بىرنى يەڭسەم قانچە پۇل بېرىسەن؟

文摘   2025-01-23 21:54   海南  

ـــ بىرنى يەڭسەم قانچە پۇل بېرىسەن؟ ـــ دەپ سورىدى چېن يۈندۇڭ بوينىغا ئىت باغلايدىغان زەنجىرىدىنمۇ توم ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان تاقىرباشقا قاراپ.

ـــ بىر مەيدان ئۇتساڭ 2000 يۈەن. ـــ دېدى تاقىرباش يېنىدىكى ئىنتايىن قىسقا يوپكا كىيىۋالغان سەتەڭنىڭ ساغرىسىنى سىلىغاچ چېن يۈندۇڭغا قاراپ.

ـــ 2000 يۈەن؟ بەك ئازكەن، تېخىمۇ جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش يوقمۇ؟ قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى. ـــ چېن يۈندۇڭ پەستىكى ئاددىي چامباشچىلىق سۇپىسىدا جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان ئىككى مۇشتلاشچىغا قاراپ قويۇپ تاقىرباشتىن يەنە سورىدى.

ـــ ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ جىقراق پۇل تېپىشنىڭمۇ ئامالى بار، ئۆزۈڭ يالغۇز ئىككى ئادەم بىلەن ئېلىشىپ يېڭىۋالساڭ، بىر مەيداندا 20 مىڭ يۈەن بېرىمەن، ئەمما شۇنچىلىك كارامىتىڭ بارمۇ سېنىڭ. ـــ دېدى تاقىرباش.

ـــ نەق پۇلما؟ ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ سەل قىزىقىپ.

ـــ ئەلۋەتتە نەق پۇل. ـــ دېدى تاقىرباش ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇلغان بىر دۆۋە 100 يۈەنلىك پۇللارنى كۆرسىتىپ، ـــ سولتەك، بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قوياي، پۇل تاپىمەن دېسەڭ بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال شۇ پۇلغا ئېرىشەلىگۈدەك جېنىڭ بارمۇ ئويلىشىپ قوي. بۇ يەر دېگەن قاراڭغۇ بازار، يارىلىنامسەن، ئۆلەمسەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، بۇ سۇپىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، ھېچكىم ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ جۇمۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە مۇشتلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىچىكىدىن باشلاپ چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەنلەر، بۇ يەرنى ئاچقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆزى يالغۇز ئىككى ئادەمنى يېڭىۋالغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بوپتۇ ئەگەر سەن يېڭەلىسەڭ، ساڭا 30 مىڭ يۈەن بېرەي، بىراق بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسەڭ مەندىن ئاغرىنما جۇمۇ!

ـــ ئۆزۈم يالغۇز بەشى بىلەن مۇشتلىشىمەن، ئۇتۇۋالسام 300 مىڭ يۈەن بېرىسەن، نەق پۇل ئالىمەن. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ پەستە مۇشتلىشىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرغان تاقىرباشقا. پەستە بىرسى قانغا مىلەنگىنىچە مىدىرلىماي ياتاتتى، ئۆلۈك-تىرىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، تاماشا كۆرۈۋاتقانلار ھەدەپ تەنتەنە قىلىۋاتاتتى.

ـــ نېمە؟ ئۆزۈڭ يالغۇز بەشكە چىقامسەن؟ ئادەم چېلىۋاتامسەن نېمە؟ ـــ تاقىرباش ئورنىدىن تۇرۇپ چېن يۈندۇڭغا سەت تىكىلدى.

ـــ سېنى چېلىۋاتامدىم ھېلى مەيدانغا چۈشكەندە بىلىپ قالىسەن، مەن بايا قاراپ باقتىم، دو تىكىشىدىغان ئىشكەنغۇ بۇ. شۇڭا ئۆزۈم يالغۇز بەشكە چىقسام مېنى ئۇتتۇرىدۇ دەپ دو تىكىدىغانلار بەك جىق چىقىدۇ، ئەگەر ئۇتۇۋالسام سەن چوقۇم جىق پۇل تاپالايسەن، ناۋادا ئۇتتۇرۇۋەتسەممۇ جىق زىيان تارتىپ كەتمەيسەن. ئۆلىدىغان ئادەم مەن، سەن پۇل تېپىشنى بىلسەڭلا بولدى، بۇنداق سودىنى قىلماسلىققا باھانەڭ يوق سېنىڭ؟ ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ سۇس تەلەپپۇزدا.

تاقىرباش چېن يۈندۇڭغا بىردەم تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن ئۈستەلدىن 300 مىڭ يۈەننى ساناپ ئېلىپ چېن يۈندۇڭنىڭ ئالدىغا قويدى: ـــ يېڭەلىسەڭ بۇ 300 مىڭ سېنىڭ بولىدۇ، دەرھال ئېلىپ كېتەلەيسەن. بىراق يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي، بۇ يەر قاراڭغۇ بازار، يارىلىنامسەن، ئۆلەمسەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە كېلىپ مۇشتلىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ كەسىپتىن چېكىنگەنكەر، ئەڭ ياخشىسى ئوبدانراق ئويلاپ قارار قىل.

ـــ قاچان باشلىنىدۇ؟ ـــ دەپ سورىدى چېن يۈندۇڭ چامباشچىلىق سۇپىسىغا قاراپ.

ـــ سەن قاچان باشلىماقچى؟

ـــ ھازىرلا، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.

بۇ مەيدان تەڭپۇڭسىز ئېلىشىش 10 مىنۇتتىلا ئاياغلاشتى، چېن يۈندۇڭ سۇپىدا يەر چىشلەپ مىدىرلىماي ياتقان بەش ئادەمگە بىر قاراپ قويۇپ پەسكە چۈشتى. ئۇ بايا بەك قاتتىق قول سالمىدى، بۇ بەش ئادەم ئېغىر يارىلانمىدى ھەقىچان.

ـــ پۇلۇمچۇ؟ ـــ دەپ سورىدى چېن يۈندۇڭ تاقىرباشنىڭ ئالدىغا كېلىپ.

تاقىرباش دەرھال كەينىدىكى شوركىغا قاراپ توۋلىدى: ـــ ماڭ، تېز بېرىپ 300 مىڭ يۈەننى ئېلىپ كەل، تېز بول!

ـــ رەھمەت! ـــ چېن يۈندۇڭ بىر خالتا پۇلنى ئېلىپ، دەلدەڭشىگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى.

ـــ ئاكا، تېلېفون نومۇرۇڭنى قالدۇرۇپ قويغىنە، كېلەر قېتىم تېخىمۇ جىق ئادەمگە جەڭ ئېلان قىلساڭ بولىدۇ، ئۆزۈڭ باھا قويغىن. ـــ دېدى تاقىرباش چېن يۈندۇڭنىڭ ئارقىسىدىن توۋلاپ.

زالنى ئورىۋالغان كىشىلەر چېن يۈندۇڭغا يول بوشاتتى، ئۇلار خۇددى ئالۋاستىنى كۆرگەندەك چېن يۈندۇڭغا قاراپ قالدى، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

ـــ ھاجىتى يوق، ئەمدى كەلمەيمەن. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ سوغۇق تەلەپپۇزدا، ئاندىن جاۋغىيىدىكى قاننى سۈرتۈۋېتىپ، بۇ جايدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

چېن يۈندۇڭمۇ يارىلاندى، ئەمما ئۇ پەقەت نەچچە مۇشتلا يېدى. خۇددى بايا تاقىرباش ئېيتقاندەك، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىدىغان بوكس مۇسابىقىسىدە سان توشقۇزۇش، ئويۇن قويۇش تەركىبى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يەرگە كېلىپ مۇشتلىشىشقا جۈرئەت قىلغانلارنىڭ چوقۇم بەلگىلىك ئەمەلىي كۈچى بار، چۈنكى ئەمەلىي كۈچى بولمىسا بۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

بايا چېن يۈندۇڭ بىلەن ئېلىشقان بەش ئادەممۇ ناھايىتى يامان مۇشتلاشچىلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرى بۇ يەردىكى بىر قانچە ئادەتتىكى ئادەمنى بىردەمدىلا يەر چىشلىتەلەيتتى، ئەمما چېن يۈندۇڭ ئۆزى يالغۇز بۇ بەش ئادەمگە چىقماقچى بولدى، بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا تاقىرباش بۇ قېتىم دونى بىرنىڭ 1000 غا نىسبىتى بويىچە تىكتى، يەنى چېن يۈندۇڭنى يېڭىدۇ دەپ بىر يۈەن دو تىككەن بولسا، چېن يۈندۇڭ راستىنلا يەڭسە 1000 يۈەن ئۇتۇۋالىدۇ دېگەن گەپ.

ئەمما بۇ بەش ئادەمنى يېڭىش چېن يۈندۇڭغا نىسبەتەن تەس بىلىنمىدى، ئۇ پەقەت بۇ كىچىك سۇپىدا ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى دېگەندەك جارىي قىلدۇرالماي سەل ئىچى پۇشۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۆگەنگەنلىرى ساپلا ئادەم ئۆلتۈرۈش ماھارىتى، بىراق ئۇ بۇ يەردە ئادەم ئۆلتۈرگۈسى يوق، شۇڭا بۇ بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولماي يەر چىشلىتىش ئۇنىڭغا سەل تەس كەلدى، ھەمدە شۇ سەۋەبدىن نەچچە مۇشت يەۋالدى.

چېن يۈندۇڭ بۇ رەزىل جايدىن چىقىپلا بىر يۇتۇم قان ئارىلاش تۈكۈرۈۋەتتى، ئاندىن چوڭ يولغا قاراپ يۈگۈردى. بۇ جاي شەھەرنىڭ ئەتراپى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى، شۇڭا يولدا ئاساسەن ماشىنا يوق ئىدى، تاكسىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. بىراق ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، چېن يۈندۇڭ چوڭ يولغا چىقىپلا شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى.

ئۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر چىراغ نۇرىنى كۆرۈپ قالدى، تاكسىمىدۇ دەپ ئويلاپ قەدىمىنى توختىتىپ سىنچىلاپ قارىدى. ئارقىدىنلا چىراغ يورۇقىنىڭ كەينىدىن يەنە ئىككى چىراغ نۇرى كۆرۈندى، چېن يۈندۇڭ بۇلارنىڭ ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن، ئالدى تەرەپتە ماسېراتى ماركىلىق قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنا، كەينى تەرەپتە بىر بولكىۋاي ۋە بىر سودا ماشىنىسى بارلىقىنى بايقىدى.

بولكىۋاي چېن يۈندۇڭغا يېقىنراق جايغا كەلگەندە ماسېراتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بۇ ماشىنىنى مەجبۇرىي توختاتتى، سودا ماشىنىسى كەينى تەرەپتىن توسۇۋالدى. ئاندىن بۇ ئىككى ماشىنىدىن بەش-ئالتە ئادەم چۈشۈپ، ماسېراتىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بىر ئايالنى تارتىپ چۈشۈردى، ئۇلار بۇ ئايالنى كۆتۈرۈپ سودا ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتى.

چېن يۈندۇڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ھازىر ئۇنىڭ جىددىي ئىشى بار، ئارتۇق ئىشقا قەتئىي ئارىلاشقۇسى يوق، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭ ئالدىدىلا يۈز بەردى، ئەمدى كارى بولمىسا ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدۇ. چېن يۈندۇڭ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇدۇل سودا ماشىنىسىغا قاراپ ماڭدى. شوپۇر ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكنى ئىتەي دەپ تۇرغاندا، چېن يۈندۇڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تۇتۇۋالدى.

ـــ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي تېز يوقال، ئۆلگۈڭ كەلدىما سېنىڭ! ـــ دېدى ماشىنىدىكى بىرسى چېن يۈندۇڭغا قاراپ پوپوزا قىلىپ، ئەمما ئۇلارمۇ سەل جىددىيلىشىپ قالدى.

ـــ ئادەمنى قويۇۋېتىپ بۇ يەردىن كېتىڭلار، مەنمۇ ھېچنېمىنى كۆرمىگەن بولاي. تېزراق بولۇڭلار، مەن ئالدىرايمەن. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.

ـــ ئاناڭنى، راستلا ئۆلگۈڭ كەپتۇدە!

بىرسى شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ، قولىدىكى پىچاقنى چېن يۈندۇڭغا شىلتىدى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: سەتەڭنىڭ ئاقسا قوغدىغۇچىسى


سەتەڭنىڭ ئاقسا قوغدىغۇچىسى


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章