كۈندۈزى يورۇق دۇنيانى كېزىپ، كېچىسى قاراڭغۇلۇققا بەنت بولىدىغان ماڭا نىسبەتەن بۇ شەھەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى، بۇ يەرنىڭ رەڭدار تۇرمۇشى، جاھانكەزدىلەرنىڭ ھاياتى ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق.
ماددى ھەۋەس بۇرنىدىن يېتەكلەيدىغان جاھانكەشلەر بايلىق ۋە ھوقۇققا ئىنتىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز بەدەل تۆلەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا يەنە سەتەڭ قىزلارمۇ كەم بولمايدۇ.
يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق تەڭ مەۋجۇت بولغىنىدەك، بەزىلەر يورۇق دۇنيادا دۇرۇس ياشايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىمسىقىلايدۇ، يورۇقتىكىلەر قاراڭغۇلۇقتىكىلەرنى ياراتمايدۇ، ئەمما ئۇلار قاراڭغۇدىكىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ.
ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەيلى قاراڭغۇ مەيلى يورۇق، جاھاندىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاساسەن ئوخشاش، ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغىدەك ئېسىل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، جان تىكىپ تىرىشىشى شۇ بىر نەچچە نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خالاس.
مەن قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق ئارىسىدىكى ئادەم، ھەر كۈنى قىمار سورۇنلىرىدا يۈرىمەن، مەن داۋراڭسىز، كىچىك پىئېل ئىش قىلىشنى ياقتۇرىمەن، مەندە پۇل كەم ئەمەس، گۈزەل قىزلار تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى مەن بىر ئۇستا قىمارۋاز...
مەن ئۆزۈمنىڭ بىر قىمارۋاز بولۇپ قېلىشىنى، كونكىرىت ئېيتقاندا نەيرەڭچى قىمارۋاز (نەيرەڭچى-قىمار ئويۇنىدا ھەر خىل ھىلە-نەيرەڭ، تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنى ئۇتىدىغان ھۈنەر) بولۇپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم، مەندىكى بۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى، مېنىڭ ئاشۇ قېتىملىق يېزامدىن ئايرىلىپ شەھەرگە كىرگەندىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ......
بەزىلەر پىشىپ يېتىلگەن ئادەمگە قارىغاندا پىشىپ يېتىلمىگەن ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلماق تەس دەپ قارىشىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئادەملەر ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ، ئىش قىلىشتىكى چەك ۋە پىرىنسىپ دېگەنلەرنى ئۇلار پەقەت ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن چۈشىنەلەيدۇ.
ئالدىنقى يىلى يازدا مەن ئۆزۈم پەقەتلا خالىمىغان ئاساستا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ شەھەرگە كىرىپ بىر تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتىم، بۇ ئاتا-ئانامنىڭ پىكىرى ئەمەس، ھەممىسى مېنىڭ ئاشۇ يارىماس ئىككىنچى تاغامنىڭ ئىشى ئىدى.
دادام ئاپاملار ئاددى ئىنسانلار، ئۆمرى ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشى بىلەن ئۆتۈپ تۈزۈك جاھان كۆرمىگەن، مېنىڭ ئۇ يارىماس تاغام بولسا مەندىن 10 نەچچە ياش چوڭ بولۇپ، ئەقلىمنى بىلسەم ئۇ ئاشۇنداق تۇتۇرۇقسىز تۇيغۇ بېرىدىغان شاللاق بىر ئادەم ئېدى، ھە دېسىلا ياڭزا-ياڭزا قىزلارنى باشلاپ كېلەتتى، مەن ئۇنىڭ يا بىر يەردە ئىشلىگىنىنى ياكى تىجارەت قىلغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئۇنىڭ خەجلىسە تۈگىمەيدىغان پۇلى بار ئىدى.
مەن ھەتتا نەچچە قېتىم بازاردىكى نوچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالاھىدە تەكەللۇپ قىلىپ خۇشامەت قىلغانلىقىنى كۆرگەن، بىراق مەن ئۇنىڭ بىكار تەلەت، تاياق قېپى يۈرگەن تۇرقىغا قاراپ زادى قانداق بىڭسىى باردۇ دەپ قىزىقاتتىم.
كىچىكىمدىن باشلاپ دادام ئاپاملار مېنى ئۇنىڭدىن يىراق تۇر دەيتتى، ئۇ بىزلەر ئۈچۈن ئىبرەت ئالىدىغان ماتېرىيال بولۇپ، ھەممە ئەسكى ئىشنى قىلىپ باققان، لېكىن چوڭلار توسقانسىرى مەن ئۇنى ئىزدەشكە ئامراق ئىدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئانچە-مۇنچە قارت ئويناشتىكى كىچىك ھۈنەرلىرىنى ئۈگىتىپ، خۇشلىقى تۇتۇپ قالسا پارچە پۇللاردىن بېرىپ قوياتتى. بۇ تاغام ئۇنداق يارىماس نېمە بولغىنى بىلەن، كىچىكىمدىن باشلاپ ئۇنىڭ بەرگەن پۇللىرى دادام ئاپاملارنىڭكىدىنمۇ كۆپ!
بىراق يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا نېمە بولدىكىن، تۇيۇقسىزلا چوڭلارغا مېنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە كۆزى ئېچىلىپ ئىشنىڭ ئېپىغا كىرىۋالسا، سەھرادا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ يۈرگەندىن ياخشى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۇلارنى قايىل قىپتۇ.
مېنىڭ بۇ ئىشقا پەقەتلا قوشۇلغۇم يوق ئىدى، چۈنكى قوشنا كەنتتىكى قىزغا يازغان سالام خەتكە تېخى جاۋاپمۇ كەلمىگەن بولۇپ، بۇنداقلا كەتسەم ھەممە شېرىن چۈشۈم بەربات بولاتتى! ئەمما چوڭلارغا بويسۇنماي مەندە ئامال يوق ئىدى.
يولدا تاغام چوڭلار بەرگەن پۇلنى ساقلاپ بېرىمەن دەپ قويۇپ ئېلىۋېلىپ، قانداقلا قىلسام ماڭا قايتۇرۇپ بەرمىدى. يەنە تېخى «مەڭگۈ ئۆزۈڭدىن باشقا ئادەمگە ئىشەنمە، ئەر كىشى دېگەن ھەممە قازاندا قايناپ بېقىشى كېرەك، سېنىڭ بەك نوچى ئىشلارنى قىلىپ كېتىشىڭنىمۇ تەلەپ قىلمايمەن، بىر نەچچە يىل نەزەر دائىرەڭنى كېڭەيتىپ، جاھان كۆر» دەپ تەربىيە قىلىپ قويغانمۇ بولدى.
قويمىچى تاغامنىڭ پۇلۇمنى ئالدام ئېلىۋالغان ئىشىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇ مېنى شەھەرگە ئەكىرىپ بىر تەربىيلەش كۇرسىغا تىزىملىتىپ قويغاندىن كېيىن، يېرىم ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى دەپ 300 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى، دادام ئەسلى ماڭا 3000 يۈەن بەرگەنىدى.
بۇ كۇرس بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەن 6-گۇرۇپپىغا بۆلۈندۈم، ماڭا مەسئۇل بولغىنى 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بولۇپ، قېنىق گىرىم قىلىپ، ئۇزۇن قارا پايپاق تارتىۋالغان ئىدى، ئەرلەرگە قارىسا يەپ قويىدىغاندەك قىلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارايتتى، ئۇ مېنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغۇزدى.
ئۆزۈمنى ئازراق تونۇشتۇردۇم، گەرچە ھېچكىم بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، كۆزلىرىدىن مەسخىرە تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئېنىقكى ئۇلار سەھرالىقنى ياراتمايۋاتاتتى. ئۇ «قېرى تۈلكە» مېنى ئەڭ ئاخىرىدىكى ئەخلەت چېلىكىگە ياندىشىپ تۇرغان ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى، ئەڭ ئاخىرىقى رەتتە يەنە پارتىغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ ياتقان بىرى بار بولۇپ، قارىماققىلا چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى، مېنىڭ ئۇ يەردە ئولتۇرغۇم بولمىسىمۇ ئامال يوق كېلىپ ئولتۇردۇم.
دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئالتە يەتتەيلەن كېلىپ بىزنى ئورىۋالدى، يېنىمدا ئولتۇرغان بالىمۇ ئويغاندى، ئۇ بۇغداي ئۆڭ، چېچىنى قىسقا ياسىتىۋالغان بولۇپ، يۈزلىرىدە تاتۇق بار ئىدى، ئۇنىڭغا قاراپ بىر ئاز ئەندىكىپ قالدىم.
-بۇرادەر نەدىن كەلدىڭ؟ چۈشتىن كېيىن بىزنى مېھمان قىلارسەن؟
-تور ئويۇنى ئوينامسەن؟
بىر توپ بالىلار توختىماي سۆزلەپ، بۇلاڭچىدەك قاراپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز بىر قول كېلىپ مۈرەمنى چىمدىدى، قارىسام يېنىمدىكى ھېلىقى ئاداشكەن، ئۇنىڭغا قول ياندۇرۇشقا مەندە نەدىمۇ يۈرەك بولسۇن.
-سولتەك، كىم سېنى بۇ يەردە ئولتۇر دېدى؟
-مەسئۇل خانىم مېنى ئولتۇر دېگەن.... –مېنىڭ ئاۋازىم بەكلا بوش چىقتى.
گېپىمنىڭ ئاخىرى چۈشۈپ بولغۇچە ئۇ قوسقۇمغا بىرنى تېپىپ يەرگە يۇمىلىتىۋەتتى، مەن ئەسلىمگە كېلىپ بولغۇچە ئىگىز ئورۇق بىرى قولىنى بۇرنۇمغا تاقاپ تۇرۇپ ماڭا ۋارقىرىدى:
-كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قارا! بۇ يەردە گاڭ ئاكامنىڭ دېگىنى ھېساپ، ئۇ قېرى پاسكىنىنى يەنە بىر تىلغا ئېلىپ باقە قېنى؟
ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى بىزدە ئىدى، كەلگەن تۇنجى كۈنىلا كۆپچىلىك ئالدىدا تاياق يەپ بەك ھار كەلدى، ئىچىمدە تاغامدىن بەكلا نەپرەتلەندىم، ئاشۇ ئەبلەخ مېنى شەھەرگە ئەكىرىمەن دەپ تۇرۇۋالمىغان بولسا بۇنداق بوزەك بولۇپ يۈرەرمىدىم؟
قوسقۇمغا تەپكەن قىسقا چاچ سولتەك ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىن قاس چىقىرىپ ئالدىمغا كەلدى، مەن بولسام قورققىنىمدىن زۇۋانمۇ سۈرەلمەي ياتاتتىم.
-ليۇ بېنچياڭ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ سىزمۇ بار ۋاڭ گاڭ، نېمىشقا بىكاردىن ئادەم بوزەك قىلىسلەر! –دېدى بىر قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام يۈز كۆزلىرى سەپكۈن بىر قىزكەن، لېكىن ئۇ ھازىر كۆزۈمگە بەكلا گۈزەل كۆرۈنۈۋاتاتتى.
-ۋوي ۋوي، ليۇ شياۋمېڭنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇق ئەمەسمۇ، بىز ھېچنەرسە قىلمىغان، ئۇ ئۆزى يېقىلىپ كەتتى. –دېدى ليۇ بېنچياڭ ئىسىملىك ئورۇق ئېگىز سولتەك.
ۋاڭ گاڭ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ دانە-دانە قىلىپ: -سەن ئۇنىڭغا دەپ بەر، ئۆزۈڭ يېقىلىپ كەتتىڭمۇ ياقمۇ؟ -دېدى.
-مەن ئىشەنمەيمەن، شيۇڭ سەنمىڭ ئۆزىڭىز دەڭە، ئۇلار سىزنى بوزەك قىلدىمۇ؟
مەن ئازراق ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ بېشىمنى چايقىدىم:
-بايا ئۆزۈم يىقىلىپ كەتتىم.... –گېپىمنى ئاڭلاپ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، ليۇ شياۋمېڭ بولسا ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەنىدى، ماڭا نىسبەتەن ھازىر يۈز تۆكۈلۈشتىن تاياق يېمەسلىك ئەۋزەل ئىدى.
ۋاڭ گاڭ يانچۇقىدىن بىر يۈەن چىقىرىپ مېنى ئىككى قۇتا ئىچىملىك ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدۇم ئەمما نەدە دۇكان بارلىقىنى بىلمەيتتىم.
-چياڭ زى سەن بۇ سولتەكنى باشلاپ بېرىپ كۆرسىتىپ قوي، بۇندىن كېيىن ئىشلار بولسا ئۇنى بۇيرۇيمىز. –دېدى ۋاڭ گاڭ ئۇنىڭغا مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ.
بەدىنىم بەك قاتتىق ئاغرىۋاتقان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئىلاجىسىز دۇكانغا كەلدىم، ئادەتتە ئۆزۈممۇ ئېلىپ ئىچىشقا چىدىمايدىغان قىممەت پۇللۇق ئىچىملىكتىن ئىككى قۇتا ئالدىم، ياخشى يىرى تاغام ماڭا قالدۇرۇپ قويغان تۇرمۇش پۇلى بار ئىدى، مەن پۇل تۆلىگىچە ليۇ بېنچياڭ قولۇمغا قاراپ تۇرغان بولۇپ، كۆزلىرى قىزارغان بولسا كېرەك.
-ئويلىماپتىكەنمەن سەن سولتەك يانچۇقۇڭنى كولىساڭلا 300 يۈەن چىقىدىكەن ھە، چۈشتىن كېيىن ماڭا تور ئويۇننىڭ جابدۇقىنى ئېلىپ بەرسەڭ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭغا مەن ياردەم قىلىمەن.
مەن كۈلۈپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، بۇ پۇلۇم تۈگىسە ئاچ قالىدىغىنىم ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە بۇ سولتەك ھېچنېمىگە ھېساپ ئەمەس، يېقىنچىلىق قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ ۋاڭ گاڭغا قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم.
دۇكاندىن چىقىشقا تەمشىلىپ ئىشىكتىكى پەردىنى قايرىشىمغا قولۇم يۇمشاق بىر نەرسىگە تەگكەندەك قىلدى، مەن تەپسىلىي بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن جايىمدىلا داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئالدىمدا تۇرغىنى بىر بىرىدىن چىرايلىق ئۈچ قىز ئىدى!
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قىسقا چاچ قويۇۋالغان بولۇپ، قالغان ئىككەيلەننىڭ چاچلىرى ئۇزۇن مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى، مەن بۇرۇن سەھرادا بۇنداق چىرايلىق قىزلارنى ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان، ئەمما توساتتىن قولۇمنىڭ ئەسلىدە قىسقا چاچلىق گۈزەلنىڭ كۆكسىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھاپىلا شاپىلا قولۇمنى يىغۇشتۇرۇپ بېشىمىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدىم.
-توختا! –قىسقا چاچلىق قىز قولۇمدىن كاپلا قىلىپ تۇتتى، ئۇ گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق بولسىمۇ، ھازىر ئادەم يەيدىغاندەك سوغۇق تەلەتتە قاراپ تۇراتتى.
-نېمە، نېمە بولدى؟ -دېدىم مەن كېكەچلەپ تۇرۇپ ئارقىمغا يېنىپ، ئەسلىدە مەنمۇ قەستەن قىلمىغان ھەم ئۇنچىلىك يۈرەكمۇ يوق ئىدى.
مەن ياردەم تەلەپ قىلغان نەزەردە ليۇ بېنچياڭغا قاراپ قويدۇم، ئەمما ئۇ باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، بۇ قىزلارغا توختىماي خۇشامەت قىلىپ، پالانچى ئاچا، پۇكۇنچى ئاچا دەپ ئىگىلگىلى تۇردى، مەنمۇ شۈك بولۇپ قالدىم.
-نېمە بولدى؟ مەندىن تېخى نېمە بولدى دەپ سوراۋاتامسەن! خانئاچاڭغا پوخۇرلۇق قىلغىدەك بولدۇڭما؟ سەن قايسى گۇرۇپپىنىڭ؟
-ئۇ بىزنىڭ 6-گۇرۇپپىنىڭ، بۈگۈن يېڭى كەلدى. –دېدى ليۇ بېنچياڭ مەندىن بۇرۇن ئېغىز ئېچىپ.
-ساقلاپ تۇر، كۆرگۈلۈكۈك بار! –قىسقا چاچ قىز ماڭا غەزەپلىك قاراپ تۇراتتى.
كۆڭلۈم سەل پاراكەندە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بايا قولۇمدىكى شۇ سېزىم كاللامغا كېلىپ ئاجايىپ تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.....
ئۇلار ھەقىقەتەن بىر بىرىدىن چىرايلىق، بەدەن قۇرۇلۇشىمۇ گۈزەل قىزلار ئىدى، ئەمما ليۇ بېنچياڭنىڭ گېپى شېرىن خىياللىرىمنى بۆلدى.
-تۈگەشتىڭ سولتەك، 17-ئاچىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساڭ ئۆلگىنىڭ شۇ، ھەي....
17-ئاچا؟ بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى، ئاڭلىماققىلا ئاسانلىقچە خاپا قىلىپ قويغىلى بولمايدىغان بىرىدەك قىلاتتى، كاللام گادىرماچ بولۇپ كەتتى، زومىگەرلىك، بوزەك قىلىش، بوزەك قىلىنىشلارنىڭ ھەممىلا يەردە بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، ئەمما تۇنجى كۈنىلا مېنىڭ بېشىمغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىز تېز تېز مېڭىپ قايتىپ كىردۇق.
-بىر تال ئىچىملىكنى ئېلىپ كەل دېسە مۇشۇنداقمۇ يوقامسەن، سولتەك. –دېدى ۋاڭ گاڭ ماڭا چەكچىيىپ.
مەن چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئامالسىز يانچۇقۇمدىن 200 يۈەن پۇلنى چىقاردىم، ۋاڭ گاڭنىڭ ماڭا قارىغان كۆزلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىدى، قارىغاندا تاغامنىڭ دېگىنى توغرا ئوخشايدۇ، ھازىر ئادەملەر پەقەت پۇلنىلا تونۇيدىكەن.
-گاڭ ئاكا، بۇ سىزگە ئازراق كۆڭلۈم، بۇندىن كېيىن مەن سىزگە ئەگىشىمەن. –مەن شۇنداق دەپ پۇلنى ئۇنىڭ سۇندۇم، كۆڭلۈمدە بولسا «ئەمدى شامال يەپ بوران كېكىرىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلىغانىدىم.
داۋامىنى بۇنى سۈرەتنى ئېچىپ ئوقۇڭ