غەلىتە ئاشقازان كېلىسى سەۋەبلىك قېرى كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى

文摘   2025-01-21 22:06   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېلىس باينارد ئەنگلىيەنىڭ كېنت ۋىلايىتى دوۋېر شەھىرىدىكى بىر تېببىي خادىم. ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ئۇ قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەردىن خېلىلا سولغۇن ۋە قېرى كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇ بەش يىلدىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن قاتتىق ئازابلانغان بولۇپ، چۈنكى ئۇ ھەر ۋاق تاماقتا چوقۇم جىددىيلەشمەي نەرسە يېيىشى ياكى ئىچىشى كېرەك ئىدى. ھەتتا ئۇ ئۇخلىغاندا قۇسۇپ سېلىپ تۇنجۇقۇپ قېلىش خەتىرىمۇ بار ئىكەن.

(ئېلىس)

كېسەللىك ئەھۋالى 2020-يىلى 1-ئايدا باشلانغان، دەسلەپتە ئېلىس پەقەت مەيدىسى چىڭقالغاندەك ھېس قىلغان، يېمەكلىك يۇتۇش تەسكە توختىغان. ئەينى چاغدا دوختۇر ئۇنى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشى دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بەرگەن، لېكىن دورا ئۇنىڭ كېسىلىگە كار قىلمىغان، ئېلىسنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىۋاتقان بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بولكا ياكى ئىتالىيە چۆپى قاتارلىق بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يۇتۇشىنىڭ ئىنتايىن تەسكە توختىغانلىقىنى ھېس قىلغان، ھەتتا ئىچكەندىن كېيىنكى سۇيۇقلۇقمۇ تەتۈر ئېقىشقا باشلىغان، دوختۇر ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن.

2021-يىلى 1-ئايدا ئېلىس يەنە بىر قېتىم ھەزىم قىلىش سىستېمىسى مۇتەخەسسىسىگە كۆرۈنمەكچى بولغان، لېكىن باشتىن-ئاخىر بۇ مۇتەخەسسىس ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندىلا ئالاقىلىشىپ، ئەزەلدىن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىپ باقمىغان شۇڭا يەنىلا مۇۋاپىق دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئېلىس ئۆزىنى ھەر ۋاقىت قۇسۇپ سالىدىغاندەك ھېس قىلغان، كۈتۈش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ كېسىلى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ، خالىغانچە بىرەر نەرسە يېسە ياكى ئىچسە ئاشقازىنى بىئارام بولىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن، ئەڭ ئېغىر بولغاندا بىر كۈن ئىچىدە 63 قېتىم بىئاراملىق كۆرۈلگەن، يېگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرمۇ بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا پەقەت كالا سۈتىگە چىلانغان ئارپا ۋە بەرەڭگە ياپراقچىسى بىلەن قورساقنى تويغۇزۇپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

(ئېلىس)

ئۇزاق مۇددەت كېسەللىك سەۋەبىدىن قىينالغان ئېلىس تاماق يېيىشتىن قورققان، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئۇچقاندەك تۆۋەنلەپ، 57 كىلوگىرامدىن 42 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ زادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

2024-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ئاندىن ئىشلاردا بۇرۇلۇش بولغان. ئېلىس يەنە لوندوندىكى بىر مۇتەخەسسىسكە كۆرۈنگەن، مۇتەخەسسىس ئۇنىڭ گال مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان، ئەسلىدە ئۇ بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن، يەنە ئاشقازان كىرىش ئېغىزى (كاناي) تىنچسىزلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار  بولغان.

بۇ بىر خىل قىزىلئۆڭگەچكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇتۇش توسالغۇسى بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئادەم تاماق يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ مۇسكۇلى قىسقىراپ، يېمەكلىكنىڭ تۆۋەنگە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارقىدىنلا قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بوشىشىپ، يېمەكلىكنىڭ بەدەنگە ئاندىن ئاشقازانغا كىرىشىگە يول قويىدۇ.

لېكىن، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى تىنىچلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ قىزىلئۆڭگەچ مۇسكۇللىرى نورمال قىسقىرىيالمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن يېمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقلار ئاشقازانغا كىرەلمەي دائىم قىسىلىپ قېلىپ، تەتۈر ئېقىم پەيدا بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن، بىمارلار ئادەتتە 25 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىكەن. ئېلىسنىڭ كېسەل بولۇش سەۋەبىگە كەلسەك دوختۇر ئىرسىيەت، بېسىم ياكى يوشۇرۇن ۋىرۇستىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلالمىغان.

(ئېلىس)

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر داۋالانمىسا ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىپ، بىمارنىڭ يېمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنى يۇتۇشى بارغانسېرى تەسكە توختايدىكەن، ھەتتا يۇتۇشقا ئامالسىز قالىدىكەن، بۇ ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يەنە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىلگىرى گارى گونزالېس ئىسىملىك بىر ياشانغان بىمار ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلىغاندا ئېغىر دەرىجىدە يېمەكلىك تەتۈر ئېقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئويغانغاندا ئاساسەن تۇنجۇقۇپ قېلىش، توختىماي يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئاخىرىدا قاتتىق يۆتەلگەن بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم بېسىم چۈشۈرۈلگەچكە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان.

نۆۋەتتە ئېلىسنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونكرېت تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ «كېكىردىكى ھېچقانداق ھەرىكەت يوق، ئاساسىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كەتكەن».

ھازىر ئۇ بىر نەرسە يېگەندە ھەتتا ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، گېلىغا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا پەقەت ئورنىدىن تۇرۇپ تاماق يېگەندىلا ئاندىن ئاشقازىنىغا ھەقىقىي كىرەلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، بۇ خىل كېسەلگە يەنە قىزىلئۆڭگەچ تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى قوشۇلۇپ، قوزغالغاندا ئاستىنقى ئېڭەك، بويۇن ۋە دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ، «خۇددى يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندەك» ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ئاغرىق دەستىدىن ئۇ يەردە يېتىپ يىغلايدۇ.

ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان، كېسىلى قوزغىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن دوستلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ يەپ-ئىچىشكە ياكى ئەتراپىدا چوقۇم تازىلىق ئۆيى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئۆلۈم جازاسى ئەمەس، لېكىن ياخشى ياشاشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ھازىر، ئېلىس نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن كېيىن بارلىق ئۈمىدىنى بىر خىل ئوپېراتسىيەگە، يەنى «ئىچكى مۇسكۇل كېسىش ئوپېراتسىيەسى»گە باغلىغان، ئۇ بۇ ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ ئاشقازانغا كىرىش يولىنى كېڭەيتىپ، نورمال غىزالىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان.

ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنى شۇكى، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كەلگەن، نېمىلا دېگەن بىلەن دىياگنوزغا بەش يىل ۋاقىت كەتكەن ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بالدۇرراق داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز...

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章