ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ياپونىيە خان جەمەتىدىكى ئاكىشىنو ئائىلىسى ئەمدىلا ئارقا ئىشىك قىلىش ئارقىلىق ھەر پەنلەردە 0 نومۇر ئالغان ئوغلى خىساخىتونى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزگەن. بۇ ئىشنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا، چوڭ قىزى ماكوناي شىننونىڭ ئېرىنىڭ ئائىلىسى خان جەمەتىگە يەنە بىر قېتىم ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشقا باشلىغان.
گومىرۇكىي بىلەن ئامېرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مەلىكە ماكوناي شىننو.
مەلىكە ماكوناي شىننونىڭ قېيىنئانىسى، گومىرۇكىينىڭ ئانىسى گومىرۇ يوشىداي يېقىندا 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تەرجىمىھال كىتابىنىڭ نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىش ئۈچۈن، گومىرۇ يوشىداي سېتىش كۈنىنى بېكىتكەندىن كېيىن، «پادىشاھ كۈيئوغلىنىڭ ئۆز ئانىسى» دېگەن نام بىلەن تەرەپ-تەرەپتە ماقالە ئېلان قىلىپ، قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقچى بولغان. ئۇنىڭ يېڭى كىتابىنىڭ تەشۋىقاتىدا، ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئۇششاق ئائىلە ئىشلىرى تىلغا ئېلىنماي قالمىغان. گومىرۇ يوشىداينىڭ قارا تارىخقا تولغان بىر ئايال ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ خان جەمەتىنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسىگە يۆلىنىۋىلىش قىلمىشى مەلىكە ماكوناي شىننو بىلەن گومىرۇكىينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي، يەنە قۇدىسى كىكو خانىشنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەرجىمىھال كىتاب «يېڭى كۈن»دە، گومىرۇ يوشىداي «ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق گومىرۇكېينىڭ ئانىسى» دېگەن تەخەللۇسنى نام قىلىپ، ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسىگە ئىغىر دەرىجىدە يۆلىنىۋالغان. گومىرۇ يوشىداي ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنى، ئالىي مەكتەپ دەۋرىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىنى، گېرمانىيەدىكى ئاشخانىلاردا ئاشپەزلىك كەسپىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئالىي مەكتەپ ئاممىۋى تەشكىلاتىدا يولدىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلغانلىقىنى، ئاندىن گومىرۇكېينىڭ تۇغۇلغانلىقىنى يازغان.
ئېرى 36 يېشىدا قازا قىلغاندىن كېيىن، گومىرۇ يوشىداي توختىماي تېرىشىدىغان جورىسىز ئانا ئوبرازى بىلەن ئاشپەزلىك دەرسى ئۆتۈپ، گومىرۇكىينى يۇقىرى مەلۇماتلىق سەرخىللاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تىنچ كۈندىلىك تۇرمۇشى 2017-يىلىغىچە داۋاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان. گومىرۇ يوشىداينىڭ يېزىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، بۇ دەل بىر پارچە ھەقىقىي ئايال باش پېرسوناژ تەسۋىرلەنگەن كىتاب ئىكەن.
لېكىن، كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گومىرۇ يوشىداينىڭ ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ كۈيئوغلىنىڭ ئۆز ئانىسىلىق سالاھىيىتىنىڭ قىزىق نۇقتا دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ خان جەمەتىنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى ئارتۇقچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىك، گۈزەل، تالانتلىق ئايال ئوبرازىنى تىكلەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ داۋاملىق پۇل تېپىشنى كۆزلىگەنلىكىنى بىلىدىكەن. مەلىكە ماكوناي شىننونىڭ ئۆز ئانىسى كىكو خانىش قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلىنىپ: «ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئوردا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، گومىرۇ يوشىداينى يېڭى كىتاب تارقىتىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىمەن» دەپ جار سالغان.
كىكو خانىشنىڭ بۇ تۇتامى يوق قۇدىسى توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىشىمۇ، بۇ قۇدىسىنىڭ قارا تارىخىنىڭ بەك كۆپ بولغانلىقىدىن بولغان. گومىرو يوشىداي كىتابتا تەسۋىرلىگەن ئالدىنقى يېرىم ئۆمۈرلۈك كەچۈرمىشىگە نۇرغۇن گۈزەللەشتۈرۈلگەن ساختا مەزمۇنلار قوشۇلۇپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم ئاشكارىلانغان سەلبىي خەۋەرلەرنىمۇ ئاقلىغان. مەسىلەن، ئاتالمىش «گېرمانىيەلىك خوجايىندىن تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش»كە قارىتا ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
يەنە مەسىلەن، 2017-يىلى 11-ئايدا، ئەينى چاغدا مەلىكە ماكوناي شىننو بىلەن گومىرۇكىي كىلەر يىلى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تاراتقۇلار مەلىكىنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسى گومىرۇ يوشىداينىڭ خېلى بۇرۇنلا بىر قاتار پۇل ئالدامچىلىقى ۋە قەرز ۋەقەلىرىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. گومىرۇكىي 10 ياشقا كىرگەندە بوۋىسى بىلەن دادىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈۋالغان. ياپونىيەنىڭ سۇغۇرتا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، گومىرۇ يوشىداي تاكى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانغا ياكى بىللە تۇرغانغا ۋەياكى باشقىلار بىلەن توي قىلغانغا قەدەر ئىككى كىشىلىك ياردەم پۇلى ئالسا بولىدىكەن. گومىرۇ يوشىداي دەل بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ، ئوغلى گومىرۇكىينى ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىگە ئاپىرىپ، قابىلىيەتلىكلەر تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدۇرغان.
ئەمما گومىرۇ يوشىداي مەخپىي ھالدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياماتو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋە ئىتوكى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)دىن ئىبارەت ئىككى ئەر بىلەن بىللە تۇرغان. گومىرۇ يوشىداي ئىككىيلەنگە ئۇنىڭ تولۇقلىما ئېلىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى ئۈچۈن داۋراڭ سالماسلىقنى ئېيتقان. ياماتو بىلەن ئارىلاشقان مەزگىلدە، ئۇ قارشى تەرەپتىن 4 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 186 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قەرز ئېلىپ، گومىرۇكېينىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرغان. ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، گومىرۇ يوشىداي بۇ پۇلنى ياماتوغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
مەلىكىنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەرزنى قايتۇرماسلىق ۋە ئوغرىلىقچە تولۇقلىما ئېلىۋېلىش سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە خان جەمەتى دەرھال تەييارلىقى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ماكوناي شىننو بىلەن گومىرۇكېينىڭ توي مۇراسىمىنى 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغا كېچىكتۈرگەن.
كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىككىيلەننىڭ توي قىلىش ۋاقتى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەن. ئانىسىنىڭ قەرز مەسىلىسىنىڭ ئۇنىڭ خان جەمەتىنىڭ كۈيئوغلى بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن، گومىرۇكىي 2019-يىلى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئانىسىنىڭ ياماتودىن ئالغان 4 مىليون يۈەننىڭ قەرز ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن بەرگەن پۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئانا-بالا ئىككىسى ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىشتىن تېنىۋىلىپ، ئۆزىنى قاچۇرغان. 2021-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ماكوناي شىننو بىلەن گومىرۇكېي توي قىلىپ، نيۇيوركقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇن، گومىرۇكېي بۇ پۇللارنى خالىمىغان ھالدا ياماتوغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
2022-يىلى ياپونىيەدىكى پىتنە-ئىغۋا تاراتقۇلىرى گومىرۇ يوشىداي بىلەن كونا ئاشىقى ئىتوكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىغان، ئىككىيلەن بىر نەچچە ئاي ئارىلاشقاندىن كېيىن يەنە ئايرىلىپ كەتكەن، گومىرۇ يوشىداي قارشى تەرەپتىن 16 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 747 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئايرىلىش ھەققى تەلەپ قىلغان، قارشى تەرەپ بولسا بىۋاستە ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
ئارقا-ئارقىدىن پۇل ۋە قەرزگە مۇناسىۋەتلىك سەلبىي خەۋەرلەر تارقالغاچقا، گومىرۇ يوشىداينىڭ ئاچكۆز، قەستخور ئوبرازى ياپونىيە جەمئىيىتىدە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
شۇڭا، ياپونىيە تاراتقۇلىرى گومىرۇ يوشىداي بىر نەچچە كىتابنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن، تەرجىمىھال يازمىسىغا ياپونىيە خان جەمەتىگە مۇناسىۋەتلىك مىش-مىش پاراڭلارنى قوشۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان. ئېنىقكى، بۇ كىكو خانىش بىلەن ياپونىيە خان جەمەتىنى مىنا رايونىدا قايتا-قايتا سىناق قىلغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گومىرۇ يوشىداينىڭ ئەڭ جاپاسىغا ئۇچرىغىنى، نيۇيوركتىكى مەلىكە ماكوناي شىننو بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىر مەلىكە ماكوناي شىننو بىلەن گومىرۇكېينىڭ نيۇيوركقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، مەلىكە ماكوناي شىننو ئەزەلدىن ياپونىيەگە قايتىپ باقمىغان.
بۇلتۇر 10-ئايدا ياپونىيە تاراتقۇلىرى خان جەمەتى ئاكىشىنو بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېقىن دوستى، ئىلگىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ماكوناي شىننونىڭ نيۇيورك چوڭ شەھەر رايونىدا خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەرگەن ياپونىيەلىك باي سودىگەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. نيۇيوركتىكى بۇ چوڭ يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالغان ماكوناي شىننو ئەر-ئايال مانخاتتوندىن شەھەر ئەتراپى رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇلتۇر 11-ئايدا ياپونىيە خان ئانىسى، ماكوناي شىننونىڭ ئۆز مومىسى مىچىكو ئۆيدە يىقىلىپ چۈشۈپ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىچىكو كېسەل ۋاقتىدا ماكوناي شىننونى ياپونىيەگە چاقىرتىپ كەلمەكچى بولغان، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ شەخسىي پۇلى بىلەن نەۋرە قىزىغا تولۇقلىما بەرمەكچى بولغان. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن.
تۈرلۈك ئالامەتلەر شۇنى بىلدۈرىدۇكى، مەلىكە ماكوناي شىننو ئانىسىنىڭ ئۆيى بىلەن ئېرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە بەل باغلىغان. بۇ قېتىم گومىرۇ يوشىداي تۇيۇقسىز كىتاب چىقىرىپ، ماكوناي ئەر-ئايال بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن، ئىككىيلەن ھەتتا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ، ئاندىن بۇ ئىشلارنى بىلگەن.
گومىرۇ يوشىداينىڭ بۇ خىل ئاۋۋال قىلىپ بولۇپ، ئاندىن خەۋەر قىلىدىغان پوزىتسىيەسى ۋە خان جەمەتىگە يۆلىنىۋىلىش ئادىتى، بەلكىم ماكوناي ئەر-خوتۇنغا نىسبەتەن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خان جەمەتى ئاكىشىنو ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغان بولۇپ، كىكو خانىش تۈرلۈك ئاماللار بىلەن گومىرۇ يوشىداينىڭ كىتاب چىقىرىش پىلانىنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ تەرجىمىھال كىتابنىڭ تارقىتىلىدىغان كۈنى خىساخىتونىڭ داشۆسى ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇنغا توغرا كىلىپ قالغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىكو خانىش قۇدىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى سەتچىلىكنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت كۆپتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خىساخىتونىڭ مەكتەپكە كىرگەن مەزگىلدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ».
گومىرۇ يوشىداينىڭ تەرجىمىھال كىتابىنىڭ رەسمىي نەشر قىلىنىشىغا يەنە يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار بولۇپ، زادى كىكو خانىش ئۆزىنىڭ ئالاقە دائىرىسى ۋە ئابرۇيى سەۋەبلىك ئۇنىڭ يېڭى كىتاب نەشر قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرالامدۇ-يوق؟
ياكى گومىرۇ يوشىداينىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى كىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياپونىيە خان جەمەتىنى ئۆزىنىڭ كۆپتۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىۋالالامدۇ؟ تاماشا كۆرىدىغانلار ئورۇندۇقلارنى تەييارلاپ، ئويۇن كۆرۈشنى ساقلاپ تۇرۇڭلار.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |