مومايلار قىزلاردەك ياسىنىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان يەر قىزىپ كەتتى

文摘   2025-01-18 23:30   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە جىما ناھىيەسى توڭشېڭ شەھىرىدە شەرقىي ياپونىيە يولۇچىلار تۆمۈر يول شىركىتى ئىككى مو لىنىيەلىك توڭشېڭ بېكىتىدىن تەخمىنەن 10 مىنۇت پىيادە ماڭغاندىن كېيىن بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋەتتە ئالاھىدە بىر ئايال خىزمەتكار قەھۋەخانىسى ئېچىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىشىكتىن كىرىشىگىلا مېھمانلار ئاق لېنتا تاقىغان، پۈرمە يەڭلىك پەرتۇقى بار ئايال خىزمەتكارلارنى كۆرىدۇ، بىراق بۇ ئايال خىزمەتكارلار ياش قىزلار ئەمەس، بەلكى 65 ياشتىن ئاشقان مومايلار ھېسابلىنىدۇ.

(يەتتە ئايال خىزمەتكارلار)

بۇ دۇكاننىڭ ئىسمى «مىڭجېي قەھۋەخانىسى» بولۇپ، بۇلتۇر 7-ئايدا شۇ جايدىكى بىر پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات ياشانغانلار ۋە بالىلار ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى يارىتىشقا كۈچ چىقارغان. بۇ خىل پىلاننى تۈزۈپ چىقىشتىكى سەۋەب، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا تۇڭشېڭ شەھىرىنىڭ نوپۇسى تەدرىجىي ئازايغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇمنىڭ زەربىسى بىلەن شۇ جايدىكى نۇرغۇن دۇكانلار ئارقا-ئارقىدىن تاقالغان. ئىلگىرى ياشانغانلار قەھۋەخانا ياكى ئائىلە ئاشخانىلىرىغا بېرىپ پاراڭلىشىپ، غەمسىز ۋاقىتلاردىن بەھرىمەن بولالايتتى، لېكىن ھازىر بۇنداق سورۇنلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، بۇ تەشكىلات «ياشانغانلار توپىغا ھاياتىي كۈچكە تولغان پائالىيەت سورۇنى يارىتىپ بېرىش» ئۈچۈن مەخسۇس ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ئايال خىزمەتكارلار قەھۋەخانىسى ئېچىشنى قارار قىلغان ھەمدە تىجارەت قىلىدىغان ئايال خىزمەتكارلارغىمۇ پەقەت ياشانغانلارنىلا تەكلىپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خىزمەت ئارقىلىق دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا پايدىلىق.

قەھۋەخانىلار ئاساسلىقى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.  ھازىر مىڭجې قەھۋەخانىسى ھەر ئايدا پەقەت بىر قېتىملا تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 10غىچە ئىكەن.

دۇكاندا دەسلەپتە پەقەت ئىككى ئايال خىزمەتكار بار بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا يەنە بەشى كۆپەيگەن، ھازىر جەمئىي يەتتە ئەزا بار بولۇپ، يېشى 65 ياشتىن 72 ياشقىچە ئىكەن.

(پىدائىي ئايال مالاينىڭ يېشى 65 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)

پۈتۈن دۇكاننىڭ نامىدىن تارتىپ ئۆي ئىچىنى بېزەشكىچە، ئاندىن ئۆي ئىچىنى لايىھەلەشكىچە نۇرغۇن ئىنچىكە ئويلار ئىشلىتىلگەن،  ئىشىكتىن كىرىپلا يەنە دۇكان خىزمەتچىلىرىنىڭ قەغەز يەشىك ۋە كۆك رەڭلىك سۇلياۋ ئارغامچا بىلەن كىرىش ئېغىزىنى «ئۈچ يوللۇق پاسىل» قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

ھەتتا تاماق تىزىملىكىمۇ ناھايىتى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، «شۆچى ئىچىملىكى» دەپ ئاتالغان ئىچىملىك بار:

نېمىلا دېگەن بىلەن خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى يېشى چوڭىيىپ كەتكەنلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەمىنلەيدىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر سالامەتلىككە پايدىلىق، باھاسىمۇ يۇقىرى ئەمەس، تەخمىنەن 600 يېن (تەخمىنەن 28 يۈەن خەلق پۇلى).

بارلىق ئايال خىزمەتكارلارغا ئوخشاش، تاماق چىقارغان چاغدا، بۇ ياشانغان ئايال خىزمەتكارلار ئىككى قولى بىلەن يېمەكلىكنى كۆرسىتىپ «ئوماق قىلىق» چىقىرىپ يېمەكلىكنى ماختايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا خېرىدار كېتىدىغان چاغدا ئايال خىزمەتكارلار يەنە ئۆزگىچە خوشلىشىش سۆزى بىلەن: «ئەگەر سىز دۇنيادا ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، يەنە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ» دەيدۇ.

بۇ دائىملىق مۇلازىمەتتىن باشقا، دۇكاندا يەنە ئاندا-ساندا بىر قىسىم ئالاھىدە تېمىلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مەسىلەن، مۇئەللىمنى كۆپچىلىكنى بىللە ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەش ياكى تىياتىر كۆرۈش ئارقىلىق، دېۋەڭلىك زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەتتا يەنە دەپنە بۇيۇملىرىنى ياساش سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خېرىدارلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن جەسەت ساندۇقىغا كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىر خىل ئازادە كەيپىيات يارىتىپ، كۆپچىلىكنى ياشنىڭ چوڭىيىشى توغرىسىدىكى تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن.

تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 2025-يىلى يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ دۇكاندا يەنە چاغانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، خەتتاتلىققا ماھىر ئايال خىزمەتكار يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، كۆپچىلىكنى موي قەلەم بىلەن يېڭى يىللىق تىلەكلەرنى يېزىشقا يېتەكلىگەن.

85 ياشلىق بىر بوۋاي مەخسۇس باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ بۇ ئىشقا قاتناشماقچى بولغان، گەرچە سەل خىجىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا مۇنداق دېگەن: «ئايال خىزمەتكار بىلەن بىللە پاراڭلاشقاچ خەت يېزىپ، كەيپىياتىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى»

ئىلگىرى ياشلارغا تەۋە بولغان بۇ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا، خېرىدارلار ئالاھىدە تەسىراتقا ئېرىشىپلا قالماي، ئايال خىزمەتكارلارمۇ ناھايىتى خۇشال بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياشلىق بىر ئايال خىزمەتكار ئۆزىنىڭ يېشى ئۆزىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خېرىدارلار سۆھبەتلەشكەندە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، «ياش قىزلار» ئوماق دەپ ماختىسا، ئۆزىمۇ ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

گەرچە تىجارەت ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئەمما مىڭجيې قەھۋەخانىسىنىڭ داڭقى ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۈزۈكسىز تارقالماقتا، ئەسلىدە مۇلازىمەت ئوبيېكتى پەقەت شۇ جايدىكى ياشانغانلار توپى ئىدى، ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلمەكتە. توكيو، ئوساكادىكى 20 نەچچە ياشلىق ياشلارمۇ ئالايىتەن ماگىزىنلارغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىدۇ.

مومايلارنى ئايال دېدەك قىلىش، بۇ خىل ئىجادىيەت دەسلەپتە ئانچە قارشى ئېلىنمىغان، ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، تورداشلار مۇنداق دېيىشكەن:

«كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ياخشىكەن.»

ھېچكىم ياشىنىپ قالغاندا ئۆيدە تۇرۇش، ئاددىي كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەكرارلاش، بارغانسېرى كۆپ يېڭى كەچۈرمىشلەر بىلەن ئۇچرىشىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىمىگەن، قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇنداق ياشانغانلار ئۆز ۋاقتىنى ھەرخىل ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزسە ئېنىقكى كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章