ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى مونتېسىتوغا كۆچۈپ بارغاندىن بۇيان، مېگان ماركېل (Meghan Markle) بىلەن شاھزادە خاررى (Prince Harry)نىڭ تۇرمۇشى باشتىن-ئاخىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى.
لېكىن، بۇ بىر جۈپ خان جەمەتىدىن چىققان ئەر-ئايال بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلار توپلانغان مەھەللىدە تولۇق قوبۇل قىلىنمىدى.
بەزى يەرلىك ئاھالىلەر ئۇلارنى بىۋاسىتە «مەھەللىدىكى ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچىلار» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ئىش كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بىزارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.
مونتېسىتو تىنچ مۇھىتى ۋە بۇ يەردە تۇرىدىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كەمتەرلىكى بىلەن داڭلىق.
بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان چولپانلاردىن ناتالى پورتمەن (Natalie Portman)، لېئوناردو دىكاپرىئو (Leonardo DiCaprio)، ئوپرا ۋىنفرېي (Oprah Winfrey) قاتارلىقلار بار.
لېكىن، مېگان بىلەن خاررى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەر ناھايىتى تېزلا ئەسلىدىكى كەمتەرلىكىنى يوقىتىپ بىراقلا «قىزىپ» كەتتى.
ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئاتايىن بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ بىر جۈپ خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان ئەر-ئايالنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان، بۇ بىۋاسىتە مەھەللىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان مونتېسىتو كوچىلىرى قىستا-قىستاڭ بولۇپ، ئەسلىدە مەخپىي بولغان مەھەللىنى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئىگەللىۋالغان.
بەزىلەر بىزارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىشتى: «ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلىشى تاراتقۇلارنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، لېكىن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى ئېلىپ كەلدى.»
مېگاننىڭ يېڭى ماركىسى «American Riviera Orchard»مۇ قوشنىلارنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ماركا نامىنى بىۋاستە تەرجىمە قىلساق «ئامېرىكىلىقلارنىڭ رىۋېئېرا بېغى» بولىدۇ، مېگان بۇ ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوبراز ياراتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئاھالىلەر بۇنى بىر خىل ھەددىدىن زىيادە تاۋارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى دەپ قارىغان، ھەتتا بەزىلەر بۇنى مەھەللىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىك دەپ تەنقىد قىلغان.
ئۇلارنىڭ بىر قوشنىسى مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ يەرگە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەممە نەرسىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن.»
ئۇنىڭدىن باشقا، مېگان بىلەن خاررىنىڭ ئىش قىلغاندا داغدۇغا قىلىشىمۇ شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
«ئۇلارنىڭ دائىم باش بەتكە چىقىدىغان ئىشلىرى بىزنى بىئارام قىلىدۇ، نېتفلىكىسنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىدىن تارتىپ يېڭى سودا تۈرىگىچە پەقەت پۇل تېپىشقا كۆڭۈل بىلىدۇ، بىز بىلىمىز ئۇلار بۇ مەھەللىگە چىن كۆڭلىدىن سىڭىپ كىرمەكچى ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈچۈن باشقىلار پاراڭلىشىدىغان تېما پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»
گەرچە ئۇلار توغرىسىدىكى تەنقىد سادالىرى ھازىرغىچە ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرماسلىقى ناتايىن، ئۇلارنىڭ بەزى قوشنىلىرى ئۇلار ھەققىدە ياخشى سۆزلەرنىمۇ قىلىدۇ.
مەسىلەن، شارون ستون (Sharon Stone) ئىلگىرى مېگان بىلەن خاررىنىڭ «مەھەللىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كوچىدا ئۆزىگە دوستانىلىك بىلەن قول پۇلاڭلاتقانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى ھەمبەھرىلىگەن ئىدى.
لېكىن، كۆپ ساندىكى ئاھالىلەر يەنىلا ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
بىر قېتىملىق مەھەللە پائالىيىتىدە، بەزىلەر ئۇدۇللا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار ئاغزىدا تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمىز دېگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە توختىماي ھەرخىل مەشخۇلات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى ئۈچۈن چەكسىز ئاشكارىلىنىش پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»
بۇ خىل بۆلۈنۈش پوزىتسىيەسى مېگان بىلەن خاررىنىڭ مونتېسىتودىكى تۇرمۇشىنى ئالاھىدە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
گەرچە ئۇلار دوستانە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەھەللىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن نارازى بولغان ئاۋازلار باشتىن-ئاخىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
مەھەللە ئىچىدىلا ئەمەس، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن شەخسىي تۇرمۇشتىمۇ يەككە-يېگانە قېلىۋاتىدۇ.
«Vanity Fair»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاررى مونتېسىتودا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى قۇرمىغان، ئۇنىڭ تۇرمۇشى مېگان ۋە بالىلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان.
مېگان بولسا ئۆزىنىڭ سودا ۋە تاراتقۇ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنماقتا.
نېتفلىكسنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «خاررى بىلەن مېگان»دىن سىپوتىفىنىڭ پىروگراممىسىغىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىزچىل ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھېكايىسىنى سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
ئەمما، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېيىشتى: «ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىجادىيەتلىرى بار، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ بۇ يېڭىلىقلىرى ئۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشمايدۇ.»
مونتېسىتو ئاھالىلىرىنىڭ نارازىلىقى بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئېلىپ كەلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئۇلارنىڭ مەھەللىنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ مەدەنىيىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشى. بۇ يەر ئەسلىدە كەمتەرلىك ۋە مەخپىيلىك بىلەن داڭق چىقارغان ئىدى، مېگان بىلەن خاررىنىڭ توختىماي داغدۇغا پەيدا قىلىپ، يۇقىرى ئۇسلۇب يارىتىشى بۇ مەھەللىنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
گەرچە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ مەھەللىگە تېخىمۇ كۆپ سىرتتىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل غەمخورلۇقنى ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.
بىر ئاھالە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئەسلىدە شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراق جاي بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ كېلىشى بىزنى بۇ ئەتراپتىكى باشقىلار تاماشا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.»
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |