مېگان،خاررى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراپ مەسخىرگە قالدى

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لوس ئانژېلېستا يۈز بەرگەن تاغ ئوت ئاپىتىدىكى ئوت توپتوغرا 11 كۈن كۆيگەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 17-يانۋار كەچكىچە لوس ئانژېلېستىكى تاغ ئوت ئاپىتىدە 27 ئادەم قازا قىلغان، شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ قۇرۇلۇش كۆيۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن چولپان، داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار ئىكەن.

خاررى بىلەن مېگاننىڭ لوس ئانژېلېس مونتتىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى گەرچە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش رايونىدا بولسىمۇ، لېكىن بەختكە يارىشا ئوت ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان. ئىككىيلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى تۇرالغۇسىدا ئېلىپ قالغان.

ھالبۇكى، كۆپچىلىكنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇكى، خەلق ئاممىسى ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى ئىشلىرىنى ماختىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى كەڭ كۆلەمدە مەسخىرە قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلار جاپا-مۇشەققەتتە قالغاندا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولدى، ئوت ئاپىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى، پۇل توپلىماقچى بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

خاررى بىلەن مېگان 2020-يىلى ئەنگىلىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لوس ئانژېلېسنىڭ غەربىي شىمالىغا 144 كىلومېتىر كېلىدىغان مونتېسىتو رايونىدىن 29 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 212 مىليون يۈەن) قىممىتىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋالغان.

لوس ئانژېلېستا تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن ئوت تۆت ئەتراپقا يامرىغان، خاررى بىلەن مېگان ئولتۇراقلاشقان مەھەللىمۇ نۇقتىلىق ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش رايونىغا ئايلانغان. شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئاھالىلەرگە قول چىراغ، ئىچىملىك سۇ، توك قاچىلىغۇچ قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەن ھەمدە ئاھالىلەرنى ھەر ۋاقىت چېكىنىشكە تەييارلىق قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. بىراق خەتەرلىك بەلباغدا تۇرۇۋاتقان خاررى بىلەن مېگان چېكىنىشكە ئالدىرىماي، بەلكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، خاررى بىلەن مېگان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كۆپلىگەن ئىئانە ئورگانلىرىنىڭ تور بەت ئۇلىنىشىنى تىزىپ چىقىپ، ئاممىنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلغان. باياناتتا ئۇلار يەنە كۆپچىلىكنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى بىخەتەر پاناھلىنىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى لوس ئانژىلىستا تۇغۇلغان مېگان يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېتفلكىس شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان نەپىس تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈرىدىكى ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىسى «سىزنى ياخشى كۆرىدىغان مېگان»نىڭ ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى لوس ئانژىلىستا قويۇلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، پىروگراممىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنى 3-ئايغا كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، نۇرغۇن پاناھلانماقچى بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ قالغان. ئەمما قەھرىتان سوغۇقتا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىشتەك بۇ خىل قىلمىشتا «نامرات كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىپ تەنە قىلىدىغان» ھەرىكەتلەر پەيدا بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مۇخبىرلار ئويلىمىغان يەردىن خاررى بىلەن مېگان ئەر-ئايالنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپەت رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان پالىسېيدز شەھىرىگە بېرىپ، پىدائىيلار بىلەن بىللە ماددىي ئەشيا تارقاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خاررى بىلەن مېگان پالىسېيدز شەھىرى باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا، يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇچاقلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يېمەكلىك تارقىتىپ بەرگەن.

پائالىيەتتە مېگان ئىلگىرىكى نازاكەتلىك كىيىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاددىي-ساددا كۆينەك ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن، خاررىمۇ قارامتۇل كىيىم ۋە قارا ئىشتان كىيىۋالغان. ئەر-ئايال ئىككىيلەن باشتىن-ئاخىر ماسكا تاقاپ ۋە شەپكە كېيىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىراش يۈرگەچكە، ئاپەتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەر باشتىن-ئاخىر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بايقىمىغان.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، مېگاننىڭ چوڭ-كىچىك سومكىلارنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئارتادىنا قىزلار ئوت ئاپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فوندى جەمئىيىتىگە مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فوندى جەمئىيەت سىرتقا كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلغان ھەمدە ئاپەت رايونىدىكى قىزلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەن.

مېگان بىلەن خاررى بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىئانە توپلاش پىلانىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال نۇرغۇن ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلغان. ئۆي-ماكانسىز قالغان قىزلارنىڭ تېزدىن روھلىنىشى ئۈچۈن، مېگان يەنە ئالايىتەن گىرىم بۇيۇملىرى، يېڭى كىيىم ۋە چۈشلۈك تاماقنى تاللاپ، ئاپەت رايونىدا قىزلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقان ھەمدە ئۇلارغا سىرلىق سوۋغات تارقىتىپ بەرگەن.

بۇ كۆرۈنۈشلەرنى دەل تورداشلار سۈرەتكە تارتىۋالغان ۋە ئېلان قىلغان، سىرتتىكىلەر ئاندىن مېگاننىڭ ياخشى ئىشلىرىنى بىلگەن. تورداشلار تارتقان نەق مەيدان سۈرەتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مېگان پائالىيەت مەيدانىدا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا قىلچە چوڭچىلىق قىلمىغان.

لېكىن خاررى-مېگان ئەر-ئايالنىڭ قىلغان ئىشلىرى ياخشى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئامما ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ياخشى باھا بەرمىگەن، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتىدۇ ۋە ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. ئەسلىدە، خاررى بىلەن مېگان پالىسېيدز شەھىرىگە بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يېمەكلىكى تارقىتىشقا قاتناشقاندا، ھوللىۋودنىڭ 58 ياشلىق ئايال ئارتىسى جاستىن بېتمان ئاشكارا ھالدا بۇ ئىككىيلەننى «ئاپەتكە ئۇچرىغان ساياھەتچى (disaster tourists)»لەر دەپ ئاتىغان، ئۇلارنىڭ كەمتەرلىك بىلەن ياخشى ئىش قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ: «ئۇلار ياخشى ئىش قىلدى، لېكىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۈتۈن جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاپەت رايونىنى كۆرگەزمە مەيدانى قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى سۈرەتكە ئالدى» دەپ قارىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى مېگاننىڭ تاغ ئوت ئاپىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىسىنىڭ قويۇلىشىنى كېچىكتۈرۈشى ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك، دەپ پەرەز قىلغان. بىز ئىلگىرى مېگان بىلەن خاررىنىڭ 2020-يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن نېتفلكىس شىركىتى بىلەن بەش يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ باققان.

تۇنجى ھۆججەتلىك فىلىم «خاررى بىلەن مېگان» قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈلۈش نىسبىتى يامان ئەمەس بولغاندىن باشقا، قالغان ئۈچ ھۆججەتلىك فىلىم «تۇغما رەھبەر»، «قورقماس قەلب» ۋە «ئات توپى»دا ھېچقانداق تەسىر قوزغىيالمىغان. شۇڭا، نېتفلكىسمۇ 2025-يىلى توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى شەخس بىلەن توختام ئۇزارتماسلىقنى پىلانلىغان. تېخىمۇ ئەجەللىك يېرى شۇكى، مېگان بىلەن نېتفلكىس ھەمكارلاشقان ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقىي ئادەم پروگىراممىسى «سىزنى ياخشى كۆرىدىغان مېگان»نىڭ تەشۋىق فىلىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تاراتقۇلار مېگاننىڭ «نەپىس ئائىلە ئايالى» پېرسوناژىنى يارىتىش ئۈچۈن، داچىنى ئىجارىگە ئېلىپ، سۈرەتكە ئېلىشتا يەنە باشقىلارنىڭ سەھنە ئەسىرىنى كۆچۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىسى ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە قويۇلغان بولسىمۇ، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بەزى تورداشلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە مېگان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئاشكارا باھانە قىلىپ، قويۇلۇشنى كېچىكتۈرگەن، ئۇ بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن سېنارىيە كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ئۆزىنى قاچۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نامىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى بۇ پىروگراممىغا قىزىقتۇرماقچى بولغان. تورداشلار مېگاننىڭ بۇ قېتىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن ئاشكارىلانغان تۈرلۈك سەلبىي خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بەس-بەستە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيشىكەن: «ئۇلار بەلكىم تىل ئاڭلىسا ئەدەپسىزلىككە ئۇچرىغاندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن، لېكىن نەيرەڭۋازلىق قىلغىنى راست بولۇشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ مېنىڭچە كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. دىققەت قىلساڭلار، ئاپەت بولغان نەق مەيداندا ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بىر كۆرۈنۈش بار، ئۇلار بۇنى كۆپچىلىك ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئۇلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ قانداق قوغدىلىشىغا تەشنا بولغىنىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ».

«نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ئاپەت رايونىدا 17 مىنۇت تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خاررى، مېگان، ئۈچ ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە بىر فوتوگراف بار ئىكەن».

«نۇقتىلىق ئەسكەرتىش! ئىككىڭلار ناچار باھانى قوبۇل قىلمىساڭلار، ئۇنداقتا ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن يىراق تۇرۇڭلار. لېكىن سىلەر دائىم ئۆزۈڭلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇراتتىڭلار، ئەمدى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ يۇرت-ماكانىنى سۈرەتكە ئالدىڭلار. جاستىن بېتمان ھەقىقەتەن خاتا گەپ قىلمىدى».

«داڭلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ياردەمگە مۇھتاج ئادەم ۋە ئورگانلار داڭلىق شەخىسلەر ئارقىلىق ئىئانىگە ئېرىشەلەيدۇ، داڭلىق شەخىسلەر بولسا ياخشى ئىش قىلىش ئارقىلىق ئىناۋەتكە ئېرىشىپ ئوبراز تىكلىيەلەيدۇ».

خاررى بىلەن مېگاننىڭ «كۆز بويامچىلىق ۋەقەسى» ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى بېسىپ چۈشۈپ، تەشۋىقاتنى تەتۈر ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگەن. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغىنى كەيت يېقىندا قاتناشقان 2025-يىلىدىكى تۇنجى ئامما پاراۋانلىقى پائالىيىتى بولۇپ، 14-يانۋار كەيت بۇلتۇر ياتقان لوندون خان جەمەتى ماسدېن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، تېببىي خادىملار ۋە كېسەلچان دوستلارغا بەخت تىلىگەن.

بۇ يىل تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان كەيت كامېرا ئالدىدا ناھايىتى روھلۇق ۋە جانلىق كۆرۈنگەن.

ئۇ ئۇچىسىغا قىزىل كۆڭلەك كىيىپ، ئالدى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان داۋالاش خادىملىرىدىن ھال سورىغان، ئاندىن كېسەلخانىغا بېرىپ راك كېسىلى بىمارلىرىنى يوقلىغان.

كېسەلخانىدا كەيت بىر ئايالدىن خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى ھېسسىياتىنى سورىغان ھەمدە قارشى تەرەپنى ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرغان، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

خىمىيەلىك داۋالاش سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن بىمارلارنى كۆرگەن كەيتمۇ ئۆزىنىڭ داۋالاش مەزگىلىدە خۇلاسىلىگەن تەسىراتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشقان ھەمدە ئۇلارغا كۆپرەك كىيىم كىيىش، پات-پات سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ، بەدەننى يېتەرلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، كەيت يەنە بىمارلارنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغان داۋالاش ئىتى بىلەن «كۆرۈشكەن» ۋە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەيت شەخسىي ئالاقە ئاكونتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خان جەمەتى ماسدېن دوختۇرخانىسىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ باياناتىدا يەنە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى، ھازىر يەنىلا بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرى كەيتنىڭ «پەسەيدى» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ، راك كېسىلىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى، ھازىرچە باشقا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ راكقا قارشى تۇرۇش نىشانىغا يېتىپ بولغان. بۇنى ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ 2025-يىلىدىكى تۇنجى خۇشاللىق ئىشى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

شەخسىي ھېسداشلىق، كەچۈرمىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئۆز ئىپادىسىنى نامايان قىلىش ۋە پۈتكۈل پائالىيەت جەريانىدا، كەيت ھەقىقەتەن قىلچىلىك نۇقسانلىق ئىشلارنى قىلمىغان بولۇپ، قۇسۇر تاپماق ناھايىتى تەس ئىكەن.

ئەكسىچە بولغاندا خاررى-مېگانلارمۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.

مېگاننىڭ ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىسى قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ پىروگىراممىنى قويۇشنى كېچىكتۈرۈشنى تاللىشىمۇ ئامال يوقلىقتىن تاپقان ئامال ھېسابلىنىدىكەن. 3-ئايدا قويۇلۇشقا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت بار بولۇپ، بۇ ئەر-ئايالنىڭ ۋەزىيەتنى قانداق ئۆزگەرتىشىگە قاراپ باقايلى.


رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章