ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇلتۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھىندونېزىيەلىك بىر بىلوگگېر نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇ بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئىسمى سۇمانتو بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردىن پەرقلەنمەيدۇ، ھەمبەھرلىگەن مەزمۇنلىرىنىڭ ئانچە چوڭ ئالاھىدىلىكى يوق، ئاساسەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، ئاساسلىقى باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يولىدا ماڭىدۇ.
لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، مەيلى ئۇ نېمە ئەۋەتسۇن، ۋىدېيونىڭ ئاستىدا ھەمىشە كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان باھالار پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇ بېلىق تۇتقىلى بىرەرسىڭلارنى ئېلىپ بارسا دىققەت قىلىڭلار، ئۇ ئادەم يەيدۇ. يەنە تېخى بۇ بەلكىم فوتوگرافنىڭ ئۇنى سۈرەتكە تارتىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرىقى ھالىتى بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك... يەنە مۇنداق ئىنكاسلارمۇ بار:
«فوتوگراف بۇرادەر، سىز ئۇنىڭ قورۇمىسى بولۇپ كېتىشتىن قورقمامسىز؟»
«فوتوگراف ئۆلۈمگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ.»
بۇ خىل ئىنكاسلارنىڭ ئارقىسىغا ئەمەلىيەتتە بىر قورقۇنچلۇق ھېكايە يوشۇرۇنغان، 22 يىل ئىلگىرى سۇمانتو ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «ھىندونېزىيەلىك ئادەمخور» دەپ ئاتالغان.
(سۇمانتو)
سۇمانتو بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يۇرتى ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا ياۋا ئۆلكىسى پۇبالىنگا (Purbalingga) ناھىيەسىدە 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى شۇ جايدا بىر غەلىتە ئىش يۈز بەرگەن ۋەقە يۈز بېرىپ، 81 ياشلىق موماي موبىكنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنىپ 16 سائەتتىن كېيىنلا ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن. بىر ھازا سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن ساقچىلار دەرۋەقە سۇمانتونىڭ ئۆيىدىن ئۇنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغرىلىقچە بۇ جەسەتنى يېگەنلىكى بايقالغان.
دېلو ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئامما قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، تەكشۈرۈشنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ساقچىلار سۇمانتونىڭ يەنە ئادەتلەنگەن جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇ ئىلگىرى نەنباڭ ئۆلكىسىدىكى بىر شېكەر قومۇشى تېرىش باغچىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ئۇ يەنە باشقا ئىككى جەسەتنى ئوغرىلىقچە يەۋەتكەن. بۇ بەلكىم ھەممىسى بولماسلىقى مۇمكىن، ساقچىلار يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدىن يوقاپ كەتكەن ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنىڭ كىيىمىنى بايقىغان، قارشى تەرەپ ئۇنى ئۇۋۇلاپ قويغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىر مەھەل يەنە ئۈچ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭمۇ بار-يوقلۇقىدىن گۇمانلانغان.
ئادەم يېيىشنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، سۇمانتو ئۆزىنى قارا سېھىرگەرلىككە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى، ئادەم گۆشى يېيىشنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا «شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرەلمەسلىك»نى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەلۇم روھىي توسالغۇغا گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان (گەرچە گۇناھىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باھانە تاپقانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ)
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ «ھىندونېزىيىلىك ئادەمخور» دېگەن نامى تارقالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى چاغدا ئادەم يېيىش جىنايىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلمىگەچكە، پەقەت ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەمئىي بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
(سۇمانتو سوتلىنىشنى قوبۇل قىلغاندا، سوتچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈمسىرەپ قويغان)
ئەمەلىيەتتە تۈرمىدە يېتىش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ، تۈرمىدە ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، سۇمانتو كۆپ قېتىم جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇ 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىلا جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىپ، ئاران ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتقان. لېكىن ئادەمخورلۇقتىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق جىنايەت ئۇنى يۇرتىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا سەۋەبچى بولغان.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئادەم يېگەندىن باشقا يەنە دائىم ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىپ، توي تۇرمۇشىمۇ نابۇت بولغان، سۇمانتونىڭ بارغۇدەك يېرى بولمىغاچقا ئۇ ئاخىرى بىر روھىي ساغلاملىق شىپاخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالانغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بارغانسېرى ئازلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنى كۆرگەن ۋاقتى 2021-يىلى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇ مەلۇم بىر داۋالاش ئورنىدا ۋاكسىنا ئەملەۋاتقان ئىكەن، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
(2009-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇمانتو شەخسىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە)
تاكى 2024-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى كەلگەن. سۇمانتو تۇرۇشلۇق روھىي ساغلاملىق شىپاخانىسى ئۇنى بىر مەيدان پائالىيەتنىڭ ماركا باش ئەلچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، «An-Nur» ئىسىملىك بىر فوند جەمئىيىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى باش تېما قىلغان ھالدا ئالاقە تورلىرىغا ئۇنىڭ فىلىملىرىنى يوللىغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ فىلىملىرى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن، بۇ «ئادەمخور مەخلۇق» قايتىپ كەپتۇ دېگەن ئىنكاسلار لىق تولغان.
بەلكىم تەسىرى ياخشى بولۇشى مۇمكىن، سۇمانتو ئالاقە تورى كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور چولپانلىق يولىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
ئەترەت ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ يېڭى قىياپەت بەرپا قىلىپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىۋەتكەن، رەتلىك كىيىملەرنى ئالماشتۇرغان، يەنە دائىم ئۇنىڭ ئۈچۈن گىرىم قىلىپ، ئۇنىڭ قارىماققا ناھايىتى يېقىشلىق كۆرسىتىشكە كاپالەتلىك قىلغان.
(سۇمانتو ئوبراز ئۆزگەرتىشكە باشلىدى)
سۇمانتو يەنە قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئىسمىغا «قايتا تۆرىلىش (Reborn)» دېگەن سۆزنى قوشقان بولۇپ، قارىماققا ئىلگىرىكى خاتالىقلار بىلەن خوشلىشىپ، قايتىدىن تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئاكتىپ ئوبراز تىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، دائىم كۈندىلىك تەنھەرىكەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پۇتبول تېپىش:
گىتار چېلىش
يەنە بېلىق تۇتقىلى ياكى يېزا پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىلى بارغان، بىكار قالسا شېئىرلارنى ئوقۇغان.
بىراق، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكىنى يەنىلا كاۋاپ يېيىش ھالقىسى بولۇپ، سۇمانتو كاۋاپ يېسىمۇ نۇرغۇن يۈرەككە ئېرىشەلەيدۇ.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بىر نەرسە يېسە، ئادەمگە ئادەم يېيىش ۋەقەسىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، مەستانىلەر بۇ ئىشنى ئەيىبلىمەي، ئەكسىچە بۇ ئىشنى «كۈلكىلىك ئىش» دەپ قاراپ، ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى تۇتقا قىلىپ ئىنكاس يازغان.
«كېيىنكى قورۇما ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىككى ئادەم ۋە فوتوگراف بولىدۇ.»
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئاقلاپ، قورقۇنچلۇق جىنايەتچىدىن قىزىقارلىق، سەمىمىي ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە قايتىپ كەلگەن ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلاندى، ئادەم يېيىش ھەتتا ئۇنىڭ تور چولپىنىغا ئايلىنىش يولىغا ئايلىنىپ، بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ خىل سېلىشتۇرما نۇرغۇن مەستانىلەردە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان، ئىنكاسچىلار يەنە مۇنداق دېيىشكەن:
«ئۇنىڭ مەزمۇنى قىزىقارلىق بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىمگە زور ئىلھام بولدى. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بۇنداق بولغاندا باشقا نەرسە يېسىڭىز ئاندىن تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.»
ھازىر سۇمانتونىڭ ئالاقە تورىدا 18 مىڭ مەستانىسى بار، لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلمىغان، كەلگۈسىدە يەنە ئالاقە تورىغا كىرىپ، كۆپ سۇپىلاردا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان مەزمۇنلارنى ھەمبەھرىلەشنى پىلانلىغان. قارا ئۆتمۈشتىن تىرىشىپ قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتا يارىتىشنى ئاكتىپلىق ۋە ئۆزگىرىشنىڭ ئالمىشىشىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان.
جىنايەتچىنىڭ ئاقلىنىشى كۈتۈلمىگەن ئىش ئەمەس، بەلكى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان دەۋردە، ئەخلاق تۆۋەن چېكىمۇ بۇنداق ئىشلارغا قايتا-قايتا يول قويىدۇ.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |