توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تايلاند باڭكوك چوڭ خان ئوردىسىدىكى ئامالىن ئوردىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن، تايلاند پادىشاھى لاما ئونىنجى (Rama X) ماخا ۋاجىرالوڭكورن (Maha Vajiralongkorn) خانىش سۇتادا بىلەن بىللە پەيدا بولغان بولۇپ، «بەخت-سائادەت مۇراسىمى» ناملىق پائالىيەتكە قاتناشقان. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پائالىيەت ئاساسلىقى راما ئونىنجى ۋە ئۇنىڭ ئەجدادى راما بىرىنجى تاڭلۈن چوكرى (ทองลวน โชครี)نىڭ بىللە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىكەن.
پائالىيەت كۈنى خانىش سۇتىدا (Suthida)نىڭ چىرايى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ئۇچىسىغا ياپيېشىل، ساپ مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، تېرىسى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ كەتكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سۇتىدا بۇ قېتىم يەنە ھەشەمەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىت تاقىۋالغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ گۆھەر ناۋاتتەك چوڭلۇقتا ئىكەن، قارىغاندا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچكىم تەۋرىتەلمىگەندەك قىلىدۇ.
ئۇ نەق مەيداندا خۇددى تۈز يەردە ماڭغاندەك، نازاكەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلغان. بىلىشىمىز كېرەككى، خانىش سۇتىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، تايلاندتا ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە، ئىزچىل تۈردە پىشىپ يېتىلگەن ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلگەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇنداق كاتتا سورۇندا، خانىش سۇتىدا كۆپچىلىكنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلغان، ئۇ قارىماققا تايلاند پادىشاھىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئايالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قاتتىق غەم-قايغۇسى ئىچىدە قالغاندەك كۆرۈنگەن.
سۇتىدانىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان بولۇپ، بىرنەچچە قېتىم ئاچچىق كۈلكىسىنى نامايان قىلغان، بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تەمكىن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان. تورداشلار خانىش سۇتىدا نېمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى تايلاند خان جەمەتىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بەزى ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، تايلاند پادىشاھىنىڭ ئارقا ئوردىسىدىكى بىر نەچچە يېڭى ئارزۇلۇق خانىشلارنىڭ خەۋىرى غۇلغۇلا قوزغىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەتىۋارلىق ئوۋلانىڭ سالاپىتى ئەينى يىللاردىكى ئەتىۋارلىق خانىشى نىنانىڭ سالاپىتىدىن ئېشىپ چۈشكەن.
بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئوۋلا ئىلگىرى سىنىنانىڭ دېدىكى بولۇپ، ئۇ سىنىنانى پەقەت يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۈتەتتى، ھازىر ئۆزگىرىپ كەتتى، ھەتتا تايلاند پادىشاھىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.
خانىش سۇتىدا خان جەمەتىدە ئون يىللىق ئوردا كۈرىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئايروخانقىزدىن بۈگۈنكى خانىشلىق تەختىگە چىقىپ، مىڭ تەسلىكتە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە تايلاند پادىشاھىنىڭ يېڭى ئەتىۋارلىشىغا قاراپ، يەنىلا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك قىلاتتى.
ئەينى يىلى خانىش سىنىنانىڭ پەيدا بولۇشى سۇتىدا خانىشقا نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەن، سۇتىدا جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاشۇ جاپالىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ھازىر ئوۋلا يېڭىدىن ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشكە خانىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەر تايلاند خان جەمەتىنىڭ ئارقا ئوردىسىدا يەنە بىر مەيدان يېڭى ئوردا كۈرىشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىختىيارسىز ئەسكە ئالماقتا. خانىش سۇتىدا كۆرۈنۈشتە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ چوڭقۇر ئوردىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خانىش سۇتىدانىڭ چىرايىدىن قارىغاندا، ئۇ بەلكىم ئارقا ئوردىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تايلاند خان جەمەتىنىڭ ئارقا ئوردىسى ئىزچىل كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەر خىل ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر بىلەن تولغان. خانىش سۇتىدانىڭ بۇ قېتىمقى غەمكىن چىرايى ئېنىقكى بۇ خان جەمەتىنىڭ ئارقا ئوردىسىغا يەنە بىر خىل سىرلىق تۈس قوشقان.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |