پارىژ كونا تىياتىرخانىسىنى كۆچمەنلەر تۈپەيلى ۋەيران بولاي دېدى

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 800 تاماشىبىن خۇشاللىق بىلەن بىر قېتىملىق نومۇر كۆرگەن. چۈنكى شۇ كۈنى پارىژدىكى گايت رىلىك تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان ئويۇن قويۇلغان، شۇ ۋاقىتتا ئەسلىدە ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ۋە چىراغ نۇرى پىروگراممىسى كۆرسىتىلەتتىكەن. ئويۇن قويۇلغاندا تاماشىبىنلار ئەگىشىپ خۇشال-خۇرام ئوينىغان. لېكىن ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى شۇكى ئويۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە بۇ ئويۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەر قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.

ئويۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبكە كەلسەك، بۇ ئۈسكۈنىدىن مەسىلە چىققانلىق ياكى ئارتىسلارنىڭ نەق مەيدانغا كېلەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ناھايىتى غەلىتە بىر سەۋەب بار. نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ تىياتىرخانىنى ئەمدىلا بىر تۈركۈم ئۆي-ماكانسىز قالغان غەربىي ئافرىقا كۆچمەنلىرى ئىگىلەپ، مۇساپىرلار لاگېرىغا ئايلانغان، تىياتىرخانا، رېپېتىتسىيە ئۆيى ۋە كارىدورنىڭ ھەممىسى لىق ئادەم بولۇپ، نورمال ئويۇن قويۇشقا ئامال يوق بولمىغان، تىياتىرخانىمۇ خۇددى دوختۇرخانىغا ئوخشاش ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنىڭ پاناھ جايى بولۇپ قالغان. ئەمما تىياتىرخانىنى ئىگىلىۋالغان كۆچمەنلەر دەسلەپتە ئۆزى بۇ يەرگە كەلمىگەن، بەلكى دەل تىياتىرخانا «تەكلىپ» قىلغان...

بۇ ئىشنى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى گايىت رىلىك تىياتىرخانىسى «فىرانسىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قارشى ئېلىش ئۇسۇلىنى قايتىدىن بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر نەچچە داڭلىق ئالىم ۋە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان، ئەمما بېلەت ئالمايدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز، كۆچمەن ئامما كېلىشنى خالىسىلا كېلەلەيتتى...

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان گېت رىلىك تىياتىرخانىسى 19-ئەسىردە قۇرۇلغان، ئورنى پارىژ شىڭمۇيۈەنگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، پارىژدىكى داڭلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىياتىرخانىنى كونا تىياتىرخانا دەپ قالماڭ، لېكىن ئىدىيەسى ناھايىتى ئىلغار، «ئېڭى ئويغانغان»لىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، ھەر ئايدا بىر مەيدان ئائىلىۋى دوستلۇق تىپىدىكى ئۆزگەرتىلگەن كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ قېتىم مۇساپىرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىر قېتىملىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان.

نەتىجىدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا بىر قىسىم باي پارىژ لىبېراللىرى قاتنىشىپلا قالماي، يەنە تەخمىنەن 250 نەپەر غەربىي ئافرىقىلىق كۆچمەنمۇ قاتناشقان بولۇپ، تىياتىرخانا دەسلەپتە بۇنى كۆپ مەنبەلىك غەلىبە دەپ قاراپ، ناھايىتى خۇشال بولغان. لېكىن بۇ كۆچمەنلەر پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىياتىرخانىغا قارارگاھ قۇرۇپ، كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن، كېيىن يەنە تەخمىنەن 50 كۆچمەن كېلىپ تىياتىرخانىنى ئىگىلىگەن.

ھازىر قىش، ئۇلارنىڭ تۇرغىدەك يېرى يوق، ھەممىسى قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزىدىغان جاي تېپىشنى ئويلايدۇ، دېگەندەك بۇ تىياتىرخانا بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ياخشى بولغان ياشاش ئورنى بولۇپ قالغان. تىياتىرخانىدا تۇرىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى فىرانسىيەنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىسى كوتىدىۋور ۋە گىۋىنېيەدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى فىرانسىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، فىرانسىيە پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارغا تۇرالغۇ ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بىراق فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمى ئەمەلىيەتتە قۇرامىغا يەتكەن، ھەتتا بەزى كىشىلەر ساقچى تەرەپتە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئادەملەرنىڭ كېلىش تارىخىنى بۇلتۇرقى بىر خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان.

بۇلتۇر پارىژنىڭ غەربىدىكى بىر مەدەنىيەت مەركىزىنى 230 كۆچمەن ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇرغان ھەمدە قايتىدىن بىر ئاممىۋى تەنتەربىيە سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل مەڭگۈلۈك تۇرالغۇغا ئېرىشەلمىگەن، شۇڭا تاراتقۇلار تىياتىرخانىنى ئىشغال قىلغان كۆچمەنلەر ئىچىدە زور بىر قىسمى ئاشۇ كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

(تىياتىرخانىدىكى كۆچمەنلەر)

تۇيۇقسىز شۇنچە كۆپ ئادەم كۆچۈپ كىرىپ تىياتىرخانىنىڭ مۇھىتى ناھايىتى تېزلا مەينەت ھەم قالايمىقان بولۇپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تىياتىرخانىدا ھازىر پەقەت ئۈچ تازىلىق ئۆيىلا بار بولۇپ، بۇ يەرنى ئىشلەتكىلى بىر ئايدىن ئاشقان، ئاساسەن ئاسرالمىغان ياكى تازىلانمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆچمەنلەر ياۋاشلىق بىلەن تۇرمىغان بولۇپ، بەزىلەر دائىم ياندىكى مەيدانغا بېرىپ نەشە چېكىدىكەن، يەنە بەزىلەر يول بويىدىكى چاتقاللىقنى ئۈستى ئوچۇق ھاجەتخانا قىلىۋالغان بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىت قالايمىقانلىشىشقا باشلىغان، يەنە تىياتىرخانا ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. ئەتراپتىكى دۇكان ۋە ئاھالىلەرنىمۇ نەس باشقان، ماگىزىننىڭ سېتىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن، نۇرغۇن ئاھالە ئۆزىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.

(بىر كۆچمەن ئوتلاقتا بىر بوتۇلكا سۇ بىلەن چىشىنى چوتكىلاۋاتىدۇ)

قىزىقارلىقى شۇكى بۇ كۆچمەنلەر يالغۇز كۈرەش قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تىياتىرخانىنى ئىگىلەش قىلمىشى، يەنە «بېلۋېر باغچىسى ياشلار ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدىغان رادىكال سول قانات پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش تەشكىلاتىمۇ بار، ئۇنىڭ ئىسمى پارىژنىڭ شەرقىدىكى بىر باغچىدىن كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئۆي-ماكانسىز كۆچمەنلەر شۇ باغچىغا بارگاھ قۇرغان. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرى ئىزچىل تىياتىرخانىدا ئۇ يەردىكى كۆچمەنلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، شۇڭا ئىچىدىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ سۈرۈشتۈرەلمىگەن.

ھازىر كۆچمەنلەر تەشكىلاتلىرى ۋە تىياتىرخانىلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «تىياتىرخانا مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدۇ، تىياتىرخانا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشىكنى تاقاپ مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتىپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئۇ يەردە خاتىرجەم تۇرۇشىغا يول قويىدۇ.»

تىياتىرخانا تەرەپ كۆچمەنلەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارنى كىرگۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

(تىياتىرخانا ئالدىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگەن كۆچمەنلەر)

بۇ ھەپتە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئاخىرى تىياتىرخانىغا كىرىپ، ئۇ يەرنىڭ ھازىرقى مەنزىرىسىنى كۆرگەن. ئۇ يەر ھازىر بەك قىستاڭچىلىق، بەك مەينەت، كىشىلەر سېمونت يەردە يانمۇ-يان يېتىپ، ئۈستىگە ئەدىيال يېپىپ ياتىدىكەن، تىياتىرخانا ئىچىنى بولسا ئاچچىق سېسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەن. بىر كۆچمەننىڭ ئېيتىشىچە، تىياتىرخانىدا مۇشتلىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھەتتا بەزىلەر ئادەمگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان، شۇڭا كەيپىياتمۇ ناھايىتى جىددىي بولغان.

تىياتىرخانا باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر كۆچمەنلەر بىلەن كېڭىشىپ ئاز مىقداردىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچمەنلەر سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

(تىياتىرخانىلارنى ئىگىلىۋالغان كۆچمەنلەر)

ئۆزىنى 15 ياش دەۋالغان گىۋىنېيەلىك بىر ياش مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «كارىۋات ئانچە ياخشى ئەمەس، بىزدىمۇ بەك كۆپ مەخپىيەتلىك يوق، لېكىن بىز توڭلاپ قالمىساقلا بولدى، شۇنداقلا تاماق ئېتىپ يېيەلەيمىز. بىز ھەممىمىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئۆزىمىزنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇشقا مۇتلەق قانۇنلۇق ھوقۇقىمىز بار.»

مۇخبىر ئۇنىڭ ئۆزىنى 15 ياش دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان. ئۆزىنى «كوللېكتىپ پىدائىي» دەپ ئاتىۋالغان بىر ئايال قاتتىق غەزەپلىنىپ، مۇخبىرنىڭ كېتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ فىرانسىيەنىڭ ئىلگىرىكى كۆچمەنلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى، ئۇلار پەقەت ھۆرمەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.»

ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلمايدۇ. تىياتىرخانىنىڭ يېنىدا بىر ئاشخانا بار بولۇپ، قەھۋەمۇ چىقىدىكەن، كۆچمەنلەر تىياتىرخانىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى خېرىدارلار زور دەرىجىدە ئازىيىۋاتقان بولۇپ، ئاشخانا دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ كىرىمى تەخمىنەن %80 ئازىيىپ كەتكەن.

دىرېكتور ئۆزى كۆچمەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كۆچمەنلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى قوللايدىكەن، لېكىن ئۇ بۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلىپ: «بۇ بىر ئاپەت» دېگەن. ئۇ مۇخبىرغا يېقىن ئەتراپتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مۇشتلىشىش ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئەينى چاغدا بىر كۆچمەن قولىغا قايچا ئېلىپ يەنە بىر كۆچمەنگە قاراپ ئېتىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر بۇ ياققا كېلىشكە پېتىنالمايدۇ. ئۇلار مەيداندىكى باغچىنى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ زەھەر چېكىدۇ، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كەلمىسە ئاياللارمۇ قورقۇپ كېتىدۇ.»

بۇ بىر توپ كۆچمەنلەرنىڭ ئارقىسىدىكى تەشكىلاتلار ھەر كۈنى دېگۈدەك تىياتىرخانا ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇخبىر زىيارەت قىلغان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر قېتىملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇدۇل كېلىپ قالغان.

(ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى)

ئەينى چاغدا تىياتىرخانىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 50 كۆچمەن بار بولۇپ، ئۇلار دۇمباق چېلىپ، چوڭ كانايدا شوئار توۋلاپ، قولىدىكى لوزۇنكىغا «ھەممىمىز باراۋەر، قانۇنسىزلىق قىلمىدۇق، بىزنىڭ ئۆيىمىز بار» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرىۋالغان.

(شوئار توۋلايدىغان كۆچمەنلەر)

ساقچىلار ئۈچ ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، تىياتىرخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا 20 مېتىر كېلىدىغان جايغا توختاتقان، ساقچىلار ئاپتوموبىلدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر توپىنى نازارەت قىلغان، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ماسكا تاقىۋالغان.

نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئىنتايىن پاراكەندە قىلغان. مەسىلەن، مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپى تىجارەت باشلىغىنىغا ئەمدىلا 18 ئاي بولغان ئېسىل مېھمانساراي بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودىسى زور تەسىرگە ئۇچرىغان. مېھمانخانا ئالدى سۇپىسىدىكىلەر مۇنداق دېگەن: «ئادەتتە ناھايىتى جىمجىت بۇ كوچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئادەمنى سەل بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى يۈز بەرگەندە. دۇمباق ئاۋازى بەك ياڭراق. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ بىزدىن سىرتتا نېمە ئىش يۈز بەردى؟ دەپ سورايدۇ، بەزى مېھمانلار بەك قورقىدۇ، ئۇلار بەلكىم بۇنداق ئىشقا كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلار كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

لېكىن ئالدى سۇپىمۇ مېھمانلارغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ. چۈنكى مېترودىن چۈشكەندىن كېيىن مېھمانخانىغا بارىدىغان يولدا، تىياتىرخانىدا تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر قىسىم كۆچمەنلەر بەزى مېھمانلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. يەنە قارىماققا تۇرىدىغان يېرى يوق ئىككى كۆچمەن ئىلگىرى مېھمانخانىغا كىرىپ چىققان.

ئۇلارنىڭ بىرى تاللا ناشتىلىقتىن بىر بولكا ۋە بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئوغرىلاپ كەتكەن، يەنە بىرى مېھمانساراينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىققاندا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنى توسۇۋالغان. خىزمەتچىلەر مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار، سىزدە يېتەرلىك پۇل ۋە بايلىق بولمىغان چاغدا، ئۇلاردا تاجاۋۇزچىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىرقچىلىق مەسىلىسى ئەمەس، بۇ بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ياشىشى توغرىسىدىكى قىيىن مەسىلە.»

(ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تەشۋىقات ۋارىقى)

تىياتىرخانا ئەتراپىدىكى كارخانىلارلا ئەمەس، يېقىن ئەتراپتىكى بىر يۈرۈش ياتاقنىڭ قىممىتى نەچچە مىليون ياۋروغا يېتىدۇ، بۇ يەردە تۇرىدىغان ئاھالىلەرمۇ نارازى بولغان. مۇخبىر بىر ئاھالىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ 63 ياشلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت دىرېكتورى بولۇپ، ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز پارىژدىكى يەر باھاسى يۇقىرى رايوندا ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىش ۋە باج تاپشۇرۇش ۋە ئىئانە پائالىيىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى تىرىشتۇق. لېكىن بەزىلەر بۇنداقلا بۆسۈپ كىرىپ، پۈتۈن يەرنى قالايمىقان قىلىشنى ئويلايدۇ، بۇ مۇتلەق سەتچىلىك ۋە نومۇسسىزلىق.»

بۇ ئىشلار ئەتراپتىكىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپلا قالماي، ھازىر تىياتىرخانىلارنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتقان. كۆچمەنلەر ئۇلارنى ئىشغال قىلىپ تۆت كۈندىن كېيىن ئۇلار 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئويۇننى جىددىي توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن ماقالىنىڭ بېشىدىكى كۆرۈنۈش پەيدا بولغان.

ھازىر تىياتىرخانا ۋاقتىنچە تاقالغان، 1-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە بارلىق ئويۇن قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ تىياتىرخانىنىڭ كىرىم ئىچىدە ئويۇن بېلىتىنىڭ %70ى ئويۇن بېلىتىدىن، %30ى دۆلەت تولۇقلىمىسىدىن كىرىدۇ. لېكىن ھازىر ئويۇن قويۇش توختىتىلدى، 12-ئايدىلا نەچچە يۈز مىڭ ياۋرو كىرىم زىيانغا ئۇچرىدى، 60 نەچچە خىزمەتچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەلمىگىلى تاس قالدى، تىياتىرخانا مالىيە كىرىزىسىغا پېتىپ قېلىپ، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

تىياتىرخانىنىڭ بىر رېژىسسورى مۇنداق دېگەن: «كىرىم بەك زور زىيانغا ئۇچرىدى، بىز ۋەيران بولۇشقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، ئەمما مۆجىزە يارىتالمىدۇق.»

كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ كۆچمەنلەرنى دەسلەپتە تىياتىرخانا «تەكلىپ» قىلغان، ئەپسۇس، ھازىر چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. تىياتىرخانا كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلماقچى ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇلار چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالدى. تىجارەت قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تىياتىرخانا كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا چىدىمايدىكەن، ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىم بىز مەجبۇرىي ئىشغال قىلىنغان بولساقمۇ لېكىن زىمىستان قىشتا ئۇلارنى چوڭ كوچىغا ھەيدىۋېتىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ».

ھازىرقى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىياتىرخانا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارىژ يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ بۇ 300 كۆچمەنگە مۇۋاپىق تۇرالغۇ تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بىر پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كۆچمەنلەرگە تېزدىن ياردەم بېرىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىياتىرخانىنى قۇتقۇزۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرى يەنە بۇلتۇر پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن، ھازىر كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا مەبلەغ تېپىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. روشەنكى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قالايمىقانچىلىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.

زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى رەت قىلىشى «كۆچمەنلەر»دىن ئىبارەت بۇ ئىختىلاپ بار سىياسىي قارالمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياخشى ئادەم بولۇپ تىياتىرخانىغا ئادەم قوغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «گەرچە بىز گېت رىلىك تىياتىرخانىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانساقمۇ، لېكىن بىز ئاشۇ ئۆي-ماكانسىز، ئۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان ياشلارنى قوللاشنى قايتا تەكىتلىمەكچى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھىمسىز قوغلاپ چىقىرىشنى رەت قىلدى: بۇ ئىجتىمائىي جىددىي ئەھۋاللار جەمئىيەتنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا موھتاج، يەنى مۇۋاپىق ياتاق ئورنىغا موھتاج.»

مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى «Utopia»نىڭ بىر بىرلەشمە قۇرغۇچىسىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن، فىرانسىيەدە ئېنىقلا «نەچچە مىليون كىۋادرات مېتىر بوشلۇق» بار بولۇپ، مۇساپىرلارنى كۆچمەنلەرنىڭ تۇرالغۇسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارزۇسى يوق ئىكەن. «فرانسىيە بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ» دېگەن.

«گېت رىرىك تىياتىرخانىسى ۋەقەسى»مۇ فىرانسىيە كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. ھازىر فىرانسىيەدە يەتتە مىليون ئادەم چەتئەلدە تۇغۇلغان بولۇپ، نوپۇسنىڭ %10تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

2023-يىلىلا فىرانسىيە 142 مىڭ 649 پارچە پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان، ئەمما گۇۋاھنامىسى يوق كۆچمەنلەرنىڭ سانى 300 مىڭدىن 400 مىڭغىچە بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، فىرانسىيەدە تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان، 12 مىڭ ئادەم كوچىدا قالغان، بۇنىڭ كۆپ قىسمى كۆچمەنلەر ئىكەن. نۇرغۇن پارىژلىقلار فىرانسىيە جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرەلمىگەن كۆچمەنلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن نارازى بولغان، «گېت رىلىك تىياتىرخانىسى ۋەقەسى» بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، بۇ خىل جىددىيلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن كەيپىيات ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئەينى چاغدا تىياتىرخانىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆچمەنلەرنىڭ فىرانسىيە جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، لېكىن نەتىجىدە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلار ياردەم قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئۇلارنى «تۇتقۇن قىلىۋالغان».

ھازىرقى بۇ ئەھۋالنى قانداق يىغىشتۇرۇش ھەقىقەتەن زور بىر ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىش ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن.


رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章