ئۆكتەم موماي ئىككى ئوقۇغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ تىلغا قالدى

文摘   2025-01-22 21:51   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ياكى تەنتەربىيە دەرسى ئۆتكەندە ياكى مەكتەپ مەيدانىدا يۈگۈرۈپ ئوينىغان ۋاقىتلار ھەمىشە كۆڭۈللۈك بولىدۇ. بۇنداق ھاياتىي كۈچكە تولغان جايدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ياپونىيە شىگا ناھىيەسى سائوتۇ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئادەم سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، يارىلانغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ ئىش 2019-يىلى 11-ئايدا يۈز بەرگەن. زىخې ناھىيىسىدىكى بىر ياشانغانلار گۇرۇپپىسى توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى ئارىيەت ئېلىپ توپ ئوينىلىدۇ. مەكتەپ تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىن تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىككى سائەت ئارىيەت بەرگەن.

80 نەچچە ياشلىق موماي چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە مۇددەتتىن بۇرۇن مەيدانغا كىرگەن. شۇ چاغدا مەيداندا 300گە يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆچرەتتە تۇرۇپ مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

موماي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، مەكتەپ مەيدانىنىڭ چېتىنى بويلاپ مېڭىشنى تاللىماي، ئۇدۇل ئوقۇغۇچىلار رېتى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان.

6-يىللىقتىكى ئىككى ئوقۇغۇچى كۈلكە-چاقچاق قىلىپ ئويناۋاتقان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى موماينى سوقۇپ قويغان. موماي يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن موماي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، مەكتەپ تەرەپ ۋە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 7 مىليون 250 مىڭ يېن (تەخمىنەن 340 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى مەكتەپنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەيداننىڭ چېتىنى بويلاپ يول يۈرۈشى كېرەك. لېكىن موماي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ تەنتەربىيە مەيدانىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەچكە، يارىلانغاندىن كېيىن، يەنە زور سوممىلىق تۆلەم تەلەپ قىلغان.

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى مومايغا 880 مىڭ ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان. گەرچە موماي مەكتەپنى بىخەتەرلىك كاپالەت مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ بۇ ئىش ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئارتىلغان.

مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ رۇخسەت قىلىنغان ۋاقىتتىن بۇرۇن كىرىۋالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ساۋاتقا خىلاپلىق قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سېپىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ تۆلەم تەلىپىنى رەت قىلغان.

نۇرغۇن تورداشلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بۇنداق ھادىسە ئۈچۈن پۇل تۆلەتكۈزۈش ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئەينى ۋاقىتتا، ياپونىيەلىك تور چولپىنى خىروكازۇ نىشىمۇرا ئاشكارا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈشى ناھايىتى نورمال ئىش. ئەجىبا ياشانغانلار بالىلارنىڭ مەيداندا ئەركىن چېپىپ يۈرىشىىنىڭ ئۆزىگە بىرەر تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلمەمدۇ؟»

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوساكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. باش سوتچى موشىما تاكاشى دايتسۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلىنى 880 مىڭ يېندىن 220 مىڭ يېن (تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)گە چۈشۈرگەن.

باش سوتچى كازۇتو جىمو مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەقىقەتەن سەۋەنلىك بار، لېكىن موماي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن مەيدانغا بالدۇر كېلىۋالدى، مېڭىش لىنىيەسىدىمۇ مەسىلە مەۋجۇت. بۇ ئەزانىڭ قىلمىشى مەكتەپنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ، شۇنداقلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  نورمال ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بار قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىشنى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

(ئوساكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى)

گەرچە ئەڭ ئاخىرقى تۆلەم سوممىسى 880 مىڭ يېندىن 220 مىڭ يېنغا ئازلىغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيەدىكى نۇرغۇن تورداشلار يەنىلا ئىنتايىن غەزەپلەنگەن. ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:

«بىرىنچى سوتتا 880 مىڭ يېن تۆلەم بېرىش ۋە ئىككىنچى سوتتا 220 مىڭ يېن تۆلەم تۆلەش ھۆكۈم قىلىندى. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چوقۇم پۇل تۆلەتكۈزۈشكە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈم بار.»

«ياشانغانلار مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى ئارىيەت ئالدى، بۇ تەنتەربىيە مەيدانى ئەسلىدە بالىلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى ئىدى. گەرچە موماي ئۆزى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۆلەم تەلەپ قىلدى. ئەگەر مەن بۇ موماينىڭ بىرەر تۇغقىنى بولۇپ قالغان بولسام ئۇنى ئېنىقكى ئەرز قىلىشتىن توسقان بولاتتىم.»

«ئەگەر مەن مەكتەپ مۇدىرى بولسام، <باشلانغۇچ مەكتەپ ئەسلىدىنلا ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ!> دېگەن بولاتتىم.»

«ئانامەي بۇ دەرۋدە قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغان ياشانغانلار بالىلاردىن پۇل-مال ئۈندۈرۈشكە باشلىدى، ئەگەر مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلىنسا بۇندىن كېيىن ياشانغانلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.»

«ياشانغانلار تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىشلىتىش ھەققى ئۈچۈن 7 مىليون 250 مىڭ ياپونىيە يىنى تۆلىشى كېرەك.»

يەنە بىر قىسىم ياشانغانلار بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىدىن بىزار بولۇپ، بالىلارنى ئۆزلىرىنى باغچىدا ئوينىغىلى قويمايدۇ، دېگەن. ئۇلار ھەتتا مەكتەپكە كىرىپ، بالىلارنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىپ، يارىلانساق تۆلەم تەلەپ قىلساق ھېچقىسى يوق دەپ قارىغان.

17-يانۋار ياپونىيەلىك تور چولپىنى خىرويۇكى نىشىمۇرا يازما ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بالىلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان جەمئىيەت ياخشى ئەمەس، شۇڭا مەن ۋاكالىتەن تۆلەيمەن. ئاتا-ئانىسى مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.»

(ياپونىيە تور چولپىنى)

ئەگەر مۇشۇنداق ئادەملەر بولسا ئېنىقكى مەكتەپلەر ئەمدى مەيدانىنى سىرتتىكىلەرگە ئىجارە بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章