خەتەرلىك! بۇ گۈزەل جاي نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى

文摘   2025-01-22 21:51   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا تايلاندنىڭ دولقۇن ئارىلى (Koh Tao)دا يۈز بەرگەن تاسادىپىي قازا قىلىش ۋەقەلىرى چەتئەلدە مۇنازىرە قوزغىغان.

ھۆددىگە ئېلىش تەجرىبىسى مولئىرېلاندىيەلىك سۇغا شۇڭغۇش تىرېنېرى تايلاندنىڭ دولقۇن ئارىلىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغان. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى قاتتىق سىر تۇتۇپ، ئاممىغا ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ دېلونىڭ «يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى» بەلكىم شۇ جايدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇشى، شۇنداقلا دولقۇن ئارىلىدىكى تېخىمۇ چوڭ قارا پەردە ۋە سۇيىقەستنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دەم ئېلىش مەزگىلى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىزىق نۇقتىلىق تىياتىر «ئاق نېلۇپەر ئارامگاھى»نىڭ سۈرەتلىرى.

ئەسلىدە ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا بۇ ئارالدا بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى غەلىتە قازا قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى دېلولار ئالدىراپ-تېنەپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، بولدى قىلىپ تاشلاپ قويۇلغان. شۇڭا چەتئەل تاراتقۇلىرى دولقۇن ئارىلىنى «ھالاكەت ئارىلى» (Death Island) دەپ ئاتىغان.

تايلاندنىڭ سۇراك ئۆلكىسىدىكى دولقۇن ئارىلىغا جايلاشقان بۇ يەر، تايلاندنىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، بۇ يەردە نۇرغۇن مارجان خادا تاشلىرى ۋە مول دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى بار ئىكەن.

دولقۇن ئارىلى ئەتراپىدىكى سۈپسۈزۈك دېڭىز سۈيى ۋە رەڭگارەڭ ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى بۇ يەرنى يەر شارىدىكى سۇغا چۆكۈش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈرگەن.

ئارالدىكى سودىگەرلەر ئاساسلىقى باھاسى ئەرزان ياشلار سەيلىگاھى ۋە مەيخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك ساياھەتچىلىكتىن كىرىم قىلىدىكەن. بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن بىر ساياھەتچىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى دولقۇن ئارىلىنىڭ «ھالاكەت ئارىلى» دېگەن ئاتالغۇسىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەن. يەنى 9-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، 21 ياشلىق ئىرېلاندىيەلىك ساياھەتچى روببىنىڭ مېھمانساراينىڭ كارىۋىتىدا ئۆلگەنلىكى بايقالغان.

شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەسەتنى تۇنجى بولۇپ بايقىغىنى روببىنىڭ دوستى ئىكەن. قارشى تەرەپ مېھمانساراينىڭ ئىشىكىنى چەككەندە، ئىزچىل ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەن، ئارقىدىن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن، كالتە ئىشتان كىيگەن روببىنىڭ تىڭشىغۇچ تاقاپ، قولىدا يانفون تۇتۇپ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا كارىۋاتتا قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان.

مېھمانخانا ئۆيلىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە بېسىپ كىرىشنىڭ ئىزى يوق بولۇپ، ئىسپىرت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرمۇ يوق ئىكەن. جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، روببى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك-ئۆپكە زەئىپلىشىشتىن قازا قىلغان بولۇپ، ساقچىلار روببىنىڭ ئۆلۈمىنى تاسادىپىيلىق دەپ قارىغان.

لېكىن روببىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، دەپ قارىغان. روببىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ 12 يېشىدىن باشلاپ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا بولۇپلا قالماي، بەدەن ساپاسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئەزەلدىن ھېچقانداق كېسەللىك تارىخى بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

بۇلتۇر 11-ئايدا، روببى تايلاندقا بېرىپ سۇغا چۆكۈش تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەمدە ئىككى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن، بۇ مەزگىلدە بەدەن مەشىققە ماسلىشالمايدىغان ۋە سۇغا چۆكۈپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن.

شۇڭا، روببىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تايلاند ساقچىلىرى چىقارغان كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئانچە ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇلار كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تايلاند ساقچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كونكرېت ۋەقە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، روببى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تايلاند ساقچىلىرىغا بۇنداق ئىشەنمەسلىكىدىكى سەۋەب بولسا، دېلو يۈز بەرگەن جاي دولقۇن ئارىلىدا، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ غەلىتە ئۆلۈش دېلوسىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىدىن بولغان ئىكەن.

2014-يىلى 9-ئايدىلا ئەنگىلىيەلىك ئىككى ساياھەتچىنىڭ جەسىتى دولقۇن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىدا بايقالغان. كېيىن قازا قىلغۇچىنىڭ 23 ياشلىق ئەنگىلىيەلىك ئايال خەننا ۋە 24 ياشلىق ئەر داۋىد ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

ساقچىلار نەق مەيداندا خەننانىڭ بەدىنىدە تىغسىز ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇلۇشتىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن يارا بارلىقىنى، بېشى ۋە يۈزىدە روشەن ئۇرۇش ۋە چىشلەش ئىزى بارلىقىنى، بەدىنىدە دەخلى-تەرۇز قىلىش ئىزى بارلىقىنى بايقىغان.

داۋىدنىڭ بىلىكىدە ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشتىن كېيىن قېلىپ قالغان يارا ئىزى، بېشى ۋە يۈز قىسمىدا نۇرغۇن ئۇرۇشقان ئىزلار بار ئىكەن. جەسەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ باشقىلاردىن تاياق يېگەندىن كېيىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلانغان.

كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغىنى شۇكى، تايلاند ساقچىلىرى بۇ ناھايىتى روشەن قاتىللىق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئىنتايىن كەسپىي ئەمەس ئىشلارنى قىلغان بولۇپ، ھەتتا خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. ئالدى بىلەن، تايلاند ساقچىلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دولقۇن ئارىلىغا كىرىپ-چىقىدىغان بىردىنبىر كېچىكنى دەرھال تاقىمىغان، نەق مەيداننىمۇ قامال قىلمىغان، بۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تاماشا كۆرۈۋاتقان نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك كىشىلەر نەق مەيداننىڭ ئىزلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن، ھەتتا قاتىللىق ئەسۋابىنىمۇ باشقىلار تېپىۋىلىپ ئېلىپ كەتكەن.

ئارقىدىن، تايلاند ساقچىلىرى خەننانىڭ بەدىنى ۋە قاتىللىق قورالىدىن ئېلىنغان DNAگە ئاساسەن، ئىككى بېرمىلىق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان ھەمدە ئىككى ئادەمنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان.

لېكىن بۇ ئىككىيلەن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بار دەپ بېكىتىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن يەنە دېلونى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ تايلاند ساقچىلىرىنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەقىقىي قاتىل ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

بۇ دېلونىڭ دەلىل-ئىسپات زەنجىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، تايلاند ساقچىلىرى خەننادىن ئالغان DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. ئاخىرىدا، ئىككى نەپەر بېرمىلىق جىنايەت گۇماندارى دېلونى قاراپ چىقىشتا زور نۇقسان بارلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ئىككىيلەن تايلاند پادىشاھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۈگۈنگە قەدەر، بۇ گۇمانلىق ۋە قاتمۇقات قاتىللىق دېلوسىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يەنىلا نۇرغۇن تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدىكەن. تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى شۇكى، بۇ دېلونى قاراپ چىقىش جەريانىدا، شۇ چاغدىكى تايلاند زۇڭلىسى پىرايۇت دولقۇن ئارىلىنىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنى ئاقلىماقچى بولغاندا، تايلاندقا ساياھەتكە كەلگەن ئايال ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزى سەت بولمىسىلا، بىكىنى كىيىپ سىرتقا چىقىشنىڭ خەتىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، پىرايۇت ئامما كوللېكتىپ قورشاپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ كەچۈرۈم سورىغان.

2015-يىلى 1-ئايدا فىرانسىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ دولقۇن ئارىلىدىكى مەلۇم بىر ئارامگاھنىڭ بالكونىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقى بايقالغان.

ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى جەسەت بايقالغاندا ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ كەينىگە باغلاپ قويۇلغانلىقىدىن گۇمانلانغان بولۇپ، بۇ ئېنىقلا بىر قاتىللىق دېلوسى ئىكەن. لېكىن تايلاند ساقچىلىرى ئىككى قولى باغلاپ قويۇلسا، ئېسىلىۋىلىشقا تەسىر يەتمەيدۇ، دېگەننى سەۋەب قىلىپ، بۇ دېلونى ئۆلۈۋېلىش دەپ بېكىتكەن. 2017-يىلى 4-ئايدا بېلگىيەلىك بىر ھۆددىگەرنىڭ دولقۇن ئارىلىدىكى مەلۇم ئورمانلىقتا قازا قىلغانلىقى بايقالغان بولۇپ، جەسەتنى كەسلەنچۈكلەر يەپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ بوينىدا ئارغامچا بىلەن بوغۇلغان روشەن ئىز بار ئىكەن. تايلاند ساقچىلىرى ئالدىراپ-تېنەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ دېلونى ئاخىرلاشتۇرغان.

لېكىن بەزى گۇۋاھچىلار ئۆلگۈچىنىڭ مېھمانسارايدا تۇرغاندا يالغان ئىسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تايلاندنىڭ باشقا مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشىدىكى سەۋەب بولسا، ئۆلگۈچى ساياھەت پىلانى تۈزسىمۇ، دۇنيادىن بىزار بولۇش كەيپىياتى يوق بولۇپ، ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، ئەكسىچە باشقىلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ قارشى تەرەپتىن قۇتۇلماقچى بولغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

لېكىن، تايلاند ساقچىلىرى داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى خالىمىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو يەنىلا شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇلغان. 2023-يىلى 2-ئايدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان گېرمانىيەلىك بىر ئايال ساياھەتچى سىرتقا ئۆزىنىڭ دولقۇن ئارىلىدا ئۇچرىغان قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇ ساياھەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى يالغۇز دولقۇن ئارىلىغا ساياھەتكە بارغاندا، ساياھەت يېتەكچىسى ئۇنى چەت دېڭىز ساھىلىغا ئېلىپ بېرىپ دەپسەندە قىلغان.

ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەسلىھە يوق، دېڭىز ساھىلىدا يانفون سىگنالىمۇ يوق بولۇپ، بۇ يەردىن باشقا ساياھەتچىلەرمۇ ئۆتمىگەن. ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇ دولقۇن ئارىلىدا جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان يەنە نۇرغۇن قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. ساياھەت يېتەكچىسى بولسا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ ئايال ساياھەتچىمۇ ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشىسى ئۆزى يالغۇز تايلاندقا ساياھەتكە بارماسلىقى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئايال ساياھەتچىلەر ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىشى كېرەك، ساياھەت جەريانىدا ناتونۇش كىشىلەرگە خالىغانچە ئىشەنمەسلىك كېرەك».

چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: «دولقۇن ئارىلىنىڭ <ھالاكەت ئارىلى> دېگەن يامان نامغا قىلىشى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك». تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ساياھەتچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دولقۇن ئارىلىدا 100گە يېقىن سۇ ئاستى مەكتىپى بار بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىكەن.

شۇڭا، شۇ جايدىكى ساياھەت كەسپىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، تايلاند ساقچىلىرى يامان خاراكتېرلىك دېلولارغا قارىتا دائىم بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچى ئەترىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارىخورلۇق ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، كىچىككىنە شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ قاتىلنى قانات ئاستىغا ئالغان. تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن دولقۇن ئارىلى بارا-بارا نۇرغۇن ياۋروپا-ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان «ھالاكەت ئارىلى»غا ئايلىنىپ قالغان.

گۈزەل مۇھىتتا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىرتقا چىققاندا ناتونۇش مۇھىتتا، ناتونۇش كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ھەر قانچە گۈزەل مەنزىرىنىڭمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان قاراڭغۇ بىر تەرىپى بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېقىنلاشماسلىقنى تاللىشى ئۆزىنى ئەڭ چوڭ قوغدىغانلىق بولىدۇ.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章