بالا تۇغۇپ ھالىم قالمىدى دەپ ئېرىدىن «ئاياللار بېجى» ئالدى

文摘   2025-01-20 22:27   海南  

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

كامىلا ئىلگىرى تور چولپىنى بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ئېسسېكس ۋىلايىتى كورچېستتىن، ئۇ يولدىشى بىلەن ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن مېھىر-مۇھەببەتلىك تۆت كىشىلىك ئائىلىنى تەشكىل قىلغان. ئىلگىرى ئۇ دائىم توردا ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ھەمبەھرىلەپ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، لېكىن يېقىندا بىر ۋىدېيودا ئۇ بىر يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر مەيدان كەسكىن تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان يەنى «ئاياللار بېجى» ئۇقۇمى.

(Camilla Do Rosario)

كامىلانىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېرى ھەر ئايدا ئۇنىڭغا «ئاياللار بېجى» تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا 85 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 757 يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەيدىكەن، ھەر يىلى جەمئىي 2500 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 22 مىڭ 281 يۈەن خەلق پۇلى).

بۇ پۇللار ئۇنىڭ ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىكەن، مەسىلەن، ھەر ئايدا ھەيز كېلىدۇ، يەنە تۇغۇت ئازابىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇ ئىنتايىن ئازابلانغان بولۇپ،  ھامىلىدار ۋاقتىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇسقان، يەنە تېخى ئىككى قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەن، شۇنداقلا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان.

بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئېرى بۇ ئامالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ھەر ئايدا ئازراق پۇل بېرىپ، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پۇت پەرۋىش قىلىشنى ئېيتقان. كامىلا كېيىن بۇ پۇلغا «ئاياللار بېجى» دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ «باج» ئېلىشنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پۇت گۈزەللەشتۈرۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، ھەيز مەزگىلىدە ئېلىپ كەلگەن بىئاراملىقنى ھەقىقەتەن تولۇقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ «باج»غا ئېرىشىش ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن، سەۋەبى شۇكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەر ناھايىتى ئاسان تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، شۇڭا ئۇلار «ئاياللار بېجى» تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بۇ ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.»

(بىر ئائىلىدىكى تۆت جاننىڭ ئوپچە سۈرىتى)

لېكىن، ھەممە ئادەم بۇ قاراشقا قوشۇلمايدۇ، سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئالقىشقا ئېرىشىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. بىر قىسىم تورداشلار ئۇنىڭ بۇ ئويىنى ماختاپ، ئۇنى «ئاياللار بېجى»نى قانۇنلاشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان:

«توغرا بىزمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك»

«بۇ ۋىدېيونى يىگىتىمگە ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئۇمۇ كۆرسۇن.»

ۋاي ئانامەي! مۇشۇنداق ئويلايدىغان بىر ئېرىڭىز بولسا، سىز بەك تەلەيلىك ئىكەنسىز.»

«ئۇ راستىنلا سىز ۋە بالىلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن.»

لېكىن يەنە بەزىلەر بۇ پۇلنى بىمەنە ھەم ئېچىنىشلىق دەپ قارىغان، ھېسسىياتنى پۇل بىلەن ئۆلچىمەسلىك كېرەك دەپ قارىغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:

«ئاياللار قەدىمدىن تارتىپ ئىزچىل بالا تۇغۇپ كەلگەن، بۇنى ئالاھىدە ئىش قىلىۋالماسلىق كېرەك.»

«سىز ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئىشلارغا ھەق ئالامسىز؟ سىز بەك بىچارە ئىكەنسىز!»

ھەمراھلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ پۇل بەرسە ئۇنى ھەرگىزمۇ «باج» دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى كەمسىتتى.»

«بۇ ئايالغا ھېسداشلىق قىلىمەن، ئەگەر تىرناق ياساش ئۇنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلالىسا، ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىكەن.»

ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھېسسىياتنى ساقلاش ئۇسۇلى بولىدۇ، بۇ «باج»نىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكى بىر تۇتاش جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ھەقىقىي پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بولغىنى ئەمەلىيەتتە ئېرىنىڭ كامىلانى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ چۈشىنىشنى خالايدىغانلىقىدا...

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章