرگە بۇزۇلۇپ،ئۇنىڭدىن تويسىز بالا تۇغقانلىقىنى بىلەمسەڭ،يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالامسەن؟

-ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەيلىشىش، مۇھەببەتلەشمەسلىك،بۇ مىنىڭ شەخسى ئىشىم،-سەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئەمما بۈگۈن ئۇنى قوغداش مىنىڭ ۋەزىپەم، ئۇنى دەرھال قويۇۋىتىش-مۇرات باتۇر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاندا، تۇرسۇن بىلەن يەنە بىر يۇچۇن ئادەم ئاللىبۇرۇن رەھىمەنى ماشنىغا چىقرىپ بولغان ئىدى.

-سىز بۇلارغا ئارلاشماي قايتىپ كىتىڭ، بۇ مىنىڭ شەخسى ئىشىم -رەھىمە ئاران دىگەندە تۈزىگەن پىلانىنىڭ مۇرات سەۋەنلىك مۇشۇنداقلا بەربات بولۇپ كىتىشىنى خالىمايتتى.

-قايتىپ كەتمەيمەن، ھەرگىز قايتىپ كەتمەيمەن-

-، بۇنىمۇ ماشنىغا چىقىرىڭلار، قارىغاندا بۇ بىزگە ئىش تېپىپ بىرىدىغان ئوخشايدۇ-مۇرات ئۆزلىكىدىن رەھىمەنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇردى.

-ھەيرانمەن ئەخمەقلەر، سەنلەر نىمە دىگەن دۆت، كۈپكۈندۈزدە ئىككى ئادەمنى ماشناڭغا بېسىپ ئېلىپ ماڭساڭ، ئەجەبا بۇنى ھېچكىم كۆرمىگەنمىدۇ؟ بىز تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتسەك  ، ھېچكىم بىزنىڭ ئىزدىرىكىمىزنى قىلماسمۇ؟ تۇتقۇن قىلىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغان مۇشۇ ھالىڭلارغا سىلەر بىزدىن قانداق نەتىجىگە ئىرىشمەكچى؟ ئەسلى باياتىن سەن بىلەن تاكاللىشىپ ئولتۇرغىچە، يانفونۇمنى ئېلىپ، بىر تىلفون بىلەنلا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ھەممىڭنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزالايتتىم، بىراق مۇھىم ئىشلارغا دەخلىسى بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ قالدىم، دەرھال تۇرغۇن مۇدىرىڭغا تىلفون قىلىش، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن-

- سەن ساقچىما؟ -مۇراتنىڭ كەسكىن پوزىتسىيەسىگە قاراپ، باتۇرنى تىترەك بېىسشقا باشلىدى.

- سەن تىلفون قىلىشنى بىلسەڭلا بولدى،مىنىڭ كىملىگىمنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ-

- ۋەي تۇرغۇن مۇدىر، ھېلىقى رەھىمە دىگەن قانجۇقنى ئەكەلگىنى كەلگەن، ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئاشنىسى بىللىكەن، ئۇ سىز بىلەن كۆرىشىمەن دەپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ-

-كۆرىشىمەن دىسىلا، ماقۇل دەپ تىلفون ئۇرۇپ بەدىڭمۇ كالۋا، بۇ مىنى ئاشكارلىۋەتكىنىڭ ئەمەسمۇ؟ كۈپكۈندۈزدە خەقنىڭ  ئۆيىدە ئاناڭ بارمىكەن باتۇر، ئادەمنى چوڭ يولنىڭ تۆپىدىن ئاشنىسى بىلەن ئېلىپ كىلىپ، نىمە قىلاتتىڭ باتۇر، سىنى قانداق قىلسام بولار، زادى قانداق قىلاي –

- كەچۈرۈڭ مۇدىر، ۋاقىت جىددىي بولغاچقا شۇڭا ئۇ تەرەپلەرنى ئويلىماپتىمەن، ئەمىسە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەمسىز-

- سەن دەيدىغاننى دەپ بولساڭ، مەن كۆرۈشمەمدىم باتۇر، تىلفوننى ئۇنىڭغا بەر –

- ۋەي، تۇرغۇن مۇدىر جانابلىرى، مىنى تونۇدىڭىزغى دەيمەن-

-مۇرات، بۇ سەن سەن –

-، شۇنداق، بۇ مەن سۈيۈملۈك مۇدىرىم،بەلكىم مەن سەۋەب ساقچىلار سىزنى ئىزدەپ باردىغۇ دەيمەن، سىزنىڭچە مۇشۇنداق سەزگۈر ۋاقىتلاردا مەن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتسەم، ئۇلار تۇنجى بولۇپ كىمدىن گۇمان قىلىدىغاندۇ؟ رەھىمە ھازىر مىنىڭ ئادىمىم،  ساقچىلارنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار، ئۇمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاشلا مۇھىم، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يۈتۈپ كىتىشىنى خالامسىز ياكى، چىرايلىقچە بىزنى قويۇۋىتەمسىز؟ -

- مۇرات، خەپ توختاپ تۇر، سىنى ھامان بىركۈنى -تۇرۇغۇن مۇدىر ئاچچىقتىن  بوغۇلۇپ كەتتى.

-ھامان بىركۈنى قانداق قىلىسىز، يەنە بۇرۇنقىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ دەرياغا تاشلىۋىتەمسىز مىنى-

-بولدى ساڭا گىپىم يوق، تىلفوننى باتۇرغا بەر

- بەك ئوبدان ئىش قىلدىڭ باتۇر،ئۇلارنى نەدە بولساڭ شۇيەرنىڭ ئۆزىدە قويۇۋەت تىلفوننى تۇرسۇنغا بەر –

- ماقۇل مۇدىرىم-

- ۋەي-

-تۇرسۇن، سىنىڭ قاپاق كاللاڭ ئازىراقمۇ ئىشلىمەمدۇ ئەجەبا؟سەن مۇراتنى كۆرگەن ئىدىڭغۇ، يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىككىسىنى بىللە تۇتۇپ كەلدىڭ؟ مەن سىنى باتۇر دىگەن ئەقىلسىزگە ئىش ئۈگىتەمدىكىن دەپ ئەۋەتسام، كۈپكۈندۈزدە، چوڭ يولنىڭ تۆپىدىن ئادەم تۇتقۇن قىلىدىغان خەتەرلىك ئىشنى قىلىمەن دىسە، ماقۇل دەپ قاراپ تۇردۇڭمۇ؟ كاللاڭ ئىشلەمدۇ سىنىڭ؟ ھازىر دىگەن قايسى دەۋىر قانۇن ئىدارە قىلىنىدىغان دەۋىردىمۇ مۇشۇنداق بىخەستىلىكنى قىلامسەن؟ دەرھال قايتىپ كىلىپ، ماڭا خىزمىتىڭدىن دوكىلات بەر -تۇرغۇن مۇدىر ئەمدى مۇراتقا رەھىمەنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، گۇلنىسانىڭمۇ ئاللىبۇرۇن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە-دۈككىگە چۈشۈشكە باشلىدى،چۈنكى رەھىمەنى ساقچىلار بىلەن بىللە دىمەك، گۇلنىسانىڭ ئىشىدىن ئۇلار ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپتى دىگەن گەپ، ئەگەر راسلا شۇنداق بولسا زادى قانداق قىلغۇلۇق؟

- ۋەي ئىبرايىم، سەن قەيەردە؟ -ئۇ شۇ ئەندىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشمىغىنى ئۇزۇن بولغان ئوغلى ئىبراھىمغا تىلفون ئۇلىدى.

- مەن تۇيۇقسىزلا يادىڭىزغا يىتىپ قاپتىمەنغۇ قەدىرلىك مۇدىر ئەپەندىم، مىنىڭ قەيەردە بولۇشۇمنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ -

-ئەلۋەتتە ئالاقىسى بولىدۇ-دە،ئاناڭ ھازىر قەيەردە –

- ئۇ ھازىر مىنىڭ يېنىمدا، ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ، ئۇرۇپ، دۇمبالايدىغان ئادەم يوق، قولىڭىز قىچىىشىپ كىتىۋاتقان ئوخشىمامدۇ مۇدىر ئەپەندىم-

-مەن سەن بىلەن چاق-چاقلىشاي دەپ تىلفون ئۇرمىدۇم ئىبرايىم، بۇ ئىش گورۇھىمىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ھەم كەلگۈسىگە بېرىپ تاقىشىدىغان چوڭ ئىش، ئاڭلىسام رەھىمە دىگەن قىزنى قايتىپ كىلىپ، ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ گەپ راسمۇ؟ ئۇ گۇلنىسانىڭ ئىشى توغرىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشتىمۇ؟ساڭا چاق -چاق قىلمىدىم ئاناڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساقچىخانىغا بېرىپ، ئىگىز پەس سۆزلىگەن بولسا، گورۇھىمىزنىڭ ئىناۋىتى تۈگەپلا قالماي، ئائىلىمىزمۇ يىشىل شەھەردىن بىراقلا يوقالسا بولىدۇ-

-، شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنسىز ھە بولمىسا؟ بىلىپ تۇرۇپ، نىمىشقا ئانامغا شۇنداق زۇلۇم سالغان؟ بىلىپ تۇرۇپ، نىمىشقا قانۇنسىز جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان،سىدىق تاغامنى ئۆلتۈرۈشكە قانداقمۇ قولىڭىز بارغاندۇ سۈيۈملۈم مۇدىر ئەپەندىم؟ ئۇ سىزنىڭ ئۆز ئاكىڭىزغۇ، ئۆز قېرىندىشىڭىزنى ئۆلتۈرۈشكە زادى قانداق باھانە تاپتىڭىز؟ ھەرقانچە رەزىل، ئىپلاس ھايۋان بولسىڭىزمۇ ئۆز ئاكىڭىزغا قانداق قول سالالىدىڭىز، سىز تېخى گورۇھ ئائىلە دىگەنلەردىن سۆز ئېچىۋاتامسىز؟ سالاھىيتىڭىز توشمايدۇ بىلىپ قىېلىڭ،ئۆلىۋالسىڭىز بولمامدۇ، باللىرىڭىزنىڭ ئالدىدا رەسۋا يۈزىڭىزنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچە،بەك ئىپلاس، بەك نۇمۇسسىز، بەك پەسكەش، بەك رەزىلكەنسەن، پۇل -بايلىق ئۈچۈن ئۆز ئاكاڭنى ئۆلتۈرىۋىتىپسەن، سەن زادى قانداق ئۆلۈمدە ئۆلەرسەن،ئاكاڭنىڭ قاتىلى بولۇش بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلىرىڭنى گۆرۈڭگە بىللە ئېلىپ كىتەلەمتىڭ؟ سىدىق تاغام ساڭا شۇنداق كۆيۈنەتتىغۇ، ئۇ ساڭا بەرگەن ئورۇن، بايلىق، بىر ئۆمۈر خاتىرجەم خەجلەپ يېتىشىڭغا يىتەتتىغۇ؟ نىمەڭگە، نىمەڭ يىتىشمەي شۇنداق قىلدىڭ، ئەجەبا سەن ئۆلمەمتىڭ، يۈزگە، مىڭغا كىرەلەمتىڭ، ئەمدى قېرىپ چاچلىرىڭغا ئاق كىرگەن چاغدا، ئۆي، ئائىلە، ئىناۋەت لازىم بولۇۋاتامدۇ پەسكەش، ساڭا شۇ بارلىقلىرىڭ لازىم بولغاندىكىن، شۇلار بىلەن بىللە ئۆت ، سېسىپ كەت، قۇچاقلاپ يات، ۋۇ ئىپلاس، مەلئۇن، نۇمۇسسىز، ئۆزۈمنىڭ سەندىن ئىپلاستىن تۇغۇلغىنىم ئۈچۈن، نۇمۇس قىلىمەن، سەسكىنىمەن، -ئىبرايىم، ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغىسى شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق ئىدىكى، ئەگەر تۇرغۇن بىر نورمال دادا بولغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ يىغىسىغا چىدىماي،ئازابتىن  مەيدىسى يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى! ئەجەبا بىر دادا ئۈچۈن، ھاياتىدا ، ئۆز پەرزەنتىدىن، سىنىڭ بالاڭ بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلىمەن، سەسكىنىمەن دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلاشتىنمۇ نۇمۇسلۇق ئىش بارمۇ؟  تۇرغۇن كۆڭلىدە،تالايلىغان جىنايەتلىرى بەدىلىگە كەلگەن مال-دۇنيا ۋە بايلىقلىرى بىلەن، ئۆزىنى يىشىل شەھەردە بىر ساناپ، شان-شۆھرەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يەتتىم دەپ ئوتلايتتى، ئەمما ئۇ  پۇل تاپقانسىرى شۇنچىلىك يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىنى ھېچقاچان ئويلاپ يىتەلمىدى.

ئادەملەر ھەمىشە شان-شەرەپ ۋە ھاياجاننى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى، ۋە ياتلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىدىن ئىزدەپ ياشايدۇ، شۇلارغا ئىرىشىش ئۈچۈن،قىلمىغان، ئەتمىگەنلىرى قالمايدۇ، ئائىلە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە سەل قارايدۇ،ئەمما ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتلىرى بولغان ياشانغان ھەم مۇھتاج پەيتلىرىدە يەنە شۇ ئائىلىسىدەكىلەرنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولىدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ، بۇ ھاياتتا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار  پەرزەنت،قېرىنداشلىرىغا كۈيۈمچان بىر تۇققان،جۆرىسىگە ساداقەتمەن ھەمرا،باللىرىغا مىھرىبان ئاتا-ئانا بۇلۇشتىنمۇ ئارتۇق ئىناۋەت بولامدۇ؟ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟ ئىنسان ھاياتىدا، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى نارازى قىلىش ۋە ئۇلارنى قان يىغلىتىشتىنمۇ ئارتۇق مەغلۇبىيەت ۋە نومۇسسىزلىق مەۋجۇت بولامدۇ؟ ئەگەر ئائىلىدە دۇنياغا كىلىپ، ئائىلىدە دۇنيادىن كىتىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى شۇ ئەقىلسىزلەر، ھەرگىز ئائىلىسىدىكىلەرنى قان يىغلىتىش بەدلىگە تالادىن ئىناۋەت ۋە خۇشاللىق ئىزدىمىگەن بولاتتى.

ئاھ! تۇرغۇن مۇدىر! سەن نىمە دىگەن بەخىتسىز ئادەم ھە! ئۆز ئوغلۇڭدىن ئاشۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىڭدا قانداقراق ھېسىياتتا بولۇۋاتقانسەن!

-خاتىرجەم بول، مۇدىر ئەپەندى،پەقەت سەن پاراكەندە قىلمىساڭلار، ئانام ھەم بىز سىنىڭ جىنايەتلىرىڭنى مەڭگۈ يوشۇرۇپ ئۆتىمىز، رەھىمەمۇ سىنىڭ نۇمۇسسىزلىقلىرىڭ ھەققىدە ھېچچىشنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ئانامغا قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭ، ۋاقتى كەلگەندە ئانام ھەم مەن گۇۋاھلىق بىرىپ ئاغدۇرىۋىتەلەيمىز، بۇنىڭ شەرتى، ئەمدى ئانام بىلەن مىنى ھەرگىز پاراكەندە قىلمايسەن، سىنى پاش قىلىشتىن ۋاز كەچكىنىمىز، قانداقتۇر سەندىن قورققانلىقىمىز ۋە سىنى كەچۈرىۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەمەس، سابىق سىدىق تاغامنىڭ قان -تەرى ۋە ئەجرىنىڭ مەھسۇلى بولغان يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ ئىناۋىتى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈن، سەن ھەرقانچە ئىپلاس بولۇپ كەتسەڭمۇ يەنىلا ئۇنىڭ قېرىندىشى،ئەمما شۇنىمۇ بىلىپ قال، ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىغىچە يىرتقۇچلاردەك ياپيالغۇز ئۆتۈپ كەت، ھەتتا ئۈلۈپ كەتسەڭمۇ سىنى ئۇزاتقىنى بارمايمەن، مەندەك ئوغلۇڭنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەت!-

- ئىبراھىم، ئىبراھىم، -تۇرغۇن مۇدىر نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى ئىدىيۇ ئەمما ئۈلگۈرەلمىدى، ئىبراھىم سۆزلىرىنى تۈگىتىپلا تىلفوننى قويۇۋەتكەن ئىدى، بەلكىم، ئۇنىڭ بۇ نۇمۇسسىز دادىسىنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ئاڭلىغۇسى كەلمىگەندۇ، ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا داۋاملىق يىغىسىنى ئاڭلىتىپ، ئۆزىنى چۈشۈرگىسى كەلمىگەندۇ!

تۇرغۇن مۇدىر تۇنجى قېتىم ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىرتقۇچلۇقلىرى قاياقلارغىدۇر يوقۇلۇپ، ئۆزىنى چىشى چۈشۈپ كەتكەن قېرى يولۋاسلاردەك ئامالسىز سەزدى! ئەجەبا ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق قورقۇنۇچ بىلەن ياشاپ، قاچاندۇر رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆتۈپ كىتەرمۇ؟ ئۇنىڭ رەسۋا بولۇشىنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولار؟ -ئۇ شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىدا، بىردىنلا كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارا    بولغاندىكى كۆرۈنۈشلەر بىر -بىرلەپ ئايان بولۇشقا باشلىدى-

ئەڭ ئاۋۋال ساقچى ماشنىسىنىڭ ھۇيقۇيتقان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئاندىن بىر توپ ساقچىلار كىلىپ تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ يالاپ ئېلىپ ماڭىدۇ،يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى يول ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ

-ئاكىڭىزنى نىمىشقا ئۆلتۈرىۋەتتىڭىز؟

-ئاكىڭىزنى ئۆلتۈرىۋەتكەندە قانداق ھېسىياتتا بولدىڭىز؟

-ئاكىڭىزنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن ۋىجدان ئازابى تارتمىدىڭىزمۇ؟-

-شۇنچىۋالا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ،يەنە قانداقمۇ  ھاياتىڭىزنى ھازىرقى يېشىڭىزغىچە خاتىرجەم داۋاملاشتۇرالىدىڭىز؟

- مۇخبىرلار، ھەم كوچا خەۋىرى تارقىتىشقا ئامىراق كىچىك تاراتقۇلار بەس-بەس بىلەن ئۇنىڭدىن سوئال سورايدۇ!

- نىمە دىگەن نۇمۇسسىز قېرىنداش،نۇمۇسسىز دادا بۇ،جاھاندا مۇشۇنداقمۇ رەزىل ئادەم بولامدۇ؟ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن،ئاق ساتقان،قىمار ئۇيۇشتۇرغان،نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان بىر نۇمۇسسىز ئىپلاس جىنايەتچىنى،بىز خەير-ساخاۋەتچى،مېھرى-شەپقەت ئەلچىسى دەپ ئاتاپ،پەخىرلىنىپ،بېشىمىزغا ئېلىپ،كۆتۈرۈپ يۈرۈپتۇق ئەمەسمۇ،نىمىدىكەن ئېچىنىشلىق،نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق -   تور تاراتقۇللىرىدا بەس-بەس بىلەن ئېيتىلىۋاتقان غەزەپلىك سۆزلەر.

- تۈفىي ئادەم ئەمەس ھايۋان،ئىشەكمۇ سەندەك ئىشنى قىلماس ۋۇ ئىپلاس-

- ئۆلىۋساڭچۇ،نىجىس بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يەرشارىنى سېسىتىپ ياشىغۇچە -جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغىنىدا،ئۆزىگە تۈكۈرۈپ،نەرسىلەرنى ئېتىپ،ھەرخىل  تىللاۋاتقان ئادەملەر...-ئاھ بۇلارغا چىداش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!تۇرغۇن مۇدىرنى سوغاق تەر بېسىپ،جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتى،-قانداق قىلىش كىرەك،قانداق قىلغاندا بۇ رەسۋاچىلىقتىن قۇتۇلغىنى بولىدۇ؟-توغرا ئۆلتۈرۈش كىرەك،جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش كىرەك! -ئۇ تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن ئىلھامدىن چېقىر كۆزلىرى چاقناپ كەتتى،-ئوغلۇم بولسا نىمە بوپتۇ؟ئۇ مەندىن كەچكەن ئىكەن،مىنىڭمۇ ئۇنىڭدەك ئوغلۇم يوق بولسا توغرا بولىدۇ،ئىبراھىم بۇ ئەپتىدە ھامان ماڭا ئاسىيلىق قىلىدۇ،گۇلنىسانى يوقىتىمەن دەيدىكەنمەن چوقۇم،ئۇمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يوقۇلىشى كىرەك،قانداق قىلسام بولار،ئەمدى ئۆزۈم قول سالسام بولمايدۇ،مەن يەنە جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان بولسام،ئېنىقكى ساقچىلار چوقۇم مىنى بوش قويمايدۇ؟،ئۇنى كىمنىڭ قولى بىلەن يوقاتسام بولار،توغرا،ئېرىشات،كىچىك ئوغلۇم ئېرىشات ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەڭ مۇناسىپ نامزات!ئۇ ئەزەلدىن ئانىسى ھەم قېرىنداشلىرىنى ئۆچ كۆرەتتىغۇ!ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەسەتخورلۇقىدىن پايدىلانسام بولغۇدەك!-تۇرغۇن مۇدىر شۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن،يانفونىنى ئېلىپ،كىچىك ئوغلى ئېرشاتقا تىلفون ئۇلىدى.

 

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章