چىن مۇ يالغۇزسىراپ كەتتى، «كىم مېنى ئالاھىدە ماھارەتلىك بولسۇن دەپتۇ؟» دەپ ئويلىدى.
مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشكە ئاز قالغاندا، چىن مۇ ماشىنىنى ھەيدەپ شۆفۇ يولىدىكى جياڭخۇەي 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا كەلدى. ئورۇندۇقنى ياتقۇزغاندىن كېيىن، قارا كۆزەينىكىنى ئېلىپ، ماشىنىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، يېتىپ مۇزىكا ئاڭلىدى. چىن مۇ بۇ ناخشىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ناخشىنى تاڭ ئاتقۇچە تەكرار ئېيتاتتى، ھەتتا يان تېلېفونىنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ مۇشۇ ناخشا ئىدى. بەلكىم بۇ ناخشا ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يەنە بىر خىل ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئىككى يىل ۋاقىت، بۇ چىن مۇنىڭ ئۆزىگە بەرگەن مۆھلىتى. جياڭخۇەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چىن مۇ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن چيەنجياۋ گۇرۇھى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ شوپۇرى بولۇپ قالدى. چيەنجياۋ گۇرۇھى مەملىكەت بويىچە داڭلىق كىيىم-كېچەك كارخانىسى بولۇپ، ئۇ داڭلىق ئايال چېن چيەنجياۋ ئىجاد قىلغان داڭلىق ماركا. چيەنجياۋ گۇرۇھى ئىلگىرى پەقەت ئايالچە كىيىم-كېچەكلەرنىلا ئىشلەپچىقىراتتى، كېيىن سودىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، پۈتكۈل كىيىم-كېچەك ساھەسىگە بۆسۈپ كىردى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چېن چيەنجياۋ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، يېشى 40تىن ئاشقان بولسىمۇ، سالاپىتى ياش ۋاقتىدىكىدىن قېلىشمايتى، ئۇ جياڭخۇەي سودا ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك شەخس. ئۇنىڭ ئىككى قىزى تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ، چوڭ قىزى لۇ ياچىڭ 24 ياشقا كىرىپلا چيەنجياۋ گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى باش لىدىرى چېن چيەنجياۋنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئوڭ قانىتىغا ئايلاندى. كىچىك قىزى لۇ ياتىڭ 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ، جياڭخۇەي 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيتى.
باش مۇدىرنىڭ بۈگۈن كەچتە ئىنتايىن مۇھىم بىر زىياپەت بارلىقىنى ئاڭلاپ، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ليۇ خۇڭ چىن مۇغا ئالايىتەن تاپىلاپ، ئۇنى ئىككىنچى خانقىزنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى.
جياڭخۇەي 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قاتتىق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە كىرىپ، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئاندىن سىرتقا چىقالايدۇ. بۈگۈن دەل جۈمە كۈنى بولۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدى بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن شەخسىي ئاپتوموبىللار بىلەن لىق تولغان ئىدى. چىن مۇ ماشىنىسىنى ئۇدۇلدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويۇپ، مۇزىكا ئاڭلاشقا باشلىدى.
لۇ ياتىڭ تېخى چىقماي تۇرۇپلا، چىن مۇ كادىرلار ئىشلىرى باش نازارەتچىسى ليۇ خۇڭغا تېلېفون قىلدى.
-سىزدىن بىر سوئال سوراي، ليۇ خۇڭ ئاچا، لۇ ياتىڭ چىرايلىقمۇ؟
-ئۆلگۈر، چىن مۇ سىزگە دەپ قوياي، ماڭا چاقچاق قىلماڭ. مەن ئىككىنچى خانقىزنى ئېلىپ كېلىشتەك بۇنداق شەرەپلىك ئىشنى سىزگە تاپشۇردۇم، ماڭا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەڭ.
ليۇ خۇڭ چىن مۇنى تىللاپ كەتتى، ئەگەر بۇ ئەبلەخنىڭ پەزىلىتىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسا، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ چيەنجياۋ گۇرۇھىغا كىرىشىگە قوشۇلمىغان بولاتتى.
-باشقا ئىشلاردا چاقچاق قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىز ئىككىنچى خانقىزنىڭ پېيىدا بولۇشقا پېتىندىڭىزمۇ؟
چىن مۇ ليۇ خۇڭنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ ئېغىز ئاچتى.
-ھەي، ھەرگىز قالايمىقان ئويلىماڭ، سىز مېنى لۇ ياتىڭنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدىڭىز، لېكىن ئۇنىڭ بىرەرمۇ ئۇچۇرىنى بەرمىدىڭىز. مەندە يا ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى، رەسىمى، ئۈندىدارىمۇ يوق تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
-سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز ۋە ماشىنا نومۇرۇڭنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئۇ سىزگە تېلېفون قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بۇ سەت تۇرقىڭىزدا، پەقەت مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلسىڭىزلا، باشقىلار سىزگە يېقىنلاشماسلىقى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ تەبىئىيلا سىزنى بىر قاراپلا تونۇۋالىدۇ.
-ھەي بۇ...
چىن مۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ليۇ خۇڭ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
-مەن ئاشۇنداق سەتما؟
چىن مۇ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم تۈزەشتۈردى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇ ليۇ خۇڭنىڭ تەققى-تۇرققا باھا بېرىش يۆنىلىشىدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟
چىن مۇنىڭ چيەنجياۋ گۇرۇھىغا كىرەلىشى ھەقىقەتەن ليۇ خۇڭنىڭ مۇناسىۋىتىدىن بولغان. ليۇ خۇڭ چىن مۇنىڭ تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپ ئويلانمايلا ماقۇل بولغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىگىت كۆرۈنۈشتە بىر قويدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر بۆرە ئىدى. ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى چىقىپ، چاڭگىلىنى ئۆزىگە سۇندى.
ليۇ خۇڭ بىر نەچچە قېتىم چىن مۇنىڭ ئۆزىنىڭ كاسىسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھەتتا بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىشتاننىمۇ كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى شىركەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ليۇ خوڭنى چيەنجياۋ گۇرۇھىدىكى ئەڭ تەنناز ئايال، شۇنداقلا شىركەتتىكى ئون ساھىپجامالنىڭ بىرى دېيىشىدۇ.
چېن چيەنجياۋدىن ئىبارەت بۇ باش مۇدىردىن قالسىلا، ليۇ خۇڭ ئىككىنچى ئورۇندا، باش مۇدىر لۇ ياچىڭدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەننازلىقنى ئىپادىلەشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، ليۇ خۇڭ ئۇنى فىگۇرىسىدا مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۇ خىل كۆرگىلى بولىدىغان ئويمان-دۆڭلۈكنى يوشۇرماقچى بولسىمۇ يوشۇرغىلى بولمايدۇ. چىن مۇنى ئىككىنچى خانقىزنى ئالغىلى ئەۋەتىشىدىكى سەۋەپ، شىركەتتىكىلەر بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئادەم چىقىرالماي قالدى.
بۈگۈن كەچتىكى زىياپەت چيەنجياۋ گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئىشقا شىركەت پۈتۈن كۈچى بىلەن دېگۈدەك ئاتلاندى، پەقەت چىن مۇدىن ئىبارەت بۇ يېڭى كەلداخۇننىڭ ھېچقانداق ئىشى يوق، شۇنىڭ بىلەن ئادەم قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا يۈكلەندى.
تۇيۇقسىز چىن مۇنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، چىن مۇ بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئېلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىر قىزنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. قارشى تەرەپ 16-17 ياشلاردا بولۇپ، ۋەنچېڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىۋالغان، بويى ئاز دېگەندىمۇ بىر مېتىر 60 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مەكتەپ گۈزىلى دېيىشكە بولاتتى.
چىن مۇ تېلېفوننى ئالماي، ئۇنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى.
-سىز لۇ ياتىڭمۇ؟ مەن شىركەتنىڭ ئارقا سەپ بۆلۈمىدىن چىن مۇ بولىمەن، ليۇ دىرېكتور مېنى سىزنى ئالغىلى ئەۋەتكەن ئىدى.
چىن مۇ شۇنداق دەپلا قىزنىڭ سومكىسىنى ئالغىلى قولىنى ئۇزاتتى، لۇ ياتىڭ ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ سورىدى.
-نېمىشقا تېلېفوننى ئالمايسىز؟
قىزچاق كىچىك بارماقلىرى بىلەن نومۇر بېسىپ يەنە بىر قېتىم تېلېفون ئۇردى، تاكى چىن مۇنىڭ يانفونى سايراپ ئاۋاز چىققانغا قەدەر ئۇرۇپ، ئاندىن چىن مۇنىڭ سالاھىيىتىگە ئىشەندى. چىن مۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
-يۈرۈڭ.
چىن مۇ مېڭىشقا تەمشەلگەندە لۇ ياتىڭ ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ، ليۇ خۇڭغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن چىن مۇغا ئەگىشىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ شۇنچە ئەتراپلىق ئىكەنلىكىگە، ھەتتا چىن مۇمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدى. ئەمما بۇنداق بولغاندا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى، چىن مۇ ئىشىكنى ئېچىپ لۇ ياتىڭنى ئاپتوموبىلغا چىقىشقا بۇيرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاز دېگەندە تۆت ئەر كىشى يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ باشلامچىسى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بولۇپ، چىشلىرى سارغىيىپ كەتكەن، بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كۈنجۈت چوڭلۇقىدىكى دانىخورەك بار ئىدى. بوينىغا كىچىك بارمىقىدىنمۇ توم ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان بولۇپ، قالغان ئادەملەرنىڭمۇ يۈزلىرىدە تارتۇق بار ئىدى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن بىۋاسىتە ماشىنىغا چىقىپ، لۇ ياتىڭنى ئارقا رەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىپ قويدى. بودەك ماشىنىغا چىقماستىن، بېلىدىكى پۇرژىنىلىق پىچاقنى تۇتۇپ قويۇپ، ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارلىدى.
-ماشىنىغا چىقىڭلار.
چىن مۇ تەمكىنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەت چىرايىغا قاراپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەرىكىتى تېز بولۇپ، ھەتتا يولدىن ئۆتكەنلەرنىمۇ چۆچىتىۋەتمىدى.
لۇ ياتىڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن مۇ يېنىكلىك بىلەن ئىش قىلمىدى، ئەھۋالنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن، چىن مۇ ئاۋۋال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ زادى نېمە مەقسىتى بارلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى؟ ئۆزى ليۇ دىرېكتورغا ئىككىنچى خانقىزنى ساق-سالامەت ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.
لۇ ياتىڭ بۇ چاغدا قورققىنىدىن چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.
-ھەيدە.
چىن مۇ تاماكىسىنى لېۋىگە قىستۇرۇپ، ئالدىرىماي ئوت ياقتى، ئاندىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن چوڭقۇر مەنىلىك ھالدا ئېغىز ئاچتى.
-سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار قانۇنغا خىلاپ، بىرەر ئىش بولسا ئولتۇرۇپ ياخشىراق پاراڭلاشساق بولمامدۇ؟ نېمىشقا بۇ قىزچاقنى تەڭلىكتە قويىسىلەر.
كەينىدىكى ئىككى ئەبلەخ تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ قول سېلىشقا تەييارلاندى، سېرىق چىش چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ۋارقىرىدى.
-قۇرۇق گەپ قىلما، ئىشىنەمسەن؟ سېنى بىر پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋېتىمەن.
-تاغا، سېيرىتمىڭىز ئېچىلىپ قاپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سېرىق چىش تۇيۇقسىزلا بېشىنى تۆۋەن سالدى، دەل مۇشۇ پەيتتە، چىن مۇ ھەرىكەتكە كەلدى. سېرىق ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيلا، پەقەت بېلىكىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئارقىدىنلا پۇرژىنىلىق پىچاق يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت تېگىپ، نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى.
بۇنى كۆرگەن كەينىدىكى ئىككى چوماقچى داڭ قاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇلار ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈتمەيلا، چىن مۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىككى مۇشت ئىتىپ، ئۇ ئىككىسىنى ئايلاندۇرۇپ قويدى.
-ماڭا تەھدىت سېلىشقا پېتىندىڭمۇ؟
چىن مۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، ئۇچقاندەك شەھەر ئەتراپىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بودەك ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ، دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون ئۇردى.
-خوجايىن، بىزنىڭ تۇتقۇن قىلىشقا كەلگەن ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.
2-باب: باھانە تېپىپ ئەدىپىڭنى بېرىش شۇنچە تەسمۇ؟
نېمىدىگەن قالتىس، ئىككى سېكۇنت ئىچىدە ئۈچ قاراقچىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى.
ئارقا رەتتە ئولتۇرغان لۇ ياتىڭ خۇددى چۈش كۆرگەندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
-ھەي، سىز نېمە ئىش قىلماقچى؟
ئۇ چىن مۇنىڭ ماشىنىنى شەھەر سىرتىغا ھەيدەپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ ۋارقىرىدى.
-ھېچقىسى يوق، مەن ئۇلارغا ئىدىيە-ئەخلاق دەرسى ئۆتىمەن،
چىن مۇ ماشىنىنى ھەيدەپ ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، شەھەر سىرتىدىكى بىر پۈتمىگەن قۇرۇلۇش ئورنىغا كەلدى.
-ياشىنىپ قالغان تۇرۇقلۇق يەنە باشقىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىنى ئۈگىنىۋاتامسىلەر؟
چىن مۇ ئۆلۈك ئىتقا ئوخشاش يوغان سېرىق چىشىنى ياردەمچى شوپۇر بۆلمىسىدىن سۆرەپ چىقىپ، قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە بىر نەچچىنى تەپتى.
چىن مۇ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق ئادەم، قارشى تەرەپ ئېنىقلا ئۆزى ياۋاش، تاقابىل تۇرۇش ئاسان، مەخسۇس بۇيرۇق بىلەن ئىش قىلىدۇ.
-بۇ مەن يېڭىدىن تاپقان خىزمەت، سەن خەق مېنىڭ تاماق قاچامنى چېقىۋەتمەكچىمۇ؟
بۇ ئىشنى ئويلىسىلا، چىن مۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى يەنە نەچچىنى تېپىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىچارە سېرىق چىشنىڭ ئەسلىدىلا تاقەتسىزلەنگەن چىرايى پۈتۈنلەي باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالدى.
ئارقا رەتتىكى ئىككى لۈكچەكمۇ چىن مۇ تەرىپىدىن ماشىنىدىن سۆرەپ چۈشۈرۈلۈپ، قاتتىق تاياق يېگەندىن كېيىن، قاتتىق ئازابتىن ئويغاندى. ئۇلار تا ھازىرغا قەدەر بايا قانداق بىر قاباھەتلىك چۈشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى.
ئۆزىنىڭ بىر توپ ئادەملىرى ئېنىقلا تۇتقۇن قىلىشقا كەلگەن تۇرسا، قانداقسىگە باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ؟ سېرىق بېشىنى چايقاپ، ئالدىدا تاماكا چىشلەپ تۇرغان چىن مۇغا قاراپ، كۆڭلىدە تۇيۇقسىز بىر خىل دېگىلى بولمايدىغان ۋەھىمە پەيدا بولدى.
قارىماققا ئادەم ۋە ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بۇ ئەبلەخ زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟ ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە قېلىشىچە، قارشى تەرەپ پەقەت بىر مۇشت بىلەنلا ئۆزىنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتتى، ھەتتا قول ياندۇرۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.
-بىز كىشىلىك ھايات توغرىسىدا سۆزلىشىپ باقايلى،-دېدى چىن مۇ 300 جىڭ كېلىدىغان چوڭ تاشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈچەيلەنگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ.
-ھەي، مەن بەك كېلىشكەنمۇ؟ چاچ پاسونى قالايمىقان ئەمەستۇ.
ئۈچەيلەننىڭ يىغلىغۇسى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغلاشقا پېتىنالمىدى.
چىن مۇنىڭ ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا چوڭ تاشنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
ماشىنىدا قالغان لۇ ياتىڭمۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەيران قالدى..
ئەگەر دەسلەپتە ئۇلار سەل غەزەپلەنگەن بولسا، چىن مۇنىڭ تاشنى ئاسانلا كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈچەيلەن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى.
سېرىق چىشنىڭ چىرايىدا ئەمدى ياۋۇزلۇقنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەكىسچە ئۇنىڭدا يەنە بىر خىل قورقۇنچ، گۇمانخورلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ بەلكىم چىن مۇنىڭ سالاھىيىتىنى پەرەز قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
چىن مۇ چوڭ تاشتا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سېرىق چىشقا قاراپ دېۋەيلىدى.
-يەنە تۇتقۇن قىلىش ئويۇنى ئوينامسەن؟
-ياق ئوينىمايمەن.
-ماڭا يەنە پىچاق تەڭلەمسەن؟
-ھەددىم ئەمەس.
-ماڭا يەنە يامانلىق قىلامسەن؟
-جۈرئەت قىلالمايمەن.
سېرىق چىشنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يۈزىگە بىر شاپىلاق تەگدى.
-بىر باھانە تېپىپ سېنى ئۇرماقچى بولۇۋاتسەم، نېمىشقا بۇنچە قىينىلىسەن؟ قېنى دېگىنە؟ نېمىشقا باشقىلارنى تۇتقۇن قىلماقچى بولىسەن؟
-بۇرادەرلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان قولى قىسقا بولۇپ قالدى، شۇڭا ئازراق پۇل تېپىپ خەجلەيلى دېگەن.
ئۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر شاپىلاق تەگدى.
-پۇلۇڭ بولمىسا ئالتۇن زەنجىر تاقىۋالامسەن؟ ئەكىلە كۆرۈپ باقاي.
چوڭ سېرىق چىش ئازابلانغان ھالدا بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىپ چىن مۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. بۇ ئالتۇن زەنجىرنىڭ ئېغىرلىقى توپتوغرا 60 نەچچە گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بازار باھاسى بويىچە ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساتقىلى بولاتتى.
-نەرسىنى ئاۋۋال مېنىڭ يېنىمغا قويۇپ قوي.
-ئىككىڭلارچۇ؟-دەپ سورىدى چىن مۇ قالغان ئىككىسىگە قاراپ.
ئىككەيلەن قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى.
-خوجايىن، بىزدە پۇل يوق.
ئىككىيلەن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، شاپىلاق يەپ ئاغزىدىن قان چىقىشقا باشلىدى.
-پۇل يوقما؟
چىن مۇ ئادەم ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى تاپتى.
-يانچۇقۇڭدىكى ھەممە نەرسىنى چىقىرىش.
ئۈچەيلەن قانداقمۇ سەل قاراشقا پېتىنالىسۇن؟ ھەركىتى سەل ئاستا بولسا يەنە تاياق يەيدىغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاپىلا-شاپىلا يېنىدىكى ھەممە نەرسىنى چىقىرىپ يەرگە قويدى.
ھەقىقەتەن پۇلغا يارايدىغان نەرسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، چىن مۇ ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتى، ھەتتا ماشىنىنىڭ ماي پۇلىمۇ چىقمىدى.
-مېنىڭ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار.
چىن مۇ شۇنداق دەپ ئادەم ۋە چارۋىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان، كۈلۈپ تۇرىدىغان قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى، ئۇنىڭ زادى قانداق ئامال تاپقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بۇ چاغدا لۇ ياتىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئېغىز ئاچتى.
-ئورەك كولاپ ئۇلارنى كۆمۈۋېتەيلى.
ئۇ بايىقى كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردى، قىساس ئېلىش پۇرسىتى تېپىلغۇسىز تۇرسا، قانداقمۇ قولدىن بېرىپ قويغىلى بولسۇن؟
لۇ خانقىزنىڭ سۆزى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، ئۈچەيلەن قورققىنىدىن ئىككى پۇتى بوشىشىپ يەرگە تىزلاندى، ھەتتا يوغان سېرىق چىشقا ئوخشاش چىرايى ياۋۇز ئەبلەخمۇ قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى.
-ئاكا، كېلەر قېتىم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز.
-كېلەر قېتىم؟ بولىدۇ، ئەمىسە مەن ۋاقتىنچە سىلەرنى قويۇپ بېرەي!
چىن مۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يوغان سېرىق چىشلىق ئالتۇن زەنجىرنى يانچۇقىغا سالدى.
ئۈچەيلەن شۇندىلا بىر ئاز خاتىرجەم بولدى، ئەمما چىن مۇ تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى.
-ئىشتاننى سېلىش.
- ھە؟!
ئۈچەيلەن تۇغما ئىنكاس بىلەن تەڭلا كاسىسىلىرىنى تۇتۇشتى.
سېرىق چىش يالۋۇرۇپ ئېغىز ئاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا، چىن مۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەل-پەل بىر خىل سۈر-ھەيۋە چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-ئاكا، ئاستىراق.
لۇ ياتىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يۈزىنى باشقا ياققا بۇرىدى.
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: قالتىس قوغدىغۇچى