«باربى» بىلەن ھوللىۋودتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن چولپان

文摘   2025-01-20 22:27   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

2023-يىلى «باربى» (芭比) ناملىق كىنو پۈتۈن دۇنيادا مودا بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ كىنونىڭ مودا بولۇش مەركىزى دەل مارگوت روببې (Margot Robbie) ئىدى. سىزنىڭچە مارگوت روببېنىڭ نام قازىنىش يولى شۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولغانمۇ؟ ئۇنداقتا بەك چوڭ خاتالاشقان بولىسىز! بۈگۈنگىچە مارگوت روببې تىرىشچانلىق قەدىمىنى توختىتىپ باقىمىغان.

مارگوت روببې ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋېنسلاند ئىشتاتىدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان، ئىسمى داربى. بۇ يەر قانچىلىك كىچىك؟ بىر ئاساسلىق كوچىدا، كۆپچىلىك كۆكتات سېتىۋالغاندا تونۇش ئادەملەرنى ئۇچرىتالايدۇ. مارگوت كىچىكىدىن تارتىپلا ئانىسى ۋە ئۈچ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ھەتتا شېكەر قومۇشى ئېتىزىدا ئىشلەپ باققان، يەنە تېخى ساندۋىچ دۇكىنىدا قوشۇمچە خىزمەت قىلغان.

لېكىن مارگوت روببې بۇ ئېغىر كەچۈرمىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مېلبۇرنغا بېرىپ ئاكتيورلۇقنى ئۆگەنگەن. ئۇ بىر-بىرىدىن غەلىتە ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان، مەسىلەن، «قوشنا» (邻居)غا ئوخشاش يەرلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئاسىي قىزنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ تىياتىر ئاۋسترالىيەدە خېلى نامى بار، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ دائىم ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە تەۋە دەپ ئويلاپ كەلگەن.

2011-يىلى ئۇ كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، بىر كىشىلىك بېلەت سېتىۋېلىپ، لوس ئانژېلېسقا ئۇچۇپ بارغان، ئۇنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھوللىۋودقا كىرىش! لېكىن ئامېرىكىدىكى كۈنلىرى ناھايىتى تەستە ئۆتكەن، ئۇ نۇرغۇن قېتىم سىناق كۆرۈنۈشلىرىگە قاتناشقان، بەزىدە بىرەر ئېغىزمۇ جاۋابقا ئېرىشمەي تۇرۇپلا شاللىنىپ كەتكەن. ئۇ كۈنلەر ناھايىتى جاپالىق ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ ئامېرىكىچە تەلەپپۇزنى مەشىق قىلغان، ئالغان رولىنىڭ پەقەت بىر ئېغىز گېپى بولسىمۇ، ئۇ نۇرغۇن كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلغان.

2013-يىلى ئۇ «ۋال كوچىسىدىكى بۆرە»نىڭ سىناق كۆرۈنۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ كىنوغا مارتىن سېسكوس رېژىسسورلۇق قىلىدىغان بولۇپ، لېئوناردو دىكاپرىئو باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا كىرىش رەسمىي ھوللىۋود سەھنىسىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مارگوتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغان پۇرسىتى ئىدى. سىناق قىلىنغان كۈنى، رىقابەتچىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن چاچلىق، كۆك كۆزلۈك ساھىبجاماللار ئىدى، سىناق جەريانىدا ئۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىپلا قالماي، ھەتتا لىئوناردو بىلەن بولغان رەقىب بولۇش تىياتىرىدا بىۋاستە رولغا چىققان. ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالغان بىر مەيدان كۆرۈنۈشتە، ئۇ سېنارىيىدە لېئوناردوغا بىر نەچچە ئېغىز ۋارقىرىسىلا بولاتتى. نەتىجىدە مارگوت ھاياجانلىنىپ، قولىنى كۆتۈرۈپلا «شاپىلاق» ئۇرۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھەيران قالدۇرغان.

ئەسلىدە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنى قوغلاپ چىقىرىلىدۇ دەپ ئويلىغان، نەتىجىدە رېژىسسور مارتېن سكوسېس ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ: «دەل ئۇ شۇ! ئۇ مۇشۇنداق سۆيۈشكە ۋە نەپرەتلىنىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك ئىدى!» دېگەن.

كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، مارگوت نام چىقارغان. كىنودا ئۇ رولىنى ئالغان ئوبراز ھەم تەنناز، ھەم كۈچلۈك ئايال بولۇپ، كىنودا ئۇ ھالرەڭ قىسقا يوپكا كىيىپ، بىرۇكلىن تەلەپپۇزى بىلەن لېئوناردوغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان بىر كۆرۈنۈش يۈز بەرگەن، بۇ كۆرۈنۈش كىلاسسىك كۆرۈنۈشكە ئايلانغان.

نام چىقىرىش ياخشى ئىش، لېكىن مارگوت كۆڭلىدە غەم قىلغان. چۈنكى كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەننازلىقىنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە سەل قارىغان. «ۋال كوچىسىدىكى بۆرە» ناملىق كىنو نام ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ پوچتا ساندۇقى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تەكلىپنامىسى بىلەن تولغان، ئۇ چىرايلىق ئايالنىڭ رولىنى تولۇق ئالغان. ئۇ بۇنداق روللارنىڭ كۆپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى كەسپىي لوڭقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغان، ھوللىۋودتا بۇنداق ئادەم كۆپ، قانچىلىك ئالقىشقا ئېرىشەلىسە ھاياتىغا باغلىق ئىدى.

2016-يىلى مارگوت ھاياتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر قېتىملىق پۇرسەتنى كۈتۈۋالغان، ئۇ بولسىمۇ «ئۆلۈۋېلىش ئەترىتى»دىكى كۇيىن. بۇ ئوبراز ئادەتتىكى تەنناز ئوبراز ئەمەس، بەلكى «نۇقسان بار» تەنناز ئوبراز! ھەم ساراڭ، ھەم تاتلىق، ھەم ئوماق ھەم زوراۋان. كۇيىننىڭ رولىنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن مارگوت جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغان. ئۇ ئۈچ ئاي يۇقىرى سىجىللىقتىكى مەشىقنى قوبۇل قىلىپ، بوكس مەشىق قىلىپ، چامباشچىلىق ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە، بەدەن مۇسكۇللىرى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەن. ئۇ بۇ رولنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «لوڭقا» بەلگىسىنى يىرتىۋېتىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

«ئۆلۈۋېلىش ئەترىتى» قويۇلغاندىن كېيىن، كۇيىن بىۋاستە ھادىسە دەرىجىلىك پېرسوناژغا ئايلانغان! كىنودا بىر دۆۋە سەلبىي پېرسوناژنىڭ ئوبرازى مۇبالىغە قىلىنغان، سەھنە سۆزلىرى كۈچەپ ئىپادىلەنگەن، لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدە ھەقىقىي قالغىنى پەقەت كۇيىنلا بولغان. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ فىلىمنىڭ ئۆزىدىكى باھالار ئادەتتىكىچە بولۇپ، ۋەقەلىكى سۇسلىشىپ، رىتىمى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، باشقا روللار سۇس بولغان. لېكىن كۇيىن ئوخشىمايدىغان مەۋجۇتلۇقنى پەيدا قىلغان، ئۇ پۈتۈن ئېكراننىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزى ئۇنىڭدىن ئەسلا ئايرىلالمىغان.

مارگوت رول ئالغان كۇيىن ئەنئەنىۋى مەنىدىكى گۈزەل قىز بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىنى بەك جەلپ قىلغان. مەيلى چوكا كەمپۈت چىشلەپ كۈلۈش بولسۇن ياكى كالتەك توپ كالتىكىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەنلەر توپىغا بۆسۈپ كىرىش بولسۇن، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى جىددىيلىك بىلەن تولغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ھەش-پەش دېگۈچە ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان.

تاماشىبىنلار بۇ «ھەييار قىز»نى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغان. بۇ كىنو تېخى قويۇلماي تۇرۇپلا، سانسىزلىغان مەستانىلەر ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىنى دوراشقا باشلىغان. ھالرەڭ كۆك رەڭلىك چاچلىرىنى بوياش، مۇبالىغە قىلىنغان گىرىم قىلىش، بېلىق تورى پايپاق كىيگەن «كۇيىن كىيىمى» قاتارلىقلار خاللوۋېن بايرىمىدىكى قىزىق نۇقتىلىق تاللاش بولۇپ قالغان. ئالاقە تاراتقۇلىرىدا خالىغانچە ئىزدىسە نەچچە ئون مىڭلىغان ئۆزتارتىم سۈرەت، قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ۋە چىراي ئىپادىسى بوقچىسى كۆرۈنگەن. مارگوتنىڭ ئىسمىمۇ «كۇيىن» بىلەن مەھكەم باغلانغان.

لېكىن مارگوتنىڭ كۆڭلى ئېنىق، پەقەت بىر رولغا تايىنىپ داڭق چىقىرىش تەس ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرسىتىش تەس. ئۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى ھەممە ئادەمنى مارگوتنىڭ چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رول ئالالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش.

ھوللىۋودتا، چىرايلىق ئايال ئارتىسلار بەك كۆپ. بولۇپمۇ مارگوتقا ئوخشاش سېرىق چاچلىق، كۆزى چوڭ گۈزەللەرگە نىسبەتەن، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۇنىڭغا چىرايلىق، ئەمما كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بىر خىل رولنى بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

لېكىن مارگوت بۇنداق فىلىملەردە رول ئېلىشقا قەتئىيلا ئۇنىمىغان. ئۇنىڭ ئالماقچى بولغىنى، رول ئېلىش ماھارىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلالايدىغان رول. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېنارىيەنى تاللاشقا باشلىغان، نەتىجىدە توپتوغرا بىر يىلغا يېقىن ھېچقانداق فىلىمدە رول ئالمىغان. ئۇ پەقەت رول ئېلىشنىڭلا پاسسىپ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەھنىنىڭ ئالدىدىن پەردە كەينىگە مېڭىشنى قارار قىلغان.

2017-يىلى مارگوت ۋە بىر نەچچە دوستى بىلەن ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى-LuckyChap Entainment نى قۇرغان. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە پۇرسەت بېرىشىنى ساقلاشنى خالىمىغان، بەلكى ئۆزى پۇرسەت يارىتىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان.

ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «مەن، ئايال پادىشاھ» (我,花样女王). بۇ كىنودا ئۇ فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە باش رول ئالغان، مۇز تېيىلىش سەتچىلىكى سەۋەبلىك كەسپىي ھاياتىنى نابۇت قىلغان ماھىر تونىي خادىننىڭ رولىنى ئالغان. بۇ رولنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، مارگوت ھەر كۈنى مۇز تېيىلىش مەشىقىنى قوبۇل قىلغان، يىقىلىپ پۈتۈن بەدىنى كۆكىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەرگەن. بۇ رول مارگوت ئادەتتە ئوينايدىغان چىرايلىق روللاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. تونىي خادىننىڭ ۋۇجۇدىدا نۇر ھالقىسى يوق بولۇپ، ھەتتا كىشىنى سەل بىزار قىلغان. لېكىن مارگوت رەزىللىككە ئىشەنمەي، سىنارىيەنى قوبۇل قىلىپ، دەرھال رولغا كىرىشىپ كەتكەن. تونىي خادىننى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئۇ مۇز تېيىلىشنى ئالايىتەن ئۆگەنگەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇز مەيدانىدا مەشىق قىلغان. يىقىلىپ كېتىش، تىزلىرى كۆكىرىپ كېتىش ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلانغان. ھېلىمۇ ياخشى بۇ كىنو ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كۆرۈرمەنلەرگە مارگوتنى قايتىدىن تونۇتقان، ئۇ سېرىق چاچلىق گۈزەل قىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئارتىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

باربى دەرىجىدىن تاشقىرى كىنوغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ تۈر قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى. 2014-يىلى تۈر تۇرغۇزغاندىن باشلاپ، ئۇ سان-ساناقسىز قېتىم سېنارىست ۋە باش رولچىلارنى ئالماشتۇرغان، ھەتتا بىر نەچچە رېژىسسورلارمۇ بۇ كىنودىن ۋاز كەچكەن. ھېچكىممۇ بالىلارچە باش رول ئالغان بۇ كىنونى زادى بالىلارچە سۈرەتكە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى بولمىسا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىش كېرەكمۇ دېگەنلەرنى چۈشەنمەي قالغان.

لېكىن مارگوت بۇنداق قارىمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، باربى سۇلياۋ قونچاق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر سىمۋول ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باش رولچىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزى فىلىم ئىشلەپ، رەت قىلىنغان بۇ IP نى ئالقىشقا ئېرىشتۈرۈشنى قارار قىلغان.

مارگوتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۇنىڭ باربىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئادەمنى تېپىش ئىدى. ئۇنىڭ تارتماقچى بولغىنى ھال رەڭ چۆچەكلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئىجتىمائىي قارالمىغا ئىگە ئەسەر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گرىتا گۋىگنى تاپقان، ئۇ ئىلگىرى «بېرد خانقىز» (伯德小姐) ۋە «كىچىك خانىم» (小妇人)غا تايىنىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن رېژىسسور.

ئۇنىڭدىن باشقا، «باربى»نىڭ ئىشلەش كوللېكتىپىنى ھەشەمەتلىك سەپ شەكلى دېيىشكە بولىدۇ، سېنارىست نوئا بوۋمباخ، ھەمكارلاشقۇچى رىيان گوسلىڭ قاتارلىقلار. لېكىن بۇ كىنودىكى ئەڭ چوڭ پىرسوناژ يەنىلا مارگوت روببې (Margot Robbie) ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇ ھەم باش رول، ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ، پۈتۈن جەرياندا دېگۈدەك كىنونىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا قاتناشقان.

كىنودىكى باربى شادلىق باغچىسى، ھالرەڭ ئۇتوپىيە پۈتۈنلەي مارگوت بىر قوللۇق بەرپا قىلغان. ئۇ دېكوراتسىيەنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، مەسىلەن، ئاشۇ ھالرەڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سىيرىلما شوتا، باربى ھۇجرىسى، ھەتتا ئارقا كۆرۈنۈشتىكى پالما دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي باربى نىسبىتىگە ئىگە. بۇ خىل كۆرۈش ئۈنۈمىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى لوس ئانژېلېستىكى بارلىق ھال رەڭلىك سىرلارنى بىراقلا سېتىۋالغان، بۇ بىر مەھەل پۈتۈن شەھەردە ھالرەڭ سىرنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2023-يىلى 7-ئايدا «باربى» قويۇلغان. بۇ كىنو قويۇلۇشتىن بۇرۇن كۆپچىلىكنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىۋەتكەن بولۇپ، تەشۋىق فىلىمدىكى ھال رەڭ كۆرۈنۈش ۋە رىيان گوسلىڭنىڭ «كېن» ئوبرازى خېلى بۇرۇنلا ئالاقە تاراتقۇلىرىدا زىلزىلە پەيدا قىلغان. لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ بېلەت كىرىمىنىڭ بۇنداق قالتىس بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا يەر شارى بېلەت كىرىمىنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان. مارگوت روببې ئۈچۈن ئېيتقاندا، «باربى»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر مەيدان سودا خاراكتېرلىك غەلىبە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مەيدان ئىدىيە جەھەتتىكى غەلىبە. تارىختىن بۇيان ئەرلەر يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ھوللىۋودتىن ئىبارەت بۇ كىنو چەمبىرىكىدە، ئايال ئىجادىيەتچىلەر ئىزچىل تۈردە قىسىلىپ قالغان يېرىقلاردا ياشاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. پۇرسەت ئاز، بايلىق مونوپول قىلىنغان، سۆز ھوقۇقى تېخىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ئاياللارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى دۇنيادا ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى كامېرا ئالدىدا نامايان قىلىشتىنمۇ تەس. لېكىن مارگوت «باربى» بىلەن بۇ قائىدىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

بۇ كىنو ھالرەڭ توغرىسىدىكى فانتازىيەلىك چۆچەك، شۇنداقلا مارگوتنىڭ ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى، مۇستەقىللىقى ۋە ئارزۇسى توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزىسى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ھوللىۋودتىكى ئايال كىنوچىلارغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر يول ئېچىپ بېرىپ، ئاياللارنىڭمۇ كەسىپنىڭ رولىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ پاسسىپ ھالدا ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋېنسلاند ئىشتاتىدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك بازاردىن تارتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سەھنىدە تۇرۇشقىچە، مارگوت روببې ھەر بىر قەدەمنى ئاسان باسمىغان، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن باش ئېگىپ باقمىغان. گۈل لوڭقىسىنىڭ بەلگىسىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن؛ ئۇ ئارتىستىن فىلىم ئىشلىگۈچىگىچە بىر كىنو ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھوللىۋودتىكى ئورنىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاياللار گۈزەل بولىدۇ، لېكىن گۈزەللىك ھەرگىزمۇ چەكلىمە ئەمەس، دېگەن. ئۇلار مۇستەقىل بولالايدۇ، غايىلىك بولالايدۇ، ئۆز كەلگۈسىنى مەھكەم كونترول قىلالايدۇ!

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章