بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
شاھرۇھ خاننىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بالدۇرلا ئايرىلغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. يەنە كېلىپ ئۇ دائىم: «ئاپامنىڭ ئارتىس بولغۇمنى كۆرگۈسى بار ئىدى. كۆرمەستىن كېتىپ قالدى» دەيدۇ.
يەنە بىر قېتىم: «شېۋىتسارىيەگە بارىدىغان ھەرقانداق فىلىمنى رەت قىلىمەن. چۈنكى مەن دادام بىلەن بېرىشنى پىلان قىلغان. ئارقىدىن ئۇ ۋاپات بولدى. مەن ئۇ يەرگە فىلىم ئىشلەشكە بارمايمەن» دېگەن.
ئەمما كېيىن ئۇ ئۆزى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارغان ياش چوپرا ئەپەندىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماستىن، ئۇنىڭ كىنوسىدا شېۋىتسارىيەگە بېرىشقا قوشۇلغان. ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىسى بولسا: «مەن كۆڭلۈمدە دادام بىلەن باردىم، ياش چوپرا ئەپەندى دادام بىلەن تەڭ ياشتا، شۇڭا كۆڭلۈمدە داداممۇ چوقۇم خوشال بولىدۇ دەپ ئويلاپ بېرىۋەردىم» دېدى.
لېكىن ئۇنىڭ كىمگە ياش چوپرادىنمۇ بەك ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى بار؟ كىمنى ئۇ راستلا ئۆزىنىڭ دادىسىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدۇ بىلەمسىز؟
ئۇ ئالدىنقى دەۋردىكى داڭلىق چولپان راج كاپۇرنىڭ يېقىن دوستى دىلىپ كۇمار!
چۈنكى بۇ چولپان شاھرۇھ خاننىڭ بالىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ شاھرۇھ خاننىڭ دادىسى بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ئىكەن. شۇڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بالىلىقىدىن تولۇق خەۋەردار. كىچىكىدە شاھرۇھ خان دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىدىكەن. ئۇ بۇ ئىشنى بىر قېتىملىق فىلىم مۇكاپات كېچىلىكىدە ئاشكارىلىدى.
بۇ ۋاقىتتا يەنە دىلىپ كۇمارنىڭ ئايالى ساھىرا بانۇمۇ شاھرۇھ خاننىڭ ئېرىگە دائىم لوندۇندىن دورا ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شاھرۇھ خان دىلىپ كۇمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالىغا ئېيتىپ قويۇشنىمۇ لايىق كۆرمەي مۇشۇنداق قىلغان! ئۇ لوندۇندىكى ھاممىسى ئارقىلىق دىلىپ كۇمارغا لازىملىق دورىلارنى ئۋەتىپ تۇرغان.
شاھرۇھ خان سەھنىدە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ۋاقتىمدا ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپ ۋوي بۇ مېنىڭ رەسىمىمغۇ دېدىم. ئەمما يېقىن بېرىپ قارىسام ئۇ دىلىپ كۇمار تاغامنىڭ رەسىمى ئىكەن. يىراقتىن ئىتتىك قارىسا ئۇ ماڭا بەك ئوخشايدىكەن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەك ئوخشايدىكەنمەن. ماڭا نىسبەتەن ئۇ پەقەت بىر پېشقەدەم خىزمەتداش ئەمەس. ئۇ دائىم مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ كەلدى.»
بۇ ئۇلارنىڭ بىرگە ئويناۋاتقان سۈرىتى ئىكەن. قاراڭلار، راستلا ئاتا-بالىنىڭ ئۆزى. يېقىن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئۇ ئارقىدىن يەنە: «ئاپام ئۇ رول ئالغان كىنولارغا بەك ئامراق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى كىنولىرىنى كۆرسە مېنى بەك ئوخشىتىۋالاتتى. سەن ئۇنىڭغا ئوخشايسەن دەيتتى» دېدى. دېمەك ئاپىسى شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنى ئاشۇنداق چولپان بولسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىپتىكەن-دە.
ھەرقېتىم دىلىپ كۇمارنىڭ يېڭى كىنوسى قويۇلغاندا ئۇلار ئۆيدىكى يىغىپ ساقلايدىغان پارچە پۇللىرىنىڭ ھەممىنى ئاچىقىپ كىنوخانىدا ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرىدىكەن.
2023-يىلىغا كەلگەندە دىلىپ كۇمارنىڭ ئايالى سايىرا بانۇ ئېرى بىلەن شاھرۇھ خاننىڭ ھەقىقەتەن ئاتا-بالىدەك مېھرى-مۇھەببىتى بارلىقىنى ئېيتتى. دىلىپ كۇمار ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا شاھرۇھ خان ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن ئىكەن. سايىرا بانۇ: «شۇ كۈنى دىلىپنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇ ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن بېرى كۆرمىگەن بىر خوشاللىقنى خاتىرجەملىكنى كۆردۈم. بەكلا خۇشال ئىدى. بۇنى ئېغىزى بىلەن ئېيتقۇدەك ھالدا ئەمەس ئىدى. ئەمما بىز كۆردۇق. كۆزلىرىدىن ھېس قىلدۇق» دېدى.
ئۇ يەنە ئەسلەپ: «ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى، شاھرۇھ خانغا بەك ئېغىر كەلدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دىلىپنى دادىسىدەك كۆرۈپ كەلدى. ئۇ كۈنى شاھرۇھ نىڭ جايىدا قېتىپ ئۇزۇنغىچە بۇنىڭغا ئىشەنمەي تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كۆڭلىدە مىڭ قېتىملاپ بۇ راست ئەمەس دېگەندەك تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى» دېدى.
شاھرۇھ خاننىڭ بىز بىلمەيدىغان مۇنداق تەسىرلىك ئىشلىرىمۇ باركەن. بۇرۇن زىيارەتتە دىلىپ كۇمارنىڭ: «ئوغلۇم بولسا شاھرۇھ خاندەك بولسىكەن دەيمەن» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدۇق.
ئەسلىدە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت مۇنداق چوڭقۇر ئىكەن.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |