بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
پۇلنىڭ يەر شارى تەسىر كۈچى خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پۇل ئادەتتە خەلقئارا سودا راسچوتى ۋە مەبلەغ سېلىشقا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، بۇ سودا تەننەرخى ۋە خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنياۋى تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا سودىسىدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى قىلغاندا ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق راسچوت قىلىشقا مايىل، بۇ ئامېرىكىنى سودىدا بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادا جەمئىي 170 خىل ئوخشاش بولمىغان پۇل بار. ھەر بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئۆز پۇلى بولىدۇ، بۇ پۇللار ئادەتتە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. مەسىلەن: دۆلىتىمىزنىڭ خەلق بانكىسى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس سىستېمىسى، ياۋروپا مەركىزىي بانكا سىستېمىسى قاتارلىقلار. بۇ پۇللار ئىچىدە نۆۋەتتە دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئون خىل پۇل تۆۋەندىكىچە.
خەلق پۇلى
خەلق پۇلىنىڭ دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا قوللىنىش مىقدارى تەدرىجىي ئاشقان.
ئامېرىكا دوللىرى
ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا چىقىملىرىدىكى ئورنىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق زاپاس پۇل ۋە خەلقئارا سودا راسچوت پۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا سودىدا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋرو
ياۋرو دۇنيا سودىسىدا %22.72نى ئىگىلەيدۇ. ياۋرو ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق پۇلى بولۇپ، ياۋروپا رايونىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
فوندستېرلىڭ
فوندستېرلىڭنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.08 بولغان. فوندسىتېرلىڭ ئەنگىلىيەنىڭ قانۇنلۇق پۇلى بولۇپ تارىخى ئۇزۇن، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ياپونىيە يېنى
ياپونىيە يېنىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %3.44 بولۇپ، دۇنيا سودىسىدىكى ئىشلىتىش نىسبىتى ئوتتۇرھال ئورۇندا تۇرىدۇ.
كانادا پۇلى
كانادا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇل بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.62. يەر شارى بويىچە ئوتتۇرھال ئورۇندا تۇرىدۇ.
7. ئاۋسترالىيە پۇلى
ئاۋسترالىيە پۇلى ئاۋسترالىيە، ناۋرۇ، تۇۋالۇ ۋە كىرىباسنىڭ پۇل بىرلىكى. ئاۋسترالىيە دوللىرى دۇنيا پۇل بازىرىدا %5.21نى ئىگىلەيدۇ.
بۇ پۇللارنىڭ چىقىم قىلىنىش سالمىقىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇلىنىڭ خەلقئارا سودىدا قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسى ۋە ئىشلىتىلىش قېتىم سانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |