ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپ يىللاردىن بۇيان ستېفېننې ئىزچىل بىر تېلېفوننى ئۇرۇش-ئۇرماسلىقنى ئويلىشىپ كەلگەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى، بالىسىنىڭ چوڭ بولۇشىنى ئۇ باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى تاپماقچى بولغان، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۈتۈشىنىڭ ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان.
ئۇ تولۇق 44 يىل ئويلىغان. بۇلتۇر 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئاخىرى ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن. شۇ كۈنى ستېفېننې ۋىرگىنىيە ئىشتاتى فېرفاكس ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە جايلاشقان خىلۋەت ئوچۇق سۇپىدا ئولتۇرۇپ، قولىغا بىر ئىستاكان قەھۋە ئېلىپ، شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان.
ئۇ يانفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ساقچىلارغا 11 يېشىدىن 14 يېشىغىچە، چوڭ شارقىراتما ئاشلىق ئامبىرىدىكى ئات ئېغىلىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، كۆپ قېتىم جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
(ستېفېننې)
سىتېفېننىنىڭ بالىلىق دەۋرى كىشىلەرنىڭ جىنسىيەتكە ۋە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاز بولغان بىر دەۋر بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇ بىر ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئىسى، ئۇ يەنە ئات ئېغىلىدا ئات تازىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى.
ئۇ 11 ياشقا كىرگەندە يەرلىك تۆمۈرچى ئېدۋارد شېلتون بىلەن تونۇشقان. ئېدۋارد بىر ئات تۇيىقىنى پەرۋىش قىلىش مۇتەخەسسىسى بولۇپ، دائىم ھەر قايسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئاتنىڭ تۇيۇقىنى تازىلاپ تاقىلايتتى.
ستېفېننېنىڭ خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېدۋارد جەلىپكار، قاۋۇل 30 نەچچە ياشلىق ئەر بولۇپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئات ئېغىلىغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايكىسىغا «بۈگۈن تۆمۈرچىڭىزنى قۇچاقلىدىڭىزمۇ؟» دېگەن خەت يېزىلغانىكەن.
1980-يىلىدىن بۇيان ستېفېننې بۇ تۆمۈرچىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ ئاتنىڭ تاقىلىرىنى مىخلاپ بولغاندىن كېيىن ستېفېننېغا چېقىلىدىكەن.
ئۇ ھەر قېتىم ستېفېننېغا چېقىلسا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئالاھىدە قىز دوستۇم دەيدىكەن.
(ئېدۋارد)
دەسلەپتە ستېفېننې زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمىگەن. 11 ياشقا كىرگەندە، ئۇ بۇ كېلىشكەن تۆمۈرچىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغاندەك ھېس قىلغان، لېكىن ئۇ بۇنى ئېدۋارد ماڭا كۆيۈنىۋاتىدۇ دەپ ھېس قىلغان.
ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە تۆمۈرچىنىڭ قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن، لېكىن بۇنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ قاراپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ بۇ ئىشنى بايقاپ قېلىشىدىن قورققان؛ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇ ئېدۋارد توغرىسىدىكى خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، دىققىتىنى كەسپى ۋە ئائىلىسىگە قاراتقان؛
ئۇ 40 ياشتىن كېيىن شۇ ئىشلار يەنە كاللىسىغا كىرىۋالغان، ئەگەر ئۆزى ئىقرار قىلسا، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ئۇنىڭ بالىسى مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتەمدۇ؟ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئەيىبلەمدۇ؟
شۇڭا ستېفېننې ئەزەلدىن بۇ ئىش توغرىسىدا گەپ ئاچمىغان، ھەتتا ئۇنى ئويلىمىغان، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغان. ئۇ باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئوخشاش خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ياكى زەھەر بىلەن تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، ئەكسىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، نۇرغۇن ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، ھەمدە قانۇن شۆيۈەنىنىڭ سەرخىل مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەسپىي ھاياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ ياخشى ئائىلىگە ئىگە بولغان.
بۇمۇ ئۇنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىدىكى ئىككىنچى سەۋەب بولۇپ، ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنىڭ «يېتەرلىك قالتىس بولماي قېلىشى»دىن ئەنسىرەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بۇ «ئۆزىنى ئەيىبلەش» ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل يىلتىز تارتىپ كەلگەن، تاكى بالىلىق دەۋرىدىكى بىر يېقىن دوستى ئۆلۈشتىن بۇرۇن قىلغان گەپلىرى ئۇنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتكەن. بۇ يېقىن دوستى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى ئۇ ستېفېننېدىن: «سىز تۆمۈرچى بىلەن بىرەر ئىش قىلىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغان. ستېفېننېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ چاغدا قېتىپ قالغان بولۇپ، ئۇ دوستىغا قاراپ تىترەپ تۇرۇپ: «سىزمۇ شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئازدۇرۇلغانلىقى ۋە خورلانغانلىقىنى سۆزلەشكە باشلىغان.
ستېفېننې: «ئۇ خۇددى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك، ئاندىن يەنە قورققاندەك ھېس قىلدى» دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلگەن. لېكىن، ئۇ تۆمۈرچىنىڭ بىر ئات ئېغىلىدىن يەنە بىر ئات ئېغىلىغا قانداق بارغانلىقىنى، شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ قانچىلىغان ياش قىزلارغا مۇشۇنداق زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئويلىغان.
(ياش ستېفېننې ئات فېرمىسىدا)
بۇ دوستى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ستېفېننې كونا دوستلىرى بىلەن قايتىدىن ئالاقىلىشىشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە باشقا ئۈچ دوستىنىڭمۇ تۆمۈرچىنىڭ جىنسىي خورلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ ئۆزىنى چوقۇم بىر ئىش قىلىشى كېرەك دەپ ئويلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەلكىم ساقچىلار بۇ ئەبلەخنى تۇتۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇلار ماڭا ئەسلا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن مەن چوقۇم بىر نەرسە دېيىشىم كېرەك.»
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ستېفېننېنى ساقچى ئىدارىسىگە تەكلىپ قىلىپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئىسىم كارتىسىنى سۇنۇپ، ئۇنى كەتكىلى قويغان. ئەينى چاغدا ستېفېننې كۆڭلىدە: «قارىغاندا ھېچقانداق نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن...» دەپ ئويلىغان.
ستېفېننېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەمەلىيەتتە ساقچىلارنىڭ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەن. ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، پەقەت باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن تۇرالايدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا قەلبىدىكى ئازاب ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولغان.
ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنسىي جىنايەتنىڭ ئەرز قىلىش ۋاقىت چېكى يوقلىقىنى ئېيتقان، بۇ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق دېلوسىنىڭ 40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن ساقچىلار يەنىلا ئۇنىڭ ئەيىبلىشىنى تەكشۈرىدىكەن.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، ساقچىلار ئېدۋاردنى تاپقان. بۇ چاغدا ئېدۋارد 81 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 52 يىل بولغان ئىدى. سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئالتە يىل ئىلگىرى ئەمدىلا ئات تۇيىقى تاقىلاش خىزمەت ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۆپكە راكى بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ.
(ياشىنىپ قالغان ئېدۋارد)
ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى ئاستىدا، ئېدۋارد ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ستېفېننېغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «بىلىمەن، مەن بۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى.» دېگەن. لېكىن ئۇ ستېفېننېغا دەخلى-تەرۇز قىلغاندا، ئۇنىڭ قۇرامىغا يېتىشكە ئاز قالغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. بىراق ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ستېفېننېنىڭ 15 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئېدۋاردتىن يىراق جايغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئەينى چاغدا ستېفېننېنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاران 14 ياش ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ئېدۋارد ئاخىرىدا 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئىككىنچى كۈنى ئېدۋارد ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ستېفېننې دېلونىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىشىدىن ھەيران قالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئېدۋارد قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى چوڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان.
ئۇ ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ باشقا ھايات قالغۇچىلارغا ئۇچۇر يوللاپ مەيلى قانداق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقسۇن، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق بەك كېچىككەن ھېسابلانمايدۇ دېگەن.
ئېدۋارد قولغا ئېلىنغانلىقىغا بولغان ھەيرانلىقنىڭ بارا-بارا سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئېدۋارد توغرىسىدا تېخىمۇ مۇرەككەپ قاراشقا باشلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سوتتا ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇش مېنى بەك ئازابلىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزىنىڭ بالىسى يوقلىقىدىن خۇرسەن بولدى»
ستېفېننې ئۇنىڭ سۈرىتىگە تىكىلىپ قاراپ، ئۆزىنىڭ 81 ياشلىق بىر قېرىنى تۈرمىگە سولاش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئازراق ئىككىلىنىپ قالغان. كېيىن ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك كەيپىياتىغا غەزەپلەنگەن، نېمىلا دېگەن بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ يېتەرلىك دەرىجىدە زامانغا لايىق بولمىغان خىجىللىققا بەرداشلىق بەردى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش نۆۋىتى ئەمدى ئېدۋاردقا كەلدى.
(20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ستېفېننېنىڭ ئات مىنگەندىكى سۈرەتلىرى)
ئەينى چاغدا ستېفېننې بۇ خىياللاردىن بىزار بولغان، كېيىن ئۇ بىر «مۇكەممەل تەدبىر»نى ئويلاپ چىققان. ئۇ ھازىر ئاخىرى كىچىك ۋاقتىدا يوق بولغان تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، ئۇ ئۆزى ئەڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىنى تاللىسا بولىدۇ.
ئۇ سوتقا چىققاندىن كېيىن ئېدۋارد سوتچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ 11-14 يېشىدا ئۆزىنى خورلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى، ئاندىن سوتچىدىن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى ئۇنىڭ نىشانى ئەزەلدىن ئېدۋاردنى تۈرمىگە كىرگۈزۈش ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ خىيالى تېخى يولغا قويۇلماي تۇرۇپلا بۇزۇلۇپ كەتكەن.
ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تۆت ئايدىن كېيىنكى بىر كۈنى ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆيىنىڭ گۈللۈكىدە ئولتۇرغاندا، بىر دوستى تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر خەۋەرنى ئېيتقان، ئۇ بولسىمۇ ئېدۋارد قازا قىلغان.
سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېدۋارد تۈرمىدە ئالتە كۈن تۇرغان، كېيىن ئۆيىگە شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ داۋالاش سەۋەبىدىن (راك كېسىلى ياكى يۈرەك كېسىلى) قازا قىلغان.
ستېفېننېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۈنى ئۇ گۈللۈكتىكى پېشايۋاندا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ قالغان، ئۇ كۈلگەن، ئۇ ئېدۋاردنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك ھېس قىلغان....
(ئېدۋاردنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى)
بىراق ئۇمۇ ئۇھ تارتقان، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ 11 ياشتىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەخپىيەتلىكنى ئىچىگە ساقلاپ يۈرۈشىدىن قۇتۇلۇشى ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوستىغا قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ خورلانغانلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بەرگەن. يەنە ئىككى دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ستېفېننې ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلغان.
-
2024-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ستېفېننې قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئېدۋاردنى سوتتا كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ ئالدى بىلەن ئېدۋاردنىڭ سوراق خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان.
بۇ قىساس ئېلىش ئەمەس، ئۆچ ئېلىشمۇ ئەمەس. ئەگەر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇنى كۆرۈپ، ئۇ پەقەت باشقا زىيانكەشلىكلەرگە ئىلھام بېرىپ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھامان ئادالەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەگەر بىراۋ غەيرەتكە كېلىپ: «ھەي، مەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىمەن» دېسە، ئۇ چاغدا تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېس قىلىدىكەن.
ساقچىلار ستېفېننېغا ئېدۋاردنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن، سىن ماتېرىيالىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مىنۇت بولۇپ، ئۇلار سىن ماتېرىيالىدا ئېدۋاردنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىدىغان ۋاقىت نۇقتىسىنى بېكىتكەن.
ئۇ ئېدۋاردنىڭ سوراقخانىغا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئايال ساقچىغا خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ساقچى ئۇنىڭدىن ئايالى ياكى بالىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغان.
ساقچىلار ئۇنىڭدىن ستېفېننې ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن يەنە بىر قىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا ئۆزگىرىش بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئات ئېغىلىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى تەشەببۇسكار بولغان. ئەگەر ئۇلار ئەينى چاغدا مەن بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىشنى ئويلاشمىغان بولسا، بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمەيتتى.»
ساقچىلار سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئېتىۋەتكەن، ستېفېننې بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيكەلدەك قېتىپ قالغان بولۇپ جىمجىتلا بولۇپ قالغان.
خېلى ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن ستېفېننې ئاخىرى ئېغىز ئاچقان: «مەيلى مەن قەلبىمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىدىغان سەۋەب نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن چوقۇم قايتىدىن ئىزدىشىم كېرەك... چۈنكى مەن ھازىر ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىدىغان ھېچقانداق باھانە تاپالمىدىم.»
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |