ئۇ ئەڭ قەبىھ ۋاستە بىلەن قىساس ئالىدۇ

文摘   2025-01-20 22:27   海南  

مېنىڭ ئىسمىم نەن خاۋخەن، نەنتيەنمېندىكى نەن، بىپايان يۇلتۇزلاردىكى خاۋخەن، سېسىق نامى پۇر كەتكەن نەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلارنىڭ تۆتىنچىسى.

ئىلگىرى بىر رەممال، نەن ئائىلىسى نۇرغۇن ۋىجدانسىز ئىشلارنى قىلغاچقا، ئۆزىنىڭ ئامىتىنى قاچۇرۇۋەتتى، ئەگەر بالدۇرراق قول يۇيۇپ يامان يولدىن قايتىپ توغرا يولغا قايتمىسا، كېيىن نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ دېگەنىدى!

ئۇ رەممالنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى مەن بىلمەيمەن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم شۇ كۈنى كەچتە ئۇ رەممال يالىڭاچلىنىپ، كۈپكە قاچىلىنىپ ئېغىزى موم بىلەن پىچەتلىنىپ، يەر ئاستى ئۆيگە ئەكىرىۋىتىلدى...

نەن ئائىلىسى پەقەت سىرتتىكىلەرگىلا رەھىمسىز ئەمەس، ئۇلار مېنى تۇغما شۇملۇق كەلتۈرگۈچى دەپ قارايدۇ، كىچىكىمدىن مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، سىرتتا ئۆلۈپ كېتىشىمنى ئۈمىد قىلدى، ھەتتا مېنىڭ ئۆز ئانامنى نەن ئائىلىسىنىڭ بۇتخانىسىغا بەنت قىلىپ، ئۇنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولۇشقا، مېنىڭ جازايىمنى تارتىشقا مەجبۇرلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەن ئائىلىسى قايتا-قايتا يامان ئىش قىلىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، مەن ئەسلىدە جاھانكەزدىلىكتە، قاقاس دالىدا ئۆلۈپ كېتەتتىم...

بىراق دۇنيانىڭ كۆزى باركەن!

مەن ئۆلمەيلا قالماستىن، يەنە بىر جاھانكەزدى قاچقۇنغا ئايلاندىم، مەن ئەڭ قەبىھ ۋاسىتە بىلەن قىساس ئالىمەن!

مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نەن ئائىلىسىنىڭ ماڭا قەرز بولۇپ قالغان بارلىق نەرسىلىرىنى دەسمايە بىلەن قايتۇرۇۋالماقچى!

4-ئاينىڭ 4-كۈنى قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، ھەممە ئائىلە قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمگەن بولۇپ، قىرغىنچىلىق قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، كىشىگە ئازراق سالقىنلىق بېغىشلايتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا، نەن ئائىلىسىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر سودا مېھمانسارىيىدا، مەن جاھانكەزدى دوستلىرىمنى يىغىپ بىر يەرگە جەم بولدۇم.

ھەممەيلەن بېشىدىن ئايىغىغىچە پۈتۈنلەي قارا كېيىم كەيگەن بولۇپ، بىلىكىگە ئاق لېنتا چىگىۋالغان ئىدى. مېنىڭ يېنىمدا كالا باش، ئات يۈزدىن باشقا، قالغان ئون نەچچە ئادەمنىڭ ھەممىسى قان يالايدىغان، پۇل ئالسا ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغان قانخور جاھانكەزدىلەر ئىدى.

-ئاكىلار، بۈگۈنكى نىشانىمىز نەن ئائىلىسى!

-ئىش پۈتكەندىن كېيىن بىر ئادەمگە 100 مىڭ يۈەن بېرىمەن، بىزنىڭ غەلىبە قىلىپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىمىزنى تىلەيمەن، بۈگۈن كەچتىكى ئارامگاھىمىز تەييار، مەست بولمىغۇچە قايتمايمىز!

-يولغا چىقايلى!

سودا مېھمانسارىيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كالا باش بىلەن ئات يۈز قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان لاي ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئالدىدا يول ئاچتى، مەن باشقىلارنى باشلاپ كەينىدىن ماڭدىم. ھەممەيلەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇق قوراللىنىپ، ئۇدۇل نەن ئائىلىسىگە قاراپ ماڭدۇق. نەن ئائىلىسى قورۇقى تاغ ئېتىكىدىكى يول ئېغىزىغا نۇرغۇن توساق دۆۋىلەپ قويۇلغان، يەنە بىر نەچچە ماشىنا يولنى توسۇۋالغانىدى. بىر توپ مىغ-مىغ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تارتىپ تەييار تۇراتتى.

ــ ماشىنىنى توختىتىڭلار!

مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ بېشىمنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ، مەيداندىكى ھەممە ئادەمگە قارىدىم. تەقى تۇرقى قاۋۇل، يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن بىر ئەبلەخ كەلدى، ئۇ شىمپەنزىگە ئوخشايتتى، ئۇ نەن ئائىلىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قارا مايمۇن ئىدى.

-قارا مايمۇن، مېنى تونۇمامسەن؟

-ئەلۋەتتە تونۇيمەن، سەن نەن ئائىلىسىنىڭ تۆتىنچىسى، يان تېلېفونىمىزدا سېنىڭ سۈرىتىڭ بار.

-تونۇغان ئىكەنسەن، دەرھال يولدىكى توسۇقنى ئېلىۋەتمەمسەن!

-كەچۈرگىن، نەن بېگىمنىڭ رۇخسىتىسىز، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر كىرسە بولمايدۇ!

-نېمە؟ مەن ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت ئالامدىم؟

-لاۋسى، ھەي لاۋسى، راستىنى ئېيتسام، سەن نەن ئائىلىسىدە ئادەم ھېسابلانمايسەن! ھا، ھا، ھا!

-ئاناڭنى!

مەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم، كەينىمدىكى ئون نەچچە ئادەم قولىغا سايمانلارنى ئېلىپ، تەڭلا ماشىنىدىن چۈشتى!

قولىمىزدىكى قورالنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر توپ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى دەل 10 مېتىرنىڭ سىرتىدىكى قورال ئەڭ تېز، 10 مېتىرنىڭ ئىچىدىكى قورال ئەڭ دە؛ تېگىدۇ دېگەن گەپ بار!

ئۇلار ئىختىيارسىز كەينىگە چېكىندى، پەقەت قارا مايمۇنلا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردى.

-لاۋسى، سەن راست ئويناشماقچىمۇ؟

-ئاكاڭ نەن خاۋخەن، ئەزەلدىن يالغان ئوينىمايدۇ!

مەن بىردىنلا ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، بىر قولۇم بىلەن قارا مايمۇننىڭ چېچىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە ئىككى مۇشت سالدىم!

-ۋايجان! كۆزۈمگە ئۇرۇشقا پېتىندىڭما؟ مەن دېگەن نەن بېگىمنىڭ ئادىمى، مەن سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن!

-مەن ئۆزۈمگە بالا تېپىۋالامدىمەن؟ ناھايىتى ياخشى، ئۇنى تۇتۇڭلار!

مەن بۇيرۇق قىلدىم، كالا باش بىلەن ئات يۈز دەرھال ئېتىلىپ كېلىپ، بىر ئوڭ-سول تەرەپتىن ئادەمنى كونترول قىلدى، بەستىلىك قارا مايمۇن كالا باشنىڭ ئالدىدا بىر رەزمېر كىچىكلەپ قالغاندەك، مىدىرلىيالماي قالدى.

-ھى ھى تۆتىنچى بېگىم، تۇتۇۋالدىم!

كالا باش دېگەن بۇ ئەبلەخنىڭ بېشى چوڭ، بوينى توم، خۇددى كالىدەك قاۋۇل، پۈتۈن بەدىنىدە غايەت زور كۈچ بار، پەقەت كاللىسى سەل ئاددىي ئىدى.

-تۆتىنچى ئاكا، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى كاردىن چىقىرىۋىتەيلى، بېشىدىن ئايىغىغا قارىتىپ ئۇرساق بەك ياخشى تىگىدۇ!

ئات يۈز بىر دانە بولقىنى سۇندى، بۇ ئەبلەخنىڭ يۈزى ئېشەكنىڭ يۈزىگە ئوخشاش ئۇزۇن بولۇپ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىدى، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى! مەن بولقىنى دەڭسەپ باقتىم، بولقا خېلى ئېغىر ئىدى، سۆڭەككە ئۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، مىخنى ئۇرسىمۇ راۋرۇس قاتتىق تىگەتتى.

-كۆپچىلىك تېز كېلىپ ياردەملىشىڭلار، تېز ئادەم چاقىرىڭلار!

قارا مايمۇن يەرگە بېسىلىپ، توختىماي ياردەمگە ئادەم چاقىردى، لېكىن بىرمۇ ئامانلىق ساقلىغۇچى ئالدىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى بىزنىڭ قولىمىزدىكى قورالغا چاقچاق قىلغىلى بولمايتتى.

-لاۋسى، ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭنى بېسىۋال! مەن نەن ئائىلىسىنىڭ ئادىمى! ئەگەر سەن ماڭا ئازار بېرىشكە پېتىنساڭ، نەن بېگىم سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ!

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى. ئائىلىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتىم كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، ھازىر ھەتتا نەن ئائىلىسىنىڭ ئىشىك باقار ئىتىمۇ ماڭا ۋارقىراپ-جارقىراشقا پېتىنىۋاتقىنىنى قارا!

-باشقىلارغا ئاسانلىقچە تەھدىت سالماسلىق كېرەك، ئەگەر تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، ئادەم سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن دەرھاللا ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقا چىقىپ جاھان كەزگەندە گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، بولمىسا شەكىل تۈزەپ چىشىڭنى تارتىۋىتىدىغان ئىش چىقىدۇ، ئۇنىڭ بېشىنى بېسىڭلار!

-ياق، ياق!

مەن بولقا بىلەن قاتتىق ئۇردۇم، بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇپلا قارا مايمۇننىڭ چىشلىرى چۈشۈپ كەتتى، شەكىل تۈزەش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ نەن ئائىلىسىگە سوۋغا قىلىنغان كىچىككىنە كۆرۈشۈش سوۋغىسى بولدى.

-نەن خاۋخەن!

تۇيۇقسىز بىرسى مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدە پەيدا بولدى. ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان ئۈچ بۇرجەك كۆزلۈك، ئېڭىكىدە مەڭ، مەڭ ئۈستىدە بىر تۇتام قارا تۈك بار بىر ئەبلەخ كەلگەنىدى.

-چىك چىك چىك، كىمكەن دەپتىمەن تېخى!

بۇ ئادەم نەن ئائىلىسىنىڭ چوڭ خوجىدارى، نەن ئائىلىسىدە مەرتىۋىسى يۇقىرى، لېكىن بۈگۈن مەن بىر قارارغا كەلدىم، پەلەك شاھ كەلگەن تەقدىردىمۇ يۈزىنى قىلمايمەن!

غوجىدار يەردە ياتقان قارا مايمۇننىڭ يۈزلىرىنىڭ قانغا بويالغان، ئاغزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، چىرايى كۆكىرىپ كەتتى!

-نەن خاۋخەن، بۈگۈن سەن ئەلپازىڭنى بۇزۇپ شۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ، نەن ئائىلىسىگە نېمە ئىش قىلغىلى كەلدىڭ؟

-ھى ھى، بۈگۈن چوكانتال بايرىمى، مەن ئالايىتەن بۇ كۈننى تاللىغانىكەنمەن، ئەلۋەتتە قايتىپ كېلىپ نەن ئائىلىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلايمەندە!

-قەبرە يوقلاش؟ نېمە دېمەكچى؟

ناھايىتى ئاددىي، گەرچە نەن ئائىلىسىدىكىلەر ھايات بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارايمەن!

-بۇ گېپىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى! بۈگۈن نەن بېگىمنىڭ رۇخسىتىسىز، سەن نەن ئائىلىسى قورۇقىغا يېرىم قەدەم ئالساڭمۇ بولمايدۇ! ھازىرلا ئادەملىرىڭنى ئېلىپ يوقال، بولمىسا مېنى يۈز-خاتىر قىلمىدى دەپ ئاغرىنما!

-ھە؟ لېكىن مەن چوقۇم قايتىپ كېتىشىم كېرەكمۇ؟

مەن ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، بىر پۇتۇم بىلەن قارا مايمۇننىڭ بېشىغا دەسسىدىم، غوجىدارنىڭ ئادەملىرى ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى!

-سەن سولتەك ئەسكىلىك قىلماقچىمۇ؟ مەن نەن ئائىلىسىدا 30 يىلغا يېقىن تۇردۇم، مەن كۆرۈپ باقمىغان قانداق ئىش بار؟ بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن سېنى ئۆتكىلى قويمايمەن، ئۆتۈش توغرا كەلسە، سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن دەسسەپ ئۆتۈپ كەت!

چوڭ غوجىدار ھەققانىي سۆزلەرنى قىلىپ، ئادەم باشلاپ كىرىش ئېغىزىنى توسۇپ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.

-ماقۇل، ئەمىسە مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي!

مەن بۇرۇلۇپلا لاي ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ماشىنىنى ئۆزۈم ھەيدەپ، ماي كلاپانىنى بىر دەسسەپ، گۈلدۈرلىگەن پېتى ئۇلارنى سوقۇۋەتتىم!

ۋايجان!

بايا تېخى ھەممىسى قەھرىمانلارچە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغاندەك تۇرغان ئەبلەخلەر، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دومىلاپ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئالدى، مەن لاي باشلىق ماشىنا بىلەن رىشاتكىنى قاتتىق سوقۇپ، يولنى توسۇۋالغان بىر نەچچە ماشىنىنى سوقۇپ ئۆرۈۋەتتىم

-كالا باش، ئات يۈز، ئۇلارنىڭ شەكلىنى تۈزەشتۈرۈپ، چىشىنى تارتىپ قويۇڭلار! بىرىنىمۇ قالدۇرمايمىز!

مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردۇم، بىر مەيدان چىڭداش خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا جىمجىت قاراپ تۇردۇم...

كالا باش ئادەمنى تۇتۇپلا يەرگە يېقىتاتتى، خۇددى قۇم خالتىسىنى كۆتۈرگەندەك چاققان ۋە يەڭگىل ئىدى. ئات يۈز بولقىنى پۇلاڭلىتىپ، مەيلى كىم كەلسۇن بىر بولقا بىلەن ئۇرۇپ بېشىنى يېرىۋىتەتتى.

نەن جەمەتىدىكىلەر پۇل بىلەن ئىش بېجىرىدۇ، بىراق پۇلنى دەپ جان تىكىپ ئوينىمايدۇ. ئەمما مەن ئېلىپ كەلگەن بۇ جاھانكەزدى قاچقۇنلارنىڭ ھەممىسى ياۋۇزلار ئەبلەخلەر بولۇپ، ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ! بەش مىنۇتتىن كېيىن ئۇلار ئوڭتەي-توڭتەي يېتىپ قالدى، ھەممە يەر تۆكۈلگەن چىشلار بىلەن توشۇپ كەتتى، نەن ئائىلىسىگە تۇتىشىدىغان كىرىش ئېغىزى ئېچىلدى!

-تۆتىنچى ئاكا، بۇ بەك ئاسان توختاپ قالدىغۇ؟ ھېچقانداق بېسىم يوق...

-ئالدىرىما، ئويۇننىڭ قىزىقى ئالدىمىزدا!

مەن ھازىر ئۇچراتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇششاق بېلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، چۈنكى نەن ئائىلىسىنىڭ قول ئاستىدىكى ئاشۇ بىر تۈركۈم ياۋۇز جاھانكەزدىلەر تېخى پەيدا بولمىدى!

مەن بىلەن مېڭىڭلار!

يول بويى لاي ماشىنىسىنى ھەيدەپ، نەن ئائىلىسى قورۇقىدىكى داچىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم، داچىنىڭ قارا تۆمۈر دەرۋازىسىدىكى يۇمىلاق ئالتۇن ئەجدىھا توتېمى ئادەتتىن تاشقىرى سۈرلۈك بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. قائىدە بويىچە بايا شۇنچە چوڭ شەپە چىققانىكەن، نەن ئائىلىسى چوقۇم خەۋەرگە ئېرىشىدۇ ھەم تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ.

-ماشىنىنى توختىتىپ، ھەممىڭلار قوراللىرىڭلارنى تەييار قىلىڭلار!

ماشىنىنى داچا ئالدىدىكى بوش يەرگە توغرىسىغا توختىتىپ، ئارقا ساندۇقتىن ئادەمنىڭ يوتىسىدەك توملۇقتىكى ساليوت كانىيى ۋە تەپكىنى چىقاردى. كالا باش دېگەن بۇ ئەبلەخ ساليوت كانىيىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، يەرلىك زەمبىرەك ئورنىدا ئىشلەتتى...

-ئات يۈز، لاي ماشىنىسى بىلەن قارا تۆمۈر دەرۋازىنى سوقۇپ ئېچىڭلار!

-چاتاق يوق!

ئات يۈز لاي ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ماشىنىنى بۇراپ، ئارقا خوتقا سېلىپ قاتتىق سوقتى. قارا تۆمۈر دەرۋازا سوقۇلۇپ ئېگىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتتى، ئاۋازى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئىدى، ئۇدا نەچچە قېتىم سوقۇلۇپ، ئاندىن قېلىن قارا تۆمۈر دەرۋازىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتتۇق!

-تۆتىنچى ئاكا، پۈتۈپ قالدى!

-كالا باش ئىككىڭلار ئادەم باشلاپ كىرىڭلار، نېمە پۇلغا يارىسا شۇنى ئېلىڭلار، تالىشىپ پۇخادىن چىققۇچە ئويناڭلار! بىراق بەك بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، نەن ئائىلىسى ئىشىكنى تاقاپ ئىت ئۇرماقچى بولسا، ئەمدى ھەقىقىي قاتتىق قول سالىدۇ.

مەن بېشىمنى بۇراپ ئارقىدىن بىر قارا رەڭلىك يۈك-تاق ساندۇقىنى چىقاردىم، بۇ مەن نەن ئائىلىسى ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان چوڭ سوۋغات ئىدى! بۈگۈن مەن يولۋاسنىڭ چىشىنى يۇلىمەن، ئۆلمىگۈچە توختىمايمەن!

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: قىساسكار جاھانكەزدى




Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章