بىر ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىغان دادابالا قازاقىلدى

文摘   2025-01-23 21:54   海南  


ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

18-يانۋار ھىندىستاننىڭ چېتتىسگېر ئىشتاتىنىڭ كانكېر ئورمان رايونىدا ئىككى پاجىئە يۈز بەرگەن بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەر ئەتراپىدا، يېقىن ئەتراپتىكى 45 ياشلىق كەنت ئاھالىسى سۇخرال داررو (Sukhral Darro) يەنە بىر 22 ياشلىق كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ، قارشى تەرەپتىكى ئېتىزلىقتا ئىشلىمەكچى بولغان، بۇ چىغىر يول كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىزلىققا بارىدىغان بىردىنبىر يولى ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن بۇ كۈنى بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككىيلەن ئورمانلىقتا كېتىۋاتقاندا، بىر ئېيىق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىپ، ھېلىقى 22 ياشلىق يىگىتكە ھۇجۇم قىلغان. بەختكە يارىشا ئورمان قوغداش ئەترىتى يېقىن ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەترەت ئەزالىرى شەپىنى ئاڭلاپ دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئامال قىلىپ ئېيىقنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھېلىقى يىگىتنى قۇتقۇزۇپ چىققان. لېكىن كۆپچىلىك پايپېتەك بولۇپ ئادەم قۇتقۇزۇۋاتقاندا، بىر تەرەپتىكى ئېيىقنىڭ تېخى كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئېيىق يەنە بىر قېتىم ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان، بۇ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۇخرال بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئورمان قوغداش ئەترىتى ئالدى بىلەن قۇتقۇزىۋېلىنغان يىگىتنى ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ، ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. ئارقىدىن ئۇلار دەرھال قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا خەۋەر قىلىپ، تەخمىنەن 50 كەنت ئاھالىسى ۋە قازا قىلغۇچى سۇخرالنىڭ 65 ياشلىق دادىسى شانكارنى چاقىرىپ، ئورمانلىققا بېرىپ سۇخرالنىڭ جەسىتىنى ئەكىلىۋىلىشكە ياردەملەشمەكچى بولغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇنچە كۆپ ئادەم بىللە ھەرىكەت قىلسا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇ ئېيىقنىڭ تېخى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر توپ كىشىلەر ئالدىدا قورقمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.

دادىسى سۇخرالنىڭ جەسىتىگە يېقىنلاشقاندا، ئېيىق يەنە ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى يىقىتقان. دادىسى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن دەرەخكە يامىشىپ چىقىۋالغاندا، ئېيىق يەنە ئۇنى سۆرەپ چۈشۈپ، نەق مەيداندا زىيانكەشلىك قىلغان. ئۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، 50 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغان بولۇپ، قولى يارىلانغاچقا، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.

بۇ قېتىمقى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، جەمئىي ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان، يەنە كېلىپ ئۆلگىنى بىر جۈپ ئاتا-بالا بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان.

سۇخرالنىڭ دادىسى ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا.

ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، كانكېر ئورمان رايونى تۇرۇشلۇق تاغدا تەخمىنەن 25تىن 30غىچە ئېيىق بار ئىكەن. ھىندىستان ئورمانچىلىق تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئېيىق ئۇنچە كۆپ ئادەم توپلاشقان جايغا يېقىنلاشمايدۇ، لېكىن بۇ قىتىمقى ۋەقە بۇنىڭ سىرتىدا. رايبول (چېتتىسگىل ئىشتاتىنىڭ مەركىزى)دىن كەلگەن مال دوختۇرى بىزگە بۇ ئېيىقنىڭ غالجىر كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن ئېيىق تۇتۇلۇپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. بۇ كانكېر ئورمان رايونىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى، 50 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئېيىقنىڭ بۇنداق شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ».

50 نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ئېيىق.

كېيىن ئورمانچىلىق تارماقلىرى قېزىش ماشىنىسى ئەۋەتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاتا-بالىنىڭ جەسىتىنى ئورمانلىقتىن ئېلىپ چىققان. لەيبول ۋە كانكېر ئورمان رايونىدىكى ئورمانچىلىق تارماقلىرى بىرلەشمە گۇرۇپپا قۇرۇپ، ناركوز ئەسۋابى تەييارلاپ، تۇزاق قۇرۇپ، ۋەقە تۇغدۇرغان ئېيىقنى تۇتماقچى بولغان. چۈنكى ئۇ يەردە ئېدىرلىق ۋە قويۇق ئورمان بار بولۇپ، ئاپتوموبىل كىرەلمەيدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە قېزىش ماشىنىسىغا تايىنىپ ئېيىقنى ئېلىپ كېتىشكە توغرا كېلىدىكەن.

21-يانۋار سەيشەنبە كۈنى كەچكىچە، ئۇ ئېيىق تېخى تېپىلمىغان، ئورمانچىلىق تارماقلىرى ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى يېڭىلاپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئېيىقنى تېخى تۇتالمىدۇق، چۈنكى ئۇنى تاغدا كۆرگىلى بولمىدى. لېكىن بىز تاغدىكى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، تېلېكامېرا بار قىلتاقلارمۇ كۆپەيتىلدى، يارىلانغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قاتارلىق ئىككى يارىدارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

ئالاقىدار خەۋەرلەر.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئەتراپتىكى كەنتتىكىلەر بۇ ئېيىقنىڭ دەستىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشكەن، بۇ ئېيىق تۇتۇلسىلا ئاندىن كىشىلەر خاتىرجەم تالاغا چىقالايدىكەن.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ


ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章