بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
مالايكا ئارورا بۇرۇنقى ئېرى ئارباز خاندىن ئاجرىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ھەددىدىن زىيادە بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىپ سوتقا سۇنغان. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھىندىستانلىقلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس بولغاچقا ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بېقىلىش ھەققىنى مۇشۇ ئاجرىشىش ئىشى ئارقىلىق ھەل قىلماقچىدەك قىلاتتى.
مالايكا ئارورا شۇ ۋاقىتتا تورلاردا ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچراپ بىر مەزگىل بېشىنى كۆتۈرەلمىگەن. ئۇ بۇ ئىشلارغا چىدىماي ئاخىرىدا ئارباز خان بىلەن يەتتە يىللىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاجراشقانمۇ بولدىيۇ، ئاجرىشىپلا ئارجۇن كاپۇر بىلەن قىزغىن مۇھەببىتىنى باشلىۋەتتى. نۇرغۇن تىللاش ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ پەرۋايىغا ئېلىپ قويماستىن پائالىيەتلەرگە ۋە زىياپەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇردى.
ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى زىيارەتتە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان بولساق: «تاماشا چەمبىرىكىدە ئايال چولپانلار ئاسانلىقچە ئاجراشمايدۇ. ئەمما مەن ئاجرىشىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن بۇ تۇرمۇشىتىن خۇشال ئەمەس ئىدىم. شۇڭا ئوغلۇم ئۈچۈن مۇشۇنداق قارار قىلدىم. مەن خۇشال بولسام تەبىئىيلا ئۇلارنىمۇ خۇشال قىلالمايمەن. بولۇپمۇ ئوغلۇم ئارھاننى، مەن ئۇنى دەپ مۇشۇنداق قارا چىقاردىم.»
ئۇ يەنە ئاخىرىدا قوشۇپ: «يالغۇز بالا بېقىش ئەلۋەتتە ماڭا تەس كېلىدۇ. ئەمما مەن بۇ قارارنى بەرگەن ئىكەنمەن، بۇنىڭغا يۈزلىنىشىم كېرەك. ھەم مەن ئاجرىشىش قارارىمنى خاتا دەپ قارىمايمەن. ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنتىمنىڭ خۇشاللىقىنى ئويلايمەن. شۇڭا بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش. مەن ئۆزۈم ھەم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ راھەت بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىم.»
بۇلارنىڭ ئوغلىمۇ بەك كېلىشكەن ئىكەن قاراڭلار، ئاپىسى دادىسىنىڭ ئەڭ چىرايلىق تەرىپىنى تارتىپتۇ.
مالايكا يەنە:
«كىشىلەر ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن مېنىڭ قىممەت كىيىنىپ يۈرگەنلىكىمدىن تارتىپ ئالاھىدە ماقالە يېزىپ بۇنى مېنىڭ ئاجرىشىش ھەققىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپتۇ. ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مەيلى مەن ئاجرىشىپ ھەققى ئالاي ياكى ئالماي مېنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبۇم ئۆزگەرمەيدۇ.»
كېيىن بۇ ئەر-خوتۇنلار ھەر ئىككىسى ئۆز يولىغا ماڭغان. قارىغاندا راستتىنلا تۇرمۇشى خۇشال ئەمەس بولسا كېرەك. ئاجرىشىپ كېتىپلا مالايكا يېڭى ئوغۇل دوستى بىلەن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان بولسا بىر ياقتا ئاربازخانمۇ ئۆزىدىن كىچىك ياش قىز بىلەن 2023-يىلى 12-ئايدا توي قىلىۋالدى.
ئەمما مالايكا بىلەن ئارجۇن يېقىندا ئايرىلىپ كېتىشتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇلاردىن بىرى توي قىلىشنى خالىغان بولسىمۇ قارشى تەرەپ خالىمغان. ئايرىلش سەۋەبى مۇشۇنداق ئاددى.
مالايكا ھىندىستاندا فىگۇرى ۋە گۈزەل تۇرقى بىلەن ھىندىستانلىق ئاياللارغا ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقان ئايال چولپان. ئۇ تۇرمۇشتا مەيلى قانچىلىك زەربە يېسۇن. كەسىپتە ياكى باشقا جەھەتتە ئۆزىنى تاشلىۋەتمىدى. ئۆسەك سۆزلەرگە قالسىمۇ غەيرەت بىلەن بالىسىنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |