ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىن مۇنداق بىر خۇش خەۋەر كەلگەن: ئامازوننىڭ باش لېدىرى بېزوسنىڭ تۇنجى چوڭ راكېتاسى «يېڭى گىلېن» (New Glenn) ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى سەھەر سائەت 2:03 (بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:03تە) ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن.
بۇ ئامېرىكىنىڭ سودا ئالەم قاتنىشىدا، ماسك بىلەن SpaceX كۆپ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى رىقابەتچىسىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«يېڭى گىلېن» ناملىق راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، كونا رەقىبى ماسكمۇ تۇنجى قېتىم يازما يوللاپ تەبرىكلىگەن:
«تۇنجى قېتىملىق سىناقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز!»
ئەلۋەتتە، ئەڭ خۇشال بولغىنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA). ئۇلار كۆپ يىللىق پىلان تۈزۈپ، ئىزچىل تۈردە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنى كۆپلىگەن سودا ئالەم قاتنىشى كارخانىلىرىغا ھۆددىگە بېرىشنى ئويلاپ كەلگەن، لېكىن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ھەقىقىي تايانچىنى ئۈستىگە ئالالايدىغىنى پەقەت ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىلا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، تۇخۇمنى ئاخىرى نۇرغۇن سېۋەتلەرگە قاچىلىغىلى بولىدىغان بولغان.
گېپىمىزگە كەلسەك، بېزوسنىڭ ئالەم قاتنىشى كارخانىسى كۆك مەنبە (Blue Origin) شىركىتى 2000-يىلىلا قۇرۇلغان بولۇپ، ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىدىن ئىككى يىل بۇرۇن قۇرۇلغان. بېزوسمۇ دەسلەپتە يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، مۇشۇ ئەسىردە نەچچە مىليون ئادەمنى ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشىغا يۈزلەندۈرىمىز، دېگەن ئۇلۇغۋار شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھالبۇكى ئۇنى راكېتا ياساشتا، تەجرىبە قىلىپ قويۇپ بېرىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.
قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، كۆك مەنبە ئىزچىل بېزوسنىڭ پۇلىنى ئېلىپ تۆۋەن مۇقامدا تەتقىق قىلىپ كەلگەن، ھېچقانداق چوڭ شەپە پەيدا قىلمىغان.
SpaceX شىركىتى ۋەيران بولۇش كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپلا قالماي، 2008-يىلى «قارچىغا 1-نومۇر» ناملىق قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن SpaceX يەنە ئىتتىرىش كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولغان «قارچىغا 9-نومۇر»لۇق راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كۈچ چىقىرىپ، NASAنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا يۈك توشۇش تەلىپىنى قاندۇرغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇدا بىر نەچچە يىلدا، ماسكنىڭ SpaceX شىركىتى سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا كىرگۈزۈش، راكېتانى يىغىۋېلىش، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى راكېتانى سىناق قىلىپ ئۇچۇش قاتارلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىش يولىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆك مەنبە راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە سەل ماغدۇرسىزلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار 2015-يىلىغا كەلگەندە تۇنجى قېتىم يېڭى شېپارد ناملىق راكېتانى ئادەمسىز قويۇپ بېرىشنى تاماملىغان، ئاندىن شۇ يىلى غايەت زور راكېتا «يېڭى گىلېن»نىڭ تەتقىقاتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆك مەنبە يېڭى «يېڭى گىلېن»گە زور ئۈمىد باغلىغان بولۇپ، يۈكسەك ئىرادە بىلەن مۇنداق دەپ ئاتىغان: «گەرچە يېڭى گىلېننىڭ رازمېرى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شىركەتنىڭ پىلانىدىكى ئوربىتا ئۇچقۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ.»
ئەمما بۇ راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن تارتىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىشكىچە ئون يىل ۋاقىت كەتكەن.
SpaceX بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بېزوس ئېنىقلا خېلى ئارقىدا قالغان.
«يېڭى گىلېن» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، بېزوس بىلەن كۆك مەنبە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ كۈلكىسىگە ئايلىنىپ، بېزوسنىڭ «20 نەچچە يىل ئوربىتىغا كىرمەسلىك»تەك ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى ياراتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەلۋەتتە، كۆك مەنبە «يېڭى گىلېن»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتە ئىزچىل ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدىمىنى توختاتمىغان. 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئون يىل ئىچىدە، «يېڭى گىلېن» لايىھە مەسىلىسى، موتور مەسىلىسى، راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن.
نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «كۆك مەنبە»نىڭ شىركەت مەدەنىيىتى تەتقىقات ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تېخنىكا توسالغۇلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ چوڭ راكېتانى ئىشلەپچىقىرىش كۆپ قېتىم تەسكە توختىدى، دەپ قارىغان.
بولۇپمۇ راكېتانىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى بولغان BE-4 موتورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە، كۆك مەنبە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، چوڭ-كىچىك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن «يېڭى گىلېن» يەنىلا قويۇپ بېرىش سۇپىسىغا چىققان.
«يېڭى گىلېن» ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى جون گىلېننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 98 مېتىر، دىيامېتىرى يەتتە مېتىر بولۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك ياكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك سەپلىمە بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئىتتىرگۈچنى تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتاغا يەتتە دانە سۇيۇق ئوكسىگېنلىق مېتان موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن 45 توننا يۈك كۆتۈرىدۇ.
«يېڭى گىلېن» ناملىق راكېتانىڭ توشۇش كۈچى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، NASAنىڭ SLS ۋە ماسكنىڭ «قارچىغا» ناملىق ئېغىر تىپلىق راكېتاسىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، ئۇ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق تۈردىكى ئالەم ئۇچقۇلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرالايدۇ.
بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، ئۇ تېخى بىر قېتىممۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ باقمىغان. ھەتتا مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، «يېڭى گىلېن» راكېتاسى قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈردى.
1-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 2دە، يېڭى گلېن راكېتاسى ئاخىرى ئوت ئالدۇرۇلۇپ، راكېتا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېل ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن. پۈتكۈل جەريان خېلى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن تىنچ كۆرۈنەتتى.
راكېتا ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، يەتتە ماتورنىڭ تۈرتكىسىدە، غايەت زور گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇچقان.
يەتتە تال يەتكۈزۈش ماشىنىسىنىڭ خىزمىتى نورمال، يېرىم يولدا بىرمۇ كاشىلا كۆرۈلمىگەن.
راكبتا بىر مەزگىل ئۇچقاندىن كبيىن، بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك بۆلمىدىن ئايرىلىپ چىققان.
ئىككىنچى دەرىجىلىك راكېتا «كۆك ئايلانما يول چارلىغۇچى» ناملىق ئۇچقۇنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بارغان.
يېتەرسىزلىكى شۇكى، بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمە بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە ئادەمسىز تۈز كېمىگە قونالمىغان.
شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ نىشانى ئاساسلىقى ئوربىتىغا كىرىش ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، راكېتا بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ!
«يېڭى گىلېن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ئەڭ ئاخىرىدا ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئۇ كەلگۈسىدە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمدى ماسك ۋە ئۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىسى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ 20 نەچچە يىل ساقلىغان NASAنى ئاخىرى نۇرغۇن تاللاشقا ئىگە قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان ماسك ۋە ئۇنىڭ ئالەم كېمىسىمۇ ئازراق نەپەس ئالغان.
قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بېزوس ۋە «كۆك مەنبە»نىڭ «سودا ئالەم بوشلۇقى كۇلۇبى»غا رەسمىي قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ چوڭ توختامىغا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنى ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا خېلى جەريان بار. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ قېتىم ئالەم بوشلۇقى مۇسابىقىسى ھەقىقىي باشلانغان.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |