ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ياپونىيە توكيونىڭ شىمالىدىكى بىر كارىدوردا چاچلىرى ئاقارغان ياشانغان كىشىلەر تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولى قورۇق بىلەن تولغان. بەزىلەرنى ياردەمچىسى يۆلەپ كارىدوردا ئاستا مېڭىۋاتاتتى، بەزىلەر خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇيۇنۇشىغا، تاماق يېيىشىگە ۋە دورا ئىچىشىگە ياردەم بېرىشىگە موھتاج ئىدى. بۇنداق كۆرۈنۈش ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئەمەس، بەلكى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاياللار تۈرمىسى توچىگى تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن.
(ياپونىيە توچىگى تۈرمىسى)
توچىگى شەھىرى سوچىكوغا جايلاشقان توچىگى تۈرمىسى تەخمىنەن 500 ئايال مەھبۇسنى قوبۇل قىلغان. بۇ يەردىكى ھەر بەش مەھبۇسنىڭ بىرى ياشانغان كىشى. تۈرمە ساقچىسى تاكوشى شىراناگا مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن ياشىنىپ قالغان مەھبۇسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار تۈرمىدە يېتىشقا رازىكى، سىرتتا <تەنھا ئۆلۈپ> كېتىشنى خالىمايدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئەگەر مۇمكىن بولسا، ھەر ئايدا 20 مىڭ يېندىن 30 مىڭ يېنغىچە (تەخمىنەن 936 يۈەندىن 1404 يۈەنگىچە) پۇل تۆلەپ مەڭگۈ بۇ يەردە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»
توچىگى تۈرمىسىدىكى ئايال مەھبۇسلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، كەچ سائەت 21دە چىراغنى ۋاقتىدا ئۆچۈرىدۇ.
(تۈرمىنىڭ كامېرى)
مەھبۇسلار ئادەتتە چوقۇم تۈرمىدىكى زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىشى كېرەك، لېكىن بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق تۇرمۇش دەل مۇۋاپىق. ئۇلار تۈرمىدە نورمال يېمەك-ئىچمەك، ھەقسىز ھەمراھ بولۇش ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىرتتا كەمچىل بولغان داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىنمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ.
81 ياشلىق موماي ئاكيونىڭ قوللىرى قېرىلىق دېغى بىلەن قاپلانغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ تۈرمىدە ناھايىتى ياخشى ئادەملەر بار، بەلكىم بۇنداق تۇرمۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇقىم بولۇشى مۇمكىن.»
ئاكيو 60 نەچچە ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ يېمەكلىك ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىقتىسادىم، تۇرمۇشۇم راھەت بولغان بولسا بۇنداق قىلمايتتىم.»
كېيىن ئاكيو ئىككىنچى قېتىم يېمەكلىك ئوغرىلىغاندا، پەقەت ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئىنتايىن ئاز بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن پۇل يېتىشمەي شۇنداق قىلغانلىقىنى دېگەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت ئازراقلا پۇل قالغان بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلى ھېساباتقا كىرىشكە يەنە ئىككى ھەپتە قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماگىزىنغا بېرىپ ئوغرىلىق قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خاتا قارار چىقىرىپ، بىر نەرسە ئوغرىلىدىم، بۇنى پەقەت كىچىك ئىش دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.»
ئاكىيو نامراتلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپلا قالماي يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغاچقا، كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغان بولغان. ئۇ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن 43 ياشلىق ئوغلى بىلەن بىللە تۇرغان. ئوغلى دائىم ئۇنىڭغا: «مەن سىزنىڭ كېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
بۇنىڭغا قارىتا ئاكىيونىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ: «مېنىڭچە مەن ئەمدى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىگە پەرۋا قىلمايمەن. مېنىڭ ياشىغىنىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، مېنىڭ پەقەت ئۆلگۈم بار» دېگەن.
(ياپونىيە توچىگى تۈرمىسى)
51 ياشلىق مەھبۇس يوكو ئۆتكەن 25 يىلدا بەش قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ ھەر قېتىم تۈرمىگە كىرگەندە، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ تېخىمۇ قېرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەزىلەر پۇلى قالمىغاندا قەستەن يامان ئىش قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە كىرىدۇ.»
ئوغرىلىق قىلىش ياپونىيەدىكى ياشانغان مەھبۇسلار (بولۇپمۇ ئايال مەھبۇسلار) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنايى قىلمىش. ياپونىيە قانۇن ۋازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى ياپونىيەدىكى %80تىن ئارتۇق ياشانغان ئايال مەھبۇس ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمە ساقچىسى شىراناگا مۇنداق دېگەن: «بەزىلەر ھاۋا سوۋۇپ كەتكەنلىكى ياكى قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە قامىلىشنى خالايدۇ، ئاغرىپ قالغانلار قاماقخانىدا ھەقسىز داۋالىنالايدۇ، لېكىن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چوقۇم ئۆز ئالدىغا ھەق تۆلىشى كېرەك، شۇڭا بەزىلەر ئىمكانقەدەر ئۇزۇن مۇددەت بۇ يەردە تۇرۇشنى ئويلايدۇ.»
توچىگى تۈرمىسىدە بەشتىن بىر قىسىم مەھبۇسلار ياشانغانلار ئىكەن. پەقەت توچىگى تۈرمىسىلا ئەمەس، 2022-يىلى ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 65 ياشتىن ئاشقان مەھبۇسلارنىڭ سانى 2003-يىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. تۈرمە ساقچىسى شىراناگا مۇنداق دېگەن: «ھازىر بىز ئۇلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇيۇنۇشى، تاماق يېيىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ھازىر بۇ يەر جىنايەتچىلەرنى قامىدىغان تۈرمە ئەمەس، بەلكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئوخشايدۇ.»
ياپونىيەدىكى ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولغاچقا، ھۆكۈمەت 2040-يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 720 مىڭ پەرۋىش خادىمىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ئەھۋال توچىگى تۈرمىسىدە تېخىمۇ روشەن بولغان. بەزىدە تۈرمە ساقچىلىرى پەرۋىش قىلىش سالاھىيىتى بار مەھبۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا ياشانغان مەھبۇسلارنى پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
51 ياشلىق مەھبۇس يوكو جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە سالاھىيەتنامە ئېلىپ، بىر پەرۋىشكار بولغان. تۈرمىدە ياشانغان مەھبۇسلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان خىزمەتچىلەر يېتىشمىگەندە ئۇ باشقا مەھبۇسلارنىڭ يۇيۇنۇشىغا، كىيىم ئالماشتۇرۇشىغا ۋە مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
81 ياشلىق ئاكيو موماي ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئىنتايىن خىجىل بولۇپ، ئەسلىدە ئوغلىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولغان، لېكىن ئوغلىغا: «ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. يالغۇز ياشاش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش، مەن ئۆزۈمنىڭ ئاخىر مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمدىن نومۇس قىلىمەن. ئەگەر مەندە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە بولغان بولسا، ئەسلىدە ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتىم، لېكىن مەن ھازىر بەك قېرىپ قالدىم، ئامالسىز قالدىم.»
قانداقلا بولمىسۇن ياپونىيەگە نىسبەتەن قېرىلىشىش ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |