توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شۇ يەر ۋاقتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا ABC 6 قانىلى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇ ئىش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى، بولۇپمۇ ئۆيىدە ئوغۇل بالىسى بارلارنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭى جېرسېي ئىشتاتى كاپېمېي ناھىيە (CapeMay County)لىك تەپتىش مەھكىمىسى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى لاۋرا كارون (Laura Caron) ئىسىملىك 5-يىللىققا دەرس ئۆتىدىغان بىر ئايال ئوقۇتقۇچى 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئوقۇغۇچىسىغا كۆپ قېتىم جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇ تېخى ھامىلىدار بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ بالىسى 2019-يىلى تۇغۇلغان.
بۇ ئىش نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن، لېكىن تېخى يېقىندا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش تاسادىپىي ھالەتتە بايقالغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى لاۋرا كاروننىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى كاروننىڭ ئالاقە تور بېتىنى كۆرۈۋاتقاندا، لاۋرا كاروننىڭ بەش ياشلىق ئوغلى ۋە ئۆزتارتىم سۈرىتىنى بايقاپ قاتتىق ھەيران قالغان، ئۇ لاۋرا كاروننىڭ 5-ياشلىق بالىسىنىڭ ئۆز ئوغلىغا «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئارقىدىنلا ئۇ ئوغلىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ (سۈرەتتىكىدەك) بىر كېچە قونۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى ئاخشام تۇرغانلىقىنى ئەسلىگەن. چۈنكى ئوغۇل بالا ئۆزى يالغۇز بارمىغان، ئۇنىڭ ئاچىسى ۋە ئىنىسىمۇ بىللە بارغاچقا، شۇڭا ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا قىلچە ئەنسىرىمىگەن، لېكىن ھازىر بۇلارنى ئويلىسا ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلغان.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، لاۋرا كارون بىلەن ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسلىدىنلا دوست بولغاچقا، شۇڭا بىر-بىرىگە تولۇق ئىشىنىدىكەن. لېكىن بۇ ئاتا-ئانىلارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ دوستى ۋە بالىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىر ھايۋان ئىكەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاۋرا كارون دەسلەپتە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان چاغدا، بۇ ئوغۇل بالا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئويلىمىغان يەردىن «دادا» بولۇپ قالغان، بۇ بالىنىڭ ئانىسى بالىنىڭ دادىسىدىن يېشى 16 ياش چوڭ بولغان ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.
لاۋرا كارون قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاللىقاچان قۇرامىغا يەتكەن بۇ ئوغۇل بالا ساقچىلارنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ لاۋرا كارون بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
كارېن ھازىر كاپېمېي ناھىيەلىك جازالاش مەركىزىگە قامالغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم سوتقا چىققۇچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلمەيدىكەن. ئۇ «جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىش»، «بالىلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە زىيان يەتكۈزۈش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسىدە دېيىلىشىچە، بالىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر ياتاقتا ئۇخلاۋاتقان ئىكەن، ئويغانغاندىن كېيىن ئىنىسىنىڭ لاۋرا كاروننىڭ كارىۋىتىدا ياتقانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئىنىسى يۇيۇنغان چاغدا، جاۋابكارنىڭ مۇنچىغا كىرىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىنىسىمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ، لاۋرا كاروننىڭ ئاكىسىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاچا-ئىنى ئىككىسىنىڭ ئەينى چاغدا نېمە ئۈچۈن چوڭلارغا دېمىگەنلىكىگە كەلسەك، ئەيىبنامىدە ئېنىق بىر نېمە دېيىلمىگەن، بەلكىم مەجبۇرلانغان ۋە ياكى ئازدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئەينى چاغدا ئۇلار بىلەن كارى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كارون ئەسلىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى، يەنى ئوتتۇرا بازار مەكتەپ رايونىنىڭ مەسئۇلى دوكتور داۋىد سالۋو (David Salvo) ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەيىبلەشلەردىن تۇنجى قېتىم خەۋەردار بولغاندا، لاۋرا كارون بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، دەرھال <مائاشلىق مەمۇرىي دەم ئېلىش>قا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنىلا دەم ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ».
كاپېمېي ناھىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى جېفرى ساتېرلاند (Jeffrey Sutherland) مۇنداق دېگەن: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدە ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىپە بار، بۇ دېلودىكى ئەيىبلەش كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىشەنچىنى يەردە قويدى. بىز بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەققانىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە پۈتۈن جەرياندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قوللايمىز».
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا لاۋرا كارونغا ئوخشاش ئايال ئوقۇتقۇچىلار كۆپ قېتىم پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ بىردىنبىر قولغا ئېلىنغان ئادەم ئەمەس. بۇمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ «ھازىر قانچىلىك ئوقۇتقۇچى سىنىپتا بالىلىرىمىزغا پەسكەشلىك قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |