بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئاختا قىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

文摘   2025-01-17 21:53   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا «ئاختا قىلغۇچى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ، چەتئەلدە غۇلغۇلا قوزغىغان.

ھۆججەتلىك فىلىمدە مۇزاكىرە قىلىنغان ئادەمنىڭ ئىسمى مارىئۇس گۇستاۋسون (Marius Gustavson) بولۇپ، نورۋېگىيەلىك، ئەنگەلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرىدىكەن. بۇلتۇر ئۇ بىۋاستە كۆرسىتىشتە بىر نەچچە ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش جەريانىنى سۈرەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مارىئۇس ئاخىرىدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن جازا مۇددىتى 22 يىلدىن باشلىنىدىكەن. لېكىن ھۆججەتلىك فىلىمدە ئاشكارىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ مۇھىم ئورۇننى كېسىۋەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئويلىمىغان يەردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن.

ئىزاھات: «بۇ ماقالە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوقۇڭ».

مارىئۇس قولغا ئېلىنغاندا 46 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تاشقى سالاھىيىتى بىر داۋالاش كارخانىسىنىڭ كاتتىبېشى، ئۇ يەنە دائىم يۇرتىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، نامى بار «ياخشى ئادەم» ھەمدە «ئاكتىپ پائالىيەتچى» بولغاچ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.

لېكىن ھېچكىم ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 22 تۈرلۈك ئوپېراتسىيەگە قاتنىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇ جىنسىي ئەزانى كېسىپ ئېلىۋېتىش قاتارلىق بەدەندىكى ئوخشاش بولمىغان ئەزالارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىۋىتىش ھەمدە «ئالاھىدە ئۆزگەرتىش» قاتارلىق قورقۇنچلۇق مەشغۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مارىئۇس باشقىلارنى «ئۆزگەرتىدىغان» ئىشنى قىلىپلا قالماي، ئۆزىگىمۇ قاتتىق قول سالغان. بۇ دېلودىكى يەنە بىر جاۋابكارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ پۇتىنى قۇرۇق مۇزغا سېلىپ، تاكى پۇت-قولىنى كېسىشكە توغرا كەلگۈچە زىيانغا ئۇچراتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، مارىئۇس بەدىنىنى كېسىدىغان «باشلامچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا ئىككىيلەننىمۇ قول سېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىمۇ كەستۈرۈۋەتكەن.

مارىئۇسنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئىشلەتكەن تىغلىق ئەسۋاب.

ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مارىئۇس داۋالاش مەشىقىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا باكتېرىيەلىك شارائىتتا كۆپ قېتىم كېسىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان يەتكۈزگەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئۆزى قۇرغان تور بېكىتى ئارقىلىق ئاجىز ئەرلەرنى ئالداپ، ئۇلارنى ھەر خىل خەتەرلىك ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇ ئوپېراتسىيەلەرنىڭ جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ، تور بېكىتىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەق تۆلەيدىغان ئابونىتلارغا قويۇپ بەرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېشى ئاران 16 ياش ئىكەن.

ئەنگلىيە خان جەمەتى تەپتىش مەھكىمىسى (CPS)نىڭ دوكلاتىدا 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، مارىئۇسنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئاز دېگەندە 2 مىليون 430 مىڭ يۈەن تاپقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ ئۆزى قول سېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە «ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەر»نى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئادەم تېنىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەملەشتۈرگەن، بىر نەچچە قاتناشقۇچىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت يېرىم يىلدىن 12 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ھەتتا ئۇ «ئادەم يەيدىغان بولۇشى» مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەتتە كىسىۋىتىلگەن «ئەزالار»نى «ئولجا» قىلىپ ساقلاپ قالغان. سوتچى مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى جىنسىي قانائەتلىنىشنى، ئىقتىسادىي تاپاۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىنسانلارغا قارىتىلغان قورقۇنۇچلۇق قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ».

سوت ھۆججىتىدە يەنە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بىر خىل ئىككىلەمچى مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، يەنى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئارقىلىق «جىنسىي ئەزانى ئۈنۈمسىزلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئالاقىدار تەتقىقاتلار تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلغان بولۇپ، جىنسىي ئەزانى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنگەن كىشىلەر بەلكىم بەدەن مۇكەممەللىكىدىن تەشۋىشلىنىش كېسىلى (BIID)غا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەدەن مۇكەممەللىكىدىن تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىر خىل روھىي توسالغۇ كېسىلى بولۇپ، بىمار بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ھەمىشە بىنورماللىق ھېس قىلىدىكەن. ئۇلار مېيىپلىك ئوي-پىكرىگە مەپتۇن بولۇپ، مەلۇم بىر پۇت-قول ياكى بەدەن ئەزاسىغا كىرىشىۋالىدىكەن، ئېغىر بولغاندا جىنسىي ئەزاسىنى، بىلىكى ياكى پۇتىنى كېسىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. ئۇلار بۇ ئەزالىرىنى كېسىۋەتسىلا، كۆڭلىدىكى بىئاراملىقنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى تەھلىلچىلەر ئەگەر بالىلىق دەۋرىدە جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىسا، بالىلىق دەۋرىدە بەدىنىنىڭ ئاستى تەرىپى «قوزغىلىپ» كەتسە، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا غەزەپلىنىشى ياكى ئاسىيلىق قىلىنغاندەك ھىس قىلىشى، شۇڭا ئۆزىگە نەپرەتلىنىپ ئۇنى كېسىپ ئېلىۋىتىشتەك بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ تەھلىل قىلغان.

يەنە بىر خىل سەۋەب بولسا جىنسىي چەك قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، ھەمجىنسلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا كۈچلۈك قورقۇنچ پەيدا بولىدىكەن ياكى قىلسا بولمايدىغان نەرسىلەرگە قارىتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئويىنى كونترول قىلالمايدىكەن. بەزىلەر شۇڭا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا ھۇجۇم قىلىشنى تاللاپ، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش خەۋپىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەننىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى كېسىۋېتىش يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ «مېيىپ»لىق بىلەن «كۆڭۈل بۆلۈش»نى باغلىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بولىدىكەن. ئەگەر بالىلىق دەۋرىدە ئېغىر دەرىجىدە سەل قاراش، خورلاش ياكى سىجىل زەخىملىنىشكە ئۇچرىسا، بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج بولۇش ئىستىكى پەيدا بولىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەزالىرىنى كېسىۋىتىش باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇرلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن.

مارىئۇسنىڭ دېلوسىدا، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش بەدەن مۇكەممەللىكىدىن تەشۋىشلىنىش كېسىلى (BIID)گە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى كۈلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدىن مارىئۇس ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە شېرىكىنىڭ قىلمىشىنىڭ باشقىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان، مەسىلەن، ياپونىيەلىك سەنئەتكار ماسائو يانياما 2012-يىلى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئۇ ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ، 100 مىڭ ياپونىيە يېنىلىق باھا بىلەن، ئۆزىنىڭ كېسىۋىتىلگەن ئەزاسىنى «تاماق» قىلدۇرۇپ، ساتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن تەييارلاپ بىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماسائو يانياما ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۆزىنىڭ «ئۇنى تولۇق ئىشلىتىپ»، كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئۇ يەنە كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن ئورۇندا كېسەللىك يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ، «يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. بىراق، زىياپەتكە قاتناشقان مېھمانلار چوقۇم بىر پارچە مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتىغا ئىمزا قويۇپ، ئەگەر ماسائو يانيامانىڭ «تامىقى» سەۋەبلىك ئاغرىپ قالسا، ئۇنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەينى چاغدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ماسائو يانياما «يېمەكلىك ماتېرىيالى»نى ئالتىگە بۆلۈپ كەچلىك تاماق قىلغان، زىياپەتكە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ئالتە مېھمان ئىچىدە بەش مېھمان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماق يېگەن، ئالتىنچى مېھمان بۇ مۇراسىمغا قاتناشمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، نەچچە ئون ئادەم نەق مەيدان پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كاتتا سورۇننى كۆرگەن، ئولىشىۋالغان ئامما كالا گۆشى، تىمساھ گۆشىنى ئاساس قىلغان باشقا قورۇمىلاردىن بەھرىمەن بولغان.

بۇ ئىش بىر مەھەل غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، توكيو شەھەرلىك ساقچى نازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «جىنايەت گۇماندارى بىرلىشىپ نەق مەيداندىكى 71 مېھمانغا سەزگۈر ئورۇننى ئاشكارا نامايان قىلماقچى بولغان، بۇ ئېنىقلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق». ماسائو يانياما مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ پەسكەش ئەيىبلەشلەر مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتنىڭ كونكرېت مەقسىتىنى ئېنىق بىلىدۇ».

ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بەدىئىي مۇددىئادىن كېلىپ چىققانلىقىدا، كىشىلەرنىڭ «ئاز ساندىكى كىشىلەر توپى، جىنس ھالقىغانلار توپى ۋە جىنسىيەتكە قىزىقمايدىغان كىشىلەر توپى»غا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى ئاخىرى بارا-بارا ئازىيىپ، 2013-يىلى 2-ئايدا بۇ ئەيىبلەشلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىر مارىئۇسنىڭ دېلوسى ئاشكارىلانغان، نۇرغۇن ياۋروپا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئەينى يىلىدىكى ماسائو يانيامانىڭ بۇ دېلو مىسالىنى تېپىپ چىقىپ سېلىشتۇرغان. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولسۇن، بۇ ئىككى ئىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقساق، ھەممىسى بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章