تېخنىكا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۈندىدار ئورگان سالۇنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈندىدارنىڭ 14 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن.
14 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، iPhone نۇسخىسىدىكى ئۈندىدار 1.0 رەسمىي بازارغا سېلىنغان. تۇنجى تارقاتقان نەشىرى پەقەت iOS سىستېمىسىنىلا قوللايدىغان بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇنجى ئاندىرويىد سىستېما نەشىرى تارقىتىلغان.
ئاستىدىكى رەسىم بولسا شۇ ۋاقىتتىكى بىرىنجى قۇر كود.
دەسلەپتە ئېلان قىلىنغاندا، ئۈندىدار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «iPhone، iPod Touch سۇپىسىنى ئاساس قىلغان تېڭشۈن ئۈندىدار مۇلازىمىتى سىزگە پۈتۈنلەي يېڭى ئۇچۇر ئېلىپ كېلىدۇ. سىز ئۈندىدار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللىيالايسىز ۋە قوبۇل قىلالايسىز، دەرھال سۈرەتكە تارتىپ ھەمبەھىرلىيەلەيسىز، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئەتراپىڭىزدىكى دوستلار بىلەن ئالاقىلىشالايسىز».
تۇنجى نەشىردىكى ئۈندىدار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن QQنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى تېزلا ئالقىشقا ئېرىشكەن، 2011-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تىزىمغا ئالدۇرغان ئابونت سانى 4 مىليوندىن ئاشقان.
شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 2.0 نەشرى ئېلان قىلىنىپ، Talkbox ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارى قوشۇلغان؛ 8-ئايدا «يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى كۆرۈش» دوست تۇتۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئابۇنت سانى 15 مىليونغا يەتكەن.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈندىدار 3.0 نەشىرىنى ئېلان قىلىپ، «چايقاش» ۋە بوتۇلكا لەيلىتىش ئىقتىدارىنى قوشقان، ئابۇنت سانى 50 مىليوندىن ئاشقان، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئابۇنت سانى 100 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
بۇ يىللاردا ئۈندىدار ئۇچقاندەك تېز ئۆسۈپ يېتىلىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۈندىدار ھەقىقىي دۆلەت دەرىجىلىك يۇمشاق دېتالغا ئايلاندى، ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنتى بىر مىليارد 400 مىليونغا يېقىنلاشتى.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |