ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇرۇ تروى تەرجىمىسى
ئىشىنىمىزكى ئورۇقلاش تەجرىبىسىگە ئىگە بارلىق كىشىلەردە مۇنداق بىر ئوي-خىيال پەيدا بولىدۇ: مەززىلىك تائاملارغا چەك قويمىسىمۇ، چېنىقىش ئۆيىدە بىكار تۇرماي چېنىقسىمۇ بولىدۇ، يەنە تېخى مەلۇم بىر خىل خىسلەتلىك دورىنى ئىچسىلا ياكى ئوكۇل ئۇرسىلا بولىدۇ، ئىشقىلىپ ئورۇقلىيالىسا ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم ھەر نېمە قىلىشنى خالايدۇ، ئەنگلىيەلىك قىز پېچمۇ تەبىئىيلا شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. گەرچە پېچنىڭ بەدەن شەكلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى تەبىئىي ۋە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ لېكىن پېچنىڭ ئۆزىگە خاس ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشى بار...
ئەسلىدە بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، پېچنىڭ ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئۇنىڭ كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (PCOS)گە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۆزىنى تېخىمۇ ئورۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇ دوستىدىن بىر خىل ئاجايىپ دورىغا ئېرىشكەن بولۇپ، پەقەت بىر نەچچە ئوكۇل ئۇرسا ياكى بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلسىلا دەرھال ياخشى بەدەنگە ئىگە بولالايدىكەن. توردا ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ماركا ۋە ناملىرى بار، مەسىلەن، Wagovy، Saunjaro، Moxenda... بىراق ئەڭ مۇھىمى، بۇ دورىلار ئەنگلىيە دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (MHRA)نىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ھەمدە كىلىنىكىلىق داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە ھازىر 500 مىڭ ئادەم بۇ خىل دورىنى ئىچىۋاتقان ياكى ئوكۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بىمارنىڭ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى %20 چۈشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. لېكىن، پېچ چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل دورىنىڭ پەقەت BMIسى 30 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنى، يەنى مېدىتسىنا ئۆلچىمىدىكى «سېمىز كىشىلەر»نى داۋالاشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، پەقەت %5 بىمار NHS سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ خىل دورىغا رېتسىپ يازالايدىكەن. مۇنتىزىم يولدىن ئۆتەلمىگەچكە، ئۇنداقتا باشقا يولدىن مېڭىش كېرەك، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، پېج ناھايىتى تېزلا ئالاقە سۇپىسىدىن بۇ دورىنى سېتىۋالغان.
دورا ئىشلەتكەن تۇنجى كۈنىلا پېچ روشەن ھالدا باش قېيىش ۋە كۆڭلى ئېلىشىشنى ھېس قىلغان. دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قايىل قىلىپ بۇنى دورىنىڭ نورمال ئەكس تەسىرى دەپ قارىغان. لېكىن ئۇدا ئۈچ كۈن قۇسقاندىن كېيىن، پېچنىڭ ماغدۇرى قالمىغان، ئەس-ھوشى جايىدا بولماي قالغان ئۇ ئاخىرى لەيئېردىكى گلانكلۇيدې دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلغان. دوختۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تۇنجى ئۆز مەيلىچە ئورۇقلاش دورىسى ئىچىش، ئوكۇل ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان دېلو ئەمەس، دەل بۇلتۇر 7-ئايدا 28 ياشلىق چادمۇ Ozemنى ئىستېمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان ئارقىدىن قۇتقۇزۇش ئاپتۇموبىلى ئۇنى جىددى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇ شەخسىي دوختۇرىدىن بۇ خىل دورىغا ئېرىشكەن بولۇپ، دورا مىقدارىنى كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا دەرھال كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. گەرچە چاد توختىماي ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شەخسىي دوختۇر بۇنىڭ «نورمال ھادىسە» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىق مىسال ئۆتكەن يىلى شىمالىي راناك ۋىلايىتىدىن بولغان 58 ياشلىق سېسترا سۇسان مەكگوۋان، ئۇ ئوكۇلنى توردىكى دورىخانىدىن سېتىۋالغان، لېكىن ئىشلەتكەندىن كېيىن ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا بولغان ھەمدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئورۇقلاش دورىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلىش، ئوكۇل قىلىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار 118گە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %19كە يەتكەن، بۇ ئەھۋال تەبىئىيلا دوختۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. MHRAنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىر ئاشقازان-ئۈچەي يولى رېئاكسىيەسىنى ئاساس قىلىدىكەن، مەسىلەن داۋاملىق كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش، بۇ بەزى بىمارلاردا ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كىلىنىكىلىق دېلو مىسالىدا تېخىمۇ «ئېغىر، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر»نى بايقىغان، بۇ تۇتقاقلىق كېسىلى، ئۈچەي توسۇلۇش ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنى «ئاز ئۇچرايدىغان ئەكس تەسىر» دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن مەيلى قايسىسى بولسۇن جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، بەزى بىمارلار «ساختا» ئورۇقلاش دورىسى سېتىۋالغان بولۇشى، ئىچكەندىن كېيىن تۆۋەن قان شېكىرى ۋە ھوشسىزلىنىش كېسىلى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. MHRA ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ دورىلاردا سومالۇپىد ئەمەس، بەلكى ئىنسۇلىن ياكى ئامفېتامىنلار بولۇشى مۇمكىن، دېگەن. بۇ تەركىبلەر قارىماققا زىيانسىز كۆرۈنىدۇ، لېكىن دىيابېت كېسىلى بولمىغان بىمارلار ئىچسە قان شېكىرى سەۋىيەسى زىيادە تۆۋەن بولۇپ كېتىپ، ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. جىددىي كېسەللەر مېدىتسىناسى جەمئىيىتىنىڭ كاندىدات رەئىسى دوكتور ۋىكى پىرايس مۇنداق دېگەن: «مەن ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىم بەك ئەنسىرىدۇق... بىز ئىزچىل دورا ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بۇ خىل نامۇۋاپىق ئىشلىتىش قىلمىشىنى تەكىتلەپ كەلدۇق، لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، گەرچە بىز بۇ مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.»
ئېكسېت داشۆسى يۈرەك مېتابولىزمى ساغلاملىق شىپاخانىسىنىڭ دوتسېنتى داۋىد سىترايىن (David Strain) بىر NHS سېمىزلىك كېسىلىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ دورىلار سېمىز بىمارلارغا نىسبەتەن بىر بۆسۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلىنكىلىق تەجرىبە جەريانىدا بىخەتەرلىكى ياخشى، ئەمما بۇ تەجرىبىدە ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بار. بىمار دورىغا ئېرىشكەندىن كېيىنلا ئۆيىگە قايتسا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يەنە مەسلىھەت سوراش، كۆزىتىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىش تەكلىپلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكس تەسىرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.»
ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىزلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل دورىنى ئىچمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان: «ئەگەر سىز يېتەرلىك ئورۇقلىغان بولسىڭىز، گۈزەللىك ئۈچۈن ئۇنى ئىچسىڭىز، ئۇنداقتا ئەكس تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن»
بۈگۈنكى كۈندە ئۆلۈم گىردابىدىن مىڭ تەسلىكتە قايتىپ كەلگەن پېچ ئۇ دورىلارغا قايتا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاتالمىش «خىسلەتلىك دورا» ھەقىقىي خىسلەتلىك دورا ئەمەس، ئۇ قىسقا ۋاقىتلىق ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما سەل قاراشقا بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر، ھەتتا ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئورۇقلاشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ساغلام بەدەن ۋە بىخەتەر تۇرمۇش ئۇسۇلى گۈزەللىك ۋە ئىشەنچنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى.
چىراي قىممىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بۇ دەۋردە كۆپچىلىكنىڭ جىسمانىي، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، نېمىلا دېگەن بىلەن، ئەڭ قىممەتلىك ھاياتلىق پەقەت بىر قېتىملا...
-END-
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |