ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
2022-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ساقچى ۋە شۇ جايدىكى مەكتەپ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قاتارلىقلار ئۇلار مىچىگان ئىشتاتى بىل شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىلىپ، بىر قېتىملىق ئېغىر بوزەك قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىلگىرى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تولۇق بىرىنچى يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى ئاشلى لىكارى ۋە ئوۋېن مەككېننى ئىكەن، ئىككىيلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئارىلىشىشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم بىر نامسىز كىشىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، قارشى تەرەپ ئۇلارغا داۋاملىق ھاقارەت قىلىش قىسقا ئۇچۇرى يوللاپ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالغان، بەزىدە بىر كۈندە 30 پارچىغا يېقىن ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، ئەمما كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىگەن.
ئۇزاق مۇددەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاشلى بىلەن ئوۋېن ئايرىلىپ كەتكەن، مىجەزىمۇ غەلىتە، قورقۇنچاق بولۇپ قالغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرى چىداپ تۇرالماي، مەكتەپ ۋە ساقچىلاردىن ياردەم سوراپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى زومىگەرنى تېپىپ چىقىشنى ھەمدە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.
كېيىن سەككىز ئاي ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەتچى ئاخىرى تورغا چۈشكەن، لېكىن ھېچكىم بۇ زومىگەرنىڭ ئىزچىل ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، يەنە تېخى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدا دېلو ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى...
ئوۋېن بىلەن ئاشلى 7-يىللىقتىن باشلاپ ئارىلىشىشقا باشلىغان، ئاشلى ئەينى چاغدا قورغان توپ ۋە ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، چىرايلىق، زىلۋا، ئاق كۆڭۈل بولغاچقا ۋە ئوغۇللاردەك كىيىنىپ يۈرگەچكە، مەكتەپتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. ئوۋېن بولسا تەنھەرىكەتكە ماھىر، كالتەك توپ ۋە ئامېرىكىچە پۇتبول قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ دوستى ئارقىلىق ئاشلىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان.
ئەمما بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلار تۇيۇقسىز تۇنجى نامسىز قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، مەزمۇنى ئاساسلىقى ئاشلىغا قارىتىلغان بولۇپ، كول ۋىلسون ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئاپىسىنىڭ بايرام ۋاقتىدا ئاشلىنى چاقىرمىغانلىقىنى زاڭلىق قىلغان. لېكىن ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەي، تېخى ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان.
كېيىنكى بىر يىلدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر قايتا يۈز بەرمىگەن، ئوۋېن بىلەن ئاشلىنىڭ مۇناسىۋەت تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولغان، ئىككى ئائىلىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشقان، دائىم بىللە ساياھەت قىلىپ يىغىلىش قىلغان. بولۇپمۇ ئاشلىنىڭ ئانىسى كېندرا لىكارى قىزىنىڭ ئوۋېن بىلەن مەڭگۈ بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئىككىيلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا ئۇ دائىم يېنىدا ھەمراھ بولىدىغان بولۇپ، پات-پات ئىككى ئېغىز «يېتەكچىلىك» قىلىپ قوياتتى، مەسىلەن، ئۇلاردىن بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ سۈرەتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىش دېگەندەك. بەزىدە ئۇ يەنە قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاشلىنىڭ يانفونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرىغا ئوغرىلىقچە قارىغان، ئاندىن ئاشلىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوۋېنغا: «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ئۇ ئوۋېنغا ئالاھىدە قىزغىن، چۈنكى ئۇ تاماشىبىنلار ئورنىدا دائىم كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۈچ سائەت ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ھەتتا بىر قېتىم فىلورىدا ئىشتاتىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈشتىن يانمىغان، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كېيىن ئۇ يەنە يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولۇشقا تىزىملاتقان، ئوۋېنغا بولغان قىزغىنلىقى ھەقىقەتەن غەلىتە بولغان، لېكىن ئوۋېن بىر ئائىلە كىشىلىرى ھېچقانداق مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمىغان.
لېكىن 2020-يىلى كۈزدە، يەنى ئوۋېن بىلەن ئاشلى 8-يىللىققا چىققاندا، زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ئىككى بالا يەنە بىر قېتىم زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىغان، بىراق كۆپىنچىسى يەنىلا ئاشلىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوۋېننىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى تىللايدىغانلىقىنى، باشقا قىزلارنىڭ ئوۋېنغا يېقىنلىشىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقىنى دېگەن.
«ئۇنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ سىزدىن بەكلا بىزار، سەت پاھىشەدىن بىزار بولغاندەكلا بىزار، ئۇنىڭدىن يىراقراق تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن... ئۇ كارىۋاتقا چىقىشقا چاقىرغان ئادەم سىز ئەمەس، بەلكى مەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ باققان، لېكىن سىز يېتىپ باقمىغان.»
غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ زومىگەر ئاشلىنىڭ «ئاجىزلىقى»نى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭغا قانداق ئازار بېرىشنى بىلەتتى، ھەمىشە ئۇنى ئورۇق، كىچىك دەپ مەسخىرە قىلاتتى، يەنە تېخى ئۇنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدىكى ئىپادىسىنى ھاقارەتلەيتتى. لېكىن ئۇ ھەر قېتىم خەت يازغاندا تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىدىغان بولغاچقا، ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرگىلى بولمايتتى.
بەزىدە ئاشلى قايتۇرما زەربە بېرىپ: «مەن سىزنىڭ نېمە دېيىشىڭىزگە پەرۋا قىلمايمەن، ئوۋېن بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىم مۇستەھكەم، سىز بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزالمايسىز» دېگەن. لېكىن ئۇمۇ ئاندا-ساندا ئالدىنىپ قېلىپ، ئوۋېننى سوراق قىلىپ: «سىز باشقا قىزلار بىلەن بىللە بولدىڭىزمۇ؟ ئايرىلىپ كەتكۈڭىز بارمۇ؟» دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن ئوۋېن دەسلەپتە چۈشەنچە بەرگەن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھېسسىياتىغا دەز كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا ئاشلىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زومىگەرلىك قىلغۇچىنىڭ ھۇجۇمى بارغانسېرى غالجىرلىشىپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. 11-ئاينىڭ بېشىدا، ئوۋېن سوقۇشۇشتىن بىزار بولۇپ، ئاشلىغا تېلېفون قىلىپ ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېلىقى زومىگەرنى توختاتماقچى ئىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماي قالغان، زومىگەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئاشلىنى داۋاملىق ھاقارەتلىگەن: «ئوۋېن ئىلگىرى ئەگەر سىز ئۆلۈپ كەتسىڭىز، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھېچكىم سىزنىڭ ھايات-ماماتىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.»
ئۇ يەنە ئاشلىنىڭ سۈرىتىگە قۇسۇش چىراي ئىپادىسى قوشۇپ، قىزىل قەلەم بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىگە «پاھىشە» ۋە «شاپاقچى» قاتارلىق ھاقارەتلىك سۆزلەرنى يازغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇ ئاشلىنىڭ تۇرمۇش ئىزى ۋە تەپسىلاتىنى ناھايىتى چۈشىنىدۇ، خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىگە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغاندەك، ئۇ ئۇنىڭ قانداق كىيىم كىيگەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە قانچە نومۇر ئالغانلىقىنى بىلىپ، زاڭلىق قىلالايدۇ. ھەتتا ئۇ يەنە ئوۋېننىڭ ئاشلى سوۋغا قىلغان يانفون قېپىنى ئېلىۋەتكەنلىكىنىدىن تارتىپ بىلگەن.
ئۇزاق مۇددەت ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئاشلى ئاخىرى ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان، بىر مەھەل قارشى تەرەپنىڭ توختىشىنى ئۆتۈنگەن، ھەمدە ھەممە ئادەمدىن گۇمانلانغان، ساۋاقداشلىرى زومىگەرلىك ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىشنى خالىمىغاچقا، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوۋېنمۇ مەكتەپتە ئوقۇشتىن قورقۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان.
ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ناھايىتى ئەنسىرىگەن، دەسلەپتە مەكتەپتىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىغان، ئاخىرىدا 2021-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوۋېننىڭ ئانىسى جىل مەككېننى ئاشلىنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان.
2022-يىلى 1-ئايدا بۇ ئىككى ئانا شۇ جايدىكى ساقچى باشلىقى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ دېلونىڭ باش-ئايىغىنى ئەسلىگەن، جىل قېلىن قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسىنى بېسىپ چىقىرىپ، نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ كېندرا بىلەن مەخپى ھالدا ئاشلىنىڭ ساۋاقدىشى كول ۋىلسوننى جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتكەن.
كول ۋىلسونمۇ داڭلىق يېڭى تەنھەرىكەتچى، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئاشلى بىلەن بىللە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇن چاچلىرى قاپقارا بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئوۋېننى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، شۇڭا ئاشلىغا ھەسەت قىلىپ، قايتا-قايتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئەڭ مۇھىمى، كېندرا بىر قىسىم ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ زومىگەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن، كول ۋىلسوننىڭ ئادەت سۆزلىرى بىلەن ئۇچۇردىكى سۆز ئۇرانىنىڭ ئوخشاپ كېتىشى دېگەندەك. يەنە كېلىپ كول ۋىلسوننىڭ دادىسى ساقچى بولغاچقا، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشنىڭ تەسكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كول ۋىلسون قەتئىي ئىنكار قىلغان، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن بىر كۈن يانفونىنى ئوۋېننىڭ يېنىغا قويۇپ، يانفونىنى تەكشۈرۈشىگە بەرگەن، ئاخىرىدا ساقچىلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كېيىن ساقچىلار قىسقا ئۇچۇردا تىلغا ئېلىنغان باشقا ئون نەچچە ساۋاقداشنى سوراق قىلىشقا ئېلىپ بارغان، لېكىن ھەقىقىي جىنايەتچىنى تاپالمىغان، نەتىجىدە بۇ ئىش سەۋەبلىك دەككە-دۈككىگە چۈشكەن كول ۋىلسون ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىيىپ، ئۆيگە قايتقاندا ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ قاتتىق يىغلايدىغان بولۇۋالغان.
ھەممە ئادەم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرگەندە، بۇ دېلودا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يۈزلىنىش بولغان.
كول ۋىلسوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئاشلىنىڭ ئانىسى كېندرانىڭ ھەقىقىي جىنايەتچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھەر خىل ئىشلارنى ئەسلىسەك، بىر قىسىم گۇمانلىق نۇقتىلار بار، مەسىلەن، ئاشلى تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى ھاقارەتلىك قىسقا ئۇچۇر بولسا كول ۋىلسوننىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇنى يىغىلىشقا چاقىرمىغانلىقى.
كول ۋىلسون ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلگەندە، بىر يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىدىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان كېندرا قاتتىق نارازى بولغان، ئۇ يەنە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا بىر نەچچە قىزنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولالىشىدىكى سەۋەبنىڭ كول ۋىلسوننىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن تىرېنېرنىڭ دوست ئىكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بىر ئۇششاق-چۈششەك ئىش يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا كول ۋىلسوننىڭ ئاپىسى ۋە باشقىلار ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يىتۈپ كەتكەن يېپىشقاق سېلىنچا ئىزدىگەن، يەنى كېندرا تاكى ئاتا-ئانىلار كۆزىتىش ئاپپاراتى خاتىرىسىنى تەكشۈرىمىز دېگەندە، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ سېلىنچىنى ئەسۋاب ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئەلۋەتتە بۇلارنى ئىسپات قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق كول ۋىلسوننىڭ دادىسى يەنىلا بۇ بىۋاسىتە سېزىمنى بۇ دېلونى پاش قىلىشقا مەسئۇل ساقچى باشلىقىغا ئېيتقان.
كېيىن، شۇ جايدا يەنە باشقىلارنىڭمۇ كېندرادىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ كول ۋىلسونغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان، باشقىلار ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كول ۋىلسوننى جىنايەت گۇماندارى قاتارىغا كىرگۈزمەسلىكنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار، يەنى ھېلىقى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ۋە مۇكەممەل جۈملىلەرنى كول ۋىلسوننىڭ يازالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، كېندرانىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا ھېرىسمەنلىكىمۇ ئۇلارنىڭ گۇمانىنى كۈچەيتىۋەتكەن، چۈنكى ئۇ قىزى ئۇچرىغان ئىشلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن.
ھەر خىل يىپ ئۇچى كېندرانى كۆرسىتىپ بەرگەن، يەنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئانىسى، شۇنداقلا «جىنايەتچى بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن كىشى»نىڭ جىنايەتچى بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇشقا باشلىغان.
شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئوۋېننىڭ ئانىسى جىل بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق زومىگەرنىڭ خېتىدە ئىشلەتكەن ئەڭ يېڭى نومۇرنى ئالغان ھەمدە IP ئادرېسىنى ئىز قوغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاخىرى كېندرانىڭ ھەقىقەتەن ھەقىقىي جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
شۇ يىلى 8-ئايدا، ساقچىلار كېندرانىڭ قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى ياغاچ دۆۋىسىدىن ئالتۇن رەڭلىك بىر يانفوننى تاپقان، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قىزىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئەسكىلىك بۇيۇمى ئىكەن.
دەسلەپتە ئۇ يەنە ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان، كېيىن ئاخىرى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ «بېسىم ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە» سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئەسلىدە كېندېرا پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ كەلگەن، لېكىن 2019-يىلى ئىشتىن بوشىتىلغان، كېيىن خىزمىتى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولمىغان، ئۆينىڭ مالىيە ئەھۋالىمۇ ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىشسىزلىق ئىشىنى يوشۇرۇپ، ئېرى بىلەن قىزىنى ئالدىغان ھالدا ئۆزىنى يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقاندەك كۆرسەتكەن.
بۇ چاغدا ئۇ بىر قوللۇق بەرپا قىلغان «قىزىنىڭ بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىشى» ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئېرى مالىيە مەسىلىسىنى سورىغاندا، ئۇ زومىگەرلىك ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ گەپ تېمىسىنى يۆتكىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققەت ۋە ھىسداشلىققا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولغان.
ئەمەلىيەتتە بۇنى بىر پىسخىكا كېسەللىكى دېيىشكە بولىدۇ.
كېيىن ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، كېندرا تۇنجى ھاقارەت قىسقا ئۇچۇرىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان، بىراق ئۇ بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قاراتقانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ قىسقا ئۇچۇرنى دورىغان.
ئۇ بۇ نامسىز زومىگەرنى بەرپا قىلىپ، قىزىنى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان، ئۇ ئۆزىنى بىر قالتىس ئانىغا ئايلاندۇرغان، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى ساقلاپ قېلىنغان، مالىيە مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بېسىممۇ چېچىلىپ كەتكەن.
2022-يىلى 12-ئايدا ئۇ رەسمىي قولغا ئېلىنغان، كېيىن سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە قىزى، ئوۋېن ۋە بۇ دېلوغا چېتىلىپ قالغان بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىغان، ئاخىرىدا 19 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ھازىر ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئوۋېن بىلەن ئاشلىنىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن تىنچ ھالەتكە كەلگەن.
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |