نېمىشقا ئاجرىشىسەن؟ ئېرىڭ نورمال ئەمەسمىكەن؟

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

-جاۋ ئېرخۇ، مەن 30 ياشقا كىردىم، بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن، مەن چۇقۇم ھامىلدار بولۇشۇم كېرەك!

ليۇ شۈييەننىڭ بىلەن جاۋ ئېرخۇ توي قىلغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھامىلدار بولالمىدى. سەۋەبى تەبىئىي ھالدا جاۋ ئېرخۇدا بولۇپ، ھەر قېتىم ھېلىقى جەھەتتىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن ئەپلەپ-سەپلەپلا ئىشنى تۈگىتەتتى. ليۇ شۈييەن بولسا بىر كەنتتىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق، ئۆيىنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ناھايتى تەڭپۇڭسىزلىق ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھامىلدار بولالمىغاچقا، تاۋخۇايۈەن كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ قانچىلىك پىتنە-پاساتىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىراق، ئۇ 30 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ئاسرىغان بولۇپ، تېرىسى سۈتتەك ئاپئاق ھەم يۇمران ئىدى.

-گومۇش بار تۇرسا، بۇ... قانداق قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۇ كۆرۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ!-دېدى ليۇ شۈييەننىڭ ئالدىدا تۇرغان ئېگىزھەم بەستلىك بىر ئەر.

ئۇنىڭ ئىسمى جاۋ ئېرخۇ بولۇپ، ليۇ شۈييەننىڭ ئېرى ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە جاۋ ئېرخۇ بىلەن ليۇ شۈييەندىن باشقا يەنە بىر ئادەم بار بولۇپ، ئۇ دەل جاۋ ئېرخۇ تىلغا ئالغان گومۇش ئىدى.

گومۇش، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لىن يۈ، بىر يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەندە، ئاتا-ئانىسى تۇيۇقسىز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئۈچ يىل ئارىلاشقان قىز دوستىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭغا ئەڭ ئامراق بوۋىسىمۇ كۆز يۇمغان... ئۈچ قېتىملىق روھىي زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن لىن يۈ قىيادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان، ئەمما جاۋ ئېرخۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئەمما ئۇ ھايات قالغان بولسىمۇ، لېكىن نېرۋىسى ئېغىر زەخمىلىنىپ، تاۋخۇايۈەن كەنتىدىكى يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن گومۇش ساراڭ بولۇپ قالغان. كەنت ئاھالىلىرى دەسلەپتە ئۇنى خۇپىيانە گومۇش ياكى ساراڭ دەپ چاقىراتتى، كېيىن بىراقلا ئۇنىڭ ئالدىدىلا چاقىرىدىغان بولدى. ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنى گومۇش دەپ چاقىرغاندا، لىن يۈ ھەمىشە ئەخمەقلەرچە كۈلەتتى. لىن يۈنىڭ ياخشى ئاغىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاۋ ئېرخۇ ئۇنى ۋاقتىنچە ئۆز ئۆيىدە بېقىۋالغانىدى.

-جاۋ ئېرخۇ، سېنىڭ كېسىلىڭ بار، تېگى-تەكتىدىن بىر يۇمشاقباش، دائىم مۇشۇنداق باھانە تېپىشقا ئامراق!- ليۇ شۈييەن قاتتىق غەزەپلەندى.

-گومۇش بار، مەن... مەن قىلالمايمەن...

جاۋ ئېرخۇ بېشىنى سەل تۆۋەن سېلىپ، ئايالىنىڭ ئادەم يەيدىغاندەك كۆزىگە قاراشقا پېتىنالمىدى. ليۇ شۈييەن ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، بىر كۈنمۇ تۈزۈكرەك پۇخادىن چىققۇچە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى كەچۈرۈپ باقمىغانىدى. ھازىر 30 ياشقا كىردى، ئۇ جەھەتتىكى ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتاتتى. جاۋ ئېرخۇمۇ چىشىنى چىشلىدى، ئۇنىڭمۇ بالىلىق بولغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن...

-ئەتە! ئەتە مەن بىلەن بىللە ناھىيىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باق، بولمىسا... مەن ئاجرىشىمەن!- ليۇ شۈييەن چىشىنى چىشلەپ، ناھايىتى مۇھىم بىر قارارنى چىقارغاندەك قىلاتتى.

-ھە؟! بىر ئوبدان تۇرۇپ نېمىشقا ئاجرىشىسەن؟ بىزنىڭ چوڭ دوختۇرخانىغا بارغۇدەك نەدىمۇ پۇلىمىز بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شىپاخانىدىكى دوختۇرلاردىن سوراپ باقتىم، ئەرلەر ئۈچ مىنۇتتىن ئاشسىلا نورمال ئەھۋال ئىكەن!

جاۋ ئېرخۇ تىت-تىت بولۇپ، ليۇ شۈييەننىڭ راستىنلا ئاجرىشىشىدىن ئەنسىرىدى. ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈشىگە توغرا كېلەتتى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى ھەۋەس قىلغانىدى، ھەممىسى ئۇنى چىرايلىق ھەم قابىلىيەتلىك خوتۇن ئالدى دەپ ماختىشاتتى.

-لېكىن... لېكىن سەن ئىككى مىنۇت 59 سېكۇنتنىڭ ھەممىسىنى سۆيۈشۈشكە ئىشلىتىسەن!

ليۇ شۈييەن پەرىشان بولۇپ، كۆزلىرىدىن نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى. بەزىدە ئۇ ھەتتا گومۇش بىلەن بىللە ئۆتسىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشى دەپ ئويلايتتى. ليۇ شۈييەننىڭ بۇ سۆزى جاۋ ئېرخۇنىڭ ئاغرىغان يېرىگە تەگدى.

-يەڭگە، يەڭگە...

بۇ چاغدا، لىن يۈ تۇيۇقسىز گەپ قىلىپ، ئۇ ئىككەيلەنگە قاراپ ئەخمەقلەرچە كۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن، جاۋ ئېرخۇ بىلەن ليۇ شۈييەننىڭ كۆزى كېلىشىۋالغاندەكلا لىن يۈگە چۈشتى.

-شۈييەن، بولمىسا گومۇش بىزگە بالا تېپىپ بەرسۇنمۇ؟!- دېدى جاۋ ئېرخۇ چىشىنى چىشلەپ.

-جاۋ ئېرخۇ، ھۇ ئەبلەخ، مېنى بىر گومۇش بىلەن بالىلىق بول دەمسەن؟! سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ؟!

جاۋ ئېرخۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ليۇ شۈييەن ئۇنى تىللاپ كەتتى. لېكىن ليۇ شۈييەننىڭ كۆڭلىدە ئازراق رازىلىق بار ئىدى. لىن يۈ گومۇش بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، سىپايە، كېلىشكەن كۆرۈنەتتى. كەنتتە قانچىلىك ئاياللارنىڭ كۆزى چۈشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

-ئۇنىڭ پەقەت كاللىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالدى، لېكىن بەدىنىدىكى سايمانلار يەنىلا ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن گومۇش بىلەن بالىلىق بولساڭ، جاۋ ئائىلىسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىسەن!- دېدى جاۋ ئېرخۇ ئېغىر تىنىپ. ئۇ ئولتۇرۇپ، بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ بىر نەچچىنى شورىدى.

بالىنىڭ ئىشىنى چوقۇم تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بولمىسا ليۇ شۈييەن شۇنچە كۆپ پىتنە-پاساتلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرىدا يەنە ئۆزىدىن ئاجرىشىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق ياخشى ئايالنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟ جاۋ ئېرخۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن ئاجراشمايتتى.

ليۇ شۈييەن ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشتى، ئۇ جاۋ ئېرخۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بۈگۈن تىلغا ئېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

-ئېرخۇ، سەن... سەن مېنى راستىنلا گومۇش بىلەن بالىلىق بولسۇن دەمسەن؟!- ليۇ شۈييەن پەس ئاۋازدا سورىدى.

-ئەمىسە باشقا ئامال بارمۇ؟ ئەگەر سەن خالىمىساڭ مەيلى...

-ھىم...

ليۇ شۇييەن گومۇشقا بىر قاراپ قويۇپ، قەلبىدىكى بەزى تۇيغۇلار قوزغالدى.

-سەن قوشۇلدىڭمۇ؟ شۇنداق بولغانىكەن... بۈگۈنلا بولسۇن!- دېدى جاۋ ئېرخۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ.

ليۇ شۈييەننىڭ ھامىلدار بولۇشى قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى! پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كەنتتىكى ئاشۇ كوت-كوت ئاياللارنىڭ ئاغزىنى ئەتكىلى بولاتتى!

-ئەمىسە سەن سىرتتا قاراپ تۇر، باشقىلار ئاۋارە قىلمىسۇن، مەن ئاۋۋال گومۇشنى يۇيۇندۇرۇپ قوياي...

جاۋ ئېرخۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئاندىن ئىشىكنى يەنە يېپىپ قويدى.

تەنناز ليۇ شۇييەننىڭ شۇ تاپتا لىن يۈ بىلەن ئۆي ئىچىدە يالغۇز تۇرغانلىقىنى ئويلاپ، جاۋ ئېرخۇ تاماكىسىنى قاتتىق-قاتتىق شورىدى.

ليۇ شۈييەن يۇيۇنىدىغان سۇنى ئېلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ئۇ گومۇش لىن يۈنىڭ قاچان كىيىمىنى سالغانلىقىنى بىلمەيتتى، پەقەت بىر تال كالتە ئىشتىنىلا قالغانىدى. ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى مۇسكۇللىرىغا قاراپ، ليۇ شۈييەننىڭ چىرايى قىزىپ كەتتى.

-گومۇش، سەن... قاچان كىيمىڭنى سالدىڭ؟ سەن راست گومۇشمۇ ياكى...

-ھى ھى... مەن يۇيۇنىمەن... ھى ھى...

لىن يۈ ليۇ شۈييەنگە تىكىلىپ قاراپ، ئەخمەقلەرچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-تېز بول، ئادەتتىمۇ ئېرخۇ ئاكاڭ ئىككىمىز سېنى يۇيۇپ قويىمىز ئەمەسمۇ؟!

ليۇ شۈييەن لىن يۈنى تارتىپ ۋاننىغا كىرگۈزدى. ئاندىن ھۆل بولۇپ كەتكەن لۆڭگىنى ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى بىر قېتىم سۈرتۈپ، ئاندىن دۈمبىسىنى ئىشىپ، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي يۇيدى، لىن يۈنىڭ تېرىسى قىزىرىپ كەتتى.

لىن يۈ سۇغا چىلىنىپ، ئىككى قولى بىلەن سۇ چاچرىتىپ، ليۇ شۈييەننىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سۇ چاچتى. ليۇ شۈييەن يۈزىدىكى سۇنى سۈرتۈپ، كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى.

-بولدى، جېدەل قىلما، بىردەمدىن كېيىن مۇلايىمراق بول، بىلدىڭمۇ؟!- ليۇ شۈييەن بۇ چاغدا قىلچىمۇ خاپا بولمىدى.

-سۇ ئۈزىمەن... سۇ ئۈزىمەن...

لىن يۈ ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ، پۈتۈن بېشىنى ۋاننىنىڭ سۇ ئاستىغا تىقىۋەتتى.

-گومۇش، جىدەل قىلما دېدىم، بېشىڭنى تارت!

ئەمما لىن يۈ سۇغا بېشىنى تىقىپ بىر ئاز تىركەشكەندىن كېيىن مىدىرلىمىدى. ھەم بۇ چاغدا لىن يۈ بېشىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، خۇددى باشقىلار ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندەك مىدىر-سىدىر قىلالمىدى. كېيىنكى دەقىقىدە، بىر يۇلتۇز نۇرى ئۇنىڭ ئېڭىغا كىرىپ، ئارقىدىنلا بىر ياشانغان بوۋاينىڭ ئاۋاز ئاڭلاندى:

-مەن لىن جەمەتىنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادى، ساڭا تەڭداشسىز تېۋىپ ماھارىتى يەتكۈزىمەن، «تىبنامە دەستۇرى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، دۇنيادىكى كېسەللەرنى تازىلاپ، بىمارلار ۋە ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن...

ئاۋاز يوقالغاندىن كېيىن، سۇ ئاستىدىكى لىن يۈ تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك يۇيىنىدىغان سۇ ئىچكەنلىكىمنى بىلمەيتتى.

ئاتا-ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىپ، قىز دوستى تاشلىۋېتىپ، ئاندىن بوۋىسىمۇ كېتىپ قالدى، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولۇپ، بىر چاغدا بىر قىيانىڭ چېتىگە كەلدى، ئەمما ئۇ قىيادىن سەكرىمەكچى ئەمەس، بەلكى قىيا گىرۋىكىدىكى بىر تال دورا ئۆسۈملۈكىنى ئالماقچى بولغانىدى. بىراق، تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەچچە ئون گەز ئېگىزلىكتىكى تىك يارغا چۈشۈپ كەتتى...

كېيىنكى دەقىقىدە، تېخىچە بېشىنى سۇغا تىقىپ تۇرغان لىن يۈ ئېسىگە كەلگەندە، كاللىسى چەكسىز سەگەك بولۇپ كەتتى.

-گومۇش، ساڭا نېمە بولدى؟ مېنى قورقۇتما!

ليۇ شۈييەن لىن يۈنىڭ سۇدا مىدىرلىماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى راستتىنلا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپ قورقتى. ئاندىن ئىككى قولى بىلەن لىن يۈنىڭ قولتۇقىنى قۇچاقلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى تارتىپ چىقارماقچى بولدى.

-يەڭگە... يەڭگە سىز...

لىن يۈ بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، بىر نەچچە يۇتۇم سۇنى پۈركۈپ چىقىرىپ، ئاندىن ليۇ شۈييەنگە قاراپ، چىرايى شۇ ھامان قىزىرىپ كەتتى.

-گومۇش، ساڭا ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ مېنى بەك قورقۇتىۋەتتىڭ!- ليۇ شۈييەن چۆچۈپ كەتتى.

لىن يۈ ھەقىقەتەن بەك بىچارە، ئاتا ـ ئانىسى يوق، بوۋىسىمۇ كېتىپ قالدى. ئەگەر لىن ئائىلىسىنىڭ ئاخىرقى بىرلا ئادىمى بولغان ئۇنىڭغا يەنە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، لىن ئائىلىسى راستىنلا تۈگەيتتى.

-يەڭگە، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، كاللام ئوڭشالدى، سىز... سىز ئاۋۋال چىقىپ تۇرۇڭ...

لىن يۈ سەل خىجىل بولۇپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بايىلا ۋاننىدىن چىققاندا، ئۈستىگە پەقەت بىر كالتە ئىشتان كىيىۋالغانىدى.

-گومۇش، بەك ياخشى بولدى، سەن ئاخىرى ياخشى بولۇپ قالدىڭ! بەك ياخشى بولدى!- ليۇ شۈييەن ناھايىتى ھاياجانلاندى.

-سىز چىقىپ تۇرۇڭ، مەن كىيىمىمنى ئالماشتۇراي!- دېدى لىن يۈ قىزىرىپ.

-نېمە، خىجىل بولىۋاتامسەن؟ سەن ئېلىشىپ قالغان چاغدا، ئېرخۇ ئاكاڭ ئۆيدە يوق چاغلاردا، قايسى قېتىم مەن ھالىڭدىن خەۋەر ئالمىدىم؟ يا كۆرۈپ باقمىغان بولمىساڭ...

ليۇ شۈييەننىڭ مەڭزى سەل قىزىرىپ كەتتى.

-ئېرخۇ ئاكام كۆرۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ...

لىن يۈن بۇ بىر يىلدىن بۇيان، جاۋ ئېرخۇ بىلەن يەڭگىسىنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلەتتى.

جاۋ ئېرخۇ ئۇنى قىيانىڭ ئاستىدىن يۈدۈپ ئەكەلدى، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، ئۆزىنى بۆرە يەپ كەتكەن بولاتتى. شۇڭا، ئۇ جاۋ ئېرخۇغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلسا بولمايتتى.

-ئۇ سىرتتىلا بار، نەرى بولمايدۇ، ئۇ تېخى مېنى سەن بىلەن بىللە بالىلىق بول دەيدۇ!- دېدى ليۇ شۈييەن تەقەززالىق بىلەن.

-ھە؟!  ئېرخۇ ئاكام راستىنلا شۇنداق دېدىمۇ؟!- دېدى لىن يۈ گاڭگىرىغان ھالدا.

-يەڭگەڭ سېنىڭچە بۇنداق ئىشتا سېنى ئالدامدۇ؟ ئېرخۇ ئاكاڭ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى سەن بىلمەيسەن، بەش يىل بولدى، بالىمىزمۇ يوق، مەسىلە ئۇنىڭدا، شۇڭا ئۇ ياخشى ئويلىنىپ تۇرۇپ، مېنى سەن بىلەن...

-مۇمكىن ئەمەس! ھەرگىز بولمايدۇ، ئېرخۇ ئاكامنىڭ كاللىسىغا سۇ كىرىپ كېتىپتۇ!

لىن يۈ ليۇ شۈييەننىڭ گېپىنى بۆلۈۋېتىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.

-شۈييەن، بولدىمۇ؟

سىرتتا جاۋ ئېرخۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ سىرتتا زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپى تاماكا قالدۇقى بىلەن تولغانىدى، يانچۇقىدىكى تاماكىنىڭ ھەممىسى چېكىلىپ بولغانىدى.

ليۇ شۈييەن نېمىشقا تېخىچە ئىشنى تۈگەتمەيدۇ؟ ئۆي ئىچىدە نېمىشقا ھېچقانداق شەپە يوق؟

-نېمىگە ئالدىرايسەن، سېنىڭچە ئۇمۇ سەندەك ئۈچ مىنۇتتا ئىشنى تۈگىتەمدۇ؟!- ئۆي ئىچىدىن ليۇ شۈييەننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

جاۋ ئېرخۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا تاماكا قالدۇقىنى دەسسەپ ئۆچۈردى.

-گومۇش، تېز بول!

داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئوقۇڭ ي



Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章