توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مۇددەت ئېغىر باي-نامراتلىق پەرقى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، بۇ ھادىسە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قالدى.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، بايلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى ئىجتىمائىي قاتلىمىنى تەدرىجىي مۇقىملاشتۇرغان، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر ئىزدا توختاپ قالغان، نامرات قاتلامدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ياخشىلانمىغان.
بۇنىڭ سەۋەبى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، يەر شارىلىشىش، كاپىتال بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ ئېغىشى تۈپەيلىدىن، بايلار بارغانسېرى بېيىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ بايلىقى ئاساسەن ئاشمىغان.
ئۇنداقتا باي-نامراتلىق پەرقى شۇنچە ئېغىر بولسا، جەمئىيەت زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟ بۇنىڭغا ئامېرىكا ئاللىقاچان جاۋاب بېرىپ بولدى.
ئامېرىكىدا باي-نامراتلىق پەرقى قانچىلىك؟
ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، لېكىن باي-نامراتلىق پەرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
ئامېرىكا پارلامېنتى خامچوت ئىشخانىسى (CBO) ۋە ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى باي-نامراتلىق پەرقى ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا زور دەرىجىدە چوڭايغان.
بولۇپمۇ ئۆتكەن 40 يىلدا، كىرىمدىكى تەڭسىزلىك بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بايلىق ئاز ساندىكى باي ئائىلىلەر ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، كۆپ قىسىم ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمى بارغانسېرى بىر ئىزدا توختاپ قالغان.
ئەڭ باي %1 ئائىلە ئامېرىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەت بايلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىنلاشقان، ئەمما ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ بايلىقى ئاساسەن ئاشمىغان.
كىرىم باراۋەرسىزلىكىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۆزگىرىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يەر شارىلىشىشقا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى تەدرىجىي غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى تېخنىكا ئالدى.
ئەمما، مائارىپ سەۋىيەسىدە پەرق بولغانلىقتىن، كۆپ ساندىكى تۆۋەن كىرىملىكلەر توپى بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشالماي تۆۋەن كىرىملىكلەر پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
كاپىتال پايدىسىنىڭ توپلىنىشى بايلارنى مەبلەغ سېلىش ۋە بايلىق باشقۇرۇش ئارقىلىق بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىدۇ، بايلارنىڭ پاي چېكى، ئۆي-زېمىن قاتارلىق مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىسى ئەمگەك كىرىمىدىن كۆپ بولىدۇ.
بولۇپمۇ ئامېرىكىدا كاپىتال بازىرىنىڭ پايدىسى ئەمگەك بازىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، بۇ بايلىقنىڭ يەنىمۇ مەركەزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باج يىغىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىمۇ باي-نامراتلىق پەرقىنى مەلۇم دەرىجىدە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. باجنى كېمەيتىش سىياسىتى بايلارغا تېخىمۇ پايدىلىق، ئەمما تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ پاراۋانلىق تولۇقلىمىسى ئۇلارنىڭ كىرىم پەرقىنى تولۇقلاشقا يەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ قاتارلىق ئامما مۇلازىمىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تەبىقە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى!
باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ تۇراقلىشىشى ۋە قاتلامدىكىلەرنىڭ ئېقىشچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى. مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق بايلىقلار پەرقىدىن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ خىل ئەۋلاد نامراتلىقنىڭ داۋاملىشىشى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى بىر خىل «يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش»قا ئايلاندۇرغان.
جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى ھەتتا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقى، توپىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
زور مىقداردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئومۇمىي بازار ئېھتىياجىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بايلار تەبىقىسىنىڭ ئىستېمال كۈچى كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىستېمالى ئاساسلىقى زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ۋە زۆرۈر بولمىغان تاۋارلارغا مەركەزلەشكەچكە، ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولالمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى چەكلەپ قويىدۇ. مائارىپ بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملەنمەسلىكى نامرات رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى.
ئامېرىكىدا نامراتلار توپىنىڭ سىياسىي ساداسى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بايلار بولسا سىياسىيدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ خىل تەڭسىز سىياسىي ۋەزىيەت سىياسەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز نارازىلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلدى، بۇ ھال سىياسىيلىشىش، نارودنىكلىق ۋە رادىكاللىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2024-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، نارودنىك نامزاتى دونالد تىرامپنىڭ باش كۆتۈرۈشى دەل باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە جەمئىيەتتىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ توپلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ئامېرىكىنىڭ باي-نامراتلىق پەرقى مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئالدىدا، چوقۇم ئامېرىكىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆرنەك قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكىنىڭ كونا يولىغا مېڭىشتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈشتە.
مائارىپ باي-نامراتلىق پەرقىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى، ئاساسىي مائارىپنى ياخشىلاش ۋە تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇرى تېخنىكا، يۇقىرى كىرىملىك كەسىپلەرگە قاتنىشىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن، ھۆكۈمەت مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ باي ئائىلىدىكى بالىلار بىلەن ئوخشاش تەربىيە پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى، بولۇپمۇ داۋالاش، تۇرالغۇ ۋە كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كاپالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، نامراتلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي داۋالغۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمەت ئادىل رىقابەتلىشىشكە ئىلھام بېرىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، مونوپولىيىگە ۋە ناتوغرا رىقابەتكە زەربە بېرىشى كېرەك. بولۇپمۇ چوڭ كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ بازارنى كونترول قىلىش ۋە بايلىقنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق باي-نامراتلىق پەرقىنى كۈچەيتىۋەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت يەنە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە، يېڭىلىق يارىتىشىغا ۋە يەرلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تەكشى ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پەقەت ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بىلەن ئاشقاندىلا، ئاندىن باي-نامراتلىق پەرقىنى ئۈنۈملۈك كىچىكلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
نامراتلار توپىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەت يەنە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك تۇيغۇسىنى ئازايتىش ئارقىلىق ھەر قايسى تەبىقىدىكى كىشىلەرنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ قۇتۇپلىشىشى ۋە پارچىلىنىشىدىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
خۇلاسە: ئامېرىكىنىڭ كەچۈرمىشى بىزگە باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر تەسىرىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەسىلەن، جەمئىيەت مۇقىم بولماسلىق، قاتلام مۇقىم بولۇش، سىياسىيلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا بىز مائارىپ ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتىنى كۆپەيتىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىل رىقابەتلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، مونوپولىيەنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىسىنى ھەر بىر ئادەمگە تېخىمۇ ئادىل تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، بىز تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، قۇتۇپلىشىش ۋە بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. باي-نامراتلىق پەرقى ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئادىللىق ۋە سىغدۇرۇشچانلىقنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |