توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئارتىسلىق سەپىرىدە ھەر بىر ئارتىسنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكايىسى بار، لېكىن خاۋ پىڭ (郝平)نىڭ كەچۈرمىشى خۇددى بىر جاپا-مۇشەققەت ۋە قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان كۈرەش تارىخىغا ئوخشاش، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈۈپ كەلگەن.
1971-يىلى خاۋپىڭ شىئەندىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ۋە جەلپكار شەھەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاددىي ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئائىلىسىدە ئىككى ئاكىسى بار ئىدى، گەرچە تۇرمۇشى ئاددىي-ساددا بولسىمۇ، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر-بىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغاچقا، ئاددىي كۈنلەردە بىر-بىرىنى يار-يۆلەك بولغان. كىچىك ۋاقتىدىكى خاۋ پىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىشتىياقى بار ئىدى. ئۇ چاغدا رادىيو خۇددى ئۇنىڭ يېقىن ھەمراھىغا ئوخشايتتى، ئۇ ھەمىشە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، كۈلدۈرگە، قىسسە ۋە كۇەيبەن دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتەتتى. ھەر قېتىم قىزىقارلىق كۈلدۈرگە ياكى ئەگرى-توقاي قىسسە ئاڭلىنىدىغان ھېكايىلەر رادىيودىن ئاڭلانغاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، چىرايىدىن مەستخۇشلۇق چىقىپ تۇراتتى، خۇددى ئۆزىمۇ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. 5-يىللىقتىكى ماقالە دەرسىدە، مۇئەللىم كۆپچىلىكتىن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلغان، خاۋ پىڭ قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۈلدۈرگە ئارتىسى بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان. ئۇ دەرستە ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى باتۇرلۇق بىلەن ئوقۇغىنىدا، ساۋاقداشلىرى سىنىپتا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ يۈزى شۇ ھامان قىزىرىپ كەتكەن، لېكىن كۆزلىرىدىن يەنىلا قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان، ئاشۇ ئارزۇ ئۇرۇقى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
ئەمما، خاۋ پىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان بۇنداق چوڭقۇر قىزىقىشىنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمىگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا زور مەدەت بەرگەن. چوڭ ئاكىسى بالدۇرلا جەمئىيەتكە چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇنجى ئايلىق مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ھېچ نەرسە سېتىۋالماستىن، ئۇدۇل خاۋ پىڭغا بىر دانە چەكمە قويغۇچ ئېلىپ بەرگەن. خاۋ پىڭ چېكىپ تاللاش ماشىنىسىنى كۆرگەندە، كۆزلىرىدىن ھاياجان نۇرى چاقنىغان، ئۇ خۇددى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەردەك ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ساقلىغان. بۇ چەكمە قويغۇچ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قوغلىشىدىغان مۇھىم ھەمراھى بولۇپ قالغان، ئۇ ھەر قېتىم ئېچىلغاندا، تونۇش مېلودىيە ۋە ئاۋازلار ئۇنىڭغا ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى مۇشۇ دەقىقىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان.
يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، خاۋ پىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرىپ، قارشىلىشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان. ئۇ ئۇزۇن چاچ قويغان، كىيىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، دائىم گىتارنى قۇچاقلاپ كوچىدا قانغۇچە ناخشا ئېيتقان. ئۇنىڭ ناخشىسى كوچا-كويلاردا جاراڭلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، لېكىن بۇمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن. ئۆزىنىڭ ئاكتيورلۇق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن چۈ گوچياڭ مۇئەللىمنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەقسىز ئويۇن قويۇشنى ئۆگەنگەن. ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇ جاڭ جيايى بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە سەنئەت يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش جەريانى خاۋ پىڭغا نىسبەتەن تولىمۇ جاپالىق ئىدى. ئۇ جەمئىي ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئالدىنقى ئىككى قېتىم تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ قىلچە ۋاز كەچمىگەن، بىر تەرەپتىن پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغان. ئۇ چوڭ-كىچىك كوچىلارنى كېزىپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى سۆرەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن، لېكىن ئۇ يەنىلا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن؛ سۈرەتخانىدا شاگىرت بولغاندا، ئۇ رەڭ ئەۋرىشكىلىرىگە تىكىلىپ، رەڭ تەڭشەش ماھارەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان؛ ئۇ كوچىدا يايما يېيىپ قوي گۆشى كاۋىپى ساتقاندا، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ خىرىدارلارنى جەلپ قىلىشقا تىرىشقان. 1989-يىلى ئۇ تۇرمۇشىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭ تىياتىر شۆيۈەنى ۋە شاڭخەي كىنو شۆيۈەنىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن. چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ شاڭخەي تىياتىر شۆيۈەنىنى تاللاپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان.
لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خاۋپىڭغا نىسبەتەن ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئۇ چاغدا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئىنتايىن قىيىن ئىدى، بىر يىلدا 2800 يۈەن ئوقۇش پۇلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بىر سان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئاكىسى ساقلاپ تۇرغاچقا، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىمۇ ناھايىتى ئېغىر ئىدى. ئانىسى ئوقۇش پۇلىنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى تەڭلىكتە قالغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنىمۇ خالىمىغان، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەتتى. خاۋ پىڭ ئاپىسىنىڭ خىيالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆڭلىدە نارازىلىق ۋە ئامالسىزلىق پەيدا بولۇپ، ئاچچىقىدا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يىرتىپ پارچىلىۋەتكەن، پارچە-پۇرات قەغەزلەر بوشلۇقتا لەيلەپ، خۇددى ئۇنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەربات بولغاندەك قىلاتتى. ھېلىمۇ ياخشى دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇششاق-چۈششەك قەغەز پارچىلىنى ئاستا-ئاستا تېرىپ، ئالدىرىماي ياخشى چاپلىغان. خاۋ پىڭنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە دادىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاخىر ئارزۇسى بويىچە سەھنىگە چىققان.
ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، پۇرسەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان خاۋ پىڭ كەسپىي بىلىملەرنى تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى كۇتۇپخانا بىلەن رەپىتىس ئۆيى ئارىسىدا چېپىپ يۈرگەن. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئۇ ئارتىسلىق ھاياتىدىكى بىر مۇھىم باشلىنىشنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى تىياتىر «كۆپ چۈشلۈك قىز» (多梦女)غا قاتناشقان. گەرچە ئۇ تىياتىردا كىچىك رول بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، رولنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ھەر بىر ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسىنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشقان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويۇپ، كەلگۈسىدە بۇ سەھنىدە تېخىمۇ نۇر چېچىشنى ئۈمىد قىلغان.
ئەمما، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خاۋ پىڭ فۇجيەن تىياتىر ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ يەردە ئويۇن قويۇش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۆزىنى بېقىش ئۈچۈن، ئۇ بىر تانسىخانىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ناخشا ئېيتىش زالىنىڭ بۇلۇڭىدا، ئۇ سەھنىدىكى باشقىلارنىڭ قانغۇچە ئويۇن قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان، ئەمما ئۇ ئامالسىز ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، قەلبى گاڭگىراش ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولغان. لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى سەنئەت ئىشلىرىغا بولغان جاھىللىق باشتىن-ئاخىر ئۆچمىگەن، ئۇ ئۆز ئارزۇسىدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كېچىشكە تەن بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتئىيلىك بىلەن تانسىخانىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شاڭخەيگە كېلىپ «شاڭخەيدىكى سەرگەردان»غا ئايلىنىپ، نامەلۇم ۋە خىرىسقا تولغان تۇرمۇشنى باشلىغان.
شاڭخەيگە تۇنجى قېتىم كەلگەن خاۋ پىڭنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە كۆلىمى 12 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئالغان، ئۆي ئىچى كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇرۇلۇشمۇ ناھايىتى قىيىن ئىدى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىشىگە يول قويمىغان، ھاۋا سوۋۇغاندا، ئۇ پەقەت سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق قۇدۇق سۈيىدە يۇيۇنغان. ھەر قېتىم سۇ ئالغاندا، مۇزدەك سوغۇق قۇدۇق سۈيى قۇدۇقتىن ئېلىپ چىلەكتىن چىققان، سوغۇق شۇ ھامان ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان، قولى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەرگەن. دەسلەپتە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنمىغاچقا، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلغان. ئۇ ئاۋاز بەرگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پېرسوناژنىڭ ئاۋازىنى دوراپ، ئاۋازى بىلەن رولنى مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان؛ مىكروفون ئىشلەتكەندە، ئۇ ھەر ۋاقىت دىققىتىنى يىغىپ، مىكروفوننىڭ ئاۋازىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ ئۇ سۈرەتكە ئېلىش ياردەمچىسى ۋە دىراما خادىمى بولغاندا، سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، سەھنە جابدۇقلىرىنى توشۇغان، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان، گەرچە جاپا تارتسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئاغرىنمىغان.
ئۇنىڭ كەسپى پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندا، مۇھەببەت ئۈن-تىنسىز يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئاۋاز بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقاندا ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدىلا تونۇشقان قىز جياڭ يۈەن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچىرىشىپ قالغان. جياڭ يۈەن شاڭخەيلىك قىز بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئادەتتىن تاشقىرى سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلغان. ئۇ 4-5 ياش ۋاقىتلىرىدا كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بېرىشكە باشلىغان، بۇنى ياش تۇرۇپلا نام چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كەسپىي ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ، «شاللاق شاھزادىنىڭ غەلىتە خاتىرىسى»، «16 ياشلىق گۈل پەسلى» قاتارلىق فىلىملەردىكى پېرسوناژلارغا ئاۋاز قوشۇپ ئىشلىگەن. خاۋ پىڭ جياڭ يۈەننى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئۇنىڭ ساددا، ئاق كۆڭۈل مىجەزىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان، تىرىشچان ھەم كېلىشكەن خاۋ پىڭمۇ جياڭ يۈەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا ياخشى دوستلارغا ئايلانغان، بىكار ۋاقىتلىرىدا ئاۋاز بېرىش ماھارىتى ۋە سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەنگەن.
1996-يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، جياڭ يۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاۋ پىڭنى بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بىللە تاماق يەپ، ئويناشقا ۋەدىلەشكەن. خاۋ پىڭ تەكلىپنى تاپشۇرىۋالغاندا ھەم ھاياجانلىنىپ، ھەم دەككە-دۈككىدە بولۇپ، سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ: «ئىككىمىزلا بارمۇ؟» دەپ سورىغان، جياڭ يۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن: «ئىككىمىزلا، باشقىلارنىڭ ۋاقتى يوق»، شۇ كۈنى ئۇلار كوچىلاردا سەيلە قىلىپ، بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلغان. قۇياش نۇرى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چۈشكەن، ئۇلارنىڭ سىيماسى كوچىدا ئۇزۇن سوزۇلۇپ تۇرغان. ئارقىدىن ئۇلار بىر غەربچە ئاشخانىغا كەلگەن. تاماقخانىدىكى چىراغ نۇرى ئىللىق بولۇپ، يەڭگىل مۇزىكا ھاۋادا تارقىلىپ، بىر خىل رومانتىك كەيپىيات ياراتقان. تاماق يېيىش جەريانىدا، خاۋ پىڭ غەيرەتكە كېلىپ، جياڭ يۈەننىڭ كۆزىگە قاراپ، ئەستايىدىللىق بىلەن: «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مېنىڭ لايىقىم بولۇڭ!» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جياڭ يۈەننىڭ مەڭزى سەل قىزىرىپ، كۆزلىرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان، ئۇ پەس ئاۋازدا: «مەن خېلى بۇرۇنلا سىزنىڭ لايىقىڭىز بولۇپ بولغان!» دېگەن، شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن رەسمىي ھالدا ئاشىق-مەشۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بىر مەزگىللىك شېرىن مۇھەببەت دەۋرىنى باشلىغان.
مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن خاۋ پىڭ ئىجارە ئۆيدە تۇرۇۋەرگەن. جياڭ يۈەن دائىم ئۇنى يوقلاپ تۇرغان، ھەر قېتىم خاۋ پىڭنىڭ جاپالىق تۇرمۇش مۇھىتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىغان، لېكىن ئۇ خاۋ پىڭنىڭ نامراتلىقىدىن ئەزەلدىن بىزار بولۇپ باقمىغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە، خاۋ پىڭنىڭ ئارزۇغا بولغان قەيسەرلىكى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى ئەڭ قىممەتلىك. جياڭ يۈەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئېنىق قارشى تۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا ئازراق گۇمان پەيدا بولغان. جياڭ يۈەننىڭ دادىسى قىزىنىڭ خاۋ پىڭغا ئەگىشىپ جاپا تارتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن جياڭ يۈەن خاۋ پىڭنىڭ يوشۇرۇن كۈچ ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەچكە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن خاۋ پىڭ بىلەن بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرغان.
بىر كۈنى جياڭ يۈەن خاۋ پىڭنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. خاۋ پىڭ جىددىيلەشكەن ھالدا جياڭ يۈەننىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغان. جياڭ يۈەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، بىر ئۈستەل مول تاماق راسلىغان. خاۋ پىڭ جياڭ يۈەننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا قاراپ، سەمىمىيلىك بىلەن: «تاغا، ھامما، مەن ھازىر ئانچە ياخشى قىلالمىدىم، لېكىن سىلەر ماڭا ئىشىنىڭلار، ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار، مەن چوقۇم جياڭ يۈەننى بەختلىك قىلىشقا تىرىشىمەن» دېگەن. شۇ كۈنىدىكى تاماقتىن كېيىن، ئىككىيلەن توي قىلىشقا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جياڭ يۈەن خاۋ پىڭنىڭ ئۆيى يوق دەپ قاراپ، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرماقچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى، خاۋ پىڭنىڭ ئارقىسىدا ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتقانلىقى ئىدى. ئۇ جېنىنىڭ بارىچە ئىشلەپ پۇل يىغىپ، رەنىلىك قەرز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 40 كىۋادرات مېتىرلىق مۇرەككەپ كىچىك بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، بۇ ئۆينى ئىككىسىنىڭ ئۆيى قىلماقچى بولغان. خاۋ پىڭ ئاچقۇچنى جياڭ يۈەنگە بەرگەندە، جياڭ يۈەن ھاياجانلانغىنىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان. ئىككىيلەن خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆيىنى بېزەشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
1998-يىلى 10-ئايدا، خاۋ پىڭ بىلەن جياڭ يۈەن بىر مەيدان ئاددىي ھەم ئىللىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ بەخت تىلىشى بىلەن، ئىككىيلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قول تۇتۇشۇپ تۇرمۇشتىكى بوران-چاپقۇنلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، خاۋ پىڭنىڭ ئارتىسلىق ئىشلىرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان. 2000-يىلى جياڭ يۈەننىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى بۇ خەۋەر ئىككىيلەننى ھەم ھاياجانغا سالغان ھەم جىددىيلەشتۈرگەن. ئۇلار بىرلىكتە يېڭى ھاياتنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ، كەلگۈسىدىكى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. شۇ يىلى 7-ئايدا، جياڭ يۈەن ئوڭۇشلۇق ھالدا ساغلام، ئوماق بىر ئوغۇل تۇغقان، بۇ كىچىك بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئائىلىگە چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن.
ۋەھالەنكى، ئوغلى بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا ئۇششاق-چۈششەك سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن. خاۋ پىڭنىڭ مىجەزى ئىتتىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىي جەھەتتىكى بېسىم تۈپەيلى، بەزىدە كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي قالغان. بىر قېتىم ئىككىيلەن كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالغان، دەسلەپتە پەس ئاۋازدا تالاش-تارتىش قىلغان، كېيىن ئۇرۇشقانسېرى كەسكىنلىشىپ، ھېچكىم بىر-بىرىگە يول قويمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ كەتكەن. ئامالسىز قالغان جياڭ يۈەن دادىسىغا تېلېفون قىلىپ دەردىنى تۆككەن: «دادا، تېز كېلىپ خاۋ پىڭنى باشقۇرۇڭ، خاۋ پىڭ ساراڭ بوپتۇ!» بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقى كەلگەن خاۋ پىڭ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، قارشى تەرەپكە: «سىز كىم؟ مەن سىزنى تونۇمايمەن» دەپ ۋارقىرىغان. ئاندىن ئاچچىقىدا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
يېرىم كېچىگىچە، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلانغان. خاۋ پىڭنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ، ئۇ قېيىنئاتىسىنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، تەنقىدكە تەييار بولدى-دە، زورمۇزور ئىشىكنى ئاچقان. ئويلىمىغان يەردىن قېيىنئاتىسى ئۇنى ئەيىبلىمەستىن، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن: «خاۋ پىڭ، جياڭ يۈەن دېگەن بۇ بالا ئىش ئۇقمايدۇ، ئەركىلىتىپ يامان ئۆگىتىپ قويدۇم!» دېگەن، قېيىنئاتىسىنىڭ بۇ گەپلىرى خاۋپىڭنىڭ كۆز چاناقلىرى بىردىنلا نەملەشكەن، ئۇنىڭ قەلبى ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە خىجىللىق بىلەن تولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياجان قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خاۋ پىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى ئىناقلاشقان.
ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى خاۋ پىڭنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن. ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، فىلىم مەنبەلىرى ئۈزۈلمىگەن. ئۇ «ھەقىقەت» تە رول ئالغان بولۇپ، ئىنچىكە ئورۇنداش ئارقىلىق رولنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تولۇق نامايان قىلغان؛ «مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش» فىلىمىدىكى ئىپادىسى تاماشىبىنلارغا رولنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان؛ «شامال چىققان يېرىم ياز»، «ئۈچ نەيزە»، «شامالغا تەلپۈنگەن ھايات»، «دەھشەتلىك بوران» قاتارلىق تىياتىرلاردا ئۇ يەنە قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن ھەر بىر رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
تۇرمۇشتا، خاۋ پىڭ خوتۇنىغا كەڭ قورساق ۋە ئامراق ئىدى. بىكار ۋاقىتلاردا ئۇلار بىللە سەيلە قىلىپ، پاراڭلىشىپ، ئىللىق ۋاقىتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ھەر كۈنى ئاز دىگەندىمۇ ئىككى قېتىم تېلېفون بېرىپ، ئوغلىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ ئائىلىنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئائىلە ئىناق بولغاندىلا، ئاندىن ئارتىسلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ يىراققا بارالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |