شۇنداق قىلىپ 100 يىل توختاپ قالغان فىزىكىدا يېڭى بۆسۈش بولدىمۇ؟

文摘   2025-01-22 21:51   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى ۋېنگىرىيە يادرو ئالىملىرى تەجرىبە ئارقىلىق بىر خىل نامەلۇم زەررىچىنى بايقىغان. ئۇلار تەتقىقات نەتىجىسىنى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، بۇ كەنجى ئاتوم زەررىچىسى تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان بەشىنچى خىل كۈچنىڭ ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئۇنداقتا بەشىنچى خىل كۈچ دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

سىرلىق بەشىنچى خىل كۈچ

2016-يىلى ۋېنگىرىيەدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەجرىبە ئارقىلىق، بىر دەستە كۈچلۈك پىروتون زەررىچىسى ئارقىلىق لىتىي-7 نىشانىنى پارتلاتقانلىقىنى، لىتىي-7 زەررىچىسىنىڭ بېرىللىي-8 گە ئۆزگەرگەنلىكىنى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسبەت-مەنپىي ئېلېكتىرون جۈپى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن كۆزىتىلگەن ئېلېكتىرون جۈپى نەزەرىيەدىكى مۆلچەردىن خېلىلا كۆپ بولغان، بۇ ھادىسىنى ئادەتتىكى زەررىچە فىزىكىسىدا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.

ئالىملار بىر خىل يېڭى زەررىچە بار، ئۇنىڭ ماسسىسى تەخمىنەن ئېلېكتىرون ماسسىسىنىڭ 32.7 ھەسسىسىگە ياكى پىروتون ماسسىسىنىڭ %2 ىگە توغرا كېلىدۇ، دەل مۇشۇ كۈچ بۇ نورمالسىز ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان. تەتقىقات كوللېكتىپى ۋېنگىرىيە ئالىملىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ، يېڭى بايقالغان زەررىچىلەرنىڭ پەقەت ئېلېكتىرون ۋە نېيترون بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇ كىشىلەر ئىزچىل ئىزدەۋاتقان بەشىنچى خىل كۈچ بولۇشى مۇمكىن.

بەشىنچى خىل كۈچ ئىزچىل تۈردە ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشى نەچچە يۈز مىليون يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ يېشىلمىگەن سىرى، ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز، تۇرغۇن يۇلتۇز، يۇلتۇزلار سىستېمىسى، يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى، قارا ئۆڭكۈر...... فىزىكا ئالىملىرى تۈرلۈك سىرلىق فىزىكىلىق ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلىپ، ئالەمدىكى ھەر خىل ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرمەكتە.

لېكىن باشتىن-ئاخىر كەسكىنلىك بىلەن نەتىجە چىقىرالمىدى، بىز ئالەمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قانچە ئۇزۇن كۆرسەك، ۋەقەلىكى شۇنچە قوپال، ھەتتا چالا-بۇلا، نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ۋەقەلىكى بەك قالايمىقان، بەزى جايلىرىنىڭ ۋەقەلىكى چۈشىنىكسىز، ئاساسىي لىنىيەنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاساسىي نەزەرىيە باشتىن-ئاخىر كەمچىل بولۇپ كەلدى، يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئاساسلار كەم، ھازىرقى زامان فىزىكىسى بولسا بۇ ئاساسنى تۆت ئاساسىي كۈچكە يىغىنچاقلىغان:

نيۇتون تارتىش كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسمان ۋە يەر يۈزىدىكى ماكرو فىزىكىنى ئېچىپ بەرگەن، ماكسۋېل ئېلېكتىر ماگنىت كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلېكتىر بىلەن ماگنىت ھادىسىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئېينىشتىيىن ئاجىز يادرو كۈچى ۋە كۈچلۈك يادرو كۈچىنى بىرلىككە ئوتتۇرىغا قويۇپ، زامان بىلەن ماكان، شۇنداقلا ئېنېرگىيە بىلەن ماسسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

تارتىش كۈچىدىن باشقا ئۈچ خىل كۈچنىڭ ھەممىسىنى زەررىچە فىزىكىسىنىڭ «ئۆلچەملىك مودېلى» ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ، مەسىلەن، ئېلېكتىر ماگنىت كۈچىنى يەتكۈزىدىغىنى فوتون، ئاجىز يادرو كۈچىنى يەتكۈزىدىغىنى W ۋە Z پوتېنو، كۈچلۈك يادرو كۈچىنى يەتكۈزىدىغىنى گلۇئون، گەرچە تارتىش كۈچى تېخى بايقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى فىزىكا ئالىملىرى بۇنىڭ ھامان بىر كۈنى بايقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

لېكىن بۇ تۆت خىل ئاساسىي تەسىر كۈچ يەنىلا بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، مەسىلەن، فىزىكا ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يوشۇرۇن ماددا ۋە يوشۇرۇن ئېنېرگىيە. كۆپ ساندىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچلۈك تارتىش كۈچى يوق، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن پارچىلىنىپ كەتمەيدۇ، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بەزى كۆرگىلى بولمايدىغان ماددىلارنىڭ تارتىش كۈچى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن ماددا دەپ ئاتىغان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئالەم ماددىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن%85 ىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە ئۇنى بايقىمىدى.

ئالىملار يىراقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، پەرەزگە ئاساسلانغاندا، ئالەمدە پەقەت تارتىش كۈچىلا چوڭ يۆنىلىشتە رول ئوينايدۇ، تارتىش كۈچى پەقەت ماددىنى تارتىدۇ، ئەسلىدە ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ئۈزۈكسىز ئاستىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىر كېڭىيىش سۈرئىتى تېزلىشىۋاتىدۇ، ئالىملار يەنە بىر قېتىم نامەلۇم ئېنېرگىيە مەۋجۇت، ئۇ تارتىش كۈچىنى ئاستىلىتىپ، ئالەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى تېزلىتىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلدى، مانا بۇ يوشۇرۇن ئېنېرگىيە، ھېسابلاش ئارقىلىق، يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ ئالەمنىڭ ئومۇمىي ماددا ئېنېرگىيەسىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يوشۇرۇن ماددىنىڭكىدىن چوڭ ئىكەنلىكى بايقالغان.

ۋېنگىرىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى بايقىغان يېڭى زەررىچىنى ئەنئەنىۋى فىزىكىنىڭ «ئۆلچەملىك مودېلى» بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ، بۇ بەلكىم پۈتۈنلەي يېڭى نامەلۇم ساھە بولۇشى، يوشۇرۇن ماددا ۋە يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنى ئىزدەش خىزمىتىنى يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، يەر شارىدىكى ئالىملار ئىز قوغلاپ ئانالىز قىلىۋاتقان بولۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئېچىپ بېرىپ، فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.


باشقا تۆت خىل ئاساسىي كۈچ قايسىلار؟

ئالدى بىلەن تارتىش كۈچى، ئۇنى تەسۋىرلىگىنى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بولۇپ، بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا بولغان تارتىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بىر يەردە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ، سەييارىلەر قۇياشنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا، تارتىش كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇ تۆت خىل كۈچ ئىچىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ ئاجىز بىر خىلى. تارتىش كۈچىنى تەتقىق قىلىش كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇھىم قائىدىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار ئاساسىي پەنلەر ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇنىڭدىن قالسا ئېلېكتىر ماگنىت كۈچى، ئۇنى تەتقىق قىلىدىغىنى كىۋانت ئېلېكتىر ماگنىت مېخانىكىسى نەزەرىيەسى بولۇپ، ئاتومنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرىكىدىغانلىقى ۋە نۇرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەتكۈزىدىغان زەررىچىسى فوتون، ئېينىشتىيىن 1905-يىلى ئالدىن ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئېلېكتر ماگنىت زەرىتى ئېلېكتر زەرىتى ھاسىل قىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئېلېكتر زەرىتى ئېلېكتر ماگنىت زەرىتى ھاسىل قىلىدۇ. ئېنېرگىيە تەتقىقاتى، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، ئېلېكترون تېخنىكىسى، ماتېرىيال ساھەلىرىدە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

ئەڭ ئاخىرقى ئىككى خىل كۈچنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى نەزەرىيە جەھەتتە ئېغىرلىق كۈچىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن ئۇلار پەقەت مىكرو قاتلامدىلا خىزمەت قىلىدۇ، يەنى ئىنتايىن قىسقا ئارىلىق ئىچىدە، يەنى ئاتوم ئارىسىدىكى ئىنتايىن كىچىك بوشلۇق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بوشلۇقتا مەۋجۇت بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئىپادىسى ئۇنچە روشەن ئەمەس.

كۈچلۈك يادرو كۈچى، كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر كۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسىي نەزەرىيەسى كىۋانت رەڭ دىنامىكىسى بولۇپ، پىروتون بىلەن نېيتروننىڭ ئاتوم يادروسى ئىچىدە بىرلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ، 1979-يىلى ئىسپاتلانغان، تەسىر دائىرىسى 10-15 مېتىر بولۇپ، كۈچلۈك يادرو كۈچى ئاساسلىقى يادرو يىمىرىلىشىدا قوللىنىلىدۇ، بۇ ھەم ئاتوم بومبىسى ياساش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئاجىز يادرو كۈچى، ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ β رادىيوئاكتىپلىق زەئىپلىشىش ۋە تۇرغۇن يۇلتۇز يادروسىنىڭ بىرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، W ۋە Z بوزون 1968-يىلى ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغان، 1983-يىلى دەلىللەنگەن، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى 10-18 مېتىر. ئاجىز يادرو كۈچى مىكرو ئۆلچەمدە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ، ئالەمنىڭ دەسلەپكى ئۆزگىرىشى، تۇرغۇن يۇلتۇز ئېنېرگىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ھادىسىلەردە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا بولغان بىۋاستە تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ، لېكىن تېببىي دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ساھەلەردە، رادىيوئاكتىپلىق تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كىشىلەر يەنىلا ئاجىز يادرو كۈچىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالايدۇ.

ئاساسىي تەسىر كۈچ بىر خىل ئوخشاش بولمىغان نەرسە، ئۇچراشمىسىمۇ جىسىملار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق تەسىر بولىدۇ. ئاساسىي تەسىر كۈچ بىلەن ئادەتتىكى كۈچنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر خىل كۈچكە ئايلىندىغانلىقىدا. مەسىلەن، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سۈركىلىش قارشىلىق كۈچى ۋە ھاۋا قارشىلىق كۈچىنى ئېلېكتر ماگنىت كۈچىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاساسىي تەسىر كۈچ ئەمەس.

ئېلىمىزنىڭ بەشىنچى خىل كۈچ ھەققىدىكى ئىزدىشنىشى

ئېلىمىز فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتى كېيىنرەك باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، 2022-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى دۇ جياڭفېڭ كوللېكتىپى ۋە نەنجىڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ پۇ، دوتسېنت خې جيەن خۇا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر خىل مۇھىم يوشۇرۇن ئېنېرگىيە نەزەرىيەسى خامېلېئون نەزەرىيەسىنى تەجرىبە-سىناق قىلىپ، بۇ نەزەرىيە ئالدىن مۆلچەرلىگەن «بەشىنچى خىل كۈچ »نى بايقىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ يوشۇرۇن ئېنېرگىيە بولۇش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى، بۇ بارلىق يوشۇرۇن ئېنېرگىيە نەزەرىيەلىرى ئىچىدىكى تۇنجى ئېنىق تەجرىبە سىنىقى ھېسابلىنىدۇ.

خامېلېئون نەزەرىيەسى كۈچ يەتكۈزىدىغان زەررىچىلەرنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتتىكى ماددىلارنىڭ زىچلىقىغا ئاساسەن ماسسىسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، بۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ماسسىسى چوڭ جايلاردا تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ كىچىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،، يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئارىسىدىكى ماسسىسى كىچىك جايلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر ئۇ دەل تېپىشىش كۈچى بولسا، ئالەمنىڭ نېمە ئۈچۈن تېز كېڭىيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار ماگنىتقا قارشى لەيلىتىش سىستېمىسىنى ئەپچىللىك بىلەن كۈچ تەكشۈرۈش ئەسۋابى قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى سەزگۈر تەكشۈرۈش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككىلەمچى ئۆلچەم دەرىجىسىگە يەتكۈزۈپ، «بەشىنچى خىل كۈچ»نى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھازىرغىچە بولغان خامېلېئون نەزەرىيەسىگە قارىتا خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى تەكشۈرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نەزەرىيەدە مۆلچەرلەنگەن خامېلېئون تەسىر كۈچىىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 6 × 10-17گىچە چەكلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا خامېلېئون نەزەرىيەسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات جەھەتتىكى بەشىنچى خىل كۈچنى ئىزدەۋاتقانلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

خۇلاسە

ئېينىشتىيىنم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تۆت چوڭ تەسىر كۈچنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ تۆت خىل تەسىر كۈچنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرگەن بۈيۈك بىر نەزەرىيەنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى ھازىرغىچە ھېچكىم ھەقىقىي ئاشۇرالمىدى، ھازىرقى تۆت خىل كۈچ مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن بىلەنمۇ، پەقەت ئادەتتىكى ماددىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى ماددا پەقەت ئالەم ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ %5ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ، يوشۇرۇن ماددا بىلەن يوشۇرۇن ئېنېرگىيە يەنىلا فىزىكىدىكى يەتكىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، فىزىكىدا يەنىلا ھەل قىلىشنى ساقلاۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ھالبۇكى، يېڭى ئاساسىي تەسىر كۈچنى بايقاش بارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章