AIنىڭ تەرەققىياتى تاماق قاچىڭىزنى تارتىۋېلىش ئەمەس بەلكى

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر سەنئەت كۆرگەزمىسىدە، بىر پارچە رەسىم نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. بۇ رەسىم قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدۇ-راست ئۆسۈملۈكتەك كۆرۈنىدىغان گۈزەل گۈللەر، سۈپەت تۇيغۇسىغا تولغان قۇياش نۇرى، ھەتتا مەيىن شامالدەك يەڭگىل ئۈنۈم رەسسامنىڭ ماھارىتىنى كۈچلۈك نامايەن قىلغانىدى. كۆرۈرمەنلەر بۇ سەنئەتكارنىڭ ماھارىتىنى بەس-بەستە ماختاپ، بۇنى چوقۇم بىر ئۇستازنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارىدى.

لېكىن، ئۇلار بۇ رەسىمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسان ئىجاد قىلمىغانلىقىنى، بەلكى سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلگەندە، نەق مەيداننىڭ كەيپىياتىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. ئەسلىدىكى زوقلىنىش ۋە ھەيران قېلىش، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە گۇمان ۋە تەشۋىشكە ئايلاندى. بەزىلەر ھەتتا: بۇ راستتىنلا سەنئەت ھېسابلىنامدۇ، دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىدى؟ ئەگەر ئۇنى ماشىنا ياسىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ زادى «ھەقىقىي» ھېسابلىنامدۇ؟

AIدا ھاسىل قىلىنغان ماي بوياق رەسىم


بىز ئەمدى ئويلانمىساق بولمايدۇ، كۆرگىنىمىز ئەمەلىيەت بولۇشى ناتايىن، ھەتتا بىزنىڭ ئىدىيىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزنى سۈنئىي ئىدراك كونترول قىلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇ دۇنيانىڭ چىنلىقىغا يەنە ئىشىنەلەمدۇق؟


سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى

AI دەۋرى ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنولاردىكى يىراق خام خىيال بولماستىن، بەلكى ھەر كۈنى يېنىمىزدا ئۈن-تىنسىز يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق. ئەتىگەندە يانفونىڭىزنى ئاچقان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان خەۋەرلەردىن تارتىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئېچىلغان قىسقا ۋىدېيولارغىچە، سۈنئىي ئىدراك ئۈن-تىنسىز ھالدا سىز ئۈچۈن بىر «مەخسۇس دۇنيا»نى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

بۈگۈن سىز ئۇچراتقان خەۋەر، سۈرەت، ھەتتا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەۋسىيە ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ قانداق قىلىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن سىزگە نامايان بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «مەشغۇلات قىلغۇچى» ئەمەلىيەتتە دەل سۈنئىي ئىدراك.

AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان قىزچاق


لېكىن بىز ئالدى بىلەن چۈشىنىكسىز ئاتالغۇلار ۋە تېخنىكا تەپسىلاتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئالدى بىلەن AIنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، AI (سۈنىي ئىدراك) دېگىنىمىز، ماشىنىنى ئادەمگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىش ۋە قارار چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. سىز ئۇنى بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر» دەپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ، ئۇ نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى تەقلىد قىلىپ، ئاندىن ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ ياكى ھۆكۈم قىلالايدۇ. مەسىلەن، سىز مەلۇم بىر مال سېتىۋېلىش ئەپ دېتالىنى ئاچسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ بۇرۇنقى ئادىتىڭىزگە ئاساسەن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان تاۋارلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

سۈنئىي ئىدراكنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنىڭ بىرى بولسا ماشىنىلىق ئۆگىنىش. بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا سەل چوڭقۇردەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خۇددى ماشىنىغا دەرس ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ماشىنا «ئۆزلۈكىدىن» مەلۇم بىر ئىشقا قانداق ھۆكۈم قىلالايدۇ ياكى پەرەز قىلالايدۇ. مەسىلەن، سىز AIغا مۈشۈك بىلەن ئىت توغرىسىدىكى سۈرەت سانلىق مەلۇمات توپلىمى بەرسىڭىز، ئۇ مۈشۈك بىلەن ئىتنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە يېڭى رەسىمنى كۆرگەندە بۇنىڭ مۈشۈك ياكى ئىت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، AI پەقەت سۈرەتتىكى ئادەم ۋە ئارقا كۆرۈنۈشنى ئاددىي پەرقلەندۈرۈپ تۈرگە ئايرىيالايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، AI ئابۇنىتلارنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن، پۈتۈنلەي تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان بىر پارچە سۈرەت ھاسىل قىلالايدۇ.

مەسىلەن، «ئالەم بوشلۇقى كىيىمى كىيگەن مۈشۈك ئاي شارىدا سەيلە قىلىۋاتىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزگەندە، سۈنئىي ئىدراك نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق توغرا بىر پارچە سۈرەت ھاسىل قىلىپ، قەلبىڭىزدىكى «ئالەم بوشلۇقى مۈشۈكى»نى ھاسىل قىلالايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي سۈرەت ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى.

دەسلەپتە بۇ تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى بەزى ئاددىي سۈرەت پەرقلەندۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، AIنىڭ سۈرەت ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى رەقەملىك سەنئەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتچىغا ئايلاندى. AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان گىرافىكلار ئارقىلىق، سەنئەتكارلار نۆلدىن باشلاپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ، ھەتتا مەلۇم بىر سەنئەت ئۇستىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى پۈتۈنلەي تەقلىد قىلالايدۇ.

سۈنئىي ئىدراكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىلگىرى «ئىنسانىيەتكە خاس» بولغان «ئىجادىيەت»نى ئاددىيلا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

چىنلىق ۋە ئىشەنچ كىرىزىسى

ھالبۇكى، بىز ساقلانغىلى بولمايدىغان رېئال مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتىمىز، AI بىلەن تولغان بۇ دەۋردە، «رېئاللىق»قا قانداق ئېنىقلىما بېرىش ۋە پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟


AI بىلەن «رېئاللىق»نىڭ تۇتۇق چېگراسى

بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە سۇپىسىدا قىسقا فىلىم تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا، دەلىللەنمىگەن سۈرەت ياكى «خەۋەر» ھەش-پەش دېگۈچە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان ۋاقىتتا، بىز قوبۇل قىلغان ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇق؟

AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان چوڭقۇر ئويدۇرما ۋىدېيو (Deepfake) بۇنىڭ تىپىك مىسالى. سىز بەلكىم بەزى ساختا خەۋەرلەرنى ياكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ «چوڭقۇر ئويدۇرما»دىن كېيىن ۋىدېيودا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.

ساختا AI تور بېكىتى


كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈش داڭلىق شەخسلەرنىڭ سۈرىتى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چىرايى، ئاۋازى، ھەتتا يۈرۈش-تۇرۇشى AI تېخنىكىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە يۆتكىلىشى مۇمكىن.

تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز ئۆزىڭىز تارتقان بىر ۋىدېيونى خاككېر ياكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ھەمدە ساختا خەۋەردە ئىشلىتىپ، سىزگە ئىنتايىن چوڭ ئاۋارىچىلىق ۋە زىيان-زەخمەت ئېلىپ كېلىدۇ.


بۇنداق ئەھۋالدا، «رېئاللىق»نىڭ چېكى بارغانسېرى غۇۋالىشىپ كېتىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچ سىستېمىسىنى قايتا قۇرغىلى بولىدۇ؟

ئۇنداقتا، ئۇچۇرغا بولغان ئىشەنچنى قانداق قىلىپ قايتا تىكلىگىلى بولىدۇ؟ بىز ئۇچۇرنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىمىز كېرەك.

نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى، مەسىلەن، سۇپىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلىش، ساختا ئۇچۇرلارنى جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار، بىراق بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا چەكلىك. چۈنكى ئۇچۇرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا پەقەت سۇپا ۋە ھۆكۈمەتكىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەر بىر ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچى تەنقىدىي تەپەككۇرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

«AIنى قالايمىقان ئىشلىتىپ چىراي ئالماشتۇرۇش» قانۇنغا خىلاپ


باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىز تېخىمۇ «ئەقىللىق» بولۇشىمىز كېرەك. بىز توردا تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەر، سۈرەت ياكى ۋىدېيولارغا يۈزلەنگەندە، چوقۇم كۆپ تەرەپتىن ئۇنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ سەزگۈ ئەزالارنىڭ تەسىراتىغا تايانماسلىقىمىز لازىم.

مەسىلەن، ئەگەر سىز ئالاقە تورىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىڭىز، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى دەلىللەمسىز؟ ئەگەر سىز مەلۇم بىر ۋىدېيونىڭ قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ۋەقە ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلامسىز؟ ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشتە ھەر بىرىمىز تېخىمۇ ئاقىلانە ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.

ساختا خەۋەرنىڭ ئالاھىدىلىكى


AIنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىشى تىۋىشسىز ۋە ئاۋازسىز

بىز سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ تىلىمىز ۋە ئالاقە ئۇسۇلىمىزغا بولغان ئۆزگىرىشىگە دىققەت. نېمىلا دېگەن بىلەن، تىل بىزنىڭ دۇنيانى تەپەككۇر قىلىشىمىز، پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىزنىڭ ئاساسى. ئەگەر سۈنئىي ئىدراك بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تىل ۋە ئالاقىنى ئۆزگەرتىشى مۇتلەق «ئۈن-تىنسىز» ھەم «چوڭقۇر» بولىدۇ.


AI بىلەن تىلنىڭ بىرىكىشى

AI تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى (NLP) ئارقىلىق بىزنىڭ ماشىنا-ئۈسكۈنە بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلىمىزنى ئۈن-تىنسىز ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بىر مىسال ئالايلى، سىز ھەر كۈنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى (مەسىلەن، Siri، شياۋئەي) بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئەمدى «ماشىنا ئادەم»گە ئوخشاش قاتتىق بۇيرۇق جۈملىلىرىنى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سىز پەقەت ئادەتتىكى تەلەپپۇزدا «بۈگۈنكى ھاۋا قانداقراق؟» ياكى «قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەڭشەپ قوي» دېسىڭىزلا، سۈنئىي ئىدراك سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى راۋان چۈشىنەلەيدۇ ھەمدە سىز ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابنى بېرەلەيدۇ. تىل بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل راۋان ئالاقە دەل تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ قۇدرەتلىك تەرىپى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق ياردەمچى


لېكىن ئەگەر سىز تەپسىلىي ئويلانسىڭىز، مەسىلە مۇشۇ يەردە، سىز AI بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ «ئادەم» ياكى «ماشىنا» بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايرىيالامسىز؟

كۆپ ھاللاردا سىزنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى بىلەن بولغان «سۆھبىتىڭىز» ھەقىقىي ئادەمدىن ئەمەس، بەلكى AI تېخنىكىسى ئارقىلىق تەقلىد قىلىنىدۇ. سىز تېلېفون قىلغان خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىنىڭ ئارقىسىدا بەلكىم بىر «ماشىنا ئادەم» سىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ تىلى، ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشى، ھەتتا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ھەقىقىي ئادەمگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. ھەتتا بەزى AI سىستېمىسى ئىنسانلارنىڭ تەلەپپۇزى ۋە ھېسسىياتىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، سۆھبەتنى تېخىمۇ تەبىئىي قىلىدۇ، خۇددى سىز بىر سىرداش دوست بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك.


سۈنئىي ئىدراك بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى: يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر

سۈنئىي ئىدراك بىلەن ئادەم تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشى بەزى ئەھۋاللاردا ئېغىر پىسخىكىلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سىز بەلكىم بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سۈنئىي ئىدراك بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئېغىر پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

ئەڭ تىپىك مىسال شۇكى، بەزى دۆلەتلەردە، بىر قىسىم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىشقا قاراپ ماڭغان. AI ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئەخلاقىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ تىلىنى تەقلىد قىلالايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئازابى، تىركىشىشى ۋە ئارزۇسىنى ھېس قىلالمايدۇ.

AI پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆلۈۋېلىشقا قىزىقتۇردى


بۇ خىل ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، گەرچە سۈنئىي ئىدراك ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى تەقلىد قىلالىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاجىز. سۈنئىي ئىدراك ھاسىل قىلغان «دىيالوگ» قارىماققا ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا تولغان، ھەتتا مەلۇم خىل تەسەللىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ رېئال دۇنيادىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتى ۋە پىسخىكىلىق داۋالغۇشىنى ھېس قىلالمايدۇ.


AI بىلەن ئىنسانلار تىنچ بىللە تۇرىدىغان كەلگۈسى

بىز سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغىنىمىزدا، ئىختىيارسىز ھالدا: سۈنئىي ئىدراك زادى تەلەيمۇ ياكى ئاپەتمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمىز. بۇنىڭ جاۋابى بىردىنبىر ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلىپ سۈنئىي ئىدراك بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە بۇ جەرياندا بىر خىل ساغلام تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش-تاپالماسلىقىمىزغا باغلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتتى ھەمدە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يۇقىرى خەۋپ-خەتەر قانۇن لايىھەسى»دە ئېنىق قىلىپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قوللىنىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەدبىرلەر سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ساغلام رامكا بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بىزگە جەمئىيەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئۈمىدىنى نامايان قىلدى.

AI ئېتىكا مەسىلىسى


تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ھەر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى جەمئىيەتكە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنسانلار ھامان ئۇسۇل تېپىپ ماسلىشىپ، قوبۇل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سانائەت ئىنقىلابى شۇنداق بولغان، ئالاقە تورى دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان. سۈنئىي ئىدراكنىڭ باش كۆتۈرۈشى بەلكىم تارىختىكى كېيىنكى دولقۇن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە چوڭقۇرلۇقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولىدۇ.

سۈنئىي ئىدراك بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە تەھدىت سالمايدۇ، بەلكى مەدەنىيەتنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدە بىز ماشىنا بىلەن ئىنسانلار ئورتاق ئىجاد قىلغان مۇزىكا، ئورتاق تاماملىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ خىل ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ھەمكارلىق دەۋرى بەلكىم بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە تېخىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章