ۋاھھھ سىز ئامراق لىن يۈن قايتىپ كەلدى

文摘   2025-01-18 23:30   海南  

ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن لىن يۈن قىزلارنى ئېلىپ ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ، ئەجداد زېمىنىنى ساياھەت قىلماقچى بولدى.

بۇ بىر يىلدا، لىن يۈننىڭ قايتا تىرىلگەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ئەجداد زېمىنىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ چىقتى. لىن يۈننىڭ قولىدا يىغقان بايلىقلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ بولغاچقا، لىن يۈن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە يېتەرلىك بايلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي ھاياتلىققا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

كىچىك كۆك ئەجدىرھا بىلەن خو يۈن پادىشاھقا كەلسەك، ئۇلار چەكسىز ئەرش ئوردىسىدىن ئايرىلىپ، سىرتلارغا چېنىققىلى چىقىپ كەتتى.

ھەتتا مو چىڭ بىلەن يۈ يىڭمۇ سىرتقا چىقىپ چېنىقماقچى بولدى. لىن يۈننىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمۇ سىرتقا چىقماقچى بولىۋېدى، لىن يۈن ئۇلارنى توسۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۋال بالدۇرراق ئەبەدىي ھاياتلىققا قەدەم قويۇشىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭمۇ سىرتقا چىقىپ چېنىقسا بولىدىغانلىقىنى تاپىلىدى.

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، فېي يىڭ جانابى ۋە خۇي مىيې جانابى لىن يۈن بىلەن خوشلاشقىلى كەلدى.

-ئوردا خوجايىنى، سىز قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كېلىسىز؟-فېي يىڭ جانابى سورىدى.

-ئالاھىدە ئىش بولمىسا، ئەمدى ئاسانلىقچە پەيدا بولمايمەن، مەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى ئېلىپ، ئىسىم-فامىلەمنى يوشۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇش كەچۈرىمەن،-دېدى لىن يۈن.

-ئوردا خوجايىنى، كۆڭلۈمدە ئىزچىل بىر گۇمان بار ئىدى، مېڭىشتىن بۇرۇن ماڭا جاۋاب بېرەلەمسىز،-دېدى خۇي مىيې جانابى.

گەرچە لىن يۈن ئوردا خوجايىنىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا لىن يۈننى مۇشۇنداق ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئىدى.

-خۇي مىيې جانابى، قانداق مەسىلە بولسا يات كۆرمەي دەۋېرىڭ،-دېدى لىن يۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

-ئوردا خوجايىنى، بارلىق يۇلتۇزلار دۇنياسىدا ئېرا ھالاك بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئەجداد زېمىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قول تىقمىسىڭىز، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ سانى چوقۇم كۆپىيىدۇ، ھەتتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىزگە تەھدىت سالىدىغان مەۋجۇتلۇق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، سىز بۇنى قانداق ئويلىدىڭىز؟-خۇي مىيې جانابى سورىدى.

لىن يۈن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

-مەن تىنچ-ئامان، گۈللىنىش دەۋرى بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم، مەن مەنبە مەنزىلى دۇنياغا كەلگەن ھالەتتىمۇ، ماڭا قارشى چىقىدىغان سەۋەبى يوقتۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، مەنمۇ ئورنۇمدىن ۋاز كېچىشنى خالايمەن، پەقەت ئۇنىڭ پەزىلىتى مېنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمغا ئېرىشسىلا، مەن ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن، مەن بۇ ئورۇننى ئۇنچە مۇھىم بىلىپ كەتمەيمەن،-دېدى.

لىن يۈن گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى:

-ئەلۋەتتە كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كىم ئەجداد زېمىنىنى قايتىدىن قالايمىقان قىلىشنى ئويلايدىكەن، ئەگەر قارشى تەرەپ سىلەر بىر تەرەپ ھەل قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە، ئۇنداقتا جاھانغا يوشۇرۇنغان مەن شەمشىرىمنى ئېلىپ يەنە پەيدا بولىمەن!

-ئوردا خوجايىنى، دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم،-خۇي مىيې جانابى بېشىنى لىڭشىتتى.

-فېي يىڭ جانابى، خۇي مىيې جانابى، چەكسىز ئەرش ئوردىسىنىڭ، ئەجداد زېمىنىنىڭ ئىشلىرىنى سىلەرگە تاپشۇردۇم، سىلەر بولساڭلار، خاتىرجەم بولىمەن!-لىن يۈن كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىدى.

-لىن يۈن، ئەمدى يولغا چىقامدۇق؟-ۋاڭ شۆ لىن يۈننى قولتۇقلىۋېلىپ، ناھايىتى تەققەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

-بولىدۇ.

-فېي يىڭ جانابى، خۇي مىيې جانابى، مەن كەتتىم!

لىن يۈن قىزلارنى باشلاپ، قاقاقلاپ كۈلۈش ئىچىدە، فېي يىڭ جانابى ۋە خۇي مىيې جانابىنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولدى ……

……

بەش مىڭ يىلدىن كېيىن.

دازې رايونى، بو يۈەن شەھىرى.

بو يۈەن شەھىرى بىر كىچىك شەھەر بولۇپ، شەھەر ئىچىدە يۈنياۋ مەيخانىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭق چىقارغان مەيخانا بار ئىدى. بۇ مەيخانىنىڭ نام چىقىرىشىدىكى سەۋەب، مەيخانا خوجايىنىنىڭ سەل «غەلىتە» مىجەزى بار بولۇپ، مېھمان قانچە پۇل بەرسە، بۇنىڭ ھەممىسى مېھماننىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىدى. ھەتتا بەزى مۇساپىرلار بۇنىڭغا قاراپ، يۈنياۋ مەيخانىسىغا كېلىپ يەپ-ئىچىپ يۈرەتتى. باشقا مەيخانىلار بولسا كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن مۇساپىرلارنى چوقۇم قوغلىۋېتەتتى. ئەمما بۇ يۈنياۋ مەيخانىسىنىڭ خوجايىنى مۇلازىملارغا بولسا مۇساپىرلار تامىقىنى ھەقسىز بېرىشنى تاپىلىدى. مانا بۇ يۈنياۋ مەيخانىسىنىڭ بويۈەن شەھىرىدە داڭق چىقىرىشىدىكى سەۋەب ئىدى.

يۈنياۋ مەيخانىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا.

لىن يۈن ھويلىدا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىۋاتاتتى.

لىن يۈننىڭ ئالدىدا بىر بالا داڭقان كۆتۈرۈۋاتقان بولۇپ، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى.

لىن يۈن ئېنىقكى ئۆزىنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى، بۇ يۈنياۋ مەيخانىسىنىڭ خوجايىنى. ۋاڭ شۆمۇ لىن يۈننىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

-ئېرىم، چىن ما جاپاغا بەك چىدايدۇ، سىز قوبۇل قىلغان بىر قانچە شاگىرت ئىچىدە ئۇ بىردىنبىر بەرداشلىق بېرەلىگىنى بولدى،-ۋاڭ شۆ كۈلۈپ قويدى.

-ئۇ ھەقىقەتەن بولىدىغان مايسا،-لىن يۈن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

لىن يۈن بۇ يۈنياۋ مەيخانىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىر نەچچە شاگىرتنى قوبۇل قىلىپ بولدى. بۇ شاگىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى قىيىنچىلققا دۇچار بولغان بالىلار بولۇپ، ئەسلىدە يۈنياۋ مەيخانىسىغا كېلىپ تاماق يېگەن ئىدى. لىن يۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ بىچارە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە كېلىپ لىن يۈننىڭ كۆزىگە سىغىپ قالغاچقا، ئۇلارنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، ئۇلارنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ مەشىق قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بالىلار ئەلۋەتتە رازى ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن مەيخانىدا قاسا، بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان تۇرالغۇسى، مۇقىم يېمەكلىك مەنبەسى بار بولاتتى.

ئەمما لىن يۈننىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. لىن يۈن ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر كۈنى مەشىق قىلىدىغان تۈرلەرنى تۈزۈپ چىقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزۈكسىز ئاشاتتى، ھەر بىر تۈر ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. لىن يۈن ئىلگىرى قوبۇل قىلغان بىر نەچچە شاگىرتنىڭ ھەممىسى بۇ جاپاغا بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، ياكى لىن يۈن تۈزگەن مەشىق قىلىش تۈرىنىڭ مەنزىل مەشىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوشلاشتى ياكى ئۈن-تىنسىز ئايرىلدى.

بۇ چىن ما قاچمىغان بىردىنبىر بالا بولۇپ، لىن يۈننىڭ يېنىدا تۇرغىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىدى.

لىن يۈن ئىستاكاننى قويۇپ، بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن:

-چىن ما، بۈگۈن ئون مىڭ قېتىملىق داڭقان كۆتۈرۈش ئاخىرلاشتى، ئاۋۋال كېلىپ بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ، ئارام ئېلىڭ!-دېدى.

-خوپ، خوجايىن!-بالا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، «گۈپ» قىلىپ، مىڭ جىڭ كېلىدىغان داڭقاننى يەرگە قويدى، ئاندىن ھاسىراپ-ھۈمىدەپ لىن يۈننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى.

چىن ما چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ، كىيىم-كېچەكلىرى چىلىق-چىلىق تەردە ھۆل بولۇپ كەتتى.

-چاي ئىچىڭ،-لىن يۈن ئىستاكاننى چىن ماغا سۇندى.

-رەھمەت خوجايىن،-چىن ما ئىككى قولى بىلەن چاي ئېلىپ، ئاندىن غورۇلداپ ئىچىۋەتتى.

-چىن ما، بۈگۈن سىزنىڭ مەيخانىغا كەلگىنىڭىزگە ئۈچىنچى يىل بولدى، بۈگۈندىن باشلاپ مېنى خوجايىن دەپ چاقىرماڭ، مېنى ئۇستاز دەپ چاقىرىڭ،-لىن يۈن كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىدى.

چاي ئىچىپ بولغان چىن ما چۆچۈپ كەتتى.

كېيىنكى دەقىقىدە، چىن ما دەرھال يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.

-شاگىرت چىن مادىن ئۇستازىمغا ئېھتىرام!-چىن ما خۇشاللىقىدىن ئارقا-ئارقىدىن باش ئۇرۇشقا باشلىدى.

لىن يۈن كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتقان ھالدا:

-چىن ما، سىز بىردىنبىر، مېنىڭ ئالدىمدا تاكى رەسمىي مېنىڭ شاگىرتىم بولغىچە بەرداشلىق بەرگەن ئادەم، مېنىڭ ئادەتتە نېمە ئۈچۈن سىزنى مەنزىل مەشىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تۈرلەر مەشىقى بىلەن تاۋلايدىغانلىقىمنى بىلەمسز؟-دېدى.

-شاگىرتلىرى بىلمەيدىكەنمەن،-دېدى چىن ما جاۋاب بېرىپ.

-ئۇنداقتا مەن بەك قىزىقىپ قالدىم، سىز بىلمەي تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە ئۈچ يىل بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟ بۇ جاپا ئاسان ئەمەس،-لىن يۈننىڭ چىرايىدا قىزىقىش كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

-گەرچە مەن سەۋەبىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇستازىمنىڭ مېنى بۇنداق قىلىشقا بۇيرىشى چوقۇم ئورۇنلۇق!-چىن ما ھۆرمەت بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

لىن يۈن ئىستاكاننى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن:

-مەن ھازىر سىزگە دەپ بېرەي، بۇ سىزگە، شۇنداقلا سىزنىڭ چىدامچانلىقىڭىزغا بولغان بىر سىناق، زور ئىرادە بولغاندىلا ئاندىن مەشىق قىلىش يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ! مۇشۇنچىلىك جاپانىمۇ تارتالمىسا، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقرالمايدۇ،-دېدى.

لىن يۈن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-چىن ما، سىز مەن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇشەققەتلىك سىناقلارنى ئۈستىڭىزگە ئالالىدىڭىز، كەلگۈسىدە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.

-راستمۇ، ئۇستاز؟-چىن مانىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇر ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدى ئىدى.

-ئەلۋەتتە،-لىن يۈن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: سىرلىق بايۋەچچە-2

ئەسكەرتىش: «سىرلىق بايۋەچچە»نىڭ داۋامى «سىرلىق بايۋەچچە-2» چىقتى! ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر!



Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章