توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«بىلىم يەتمەيدىغان جايغا تەپەككۇر ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ»، ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق ھايۋاندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشىدىكى سەۋەب، بىز دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزىقىش ۋە ئىجادچانلىقنى ساقلاپ قالغان. لېكىن، بىر فىزىكىلىق مەسىلە ئىنسانلارنى ئىزچىل قىيناپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ كىۋانت مېخانىكىسى.
كىۋانت مېخانىكىسى بىر سىرلىق يېڭى ئۇقۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنچىكە تەجرىبە قىلىپ دەلىللەشتىن ئۆتكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى ئۇقۇمى چوڭقۇر ۋە سىرلىق بولغاچقا، بىر توپ ئالىملار ئارقىغا داجىدى، ھەتتا ئېينىشتېين، بول قاتارلىق كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئاساسچىلىرى ئۇنىڭغا قارىتا ئامالسىز قالدى.
بەزىلەر كىۋانت مېخانىكىسى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئىنسانلار روھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىشەنچلىك ئىلمىي چۈشەنچە بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارىماقتا. ئەگەر شۇنداق بولسا، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بۇ مۇرەككەپ ھەم ئېھتىياتچان تېما، چۈنكى ئىدېئولوگىيە ئىزچىل ئىلىم-پەن ساھەسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ كەلگەن، ماتېرىيالىزم دۇنيادىكى شەيئىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان بىردىنبىر توغرا يول، ئۇنداقتا كىۋانت مېخانىكىسىنى زادى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ئۇ راستتىنلا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟
كىۋانت چىرمىشىش ئىدىيەسى
19-ئەسىردە، فىزىكا ساھەسىدە ئاتالمىش دېتېرمىنىزم (决定论) بارلىققا كەلگەن، يەنى ئالەمدىكى بارچە شەيئىلەرنىڭ نەتىجىسىنى كونكرېت سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، شەيئىلەرمۇ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىدىغان قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلغان. دېتېرمىنىزم ئىلىم ساھەسىدە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىپلا قالماي، ھەتتا پەلسەپە، پسىخولوگىيە ساھەسىدىمۇ كەڭ تارقالغان. فىرانسىيەلىك فىزىكا ئالىمى لاپلاس بۇ يەكۈننى ئىنتايىن ئېتىراپ قىلغان، شۇڭا دېتېرمىنىزم يەنە لاپلاس ئەقىدىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
لاپلاس ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان:«ئەگەر بىر مەخلۇق مەۋجۇت بولسا ھەمدە ئۇ ئالەمدىكى ھەر بىر ئاتومنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە تېزلىكىنى بىلسە، ئۇنداقتا نەزەرىيە جەھەتتە كەلگۈسىدىكى ئالەمدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ ئورنىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. ئالەمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى چۈشىنىشتە، بۇ مەخلۇق كەلگۈسىنى پەرەز قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۆتمۈشنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ.» بۇ ئالەمنىڭ بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ھەممىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەخلۇق بولسا لاپلاس مەخلۇقى.
لاپلاسنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى سەۋەب-نەتىجە نەزەرىيەسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان، سەۋەب-نەتىجە نەزەرىيەسى بولسا ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئاساسى، شۇڭا بۇ پەرەزمۇ ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئالغاندا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. لېكىن لاپلاس مەخلۇقى فىزىكىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىگە روشەن خىلاپ بولغاچقا، فىزىكا ساھەسىدە بۇ نەزەرىيە توغرىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى.
1900-يىلىغا كەلگەندە، پىلانك كىۋانت ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالدى بىلەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى، كىۋانت پەقەت بىر خىل ئۇقۇم، ئالىملار قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان ئەڭ كىچىك ئېنېرگىيە ھالىتىنى كىۋانت دەپ ئاتىغان. كۋانت مېخانىكىسى مۇشۇ ئۇششاق ئېنېرگىيە جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا پەيدا بولىدىغان خىلمۇخىل ھادىسىلەردىن ئىبارەت.
كىۋانت مېخانىكىسى ئېنېرگىيەنى بارلىق بىنورمال ھادىسىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، پۈتكۈل ئالەم بىر ئېنېرگىيە چوڭ بىرىكمىسى، دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ ئۈزۈكسىز تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىۋانت مېخانىكىسى سىستېمىسى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتى، كىشىلەر كىۋانت مېخانىكىسىدا يەنە كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى، كىۋانتنىڭ قاتلىنىشى، كىۋانتنىڭ گۈمۈرۈلۈشى قاتارلىق بىر قاتار ھادىسىلەرنى بايقىدى، بۇ ھادىسىلەر كىشىلەرنىڭ رېئال تونۇشىغا خىلاپ.
كىۋانت مېخانىكىسى بارلىق بىنورمال ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. كىۋانت مېخانىكىسىدا، مىكرو زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، بىز پەقەت ئاتومنىڭ تەخمىنەن قەيەردە پەيدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز، لېكىن ئاتومنىڭ كېيىنكى سېكۇنتتىكى ئورنىنى توغرا بىلەلمەيمىز. ھەر بىر كۋانت ھالىتىنى ئۆلچەشتە ئوخشاش بولمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. كىۋانتنىڭ ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن بىز بىر مىكرو زەررىچىنىڭ كەلگۈسى ھالىتىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلالمايمىز.
كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى «مىكرو زەررىچىلەرنىڭ قاتلىنىش ھالىتى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن»، يەنى ئېنىقسىز ھالەت. كىۋانت مېخانىكىسى كىشىلەرگە ئىنسانلارنىڭ كىۋانتنى كۆزىتىش ھەرىكىتىنىڭ كىۋانتنىڭ قاتلىنىش ھالىتىنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئېنىقسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ھەر قېتىملىق كۆزىتىش ھەرىكىتىدە تاسادىپىيلىق مەۋجۇت بولۇپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ھالىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ پرىنسىپنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر مەشھۇر تەجرىبە بار، ئۇ بولسىمۇ شىريودىنگېر مۈشۈكى.
مۈشۈكنى ھىم ئېتىلگەن قۇتىغا سېلىپ قويۇپ، قۇتىنى زەھەرلىك گاز ۋە رادىيوئاكتىپلىق ئاتوم يادروسىغا ئۇلىغاندا، ئاتوم يادروسىنىڭ 1/2 قىسمى پارچىلىنىپ، يىمىرىلگەندىن كېيىن دەرھال قوزغىلىپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىدۇ، مۈشۈك شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. كىۋانت مېخانىكىسىنىىڭ قاتلىنىش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرگەندە، كۆزەتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاتوم يادروسى يىمىرىلىش ۋە يىمىرىلمەسلىكتەك قاتلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۈشۈكمۇ ھايات تۇرۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ قاتلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ.
مۈشۈكنىڭ كونكرېت ھالىتىگە قۇتىنى ئېچىش ئارقىلىقلا ھۆكۈم قىلالايمىز. ئەمما قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچقان ھامان مۈشۈكنىڭ ھالىتى دەرھال ئۆلگەن ياكى تىرىلگەن ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ تەجرىبىدە كىشىلەرگە شەيئىلەرنىڭ ئەسلىدە قاتلىنىش ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، ئەگەر كىشىلەر ئۇنىڭغا ئارىلاشسا، قاتلىنىش ھالىتىدە تۇرغان شەيئىلەرنىڭ دەرھال مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى ئىنساننىڭ روھى ۋە ئىرادىسى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ تۈۋرۈك نەزەرىيەلىرىنىڭ بىرى كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى، يەنى ئېنىق بولمىغان ھالەت ئېنىق ھالەتكە ئايلىنىش جەريانىغا، چوقۇم يەككىلىكنىڭ ئاڭ-تۇيغۇسى قاتنىشىشى كېرەك.
كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىغا مۇكەممەل جاۋاب بېرەلەيدىغان بىر پەرەز بار: بىر جۈپ ئاياغنى خىيال مىساق قىلساق، بىرلا ۋاقىتتا سول-ئوڭ پۇتنىڭ ئايىغىنى سىرتقى كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، بىر قۇتىنى ئاي شارىغا، يەنە بىر قۇتىنى يەرگە قويساق، يەر شارىدىكى قۇتا ئېچىلغان شۇ دەقىقىدە، بىز يەنە ئاي شارىدىكى قۇتىدىكىسى سول پۇت ياكى ئوڭ پۇتنىڭ ئايىغى ئىكەنلىكىنى دەرھال بىلەلەيمىز.
بۇ تەسەۋۋۇر قارىماققا سەل ئاساسسىز كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بىزگە تەخمىنەن ئىككى زەررىچە ئۆزئارا چىرمىشقاندا، ئۇلارنىڭ ھالىتىنىڭمۇ بىر-بىرىگە تايىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئىككى دانە زەررىچە ئالەمنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر زەررىچىنىڭ ھالەت ئۆزگىرىشى دەرھال يەنە بىر زەررىچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن 1935-يىلى EPR پارادوكسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل ھادىسىنى «دەرىجىدىن تاشقىرى يىراق ئارىلىق تەسىرى» دەپ ئاتىغان.
نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتىنىڭ نۇر تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى بۇ نەزەرىيەنى بىۋاستە ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. يەنى كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىدا، چوقۇم بىر قىسىم يوشۇرۇن ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار زەررىچىنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ.
كىۋانت مېخانىكىسى ئىنسانلارنىڭ روھىنى يوقاتمامدۇ؟
كىشىلەرنىڭ كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر دادىل تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا چىقتى: ئىنسانلارنىڭ ئېڭى چوڭ مېڭىدىن ھاسىل بولىدۇ، چوڭ مېڭىمۇ مىكرو زەررىچىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئەگەر كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى چەكسىز يىراق نۇقتىدا ئىككى دانە زەررىچىنى يەنىلا باغلىنىشچان ھالەتتە ساقلاپ تۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇمۇ روھنىڭ يوقالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، ئادەمنىڭ ئېڭى چوڭ مېڭىدىلا ئەمەس، ئالەمنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىدىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. شەخس ئۆلگەندىن كېيىن، چىرمىشىپ كەتكەن زەررىچىلەر يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى داۋاملىق ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئېڭى ۋە روھىمۇ داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ، روھى كىۋانتنىڭ چىرمىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
بۇ بىر رومانتىك پەرەز، لېكىن نۆۋەتتە ئىلىم-پەن ساھەسىدە يېتەرلىك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى گەرچە مىكرو زەررىچىدە ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بىۋاىتە ماكرو ئاڭغا تەدبىقلانسا، ئىلمىي ئاساسى يېتەرلىك بولماي قالىدۇ.
كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ يىراقتىكى زەررىچە ۋە ماددىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمدۇ؟ جاۋابى شۇكى، ھازىر مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھازىرقى فىزىكا نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىنىڭ باغلىنىشچانلىقى پۈتۈنلەي ئىختىيارىي بولۇپ، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
ئاڭنىڭ ئۆزگىرىشى يىراقتىكى زەررىچىلەرگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تەسىرنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولۇپ، ئەمەلىي ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يىراقتىكى زەررىچىلەر بىزنىڭ ئۆز ئېڭىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەپەككۇرىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ، بىز چىقارغان تاللاشمۇ ئالدىن بېكىتىپ قويۇلغان بولىدۇ.
ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىز ئالدىن بېكىتىپ قويۇلغان بولىدۇ. ھەر بىر ئادەم پەقەت نامەلۇم سېنارىيە بويىچە رول ئالغان بولىدۇ، خالاس، لېكىن بۇنداق ھاياتنىڭ يەنە قانداق ئەھمىيىتى بار؟
فىزىكا ئالىمى ماتتېۋ فىشېر چوڭ مېڭىنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەسى كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېۋرون ئۇچۇرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. نۇرغۇن ئالىملارمۇ چوڭ مېڭە نېۋرونلىرىنىڭ كىۋانت ئېففېكتىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، لېكىن نۆۋەتتە بۇ خىل نەزەرىيە تېخى دەسلەپكى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا.
كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇ ئالىملار، پەيلاسوپلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىسىگە ئېغىر جەڭ ئېلان قىلدى. كونا دەۋردىكى يازمىلاردا مۇنداق مەزمۇن خاتىرىلەنگەن: ئاڭ شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئالەم جىمجىت بولىدۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ماددىي دۇنيا ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوي-پىكىر بىر خىل ئۆلچەش بولۇپ، ئۇ ئالەمنىڭ جىمجىتلىقىنى ئېنىق ھالەتكە ئۆزگەرتىدۇ، بۇمۇ كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىپادىلىنىشى.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |