بۇ چولپاننى كورېيەلىكلەر تىللاپ پوسكايتىۋەتتى

文摘   2025-01-18 23:30   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بۈگۈن كورېيە تاراتقۇسى «Dispatch»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 42 ياشلىق بېرلىن كىنو خانىشى كىم مىنھى 64 ياشلىق رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار بولغان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم مىنھىنىڭ بۇ قېتىمقى ھامىلىدار بولۇشى «تەبىئىي ھامىلىدار بولۇش» بولۇپ، ئىككىيلەن بۇلتۇر يازدىلا بۇ ئىشنى بىلىپ بولغان، ھازىر ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلى بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى بۇ يىل ئەتىياز ئىكەن.

ئىككىيلەن 15-يانۋار يەنە تۇغۇت بۆلۈمىگە بىللە بارغان. ئەر تەرەپ كىم مىنھىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن باشلاپ، ھەر قېتىم تۇغۇت بۆلۈمىگە بىللە بېرىپ، كىم مىنھىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە ھەمراھ بولغان، ئىككىيلەن بۇ بالىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلىغان. لېكىن، بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كورېيەلىك تورداشلار كىم مىنھىنى تىللاپ كەتكەن.

كورېيەلىكلەر ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەخت تىلىمەيدىغانلىقىنى بىۋاسىتە بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن: «خۇشال بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن، بۇنىمۇ خەۋەر قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ ئاخبارات تېمىسى شۇنچە ئازلاپ كەتتىمۇ؟».

«ئۇنىڭ ياشانغانلارغا كۆيۈش خۇمارى بارمۇ؟ ياشلار بىلەن چىقىشالماي، <ئۆلسىمۇ ئاسىيلىق قىلمايدىغان> ياشانغان ئادەمنى تاللىغاندىمۇ؟».

«تايىنى يوق ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى ئاڭلىغۇم يوق، كورېيە ھەقىقەتەن يولدىن چىققانلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇلار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى».

ھەتتا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ كۆپچىلىك بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرۈشكەن.

نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئۇياتقۇسىنى كەلتۈرىدۇ.

كىم مىنھىنىڭ كورېيەدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ 1982-يىلى سېئولدا تۇغۇلغان بولۇپ، باي ئائىلىنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى سەھنە تىياتىرى ئارتىسى بولۇپ، شۇڭا كىم مىنھى كىچىكىدىن باشلاپ سەھنە تىياتىرى ئەتراپىدا ئويناپ چوڭ بولغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرى ۋە شاكىلاتلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانىنى ئىشلەشكە باشلىغان.

ئۇ بىر كۆرۈپلا ئىسىدىن چىقمايدىغان گۈزەللەرگە تەۋە ئەمەس، ئۇ تاشقى قىياپىتى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تىپقىمۇ تەۋە ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

ئۇ كورېيەدە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى «جەلىپكار ئايال، يەنە كېلىپ بىر خىل سوغۇققان» دەپ باھا بەرگەن.

ئۇ 17 يېشىدا «مەكتەپ 2» ناملىق كىنودا رول ئالغان ھەمدە قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە تايىنىپ «KBS» رول ئېلىش ماھارىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تاماشا ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان. ئۇ 18 يېشىدىلا ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، كورېيە «SBS» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «جۇلىتانىڭ ئوغۇل دوستى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىياتىر بىراقلا پۈتۈن ئاسىيادا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، كورېيەدىلا %40 كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىشىلەرگە دېگۈدەك ئۇنى تونۇتقان.

ئۇ تېخى 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا، كۆرۈلۈش نىسبىتى كاپالىتىگە ئىگە ئايال ئارتىسقا ئايلانغان. كېيىن ئۇ يەنە نۇرغۇن كىنولاردا رول ئالغان ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئەمەلىي كۈچى بىلەن سانسىزلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

«گۈلزارلىقتىكى نازۇك چىمەن».

ئۇ پۇسان كىنو خانىشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «پويىز» ناملىق فىلىم.

يەنە بىر قېتىم «كىنو خانىشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «مۇھەببەتنىڭ تېمپېراتۇرىسى» ناملىق فىلىم.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ئېرىشكەن كاتتا مۇكاپات نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىگەن كىنولاردىنمۇ كۆپ، ئۇ 20 يېشىدىن 36 يېشىغىچە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئارتىس بولۇپ كەلگەن.

2016-يىلى ئۇ باش رول ئالغان «خانقىز» ناملىق كىنودا ئالدامچىلىق ۋە ھۇرۇنلۇق ئارىلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەقىقىي تەلۋىلەرچە مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان. بۇ كىنو كاننېس كىنو بايرىمىدا چاقنىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم «كىنو خانىشى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

بۇ چاغدا ئۇنىڭ كەسپى ئاساسەن يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، خەلقئارا كىنو ساھەسىگە بىۋاسىتە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىستىقبالىنى چەكسىز پارلاق دېيىشكە بولىدىكەن. لېكىن دەل شۇ چاغدا، ئۇ تۇيۇقسىز تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن. سەۋەبى ئۇنىڭ رېژىسسور خوڭ ساڭسۇ بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئىكەن.

بۇ سەتچىلىك كىشىلەرنى ئالاھىدە ھەيران قالدۇرغان، نېمىلا دېگەن بىلەن، كىم مىنھىنىڭ «بۇرۇنقى يىگىتلىرى»نىڭ ھەممىسى «كېلىشكەن ئەرلەر» دەرىجىسىدىكى شەخسلەر ئىكەن. ئۇنىڭ يات جىنىسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، «كورېيەدىكى بىرىنچى ئازدۇرۇش خانىشى» دېيىشكە بولىدىكەن، ھەتتا ئۇ ئىلگىرى «مەن ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق ئەر ئاخىرىدا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ» دېگەن. بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى پاكىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قالغان.

2000-يىلى كىم مىنھى بىلەن ئى جوڭجې «ساپ مۇھەببەت شەجەرىسى»نى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق تونۇشقان، 2003-يىلى ئىككىيلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ ئېلان ئىشلىگەندىن كېيىن، قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغان. ئەينى چاغدا 28 ياشلىق ئى جوڭجې كۆك ئەجدىھا كىنو شاھى بولۇپ، نام-ئابرۇيى، ئورنى كىم مىنھىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ھەتتا سەككىز يىل مۇھەببەتلەشكەن لايىقىمۇ بار ئىكەن. لېكىن، ئى جوڭجې بۇلارغا پەرۋا قىلماي، لايىقى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، كىم مىنھى بىلەن بىللە بولغان.

قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئى جوڭجېنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن، ئۇ كۆپ قېتىم كىم مىنھى بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى نامايەن قىلغان ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالدىدا كىم مىنھىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىز دوستى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىللە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن. بىراق، ئۇلار ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، كىم مىنھى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇ ئۇدۇللا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە ئۇ مېنى چۈشەنمەيدۇ». كىم مىنھى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئى جوڭجې ھاراقكەشلىككە پېتىپ قېلىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ كۆلەڭگىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن.

2008-يىلى كىم مىنھى يەنە بىر قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئۆزىدىن ئالتە ياش كىچىك مودېل ئى سۇخې بىلەن ئارىلاشقان. ئى سۇخېمۇ كېلىشكەن بولۇپ، كاڭنام رايونىدىكى باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىشىلەر ئۇنى «كاڭنام شاھزادىسى» دەپ ئاتىغان، ئۇ بەش ئەزاسى كېلىشكەن، بەدەن شەكلى قاملاشقان ئەر ئىكەن.

لېكىن سىرتتا ئەزەلدىن زومىگەر بولۇپ يۈرىدىغان ئى سۇخې ئاچىسى كىم مىنھىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، باشقىلارغا چاپلىشىۋالىدىغان تاتلىق چىراي يېگىت بولۇپ قالغان. گەرچە ئىككىيلەن ئىككى يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كىم مىنھىنىڭ ئى سۇخېنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. يەنى كېيىن ئۇ مودېللىقتىن ئارتىسقا ئايلانغان، تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئورنى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىگەن. بىر قېتىم ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كىم مىنھىنى تىلغا ئىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى، ئۇ ناھايىتى ئالاھىدە ئايال، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا بىر ئورۇن قالدۇرۇپ كەلدىم».

2013-يىلى كىم مىنھى يەنە بىر قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم جۇ ئىنسوڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. جۇ ئىنسوڭ تاماشا ساھاسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ئىزچىل نۇرغۇن لايىقلىرى بار بولۇپ كەلگەن، شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن ھېچقانداق لايىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان، كىم مىنھى بولسا ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاشكارا مۇھەببەتلەشكەن ئادىمى ھېسابلىنىدىكەن.

بىراق، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن يەنىلا ئۆز يولىغا ماڭغان، جۇ ئىنسوڭ ئاشكارا ھالدا: «مەن ئاياللارنى چۈشەنمەيمەن» دېگەن.

ئۇنىڭ ئارىلاشقان يىگىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ كىلىشكەن دەرىجىدىكى ئەرلەر بولۇپ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرىغا بارالمىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ئادەمنى تاللاپ، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك مەشۇقى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇشقان.

ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆزىدىن 22 ياش چوڭ بىر ئادەمنى تاللايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغان. 2015-يىلى كىم مىنھى رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ «بەزىدە توغرا، بەزىدە خاتا» ناملىق كىنوسىدا باش رول ئالغان.

خوڭ ساڭسۇ كورېيەدىكى داڭلىق رېژىسسور بولۇپ، ھازىرقى زامان كورېيە كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە رېژىسسورلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىكەن، ئۇ ھەر قايسى چوڭ خەلقئارالىق كىنو بايراملىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەزاسى بولۇپ، كۆپ قېتىم تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇ كىنودا ئايال رەسسامنىڭ توي قىلىپ بولغان كورېيە رېژىسسورى خەن چيەنسۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىق ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 33 ياشلىق كىم مىنھى كىنودا رول ئىلىشتىن باشقا، 55 ياشلىق رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.

2016-يىلى كىم مىنھىنىڭ «خانقىز» ناملىق كىنوسى ئالقىشلىنىپ، كۆك ئەجدىھا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىر مەھەل داڭقىنى چىقارغان. بىراق، كىم مىنھى بىلەن خوڭ ساڭسۇنىڭ مۇھەببىتى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىككىيلەن بىردىنلا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. خوڭ ساڭسۇنىڭ ئايالى بولسا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىم مىنھىنىڭ ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلغان ئۈچىنچى شەخس ئىكەنلىكىنى شىكايەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، شۇ ۋاقىتتا رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ توي قىلىغىنىغا 30 يىل بولغان بولۇپ، قىزى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئۇ 1985-يىلى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئايالى بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلغان، كېيىن ئايالى ئۇنىڭ ئورنىدا ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن يېقىندىن خەۋەر ئالغان، ھەتتا بۇ موماي قازا قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل كېيىنكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ مۇھەببىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاپىسى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، يىقىلىپ چۈشۈپ ئىككىنچى يىلى قازا قىلغان، لېكىن رېژىسسور خوڭ ساڭسۇ بىر قېتىممۇ ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن، دەپنە مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىغان.

ئەكسىچە، ئۇ 2017-يىلى كىم مىنھى بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى بىۋاسىتە ئاشكارىلاپ، ئايالى بىلەن ئاجرىشىش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى بۇنى خالىمىغان، ئۆزى بىلەن نەچچە ئون يىل بىللە بولغان ئېرىنىڭ چوقۇم ئۆيگە قايتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن، مۇشۇنداقلا ئاجرىشىپ كىتىشنى قوبۇل قىلالمىغان، ئېرى بىلەن ئاشنىسىنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشنىمۇ خالىمىغان.

كورېيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، ئەگەر قارشى تەرەپ قوشۇلمىسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولمايدىغان بولۇپ، شۇڭا، 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئون يىلدا رېژىسسور خوڭ ساڭسۇ ئون قېتىم ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاجرىشالمىغان، ئەمما كىم مىنھى بىلەن بولغان ئەخلاقسىز مۇناسىۋىتىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان.

كىم مىنھى بولسا بۇ ئىشلارغا پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمايدىغاندەك قىلىپ، بىر خىل قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ھالدا:«بىز چىن كۆڭلىمىزدىن بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز!» دەپ «كورېيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچىنچى شەخس» دېگەن نامىنى مۇقىملاشتۇرغان. كورېيەلىكلەر بۇ بىر جۈپ ئەخلاقسىز ئاشىق-مەشۇقلارغا ئۆچ، ئامما پىكرى پۈتۈنلەي «ھۆرمەتلىمەسلىك، بەخت تىلىمەسلىك» ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كىم مىنھىمۇ كورېيەدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاساسەن «يېرىم توسۇش» ھالەتتە تۇرۇشقا باشلىغان.

كىم مىنھىنىڭ ئەخلاقسىزلارچە مۇھەببىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇ بارلىق سودا بايلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھېچكىم ئۇنى ھەر قانداق بىر پىروگرامما، پائالىيەتتە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشنى خالىمىغان، ئۇ پەقەت خوڭ ساڭسۇ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنولاردىلا رول ئالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن رېژىسسور خوڭ ساڭسۇ ئون نەچچە بەدىئىي فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە كىم مىنھى باش رول ئالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇڭ ساڭسۇنىڭ ھەقىقىي ئايال چولپىنى بولۇپ قالغان. ئىككىيلەن «دېڭىز بويىدىكى يالغۇز كېچە»، «كېيىن»، (2017-يىلى)، «كلايرنىڭ فوتو ئاپپاراتى»، «ئوت-چۆپلەر» (2018-يىلى)، «دەريا بويىدىكى مېھمانساراي» (2018-يىلى)، «قېچىپ كەتكەن ئايال» (2020-يىلى)، «يازغۇچىنىڭ كىنوسى»، «TOP» (2022-يىلى)، «سۇنىڭ ئىچىدە» (2023-يىلى)، «بىزنىڭ بىر كۈنىمىز» (2024-يىلى) قاتارلىق كىنولاردا ھەمكارلاشقان.

كىم مىنھى رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ فىلىمى بىلەن بېرلىن كىنو خانىشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە بىرلىكتە بېرلىن كىنو فېستىۋالىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ بېرلىن كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى ئېلان قىلغاندا، رېژىسسور خوڭ ساڭسۇ بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ: «مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن» دېگەن. ئەمما كورېيەلىكلەر ئۇلارنى قاتتىق تىللاپ كەتكەن.

ھازىر كىم مىنھى بىلەن رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ بىنورمال مۇناسىۋىتى توققۇز يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ھەتتا بالىلىق بولغان. رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ ئايالى تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي بىلمەيمەن، ماڭا دەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت» دېگەن.

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ ئايالى ئاجرىشىشقا بىر كۈن قوشۇلمىسىلا، كىم مىنھى بىر كۈن «ئاشنا» بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلار بالىسىنىمۇ نورمال نوپۇسقا ئالدۇرالمايدىكەن.

ئەگەر بۇ بالا رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تىزىملاش دەپتىرىگە يېزىلسا، توي قىلماي تۇغۇلغان بالا دەپ خاتىرىلىنىپ، بالىنىڭ ئانىسى رېژىسسور خوڭ ساڭسۇنىڭ ئايالى بولىدىكەن. شۇڭا كىم مىنھى بالىسىنى ئۆزىنىڭ نوپۇسىغا ئايرىم كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ بالىدا گۇناھ يوق، بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章