دادىسى قىزىنىڭ يىگىتىنى ئەمرىگە ئالدى، قالايمىقانلىشىپ كەتتى

文摘   2025-01-20 22:27   海南  

ھەمجىنس دادىسى قىزىنىڭ ئەر لايىقىنى ئەمرىگە ئالدى، پۈتۈن ئائىلە مۇناسىۋېتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەلىك قىز سافرېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھاياتى تۇغۇلغاندىن تارتىپ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەدىكى تۇنجى قانۇنلۇق ئەر ھەمجىنىسنىڭ قىزى ئىكەن.

1999-يىلى پۈتۈن ئەنگلىيەدە تاراتقۇلار سافرېن بىلەن قوشكېزەك ئاكىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇ يەنە ئىككى دادىسىنىڭ تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە بايلىق توپلىغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەر يېتەلمەيدىغان باي تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.

(سافرېننىڭ ئىككى دادىسى، بارى ۋە تونى)

2020-يىلى سافرېن يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ دادىلىرىدىن بىرى بولغان بارىنىڭ سابىق يىگىتى سىكوتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدىن بولغان.

(سولدىن ئوڭغا: دادىسى تونى، دادىسى بارى، سافرېن، سابىق يىگىتى ۋە ئۆگەي دادىسى)

گەرچە ئىككى دادىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسى يەنىلا بەش بالىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆيدە يەنە بىر يېڭى يىگىت سكوت كۆپەيگەن.

(سىكوت ئىلگىرى سافرېن بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان)

بىر كېچىدىلا سافرېن يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، لېكىن يەنە بىر ئۆگەي دادىسى كۆپەيگەن. ئۇ يەنە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھالەتنى، يەنى ئۆزىنىڭ ئۈچ ئاتىسى بىلەن بىللە ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل خىيالىي مۇناسىۋەتنى بەك ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ دەپ قارىغان، لېكىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن، بۇ چوڭ ئائىلە بۆلۈنۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بارغانسېرى گۈللىنىپ كەتكەن.

بۇ بىر نەچچە يىلدا سافرېن يەنە ھەر قايسى جايلاردا زىيارەتتە، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم «ئىچكى سىرلار»نى ھەمبەھرىلىگەن. 2020-يىلىغا كەلگەندە دادىسى بارى ئۆزىدىن 23 ياش كىچىك سىكوت ئۈچۈن بىر مەيدان توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى تەييارلىغان.

نەق مەيداندىكى كەيپىيات ناھايىتى شېرىن بولغان، نەچچە ئون مىليون فوندستېرلىڭلىق بايلىقىى بار بارى سىكوتقا توي تەكلىپى قويغان، بارىنىڭ بۇرۇنقى ئېرى ۋە سەيلە كېمىسىدە ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغان بالىلارنىڭمۇ نەق مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان، ئىشقىلىپ ئەتراپ ئىنتايىن مۇراسىم تۇيغۇسىغا تولغان.

(سولدىن ئوڭغا: سافرېننىڭ ئىنىسى، قوشكېزەك ئاكىسى، سافرېن، سابىق ئوغۇل دوستى سىكوت (ھازىرقى ئۆگەي دادىسى)، دادىسى بارى، يەنە بىر دادىسى تونى، ئىككى دوستى، يەنە بىر ئىنىسى)

قارىماققا دادىسى بىلەن سىكوت توي قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن قىزى سافرېننىڭ قارىشىچە، بۇ خىل رول ئېنىقلا ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك بىلىنىدۇ: سىكوت ئالدى سافرېندىن ئايرىلىپ ئارقىدىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ توي تەكلىپىگە قوشۇلغان.

ئەينى چاغدىكى زىيارەتتە بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ مۇناسىۋەتنى گۈزەللەشتۈرگەن. دادىسى بارىنىڭ ئېيتىشىچە، قىزىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتى قوش جىنسلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولغاچقا، ئىككىيلەن ئەمەلىيەتتە دوستلۇققا بەكرەك ئوخشايدىكەن، ھەتتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىكەن.

دادىسى بارى مۇنداق دېگەن: «قىزىم بىلەن سىكوت ئايرىلىپ كەتكىلى نەچچە ئاي بولدى، بۇ مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىزچىل دوست، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئاسلان بىلەن كۈچۈكنىڭ مۇھەببىتىگە بەكرەك ئوخشايدۇ. ئۇ بەك ياش (ئەينى ۋاقىتتا 20 ياش ئىدى)، شۇڭا ئۇلار ئەزەلدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. سىكوت ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ قوش جىنسلىق ئىكەنلىكىنى يوشۇرمايدۇ، شۇڭا قىزىم بىلەن ئۇ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشقا ئامالسىز قالدى.»

بارىنىڭ بۇرۇنقى ئېرى، سافرېننىڭ يەنە بىر دادىسىمۇ قىزىغا نەسىھەت قىلىپ، بارى بىلەن سىكوتنىڭ بىللە بولۇشى ھەقىقەتەن توغرا تاللاش، كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرەلەيدۇ، دېگەن.

(بارى ۋە بۇرۇنقى يولدىشى، بارى ۋە كېيىنكى مۇھەببىتى سىكوت)

سافرېننىڭ يەنە بىر دادىسى تونىنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، گەرچە بۇرۇن بارى ئىككىسى توي قىلغان بولسىمۇ ئەينى يىلىدىكى سەۋەبمۇ ناھايىتى تېز ئاشكارىلانغان، تونى فىزىيولوگىيەلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئىككىيلەن بىللە بولالمايدىكەن، پەقەت ئادەتتىكى شەكلىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان، شۇڭا ئۇ سۆيگىنىنىڭ باشقا ئەر بىلەن بىللە بولماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

(سابىق يولدىشى بارى ۋە تونى)

قىزى سافرېنغا كەلسەك، ئۇنىڭ قانچىلىك ۋاقىت پىسخىكا قۇرۇلۇشى قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا دادىسى بىلەن بۇرۇنقى يىگىتىنىڭ بىللە بولغان ئىشىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئانچە چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىنىڭ يەنىلا بىر ئۆيدە تۇرىدىغان دادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، چۈنكى ئۇنىڭ يەنە بىر دادىسى تونى بارى بىلەن سىكوتنىڭ توختىماي يېقىنچىلىق قىلىشقانلىقىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

قىزى سافرېن مۇنداق دېگەن: «سكوت بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىم ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئەڭ ياخشى دوست ئىدۇق. ئۇ ھېچكىمگە ئۆزىنىڭ ئاياللارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى خالىماي، مەن بىلەن بىللە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ جىنسىي يۆنىلىشىنى يوشۇردى.»

«كېيىن سىكوت ماڭا يۈرەك ساداسىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ دادامنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭ بىردىنبىر كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغىنى باشقا بىر داداممۇ بار، دەسلەپتە ئۇ بارى دادامنىڭ باشقىلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى تەستە قوبۇل قىلغان، لېكىن ھازىر ئۇلار ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.»

(بۇرۇنقى يولدىشى، بارى، سىكوت، قىزى)

ئەينى چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى 6 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى 10 ھۇجرىسى بار ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا (ئۇلارنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەتتە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بار) تۇرغان. چۈنكى ئۆي ئۆينىڭ ئوخشىمىغان تەرىپىدە بولغاچقا، سافرېن ھەر خىل مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالىغان.

سافرېن ئۇ ئىككىسىنىڭ سۆيۈشۈشىگە ھېچقانچە ئىش بولمىغاندەك نەزەردە قارايدىغان بولغان، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ ئۇ ئىككىسى ئۈچۈن خۇشال بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. لېكىن، مەسىلە شۇكى، ئىككىيلەن بەزىدە سەل يېقىن بولۇپ قالىدۇ، سافرېن مۇنداق دېگەن: «ئۇلار باشقىلارنىڭ قارىشىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدا سۆيۈشۈپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئاشخانىغا كىرىپ ئىككىيلەننىڭ ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىمەن.»

تېخىمۇ ئوڭايسىز يېرى شۇكى بۇرۇنقى يىگىتى بەزىدە دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىلغا ئالىدىكەن.

سىكوت ئىزچىل ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پاراڭلاشقان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر قېتىم ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ ماشىنىدا بەك قىزغىن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى، مەن شۇ ۋاقىتتا سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.»

گەرچە كۆڭلى بىرخىل بولغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئۇلارغا كىرىشىۋالمايدىغان بولغان. بارى بىلەن سىكوت بىللە بولغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش ئارقىلىق قىزى ۋارېندىنانى تۇغقان. بارى ئۆزىنىڭ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، ئۆزى رازى بولغان تۇخۇم تەقدىم قىلغۇچىنى تېپىپ، چىرايلىق بالا تۇغقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئىككىسى ئەسلىدە ئۈچ كېزەك بولۇشنى ئارزۇ قىلغاچقا، يەنىلا قوشكېزەكنىڭ ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچى ئانىسىنى ئىزدەۋاتاتتى.

يېڭى بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، سافرېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىسى ۋە سابىق يىگىتىگە تۇخۇم ئىئانە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلار ئۈچۈن تۇخۇمۇمنى توڭلىتىپ قويدۇم، شۇڭا دادام بىلەن سىكوت خالىسىلا مېنىڭ تۇخۇمۇمدىن بالا تاپالايدۇ.»

لېكىن ئېنىقكى ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق بولسا، ئائىلىدىكى قانداشلىق جەھەتتە يەنە چوڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سېكوتنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئىشلەتسە، سافرېن بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالىدۇ. بارى بالىنىڭ دادىسى قوشۇمچە ئۆگەي بوۋىسى، سىكوت بولسا بالىنىڭ بوۋىسى ۋە دادىسى بولۇپ قالىدۇ، بەكلا قالايمىقان.

بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىدىنلا يېتەرلىك مۇرەككەپ ئىدى، بۇنداق بولغاندا كىمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ...

كېيىن بۇ پىلاندىن باشقا خەۋەر بولمىغان. سافرېن 2022-يىلى كونور ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن توي قىلغان، ئىككىيلەن ئامېرىكىدا بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن يەنە ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان.

ئىككى يىل ئىچىدە، سافرېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى بالا تۇغقان. ئۇنىڭ چوڭ قىزى تۇغۇلۇپلا مىليونېرغا ئايلانغان، بوۋىسى بارى نەۋرىسىگە 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆي ۋە بىر دۆۋە مال-مۈلۈك بەرگەن، يەنە جاپا تارتىپ بالا تۇغقان سافرېنغىمۇ بىر دۆۋە كىيىم سوۋغا قىلغان ۋە ھەشەمەتلىك ماشىنا بەرگەن. دادىسى بارى مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىمىز بار، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى لەند روۋېر سوۋغا قىلماقچى بولدۇق.»

بۇلتۇر سافرېننىڭ كىچىك ئوغلى تۇغۇلغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنە يېڭى ئەزالارنى كۈتۈۋالغان. بوۋىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن بارى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرى بارلىقىنى، بالىسىغا بىۋاستە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ياكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ياكى لوندون مەركىزىدىن بىر يۈرۈش ياتاق سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان... كۈتۈلمىگەن ئىش بولمىسا كىچىك بوۋاق يەنە بىر مىليادىر بولۇپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ تېببىي تەتقىقات شىركىتى، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش كەسپى، ئۆي-زېمىن... بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر خىل كەسىپ ۋە بايلىققا تايىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپتى، كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

بەلكىم ئۇلارغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مۇرەككەپ بولغان ئائىلە مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەتتىكى بىر كىچىك ئىش بولۇشى مۇمكىن...

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章